axek13999649893 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 05:13 PM
مەن تولۇقسىز نى پۈتتۈرۈپمۇ خىلى ۋاققىچە تىلفۇن ئىشلە ...
نېمە دەيدىغاندۇ، مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپمۇ خېلى ۋاقىتقىچە تېلېفون ئىشلەتمىگەن دەيمەن. چۈنكى ئۇ چاغدا يوبازىلىق تېلېفۇن باتى، كېيىن بارمىقىنى توشۈككە تىقىپ بۇرايدىغان تېلېفۇن چىقتى، ئاندىن مۇساپىسى تىزگىنلەنگەن تېلېفۇن (程控电话)پەيدا بولدى.
يوبازىلىق تېلېفۇندا تەلىيىڭىز بولسا بىر ھەپتىدە ئاران ئۇلىناتتى، ‹‹ۋەي-ۋەي!›› دەپ يۇقۇرى ئاۋازدا سۆزلىشەتتۇق، ئۆيىمىز قانچە يىراقتا بولسا، ئاۋازىمىزمۇ شۇنچە يۇقۇرى بولاتتى، تولا ئۈزۈلۈپ قالاتتى. تەلىيىڭىز بولمىسا سەۋرىچانلىق بىلەن ساقلايتۇق، شۇنچە ساقلىساقمۇ ئۇلانمايتتى،شۇڭا ئاساسەن پوچتىدا خەت-ئالاقە قىلاتتۇق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-4 07:04 PM