دەرستىن قېچىش
مەلىكەمۇھەممەت ھىلال
ئىتوت
قاتناشقۇچىلار:(دەرستىن قاچقان ئۈچ ئوقۇغۇچى)
(ئەكرەم، پەرھات، ئالىم)
(ئىككى مۇئەللىم)
(ئايگۈل مۇئەللىم، قۇربان مۇئەللىم)
بالىلارنىڭ خارەكتىرى:
(ئەكرەم:گەپدان،كەپسىز،لىكىن گەپ ئاڭلايدىغانراق ئوقۇغۇچى)
(پەرھات:كەپسىز،گەپئاڭلىمايدىغان،ھاكاۋۇر ئوقوغۇچى)
(ئالىم:دەرستەتىرىشچان،گەپ ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچى،نامراتراق)
(پەرھات(تېلفۇن ئوينىغاچ) سەھنىگە چىقىدۇ، ئەكرەم(ئەتراپنى ماراپ) بىر قانچە قەدەمكەينىدە چىقىدۇ(ئىككىلسى بىر تەرەپتىن چىقىدۇ.))
ئەكرەم:-پەرھات(ئېھتىياتقىلغاندەك ئەتراپقا بىرەر قۇر قارىۋىتىپ)
ھەي پەرھات!
پەرھات:-ھە،ئەكرەم(ئەكرەمگەبىر قاراپ قويۇپلا تېلىفون ئوينىغاچ)سەنمۇ دەرستىن قاچتىڭما؟يۈرە،ئېلىكترونلۇقئويۇنچۇقخاىنغا بارىمىز.
ئەكرەم:ۋايقاچان قارىسا بېرىۋالدىكەنسە،مۇئەللىم نەچچە دېدىغۇ ئۇنداق يەرگە كىرمەڭلاردەپ.بالىلارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قويۇپ تەنقىدلىگەنلىرى يەتمىدىما ساڭا.ئۇنىڭدىنچۇقارا، ماڭە بېرىپ مۇز تىيىلىپ ئوينايمىز.
پەرھات:(تېلىفوندىنبېشىنى كۆتۈرۈپ)ۋاي مۇشۇ سوغۇقتا مۇز تىيىلىمەن دەپ دەرستىن قاچتىڭما؟(تېلفۇنئويناشتى داۋاملاشتۇغاچ)
ئۇنىڭدىنئىسسىق سىنىپتا مۈگىدەپ ئولتۇرغان ياخشى.
ھەي...ئاپلا،ئۇتتۇرىۋەتتىممانا، ھەممىسى سېنىڭ كاساپىتىڭ،ئادەمنىڭ زېھنىنى چېچىپ.(تېلفۇننى يانچۇقىغاسېلىپ)ھەي، ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇقخانا شۇنداق ئىسسق،ھەم ئادەم كۆپ.مۇئەللىم ئىزدەپبارسىمۇ ئاسانلىقچە تاپالمايدۇ.ئىككى ئىشىكى بار،مۇئەللىم كىرىپ قالسىچۇ،ئالدىئىشىكتىن كىرسە، ئارقا ئىشىكتىن غىپپىدە قاچىمىز،قانداق؟
ئەكرەم:ۋايبولدى قىلە،مېنى سېنىڭ گېپىڭگە ئىشىنىدۇ دەپ قالدىڭما،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپام« ماڭانېمە ئوينىساڭ ئوينا، ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇقخانا،تورخانا دېگەندەك يەرلەرگە كىرىپقالغىنىڭنى بىلسەم، پاچىقىڭنى سۇندۇرۋىتىپ ئۆيدىن تالاغا چىقاماي باقىمەن»دېگەن،مەن ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن.
پەرھات:(ياراتمىغانئەلپازدا)ۋاي-ۋۇي ئەجەپمۇ قورقۇنچاق نېمىكەنسە،شۇ ھالىڭغا دەرستىنقاچتىڭما؟بولدىلا سەندەك كىچىك بالىغا سۆزلىگەندىن ئۆزۈم بېرىپلائوينايچۇ.(كەتكىلى ماڭىدۇ)ھە راست،(توختاپ)(ئارقىغا بۇرۇلۇپ)ئاپامنىڭ گېپىنىئاڭلايمەن دەيسە،ئاپاڭ سېنى بۈگۈن دەرستىن قېچىپ مۇز تىيىلىپ ئوينا بالامدېگەنما؟(مەغرۇر بىر كېرىلىپ تۇرىدۇ)
ئەكرەم:ۋاي،مەنساڭا ئوخشاش كۈندە دەرستىن قاچمىسام. بىلسە،چۈشتىن كىيىن خەنزۇتىلى دەرسىبار.تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالمىغانتىم.مەكتەپكە بارساممۇ بەرىبىر ياخشى كۈن يوقدېگىنە،شۇڭا تاز بولساڭ گەدەنگىچە دەپ ئۆزۈمگە ئۆزۈم يېرىم كۈن رۇخسەتبېرىۋەتتىم.شۇڭىچۇ،قارا....(ئەكرەم سۆزلەۋاتقاندا ئالىم يۈگرەپ چىقىدۇ)
پەرھات:ھەيئالىم!
ئالىم:(ئۇلارنى كۆرۈپ توختاپ)(يېنىغا كەلگەچ) سىلەر بۇ يەردە نېمىش قىلىسىلەر؟يەنەدەرستىن قاچتىڭلارما؟
ئەكرەم:ئۆزەڭچۇ؟خۇددىمەكتەپكە ماڭغاندەك سۆزلەيسەنغۇ،مەكتەپ كەينىڭدە قالغاندۇ.ھەي سەنمۇ مۇز تىيىلغىلىماڭدىڭما،ماڭە بىللە ئوينايمىز.
پەرھات:ئالىم،مائەكرەم بەك قورقۇنچاقكەن دېگىنە،سېنى مۇز تىيىلغىلى ئاپىرىپ
ئۆزى چەتتەئولتۇرۇپ تاماشا كۆرىدۇ ھەقىچان،ئۇنىڭدىن قارا،مەن بىلەن بىللە ئېلىكترونلۇقئويۇنچۇقخانىغا بارە،بۈگۈن ئوينىغاننىڭ ھەممە چىقىمى مەندىن بوپ كەتسۇن(مەيدىسىگەمۇشتلاپ)ئاغىندارچىلىقنىڭ يۈزى،قانداق؟
ئالىم:مەنھازىر ئۆيگە بېرىپلا مەكتەپكە قايتىمەن(دەپ بولۇپلا مېڭىشقا تەمشىلىدۇ)
ئەكرەم،پەرھات:ھەي،توختا،توختا،توختا(يولنىتوسۇپ)
ئەكرەم:بىزغۇنېمىشقا قاچقىنىمىزنى دەپ بەردۇق،سەنمۇ نېمىگە قاچقىنىڭنى دەپ بەرمەمسە؟نېمىشقىلسە ئۆيۈڭگە بېرىپ ؟
پەرھات:(ياراتمىغانئەلپازدا)بۇچۇ ئاداش،يەنە ئۆيىگە بېرىپ قوي باقىدۇ.
ئالىم:چۈشتەقوي باققان،مەكتەپكە ئالدىراپ قويلىرىمنى قوتانغا سولىغاندا،ئىشىكنى ئىتىۋىتىشنىئۇنتۇپ قاپتىمەن.ئۆيدىكىلەر ئېتىزدىن كەلمىگەن تېخى،شۇڭا،قويلىرىم يۈتۈپ كەتمىسۇندەپ قارىغىلى ماڭدىم،بىر قارىۋىتىپلا مەكتەپكە بارىمەن.
پەرھات:ۋايسەن كىچىكىپ بارساڭ خەنزۇتىلى ئۆتىدىغان مۇئەللىمدىن يەنە گەپ ئاڭلايسەنبەرىبىر.قويلىرىڭغا قارىۋەتسەڭ قىلىدىغان باشقا ئىشىڭ يوقكەن دېگىنە،سەن بىلەنبىللە باراي،قويلارغا قارىۋەتكەندىن كىيىن مەن بىلەن بىللە ئېلىكترونلۇقئويۇنچۇقخانىغا بارىسەن،قانداق؟
ئەكرەم:ھەيئالىم،مەن سەن بىلەن بىللە باراي،قويلىرىڭغا قارىۋىتىپ،مەن بىلەن مۇز تىيىلغىلىبارغىن.(ئاپلا،مۇئەللىم كىلىۋاتىدۇ.)
(زوڭزىيىپيۈگىرەپ سەھنىنىڭ بىر بۇلىغا مۆكىۋالىدۇ.)
(ئىككى سىنىپمەسئۇلى پاراڭلاشقاچ چىقىدۇ)(ۋېلىسپىت يۆتلەپ)
ئايگۈلمۇئەللىم:ۋاي قاچانمۇ بىر مۇشۇ بالىلارنى يىغىش دېگەن ئىشتىنقۇتۇلارمىز ھە.
قۇربانمۇئەللىم: شۇنى دېمەمسىز، قىشنى قىش دېمەي يازنى ياز دېمەي، بازارمۇ بازار،ئويۇنچۇقخانىمۇ ئويۇنچۇقخانا، تورخانىمۇ تورخانا،ئېتىزمۇ ئېتىز ئارىلاپ بالىلارنىيىغىش ھەم ئاۋارىچىلىق ھەم بىزار قىلىدىغان بىر ئىش.
ئايگۈلمۇئەللىم:ھازىر شارائىتلار بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى،ئوقۇتۇشسۈپىتى ھەم ياخشى،شۇنداق تۇرۇپ بۇ بالىلار بارغانچە مەكتەپتىن قاچىدىغان بولىۋالدىدېسە.ۋاي قاچانمۇ ئەكىلىپ بولارمەن بۇ قۇلاق كەستىلەرنى،ئەجەپ ھېرىپ كەتتىم.
قۇربانمۇئەللىم:بىردەم ئارام ئېلىۋىلىپ ماڭايلى بۇ سوغۇقتا يول مېڭىشمۇئېغىر كىلىدىكەن ئادەمگە،ئاۋۇ تەرەپتە ئورۇندۇق باركەن.
(ئۈچ ئوقۇغۇچىقېچىپ سەھنىنىڭ ئوتتۇرىغاراق كېلىدۇ.)
ئايگۈل مۇئەللىم: شۇنداق قىلايلى بولمىسا
(مىكرواۇنئاۋازىنى بارا-بارا تۆۋەنلىتىپ،ئۆز ئارا پاراڭغا چۈشىدۇ، ئاۋازنى ئۆچۈرۈپ پاراڭلىشىۋاتقان قىياپەتتە ئولتۇرىدۇ)
ئەكرەم:(قورقۇپ)(تىترەپ)قانداققىلىمىز؟
ئالىم:(مۇئەللىملەردىنكۆزىنى ئۈزمەي)مەنمۇ بىلمىدىم.
پەرھات:(ئۇلارنى مەنسىتمەيراق)(سەل قورقۇپ)ما ئىككى قورقۇنچاقنى،دەرستىن قېچىشقا پېتىنغان يۈرىكىلار قېنى؟سەل تۇرۇپ مۇئەللىملەر كېتىدۇ،شۇ چاغدا خاتىرجەم ئويىنىمىزنىئوينايمىز.
ئايگۈلمۇئەللىم: ماڭايلى ئەمدى ئاتايىن ئىزدەپ چىقىپ دەرستىن چۈشىدىغانچاغدا ئاران تاپمايلى ئۇلارنى.
قۇربانمۇئەللىم: ھە بولىدۇ،ماڭايلى.
(ئۈچى ئىڭىشىپسەھنىنىڭ بۇلۇڭىغا بىرىپ مۆكۈنىۋالىدۇ.)
(مۇئەللىملەرئورنىدىن تۇرۇپ ۋەلىسپىتلىرىنى ئېلىپ ماڭىدۇ.)
قۇربانمۇئەللىم:نەدىنمۇ تاپارمىز بۇلارنى.
ئايگۈلمۇئەللىم: شۇنى دەڭە.
قۇربانمۇئەللىم: بۇ يەر بەك قىلىن مۇز تۇتۇپ كېتىپتۇ، ئالدى-كەينى بولۇپ ماڭساڭ بولغۇدەك،ياندىشىپ ماڭالمىغۇدەكمىز.
ئايگۈلمۇئەللىم: سىز ئالدىدا مېڭىڭ.
قۇربانمۇئەللىم:(تىيىلىپراپ ئۆتىدۇ)ئېھتىيات قىلىڭە، بۇ يەر بەكتىيىلغاقكەن.
(شۇنداق دەپتۇرىشىغا ئايگۈل مۇئەللىم تىيىلىپ يىقىلىپ چۈشىدۇ)
ئايگۈلمۇئەللىم: ماقۇل، ۋايجان....
(يىقىلغاندا ۋەلىسپىتنى ئۆزىنىڭ قارشى تەرىپىگە تاشلاپ يىقىلسۇن)
(بىخەتەرلىكئۈچۈن)
ئالىم،ئەكرەم:(مۇئەللىمنىڭيىقىلغىنىنى كۆرۈپ ئالىم بىلەن ئەكرەم تەڭلاچاقىرىدۇ)
مۇئەللىم!
قۇربانمۇئەللىم: ئەستاغپۇرۇللا...!
(ۋەلىسپىتنى يانغا توختۇتۇپ بولغۇچە)
(ئالىم بىلەنئەكرەم مۇئەللىمنىڭ يىنىغا يۈگرەيدۇ)(پەرھات ئەكرەمنىڭ قولىدىن تارتىپتوختىتىۋالىدۇ)(كىيىن ئالىمنىڭ كەتكىنىنى كۆرۈپ قويۇپ بېرىدۇ)
(كەينىدىنئۆزىمۇ بېرىپ ئايگۈل مۇئەللىمنى يۆلەيدۇ)
(كەينىدىنقۇربان مۇئەللىم كېلىدۇ)
(ئايگۈلمۇئەللىمنى تەڭ يۆلەشتۈرۈپ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزىدۇ)(ئايگۈل مۇئەللىم ۋايجانلاپھەم ئاقساپ ماڭىدۇ)
قۇربان مۇئەللىم :(ئايگۈل مۇئەللىمنى ئولتۇرغۇزۇپ بولۇپ)(ئۈچىگە قاراپ) ۋوي سىلەر بۇ يەردە نېمىش قىلىسىلەر؟ قايسىسىنىپتا سىلەر؟ دەرستىن قاچقان ئوخشىمامسىلەر؟
(ئۈچى بېشىنىئېگىپ يەرگە قاراپ تۇرىدۇ)
ئايگۈل مۇئەللىم:(پۇتى ئاغرىپ كەتكەچكە تەستە گەپ قىلىدۇ)بۇلار مېنىڭئوقۇغۇچىلىرىم،مەن مۇشۇ ئۈچىنى ئىزدەپ چىققان.
قۇربانمۇئەللىم:ماۋۇ ئوقۇغۇچىڭىزنى تونۇيمەن ئايگۈل،بۇنى دائىم ئوقۇغۇچىلىرىمنى ئىزدەپ چىقسام ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇقخانىدا ئۇچرىتاتتىم.(پەرھاتقاقاراپ)بۈگۈنمۇ سەپەرنى شۇ ياققا توغۇرلىغان ئوخشىمامدۇق؟تېخى قوشۇن باشلاپمېڭىپسەندە
(پەرھاتنىڭيۈزىنى سىلايدۇ)(پەرھات قورقۇپ تىترەپ كېتىدۇ)
(ئالىم بىلەن ئەكرەمگە قاراپ)ما ئىككىڭلارنىڭ كاللىسى يوقما ھە؟
نېمە دېسەشۇنداقكەن دەپ كەينىگە كىرىپ ماڭدىڭلارما؟
ئالىم:(بېشىنىكۆتۈرۈپ)ئۇنداق ئەمەس مۇئەللىم(يەنە بېشىنى ئېگىپ تۇرىدۇ)
قۇربانمۇئەللىم: ھە، ئۇنداق بولمىسا قانداق؟دەرستىن قېچىپ يەنە گېپىڭچوڭغۇ.
ئايگۈلمۇئەللىم:ھوي ئالىمجان بالام،سەن ئەزەلدىن دەرستىنقاچمايتتىڭ،ئۈگۈنۈشۈڭ ياخشى ھەم شۇنداق تىرىشچان،بۈگۈن نېمىش بولۇپ كەتتى ئەمدى؟
ئالىم:(ئايگۈلمۇئەللىمگە قاراپ)مۇئەللىم، ئەسلى مەن مەكتەپكە بارغان.چۈشتە مەكتەپكە ئالدىراپقويلىرىمنى قوتانغا سولاپ،ئىشىكنى ئېتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
مەكتەپكە كېلىپئېسىمگە كەلدى،ئۆيگە بېرىپ قويلىرىمغا قارىۋىتىپلا مەكتەپكە يانماقچى بولۇپ يۈگرەپكېتىۋاتسام،ئەكرەم بىلەن پەرھات ئۇچراپ قالدى.(ئەكرەم بىلەن پەرھاتقا بىرقارىۋىتىپ) ئاندىن سىلەر كەلدىڭلار.(يەنە بېشىنى ئېگىپ يەرگە قاراپ تۇرىدۇ.)
ئايگۈلمۇئەللىم:ھە ئەمسە تىز بېرىپ قويلىرىڭغا قارىۋىتىپلا مەكتەپكە بارغىن،ماڭە بالام.
ئالىم:ماقۇل مۇئەللىم(يۈگرەپ كېتىدۇ)
ئايگۈلمۇئەللىم:يولدا ئېھتىيات قىل ھە!
ئالىم:(يۈگرەشتىن توختىماي جاۋاپ قايتۇرىدۇ)ماقۇل.
قۇربانمۇئەللىم:ۋوي ئايگۈل، ئۇنىڭ باھانىلىرىگە ئىشەندىڭىزما؟
ئايگۈلمۇئەللىم: ئۇ بەك تىرىشچان ئوقۇغۇچۇم،يالغان گەپ قىلمايدۇ،ئەزەلدىن بىرەر قېتىممۇ مەكتەپتىن قېچىپ باقمىغان،كىچىكلا تۇرۇپ ئۆيدىكىلىرىگەياردەملىشىدۇ، بەك جاپادا ئوقۇۋاتىدۇ،ئۇ ئوقۇغۇچۇمغا ئىشىنىمەن قۇربان مۇئەللىم.
(ئەكرەمگەقاراپ)بالام،سەن يېقىندىن بېرى ئارىلاپ ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ رۇخسەت بېرىدىغان بوپقالدىڭغۇ؟(پەرھاتقا قاراپ)پەرھاتجانغۇ مېنى ئارام ئالغۇزماسلا بولدى.
(ئەكرەم، پەرھات گەپ قىلماي يەرگە قاراپ تۇرىدۇ)
قۇربانمۇئەللىم:مانا ئايگۈل مۇئەللىم سىلەرنى ئىزدەپ مېڭىپ يىقىلىپ چۈشتى،يەنە قانچە مۇئەللىم قاچانغىچە كەينىڭلاردىن يۈرىدۇ ھە؟
ئايگۈلمۇئەللىم: بولدى،باشقا گەپلەرنى سىنىپ يىغىنى ئاچقانداقىلاي،يۈرۈڭلار دەرسكە بېرىڭلار،سىلەرنى سىنىپقا ئۆزۈم ئەكىرىپ قوياي.
قۇربانمۇئەللىم:راست شۇنداق قىلايلى.
(پەرھات ئايگۈل مۇئەللىمنىڭ ۋېلىسپىتىنى ئېلىپ، قۇربان مۇئەللىم ئۆزىنىڭ ۋېلىسپىتىنى ئېلىپ،ئەكرەپئايگۈل مۇئەللىمنى يۆلەشتۈرۈپ سەھنىدىن ئايرىلىدۇ.)
ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ كىشى ئىسىملىرى ،بەزى سۆز-ھەركەتلەرنى،ۋەقەلىكلەرنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-5 02:41 AM