ئادەتتىكى ئەزا
ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەجبۇرلىنامدۇ؟
ئىسراپىل ئەمەت 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى
ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 5 خىل ئىجتىمائى سۇغۇرتىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سۇغۇرتا ھىساپلىنىدۇ، ئۇ دۆلەت ۋە جەمىيەت مەلۇم قانۇن-بەلگۈلىمە بويىچە، ئەمگەكچىنىڭ دۆلەت بىكىتكەن ئەمگەك مەجبۇرىيتىنى بىكار قىلىش يېشىغا يەتكەندە ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقاندا ئاساسى تۇرمۇش كىرىمىنى تەمىنلەيدىغان بىر خىل ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۈرى تۈزۈمى. ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئىسمىدىنلا مەلۇم بولغىنىدەك، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى مۇقۇم كىرىم بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان. دۆلەت بەلگۈلىگەن پىنسىيىگە چىقىش شەرتىنى ھازىرلىغان، بەلگۈلىمە بويىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى 15 يىل ساق تاپشۇرغان بولسا، ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كىينكى ئايدىن باشلاپ، ئايمۇئاي يارقىتىلىشقا باشلايدۇ. ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەجبۇرى خارەكتىرغا ئىگە بولۇپ، خالىغان ئادەم تاپشۇرۇپ خالىغىنى تاپشۇرمىسا، ياشانغاندا كۈتۈنۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.مەجبۇرى دىگىنىمىز دۆلەت قانۇن ئارقىلىق مەجبۇرى ئەمەلگە ئاشۇرغان.كارخانا بىلەن شەخسى بىرلىكتە تاپشۇرىشى خىلاپلىق قىلماسلىغى كىرەك.ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى دۆلەت، كارخانا شەخسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ بىرلىكتە ئۈستىگە ئالغان، كارخانا خىزمەتچىللىرىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسەت قىلىنغان. كارخانا قۇرۇلۇپ 30 كۈن ئىچىدە، ئىجتىمائى سۇغۇرتا تاپشۇرۇش تىزىمغا ئالدۇرىشى كىرەك. كارخانا قاتارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قانۇن بويىچە تاقالغاندا، يەنە 30 كۈن ئىچىدە تىزىمنى ئۆچۈرۈش رەسمىيتىنى بىجىرىش كىرەك.ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك سۇغۇرتىنى ئايمۇ ئاي تاپشۇرۇپ تۇرىشى كىرەك. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۆلەشكە تىگىشلىك قىسمىنى، كارخانا ئورۇن خىزمەتچىنىڭ مۇئاشىدىن تۇتۇپ قالىدۇ. كارخانا ۋەيران بولغان ياكى زىيان تارتقان ئەھۋالدا،ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ سۇغۇرتىسىنى شەخسى ئۆزى ئايمۇئاي تۆلەپ تۇرىشى كىرەك، بولمىسا ئىلگىرى تۆلىگەنلىرى بىكار بولىدۇ.
پاش قىلىش
تىرىشچان ئەزا
ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن
مەستانە ئـــەزا
يىـڭى ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ