BUEREZAT يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 02:59 PM
ئۇ قىزنىڭ ناخشىسى راسىتنلا تەسىرلىككەن ھەم ئۇ قىزنىڭ ...
شۇنداق بولدى، ئۇستازلارنىڭ دىلى ھەقىقەتەن يۇمشاق. ئەڭ سوغۇق كۆرىنىدىغان مەھمۇد سۇلايمان ئاكىمىزمۇ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، چىرايلىرى ئۆزگىرىپ كەتتى...
ئەركىن ئابدۇللاغا بارغانسىرى قايىل بولۇۋاتىمەن، ھەقىقەتەن بەك سەمىمىي ئىكەن. بۇ قېتىممۇ مۇشۇ مېيىپ قىزغا ئۆرۈلۈش مەسىلىسىدە «كەمىنە بۇنداق ئاھاڭلارغا ئاجىزلىق قىلىمەن...»دېۋىدى، شۇنداق قايىل بولدۇم.
بايقىدىڭلارمىكىن، ئەركىن «ئۆزەمچە...»دېگەن سۆزنى تولىراق ئىشلىتىۋاتىدۇ، بۇ گەپنى دەسلەپكى بۆلەكلىرىدە ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئاكىمىز ئەركىننىڭ بىر گېپىگە قارىتا «... ئۆزەڭچە...»دەپ چاقچاق قىلغان، شۇندىن كېيىن توغرا كەپقالغان يېرىدە ئەركىن شۇ گەپنى ئابدۇللاغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ