مارشال يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 11:51 PM
بۇ قېتىم پىشقەدەم يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلە ...
مەتبۇئادتا ئەسەر ئېلان قىلىش تور بېكەتتە ئەسەر ئېلان قىلىشقا ئوخشىمايدۇ. ژورناللاردىكى مۇھەرىرلەر مۇنتىزىم تەربيىلەنگەن كەسپ ئەھلى بولۇپ، ئۇلار ھەتتا ئىملانىڭ كىچىك ھالقىلىرىغىچە دىققەت قىلىدۇ. مەن 1991-يىلى بىر مىكرو ھېكايىنى بايىنغۇلىن گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر گېزىت ۋە «بوستان» (ھازىرى كروران) دا ھەر خىل ژانېردا خېلى كۆپ ئەسەر ئېلان قىلغان ئىدىم. مۇشۇ جەرياندا ئۇستاز ئۆمەرجان مۇھەمەەدئىمىن كروران، ئەسقەر ياسىن، ئابلىمىد مۇھەممىدى ئاقيولى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدىكى ئابدۇۋېلى ئەپەندى، شىنجاڭ ھەربىي قىسىم سىياسى كومېسسارى قۇتاتغۇ بىلىك تەتقىقاتىنىڭ غۇللۇق تەتقىقاتچىسى يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى، مەرھۇم روزى سايىت ئاكا ... قاتارلىق ئەدىپ يازغۇچىلار بىلەن ئەسرالىشىش، بولۇپمۇ ئۆمەرجان مۇھەممىدى كروران بىلەن ئابلىمىد مۇھەممىدى ئاقيولى (كەسپداش) بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستلىق پارتىكومدىكى ھەمدۇللا ئابدۇللا (شائىر) مەرھۇم ئالىز ھەسەن، ئۇستاز پەخىردىن موسالارنىڭ كەمتەرلىك بىلەن قوللاپ ئىلھام بېرىشى بىلەن 90-يىللىرى ئەدەبىيات ئىجادىيىتى (ئىشتىن سىرتقى) بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتكەن ئىدىم. ئەپسۇس 96-يىلى ئائىلىمىزدىكى بىر قېتىملىق ئۆزگىرىش سەۋەپلىك قەلەم تۇتۇشتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.
مارشال ئىنىمنىڭ مەتبۇئادتا ئىسمىنىڭ كۆزگە كۆرۈنىشىدىن پەخىرلەندىم. مەتبۇئادتقا يوللانغان ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ يوقۇرى. شۇڭا، كۆپ قىرلىق ئونۋېرسال ساپا بولىشى كېرەك.
مۇبارەك بولسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-7 02:50 PM