مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3439|ئىنكاس: 8

قادىر پاراڭ چاقچاقلىرىنىڭ داۋامى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

http://www.dolanlik.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7539
يازما سانى: 575
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11720
تۆھپە نۇمۇرى: 1085
توردا: 11506 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 11:02:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 N$ k% i$ C5 L  F
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' K, j: K: M+ Y: [* O

ئوڭ ياخشى


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 |. J7 A/ M9 y" D7 r0 M* t$ C

قادىر پاراڭنىڭ ئۆيى كونىراپ قالغاچقا، ئۇنى چېقىۋىتپ يېڭى ئۆي سېلپ ئاقارتىپ ئولتۇرغانىكەن،«ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» گوررۇپپىسىدىلەر كېلىپ، تەلەپكە يەتكەن ئائىلە دەپ باھالاپ، 20 مىڭ يۈۋەن بىلەن موكاپاتلاپتۇ.ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، ئەتىسى ئەتتىگەندە قادىر پاراڭنىڭ بىر قوشنىسى كىىرپكەپتۇ. ئۇ ئەسلىدە  پۇل تاپسا قوينىغاتىقىپ، ئۆي- جاي ۋە ئۈستى- بېشى بىلەن كارى بولماي دىۋانىدەك ياشايدىغانئادەم  ئىكەن. قادىر پاراڭنىڭ موكاپاتئالغانلىغىىغا  كۆزى قىززىىرپ دەپتۇ:

ــ ئۇكامقادىرخان، بۇ ھۈكۈمەتنىڭ كۆزى يوقمۇ نېمە؟ مېنىڭ 50 مىڭ يۈۋەن نەخ پۇلۇم تۇرسا، موكاپاتنى ماڭا بەرمەي، سەندەك قۇرۇق سۆلەتكە بەرگىنى نىمىسى؟

قادىر پاراڭئۇنىڭغا قوشاق بىلەن جاۋاپ برىپتۇ:

ــ ئاتالمىغان تاغلاردىن، ئاتاق ئالغان  دۆڭ ياخشى؛ ساڭائوخشاش ساراڭدىن، ماڭا ئوخشاش ئوڭ ياخشى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: Z' p  [; P# M: V4 X5 \5 l3 }, m; g

پۇتۇمنىڭ كەينىدىن مەنمۇ بارىمەن

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 a0 z2 U% t; M

بىر كېچىسى قادىر پاراڭ بىر دوستىنى چۈشەپ چىقىپ، ئەتىسى سەھەردە ئۇنى يوقلاپ بارسا، ئۇ  بىر پۇتى يوق ھالەتتە  ھاسىېدا مېڭىپ يۈرگىدەك. ھەيران قالغان قادىر  پاراڭ سوراپتۇ:

ــ ۋاي ئادىشىم،نېمە ئىش بۇ؟ نېمە بولدۇڭ؟

ــ نېمەبولاتتىم، ھاراق ئىچىپ موتۇلسىكىلىت مىنگەننىڭ خاپىلىغى بولمامدۇ قادىرخان.

ــ شۇنداقتىمۇ بىر پۇتۇڭ قېنى دەيمەن؟

ــ بىر پۇتۇمنى يەرلىكىدە قويۇپ قويدۇم، ئۇزۇن قالماي مەنمۇ پۇۇتمنىڭ كەينىدىن بارىمەن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! T. W4 P0 j6 S, i( A

              تۇرمۇش يۈكى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- _/ \& {4 A' U) `1 e$ O5 h7 {

ئالى مەكتەپكەئۆتكەن بىر بالىسىنى ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ئىككى ھەپتە سىرىتتا يۈرگەن قادىر پاراڭ قايتىپ كەلسە، ئۆيدە ئاشلىق، ئوتۇن- ياغاچ، ئۇلاغلارغا يەم- خەشەك دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى تۈگەپ، ئۆيىدىن بوران ئۇچۇپ قالغانىكەن. ئايالى قادىر پاراڭنى كۆرۈپ ئۆزىنى توختىۋالالماي ئىختىيارسىز  يىغلاپ،سۆزلەپلا كېتىپتۇ. ئۆيدىكى ۋاراڭ- چۇرۇڭنى ئاڭلاپ، خولۇم- خوشنىلارمۇ كېرىپ،تەسەللى ئېيتىشىپتۇ. تۇرمۇش يۈكىدىن بېشى ساڭگىلاپ كەتكەن قادىر پاراڭ، بىر پەس جىمىپ كېتىپ، ئاخىرى تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئوقۇپتۇ:

ــ ئەگرى نوغۇچ ئاشتاختىدا تاراقلايدۇ،

خوتۇن ئۆيدە ئۇن يوقكەن دەپ ۋالاقلايدۇ.

بالىلىرىم يېلىڭ بولغاچ ئوت ئالدىداجالاقلايدۇ.

كونا ھارۋام دوناي دەسسەپ توپا يولداتاراقلايدۇ،

يىرتىق كەشتىن پايتىمام سۆرىلىدۇ-پالاقلايدۇ.  

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 @) m% r+ {# }+ K1 a0 C% b7 A

كەمبىغەلنى كەم چاغلىماڭ

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# _! q% K* h; z: p

قادىر پاراڭ قەشقەرگە جىددى بارىدىغان بولۇپ قېلپ، بىر تونۇش تاكسى شوپۇرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئەھۋالنى ئېيىتسا، شوپۇر:

ــ تاكسىدا بارساڭ قىممەت توختاپ قالىدۇقادىركا، خاپا بولماي چوڭ ماشىندا بارساڭ بوپتىكەن- دېگەنىكەن، قادىر پاراڭ شۇھامان يانچۇغىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقرىپ شوپۇرغا تەڭلەپ تۇرۇپ قوشاق ئوقۇپتۇ:

ــ كەمبىغەلنى كەم چاغلىماڭ، ئىششەك تېشى قوينىدا.

باي غوجامنى چوڭ چاغلىماڭ، ئىششەك قەرزى بوينىدا!  

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( f- x  w9 Z; q; e

قەدەم خوتى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- M8 b! p( C3 B

قادىر پاراڭ ھاشىم پاراڭ قاتارلىق بىرنەچچەيلەن بىلەن پاراڭلىىشپ  پىيادە كېتىۋاتسا، ھاشىم پاراڭ قىززىقچىلىق قىلپ «كوت!» قىلپ يەل قويىۋەتكەنىكەن، قادىرپاراڭ ئىختىيارسىز سوراپتۇ:

ــ نىمانداق قىلىسەن ھاشىمكا؟

ــ مەنزىل يىراق ئۇكام، پۇتنى يېڭى خوتقا سالدىم.

ــ توۋا، پۇتنى خوتقا سالىدۇئاڭلىماپتىكەنمەن، بۇ قانداق خوت ئەمدى؟

ــ بۇ دېگەن  قەدەم خوتى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 Z4 z  r) S+ y

قاغىلا

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% U6 ~5 b9 g, v1 R) K$ ~$ w7 J

بىر كۈنى قادىر پاراڭ ھاشىم پاراڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بىر ئىش توغرۇلۇق پاراڭلىشىۋاتسا، سىرىتتا غەۋغا كۆتىرلىپتۇ. نېمەبولغاندۇ دەپ چىقپ قارىسا، ھاشىم پاراڭنىڭ بەش ياشلىق ئوغلى قوشنىلىرىنىڭ بالىلىرى بىلەن ئويناۋېتپ ئۇرۇشۇپ قالسا، خوشنىلار «مېنىڭ بالامنى ئۇرۇپتۇ» دەپ ئائىلە بويىچە تاياق- توقماق كۆتىرىپ چىقپ غەۋغا قىلشىۋاتقان ئىكەن. ئۇلار ئاغزىغا نېمە كەلسە شۇنى دەپ تىللاپ، ھاشىم پاراڭنى زادىلا ئېغىز ئاچۇرماپتۇ. ئادەتتە شۇنچەسۆزمەن ھاشىم پاراڭنىڭ بۇ قېتىم ئېغىر بېسىق بولۇپ قالغانلىغىنى چۈشىنەلمىگەن قادىر پاراڭ سوراپتۇ:

ــ ھاشىمكا، شۇنچە تىل- ئاھانەتلەرنى ئاڭلاپ گەپ قىلماي تۇرىسەنغۇ؟

ھاشىم پاراڭ كۈلۈپ قويۇپ، ئارتۇقچە گەپ قىلماستىن ناخشا باشلاپتۇ:

ــ ۋاي قاغىلا، نىجىس قاغىلا،

بەزىسى ئالا، قارا قاغىلا؛

شۇملۇق تىىلشىپ قاقىلداۋەرمەي،

بۇ يەردىن يىتۈپ نېرى باغىنا!!  


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( k' v) o' Q$ L& o3 D

جۇباجىنىڭ شاگىرتى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' c0 R0 z+ w( E$ n

قادىر پاراڭنىڭ خوتۇنى تۇغۇتلۇق بولۇپ،ئۆز ئانىسىنىڭ ئۆيىدە يېتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قادىر پاراڭ يوقلاپ بېرىپ ئىچكىرى ئۆيگە كىرىسە، يۈزىنى يېرىم ياپقان بىر ئايال ئۇخلاپ ياتقۇدەك. «ئايالىم ئۇخلاپ قالغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىغان قادىر پاراڭ، تاتلىققىنە ئويغىتاي دەپ،ئېڭىشىپ تۇرۇپ پىشاينىسىگە بىرنى سۆيسە، ھېلىقى ئايال لىككىدە بېشىنى كۆتىرىپتۇ.قارىسا، ئايالىنىڭ ئاچىسى ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ نېمە قىلارىنى بىلمىگەن قادىر پاراڭ ھاڭۋېقىپ  تۇرۇپ قاپتۇ.

ــ قادىرخان، سىز ئاچا- سىڭىللارنى ئايرىمايدىغان جۇبامنىڭ شاگىرتىمۇ؟ - دەپتۇ ئايالىنىڭ ئاچىسى قادىر پاراڭغاقااراپ.

ئىزا تارتىپ كەتكەن قادىر پاراڭ ئۈن-تىنسىز تالاغا قاراپ  مېڭىپتۇ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! b6 y5 V5 P, q( W) a9 f  l( P. g

كەتكىلى كەگەن

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 j/ j6 Q6 r$ W! V6 D. }3 s

قادىر پاراڭ توي قىلمىغان يىللاردا، بىرئەرگە تېگىپ  چىققان چوكان بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ، ئاخشىمى مەھەللىسىگە بارسا، ئىىشك تۈۋىدە ئۇ چوكاننىڭ ئىلگىركى ئېرى مۈگدەپ ئولتۇرغىدەك. يېنىغا يېقىن بېرىپ:

ــ ئادېشەۋە، نېمە قىلىسەن بۇ يەردە؟-دېسە، ئۇمۇ ياندۇرۇپ سوراپتۇ:

ــ سىلىچۇ؟ سېلە نىمىش قىلسىلە؟

ــ مەن مۇشۇ ئۆيدىكى چوكاننى ئالغىلى كەلدىم!- دەپتۇ قادىر پاراڭ زەردە بىلەن.

ــ مەن كەتكىلى كەلگەن،- دەپتۇ ئۇ ئەر قادىر پاراڭنىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ،- ئەمىسە مەن كېتەي.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  N% c9 }5 \2 W- \- y, e

ئاتنىڭ سىگنالى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& |( n8 [9 m" g$ V) \# s, V" P

بىر كۈنى قادىر پاراڭ بىر كىراكەشنىڭ خادىك ھارۋىسىغا چىقپ كېتىۋاتسا، ئادەم جىق يەرگە كەلگەندە ئات «تارىت- تارىت!!»قىلپ يەل قويىۋەتكەن ئىكەن، قادىر پاراڭنىڭ چاقچاق قىلغۇسى كېلپ، ھارۋىكەشتىن سوراپتۇ:

ــ ئۇستام، بۇ ئاتنىڭ نېمە قىلغىنى؟ساپلا ئادەم جىق يەرگە كېلپ ئوسۇرىدىكەنغۇ؟

ــ بۇ تولىمۇ ئەقىللىق ئات ئۇكام- دەپتۇھارۋىكەش،- ھارۋا ئادەم بېسىۋالمىسۇن دەپ، ئەشۇنداق سېگنال بېرىپ ماڭىدۇ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" R7 R/ `3 P: E# \7 }" f+ |

توشقان بەيگىسى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) z4 F) `8 Y6 t) L9 S- B3 ?/ A

قادىر پاراڭ بالىلىرىغا بىرنەچچە توشقان بېقىپ بەرگەنىكەن، بىر توشقان ھويلىدىكى ئۇۋىسىدىن چىقىۋېلپ تالاغا قېچىپ كېتىپتۇ.ئۇنى تۇتۇپ كىرەي دەپ ئەتتىگەندە چىقىپ قوغلىغىلى تۇرغان قادىر پاراڭ كۈن چۈشكىچەقوغلاپمۇ تۇتالماي يۈرسە، بىر  قوشنىسى چاقچاق قىلپ سوراپتۇ:

ــ ئەتتىگەننىڭ ئۇياقى ئارام ئالماي يۈگرەيسىلە قادىرخان، بەيگىگە چۈشتىڭلىمۇ- نېمە؟

ــ راس دىدىلە خوشنام، توشقان بىلەن بەيگىگە چۈشتۇم. توشقان بەيگىسى دېگەن مانا شۇ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' t1 L% m! L/ T1 m# v$ b

خوتۇن بازىرى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) `2 F1 R9 P  Z! B% J

قادىر پاراڭنىڭ ئېنىسى ناھىيە بازىرىدىكى بىر قىزغا ئۆيلەنمەكچى بولۇپتۇ. توي كۈنى قادىر پاراڭ ئۆيدىلكىلەر بىلەن ماشىنغا چىقىۋاتسا، بەش ياشلىق ئوغلى سوراپتۇ:

ــ دادا- دادا، بازارغا بارىمىزما؟

ــ ھەئە، تاغاڭغا خوتۇن ئېلپ بەرگىلى بارىمىز بالام.  

ــ خوتۇن بازىرى نەدە دادا؟ مەنمۇ بىرنى ئالاي.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  G) g- h; Y" ~' m  L' n

ساراڭ جاۋاب

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 T& [& p( x$ |! p0 U

غازكۆل يېزىسىدا ھەممە ئادەم بىلدىغان قۇناخۇن ئىسىملىك بىر ساراڭ بارىكەن. ياز كۈنلىرىنىڭ پىژغىرىم ئاپتاپلىرىدىمۇ جۇۋا كېيىپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ، قاادىر پاراڭنىڭ ئىچى سىقىلىپ دەپتۇ:

ــ قۇناخۇن، مۇشۇنچىلا ئىسسىقتا جۇۋاڭنى بىر سېلىۋەتسەڭ بولمامدۇ؟

ــ جۇۋامنى سېلىۋەتسەم، پىت- بۈرگىلرىم توڭۇپ كەتمەمدا؟


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) q1 H* t. b- f# a$ A- B' Y

كاپراتسىيەنىڭ ئېرى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# p2 O9 Z8 G- D, l1 f

ئۈچ چاقلىق موتۇسىكىلىتىدا  بەش ئايالنى كىرا قىلىغان قادىر پاراڭ غازكۆل بازىرىدا كېتىۋاتسا، بىر يەردە ئايالى ئولتۇرغىدەك. «ھەي خوتۇن» دەپ توۋلىسائاڭلىماپتۇ.

ــ ھەي شەخسى خوتۇنۇم!- دەپ بەكرەك توۋلىغانىكەن،ئايالى تاققىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇتۇسىكىلتتىكى ئاياللارغا قاراپ قويۇپدەپتۇ:  

ــ ھە، كاپراتسىيەنىڭ ئېرى، نېمەدەيسىلە؟


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 q* z: l* L( r4 x  ~0 s# C

بىلمەن ھارقنىڭ ھاراملىقىنى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; e1 y, H" J' d: r/ l

قادىر پاراڭنىڭ بىر ئاغىنىسى ھاراقتا ئۆلۈپ كەتكەنىكەن، ئۇنىڭ مىيىتىنى ئۇزۇتۇپ ئەمدى كېلىپ تۇرسا، يەنە بىر ئاغىنىسى:

ــ ماڭە قادىرخان، قاۋاققا كىرىپ بىر  ئىچىشىپ چىقايلى- دىگىدەك.

ئەرۋايى ئۇچقان قادىر پاراڭ سۆزلەپلا كېتىپتۇ:

ــ ھازىر شۇ ھاراقتا ئۆلگەن ئاغىنىمىىزنىڭ  مىيىتىنى ئۈزۈتۈپ كەلگەن تۇرۇغلۇق، يەنە ھاراق ئىچكىلى بارىمىزما؟ بولار ئەمدى،ھاراق تاشلايدىغان ۋاختىمىز بولۇپ ئاشتى. ھاراق دېگەن نىجىسنى ئىچىۋىرىپ، ئۇدۇنياغا  بىزمۇ ھارام كەتمەيلى.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، قادىر پاراڭنىڭ ئۇئاغىنىسى «بىلىمەن ھاراقنىڭ ھاراملىغىنى» دەپ قويۇپ كىتپ قاپتۇ. ئۇنىڭ شېىرى تۈسئالغان بۇ سۆزى قادىر پاراڭنىڭ ئىلھامىنى غىدىقلاپ، ئۆيگە بارغاندىن كېيىن بىركۇبلىت شېر پۈتۈپتۇ:

بىلىمەن ھاراقنىڭ ھاراملىقىنى،

بىلىمەن مەستلەرنىڭ قاراملىقىنى.

قاراملىق ھارامغا يانتاياق بولۇپ،

ئېپكىتەر دەۋزەخكە ياراملىقىنى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* h  W& Y4 x4 y2 `, H

ھىسامغا ۋارىس بىزمۇ بار

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& W) I& L7 [! F* r9 p4 [1 q

قادىر پارااڭ دەريا ئاتلاپ باشقايۇرىتلارغا بارغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، شۇ يەردە بىر چاقچاق سورۇنىغا قاتنىشپ قاپتۇ.قارىسا سورۇندىكى ياشلار «ھىسامكام بىر كۈنى ئۇنداق دەپتۇ، بىر كۈنى مۇنداققىپتۇ...» دەپ، ساپلا ھىسامكامنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان چاقچاقلارنى قىلشىپ ئولتۇرغىدەك. قادىر پاراڭ ئېغىز ئېچىپ، ھىسامكام پەخىرلەنگىدەك چاقچاقلاردىنبىرنەچچىنى سۆزلىگەنىكەن، سورۇندىكىلەردىن بىرى سوراپتۇ:

ــ ئادىشۇي، سېلە نەدىن؟

قادىر پاراڭ جاۋاپ بىرىش ئورنىغاتۆۋەندىكى قۇشاقنى ئوقۇپتۇ:

ــ ئېتىگى كەڭرى جاھان بۇ، بولمىسۇن  كۆڭۈللەر تار.

-            چاقچاق سورۇنلىرىدا، ھىسامغا ۋارىس بىزمۇبار.

أ‌-            

قايسى خوتۇن؟


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 h% p7 ~+ ~7 S$ b5 Z. u

بىر كۈنى قادىر پارڭنىڭ مەھەللىسىدىكلەر«توختىكامنىڭ ئىككى خوتۇنى بارمۇ- بىرمۇ؟» دېگەننى تالىىشىپ قاپتۇ. بىرسى ئىككى خوتۇنى بار دېسە، بىرسى بىر خوتۇنى بار دەيدىكەن. ئۇلار بىر- بىرنى قايىل قىلالماي، قادىر پاراڭنىڭ  ئالدىغاكەلگەنىكەن، بۇ ئىشنى قادىر پاراڭمۇ بىلمىگەچكە، ئويلنىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا توختىكام  يولدىن ئۆتكەنىكەن، قادىر پاراڭنىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كىرىپ، توختاكامنىڭ ئالدىغا بېرىپ دەپتۇ:

     ــ توختىكا، سېنى خوتۇنۇڭ دەرھال كېلپكەتسۇن دەيدۇ.

     ــ قايسى خوتۇن؟- دەپ سوراپتۇ توختىكام.

     ــ مانا ئەمدى ئېنىق بولدى- دەپتۇ قادىرپاراڭ،- توختىكامنىڭ ئىككى خوتۇنى باركەن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( g) i6 E5 }9 ~

سۇنغان پۇت

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( l! Z, J( f3 P0 R+ Q

بىر كۈنى قادىر پارڭنىڭ بىر ئاغىنىىى تىلفۇن قىلپ:

ــ پۇتۇم سۇنۇپ كەتتى ئاداش، بىر كېلىپ كەتكىن،- دېگەنىكەن، قادىر پاراڭ ئەنسىرەپ، قلىلۋاتقان ئىشىنى قويۇپ  شۇ ھامان بېرىپتۇ. ئەمما ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگەبېرىپ، ئۇنىڭ ھويلىسىدا كەپتەرلەرگە دان چېچىپ بىخارامان غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئەجەپلىنپ سوراپتۇ:

ــ بايا تىلفۇندا پۇتۇم سۇنۇپ كەتتى دەۋاتاتتىڭ، قېنى ئۇ  سۇنغان پۇتۇڭ؟

ــ ئەنە تام تۈۋىدە تۇرمامدۇ؟- دەپتۇئاغىنسى بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويغان يالغان پۇتنى كۆرسىتىپ.

ئەسلىدە ئۇنىڭ بىر پۇتى كىچىگىدە زەخمىلنىپ، يالغان پۇت سالدۇرۋالغان بولغاچقا، قادىر پاراڭ ئۇنىڭ راس پۇتى ئەمەس،يالغان پۇتى سۇنغانلىغىنى بىلپ، ئارتۇق گەپ- سۆز قىلماستىن ئارقىسىغا يېنپ كېتىپ قاپتۇ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* W6 C: C1 i1 F3 I

دەپتەردىكى قوشاقلار


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 _. T( g& M; ^6 U6 |1 R9 N

قادىر پاراڭ كىرا قىلپ نەمۇ- نە  بېرىش داۋامىدا، يېراق بىر كەنىتتىكى بىرقىززىقچى ئادەم بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزنىڭ  لەتىپە- چاقچاق خەزىنسىنى بېيىتاي دەپ، بىركۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قىززىق ئىشلارنى دەپ بېرىشنى ئېيىتقانىكەن، ئۇ ئادەم:

ــ سىز ئاڭلىغىدەك قىززىق گەپلىرىم يوق،لىكىن بەزىدە بېيىت- قوشاق يادىمغا كەلسە، ئانچە- مۇنچە يېزىپ قويغان دەپتەر بار،-دەپ ئىچكەركى ئۆيگە كىرىپ كېتپ، بىر دەپتەرنى كۆتىرىپ چىقپ قادىر پاراڭغا بېرىپتۇ.

قادىر پاراڭ دەپتەرنى قولىغا ئېلىپۋاراقلىسا، تۆۋەندىكى بېيىت- قوشاقلار تۇرغىدەك:

باغدا ياتقان چار يىلاننىڭ، بوينىغازەنجىر سالاي.

پونى ئاتقان ئاق جۇۋاننىڭ ئىچىگە ئوتلارسالاي.

            ئوۋغا چىقساڭ ئېلىپ چىق، قاپچۇغۇڭغاباغ بولاي.

            مېنى تاشلاپ ياتقا تەگسەڭ، يۈرۈگۈڭگەداغ بولاي.

ئايدىڭدا ماڭغان ئاق جۇۋاننىڭ ئىزىغاتاۋاپ قىلاي.

سەن ئۇ يەردە، مەن بۇ يەردە، ئايرىلپقانداق چىداي؟

           تاشلاپ كەتمە ئاق جۇۋان،ئۇنۇتالمايمەن سېنى.

           مىڭ يىگىتىڭ بولسىمۇ، ئالغىنىم-ئالغان سېنى!


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ c% r. y. ^: Q- o

يانتاق ئەھلى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; R; b* x6 K4 x$ `

بىر كۈنى قادىر پاراڭغا يانتاق يېزىسىدىكى بىر سورۇنغا  كىرىشكە توغرىكەلگەنىكەن، سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىرلا سالام  قىلاي دەپ، «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يانتاق ئەھلى!»دېسە، بىر ياش ئورنىدىن تۇرۇپ:

ــ بىز يانتاق ئەھلى ئەمەس قادىرخان،گىپىڭىز تازا دۇرۇس بولمىدى، بىز دېگەن ئادەم ئەھلى!- دەپتۇ.

يەنە بىر ياش ئورنىدىن تۇرۇپ:

ــ سىز نەدىن؟- دەپ سورىغانىكەن، قادىرپاراڭ غازكۆلدىن ئىكەنلىگىنى ئېيىتسا، ئۇ ياش دەپتۇ:

ــ ناۋادا بىز غازكۆلگە بېرىپ، سىز بارسورۇندا: «ئەسسالام ئەلەيكۇم غاز ئەھلى!» دېسەك سىز نېمە  دەيسىز؟

گەپ تېپىپ بېرەلمىگەن قادىر پاراڭئۇلاردىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بوپتۇ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, U' E; W7 q: K: x9 X

«قارا ئۈجمە يېگەن»

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. z( N$ ^6 Z% y3 t& J

بىر كۈنى بىر تونۇش چوكان كىرا قىلپ،قادىر پاراڭنىڭ موتۇلسىكىلتىغا چىققان ئىكەن، قادىر پاراڭ ئۇنىڭ قارا لەۋسۈرۈخ  سۈرىۋالغىنىنى كۆرۈپ چاقچاق قىلغۇسى كەپتۇ:

ــ نان ياققىلى ئوچاق يوق، كۆمەچ كۆمۈپ  يىدىڭىزمۇ نېمە؟

ــ ياقەي، بايا قارا ئۈجمە يىگەن، شۇيۇقۇپ قالغان ئوخشايدۇ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  {, s' ^. Z0 m: f- x

دەرۋازا ئىچىدە

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; c7 ]7 _: A' L1 R0 w. n  D' l6 e

قادىر پاراڭ ئۈرۈمچىگە كېتىۋىپ، بىرجاھانكەزدى چوكان بىلەن بىريەردە ئولتۇرۇپ قاپتۇ. خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، بىر كەمدە ئۇ چوكان سوراپتۇ:

ــ كېيىنچە سىزنى ئىزدەپ بېرىشىم مۇمكىن،ئۆيىڭىز نەدە؟

ــ مېنىڭ ئۆيۈم بىزنىڭ دەرۋازىنىڭ ئىچىدە.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ S( w9 l" Q% g2 E- ]

دارىسى مەندىن


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% V+ L/ N' u6 y  b

بىر يىلى قادىر پاراڭ ئېگەچى  ئامبارغا ھاشارغا بارغانىكەن، چۈشتە قوساق ئېچىپ، چام بېشىدا تاماق سېتىۋاتقان  بىرئاشپەزدىن بىر قاچا سۇيۇق ئاش ئاپتۇ. ئىچەي دەپ قارىسا، شۇ ئەتراپتا ئۇچۇپ يۈرۈشكەن قۇرۇت- قوڭغۇزلارنىڭ ھەربىر تۈرى ئاشتا لەيلەپ تۇرغىدەك.

ــ ئاشپەز ئۇستام- دەپتۇ قادىر پاراڭ،-ئاشقا بۇ يەردىكى قۇرۇت- قۇڭغۇزلارنىڭ ھەممىنى ساپتىلىغۇ؟

ــ راس دەيسىز قادىرخان، بۇ يەردە بارى شۇكەن، ئاشقا سالغىدەك  باشقا نەرسە تېپىلمىغاندىكىن، شۇنى سېىلپ تۇردۇم. كۆزڭىزنى بەكرەك قىسېۋىلپ يەۋىرىڭ.

ــ چاقچاق قىلمايۋاتقانلا ئۇستام، كۆزنى قىسېۋېلپ يەۋەرگەن بىلەن، كېسەل بولۇپ قالساق قانداق قىلىمىز؟

ــ خاتىرجەم بولۇڭ، دارىسى مەندىن!


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% D% G/ R8 S0 h2 G

قىچىقلاپ كۈلۈڭ

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  `" S4 o2 H0 V: `

كەنىت ئاچقان كەچلىك يىغىندا، قادىرپاراڭنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بىر چوكان:

ــ كادىر دېگەن كاسكىلار كاسىلداۋىرپ زىرىكىپ كەتتىم قادىرخان، لەتىپدىن بىرەرنى سۆزلىمەمسىز؟- دېگەنىكەن، قادىر پاراڭپەس ئاۋازدا لەتىپە سۆزلەپ بەرسە، ئالقىنى بىلەن يۈزىنى توسېۋىلپ:

ــ بەك كۈلگۈم كەپ كەتتى، قانداق قىلاي؟-دىگىدەك.

ــ ھازىرچە ئۆزىڭزىنى بېسىۋېلىڭ- دەپتۇقادىر پاراڭ پىچىرلاپ،- ئەڭ ياخشىسى كەچتە ئۆيىڭىزگە بېرىپ كۈلىۋېلىڭ.

ــ ئۇ چاغدا كۈلگۈم كەلمىسە قانداققىلىمەن؟

ــ ئۇنىڭمۇ چارىسى بار، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز قىچىغلاپ كۈلسىڭىز بولىۋىېرىدۇ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 B) B# Q- A, O' t* o  o  n# L* }  n

ئۆزىنى تىللاش


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 S$ Z6 p7 ~* f% S2 c+ H

قادىر پاراڭ بازارغا كېتىپ بارسا، لىق تاغار بېسىلغان بىر  ھارۋىغا قېتىلغان ئېشەك يېتىېۋلغاچقا، ھارۋا ئىگىسى ھەدەپ تىللاۋاتقۇدەك:

ــ ھۇ قەلەندەرنىڭ ئېشىگى! قوپ دەيمەن ھارام بولغۇر گۇينىڭ ئېشىگى! ...

قادىر پاراڭ كېلىپ ئشەكنى يۆلەپ قوپۇرۇشۇپ بىرىپ، ھارۋا ئېگىسدىن سوراپتۇ:

ــ بۇ ئېشەك كىمنىڭكى؟

ــ مېنىڭ، قانداق دەيلا؟

ــ بايىدىن بېرى ئەشەكنىڭ ئېگىسىنى بەكتىللاپ كەتتىلە، شۇنىڭغا قاراپ خەقنىڭ ئېشىگىمىكىن دەپتىمەن.

ھارۋا ئېگىسى تۇرۇپ كېتپ، دەپتۇ:

ــ توغرا دەيلا، بايىدىن بېرى ئاچچىغىمدامەن ئۆزەمنى تىللاپتىمەن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 P/ a3 L. }0 u. G

زامانە زورنىڭ


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ @5 Q& ?5 b9 v2 m5 r0 {. Y& |& [

دولان مەشرىپى تازا قىززىپ كەتكەندە،ئۇسۇلچىلار بەسلىشىپ، ئاخىرىدا يېڭپ چىققان بىرسى مەيدانغا ئۆزى يالغۇز پىقىراپ چۆگىلەيدىغان ئادەت بولۇپ، بىر قېتىملىق  مەشرەپتە قادىر پاراڭ باشقا ئۇسۇلچىلارنى يېىڭپ، مەيداندا تازا پىقىراۋاتسا،پاتىگۈل ئىسىملىك بىر ساياق چوكان توۋلاپتۇ:

ـــ زامانە زورنىڭ، تاماشە قادىر كورنىڭ!

قادىر پاراڭ بۇنى ئاڭلاپ، ئۇسۇل ئويناۋېتىپلا ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ:

ــ باشقىلارنىڭ يارى بار، پاتىگۈل ئومۇمىخورنىڭ!


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, e; g+ D1 y5 t7 @) Z7 U

ئۆزىنىڭ بۇرنىنى كولىغان ياخشى


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, a; Y4 C9 j: Q2 Y. i2 Z& U

بىر كۈنى كەچتە قادىر پاراڭ ئۆيگە كەلسەئايالى ھويلىدىكى سۇپىدا ئولتۇرۇپ، تۆت- بەش خوتۇن بىلەن ھەدەپ غەيۋەتقىلىۋاتقۇدەك. قادىر پاراڭ ئۇلارنى غەيۋەتنى توختىتار دەپ يۈتۈلۈپ بېقىپتۇ.  ھويلىدىكى نەرسىلەرنى ئۇيان- بۇيان قىلپ،تاراق- تۇرۇق ئاۋاز چىقرىپمۇ بېقىپتۇ. ئەمما ئۇ خوتۇنلار ھىچ ئىش بولمىغاندەك غەيۋەتنى داۋاملاشتۇرىۋېرىپتۇ. ئاچچىغىكەلگەن قادىر پاراڭ، ئۆيگە كىرىپ بىىر تال چوكا بىلەن ئازراق پاختا تېپىپ چىقپ،پاختىنى چوكىنىڭ ئۇچىغا يۆگەپ، ئاياللارنىڭ ئالدىغا كېلپ ئولتۇرۇپ، ھەدەپ بۇرنىنى كولىغىلى تۇرغانىكەن، ئايالى بۇنى كۆرۈپ خاپا بولۇپ:

ــ نىمانداق قىلىقسىزلىق قىلىسىز؟-دەپتۇ.

ــ غەيۋەت قىلىپ خەقنىڭ يېغىرىنى كولىغىچە، مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ بۇرنىنى كولىغان ياخشى خوتۇن- دەپتۇ قادىر پاراڭ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 y; Z8 A1 w; i0 e* [* ]  i

«چەللە»  ۋە «سەللە»

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ }' V8 |2 H* g

بىر كۈنى قادىر پاراڭ موتۇلسىكىلت بىلەن كىراكەشلىك قىلىپ بىر مەھەللىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا، بىر ئۆينىڭ ئالدىغا بىر مۇنچەئادەملەر يىغىلېۋېلپ، بىرنەچچەيلەن تىللىشىۋاتقۇدەك. نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلەي دەپ بىرسىدىن سوراپتۇ:

ــ نېمە ئىش بوپتۇ بۇ  يەردە؟

ــ نېمە ئىش بولاتتى قادىرخان، كالاپاتاقنى دەپ چەللىنى چۇۋۇپتۇ؛ موللام خوتۇننى دەپ سەللىنى چۇۋۇپتۇ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 E* W! `& K5 j: K' F

بۇت گەپ قىلمىغاچقىلا

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( [1 p6 \/ W/ U0 x

بىر يىلى قادىر پاراڭ، ھاشىم پاراڭ، روزىپاخال قاتارلىق  گەپدانلار بىللە  مىھماندارچىلىققا بارغانىكەن، قادىر پاراڭ «مىھماندارچىلىغىمىز كۈلكە- چاقچاقلاربىلەن  ئەمدى تازا قىززىيدىغان بولدى» دەپ ئويلىسا، ئويلىغاننىڭ ئەكسىچە ھىچقايسېسى ئېغىز ئاچماي ھال تارتىشىشپ ئولتۇرۇپ،مىھماندارچىلىقتىن  كۆڭۈلسىزقايتىپتۇ.  قايتىپ كېلىۋېتىپ  قادىر پاراڭ سوراپتۇ:

ــ ھاشىمكا، ئۆزەڭ شۇنچە گەپدان ئادەم تۇرۇپ، بۇ قېتىم ئادەمنى بۇرۇختۇم قىلپ جىملا ئولتۇرۋالدىڭغۇ؟

ــ بىلمەيدىغان يەرنىڭ ئويداڭ- چۇققۇرىكۆپ دەيدىغان گەپ بار ئۇكام قادىرخان، ساھىبخاننىڭ خۇي- مىجەزىنى، سورۇندىكىلەرنىڭ ساپاسىنى بىلمەي تۇرۇپ قارىسىغا گەپ قىلىۋەرسەك، ئىززىتىمىز بولمايدۇ.

ــ ئەمىسە بۇتتەك قېتىپ ئولتۇرساق ئىززىتىمىز بولامدا؟

ــ توغرا، بۇت پەقەت گەپ قىلمىغاچقىلا،دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرى چوقۇنىدۇ ئەمەسما.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; A' T# k- f! k* h9 A

ئەيسا توختى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: V6 g+ j. J0 ^2 T0 X0 M+ b( W7 j+ ?

قادىر پاراڭنىڭ ئەيسا توختى دەيدىغان بىرسازەندە تونۇشى بولۇپ، بىر كۈنى بىر نەچچە ئاغىنىلەر ئۇنىڭ بىلەن باشقا بىر يۇرىتقا مەشرەپكە بېرىپ، كەچتە شۇ يەردە قونۇپ قاپتۇ. ئۇلار كېچىچە مەشرەپ ئويناپ،تۈن تەڭدىن ئاشقاندا ئۇخلىغان بولغاچقا، ئۇيقۇسىغا قانماي ياتسا، تاڭ ئاتار-ئاتمايلا ئەيسا توختى تەمبۇرىنى قولىغا ئېلپ موقام باشلىغانىكەن، ياتقانلاردىن بىرى بېشىنى كۆتەرمەي تۇرۇپ قوشاق ئوقۇپتۇ:

ــ ئەيسا توختى ھەي توختى، سالسام ساڭا بىرنوقتى،

بىلسەڭ جالدۇر- جۇلدۇرغا، قۇلاقلرىم بەك توقتى.

يەنە بىلسەڭ بۇ كېچە، تۈنەيدىغان ئىشيوقتى،

بىلمىدىمكى ھىچ، ساڭا قايسى بىرجىن يولۇقتى؟!

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 q2 P: s4 L( d

قىزبالا شەيتان

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& |" O# E& J" B* |/ n9 f

بىر كۈنى ئەتتىگەندە قادىر پاراڭ كىراكەشلىك بازىرىغا موتۇلسىكىلىتىنى ئەمدى ھەيدەپ چىقىشىغا، ئۈچ چوكان كېلىپ:

ــ قادىرخان، موتۇلسىكىلىتىڭىز رەخمەتكىمۇ ماڭامدۇ؟ - دەپ سورىغانكەن، تېخىدەسلەپ قىلمىغان قادىر پاراڭ نېمە دېيىشىنى بىلمەي تۇرسا، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھاشىم پاراڭ:

ــ ھەيدىڭە- قادىرخان ھەيدەڭ! بولمىساقوغۇن ۋاشاڭ دەڭ،- دەپتۇ.

قادىر پاراڭ ئامالسىز موتۇلسىكىلىتىنى ھەيدەپ، ناخشا باشلاپتۇ:

ــ قىز بالا شەيتان ئالۋاستى، قادىرخاننى قارا باستى!


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: f* Z. |5 T/ d) u9 z: ~3 a

گۆش خالتىسى


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ Y/ m- r0 T; V# A

قادىر پاراڭ ئايالىغا گىرىم بويۇملىرى دۇكىنى ئېچىپ بەرگەنىكەن. بىر كۈنى ئايالى دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل يوقلاپ كەلگىچە دۇكاننى ئۆزى ئېچىپ تۇرۇشقا توغرى كەپتۇ. بىركەمدە بىرجۈپ ياش ئەر- ئايالكېرىپ، ئايالى بىرمۇنچە سودىلىق قىلىپ پۇل تۆلەيدىغان چاغدا  ئېرىگە دەپتۇ:

ــ ھەممە نەرسىنى ئاپتۇق، لىكىن لىپتىكنى ئۇنتۇپ قاپتۇق، ئۇنىڭدىنمۇ بىرجۈپ ئېلىپ بېرىڭلا.

ــ بولىدۇ خوتۇن- بولىدۇ،- دەپتۇ ئېرى ۋەقادىر پاراڭغا بۇرۇلۇپ،- ئەمدى ئېۋۇ گۆش خالتىسىدىنمۇ بىر جۈپ بەرسىلە.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! w  {+ L% t& |

چوقا يەمسەن- پاچاقمۇ؟!


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 _7 U1 R* e( C$ T& V0 Q

بىر كۈنى كەچتە قادىر پاراڭ قاۋاقتىن قايىتقان قۇلاق كەستىدىن بىرنى كىرا قىلپ قاپتۇ. خېلى يول مېڭىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويسا، موتۇلسىكىلتتىن چۈشۈپلا، ئۈن- تىنسىز كېتىۋاتقۇدەك.

ــ ئادېشوي!- دەپ توۋلاپتۇ قادىر پاراڭ،-كىرانى تۆلىۋىتپ ماڭمامسىلە؟

قۇلاق كەستى مەس ئارقىىسىغا يېنپ كېلىپ،قادىر پاراڭنىڭ ياقىسىدىن ئېلپ، بېشىنى قادىر پاراڭنىڭ بۇرنىغا، پۇتىنى قوساققاتەڭلەپ تۇرۇپ دەپتۇ:

ــ قېنى ئۆزەڭ تاللىۋال، چوقا يەمسەن پاچاقمۇ؟!


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 z- ~( E* J5 b8 v! d' r

مازاق قىلش


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 I8 o; z, {* C% Q- x, s

قادىر پاراڭ توي قىلماس چاغلىرىداھاراققا بېرىلپ كەتكەن بولۇپ، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر قاۋاققا كىرسە،ئىشىك  تۈۋىدە تۇرغان بىر پىيەنچۈك مەس بىركوي پۇلنى تەڭلەپتۇ. نېمە دەيدىغاندۇ دەپ پۇلنى قولىغا ئالسا:

ــ بۇ پۇلغا بەش تال پېۋە ئېلىپ، ئاشقىنىنىئالغاچ كەل!- دىگىدەك.

قادىر پاراڭ كېيىن نېمە بولىدىغانلىغىغا قىززىقىپ، سىرىتقا چىقپ بەش تال پېۋە شىشىسى تېپىپ، ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇپ كېلىپ،ھېلىقى پىيەنچۈككە بىر كوي پۇلى بىلەن قوشۇپ بەرسە، ئۇ شىشىدىكى سۇدىن بىر ئوتلام ئوتلاپ بېقىپ:

ــ مېنى مازاق قىلغۇچە ئاناڭنى مازاققىلساڭ بولمامدۇ؟- دىگىدەك.

ــ سەنمۇ داداڭنى مازاق قىلىۋاتىسەنغۇ مانا!- دەپتۇ قادىر پاراڭ ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ھۈرپىيىپ. قادىر پاراڭنىڭ ئەلپازىغاقاراپ، ئۇ مەس جىم بولۇپ قاپتۇ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* e' N" `: G3 R  I" f% j5 v

قىسىر قالمايسىز


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ \% V8 ]$ y: s' c5 ?' p1 Q

ھاشىم پاراڭ  بىر كۈنى بىرنەچچە  چوكان بىلەن قادىر پاراڭنىڭ يېنىغا كېلىپ:

ــ قادىرخان، بىزنى ئۆيگە جىددى ئاپىرىۋېتىڭ!- دېگەنىكەن، قادىر پاراڭ موتۇسىكىلىتىنى بولىشىغا ھەيدەپ مېڭىپتۇ.

يېزىنىڭ توپا يولىدا موتۇسىكىلىت جالداقشىپ سىلكىنپ كېتىۋاتسا، ئارىدىن بىر چوكان ۋايساپتۇ:

ــ ۋاي قادىرخان، ئاستىراق ھەيدىمەمسىز؟ قۇرساقتىكى بالىمىز چۈشۈپ كەتمىسۇن يەنە!

ــ غەم قىلماڭ خېنىم- دەپتۇ ھاشىم پاراڭ،- شۇنچە ئەركەكلەر تۇرساق، بالىڭىز چۈشۈپ كەتسىمۇ قىسىر قالمايسىز.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- h% i* K1 I& F, T7 w

قادىر پاراڭ


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( c; z, i& K; {! H- H3 P9 ]0 d* ?

تازا سۆزمەن، چاقچاقخۇمار، سەزگۈر كىشىلەر يىغىلغان بىر سورۇندا، قادىر پاراڭ پۇرسەتنى غەنېمەت بىلپ تازا پاراڭسېلىۋاتسا، ئارىدىن بىرسى قوپۇپ دەپتۇ:

ــ قادىرخان، ئۆزەڭنى ماختاپ خەقنى چۆكۈرۈپ قوشاق قوشۇشقىغۇ ئۇستىكەنسەن، قېنى مەرىت بولساڭ ئۆزەڭنىمۇ بىر قوشاققوشۇپ باقمامسەن؟

ــ بولىدۇ، ئاڭلاپ تۇرۇڭلا ئەمىسە:

دەيدۇ مېنى كۆرگەن كىشى، كۆزى قىسىق، سەتساراڭ.

تونۇغانلار دەيدۇ ئەمما، چاقچاقچىمىزقادىر پاراڭ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. f+ |2 S2 [1 u4 |

تۈزلەپ قويدۇم


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 X6 l) i$ Y( O9 G6 r9 F$ k* Z9 @/ q6 n

ھاشىم پاراڭ، قادىر پاراڭ، روزى پاخال قاتارلىق بىرنەچچەيلەن قارىت ئويناپتۇ. قارىتتا ئۇتتۇرغانلارنى بىر تەستەك ئۇرۇش شەرىت قىلىنغانىكەن، قادىر پاراڭ ئۇتتۇرغاندا، ئۇتىۋالغان روزى پاخال تازا كۈچەپ بىر تەستەك ئۇرۇپ، قادىر پاراڭنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىۋىپتۇ. ئاغرىق ئازاۋىغاچىدىماي، كۆڭلىدە «خەپ!» دەپ تۇرغان قادىر پاراڭ، كېيىنكى نۆۋەت ئۇتۇپتۇ ۋە روزىپاخالنىڭ كاچىتىغا «چاڭ-چۇڭ!» قىلپ ئىككىنى ساپتۇ. ئېڭىكىنى تۇتۇپ بىر دەم ئولتۇۇرپ قالغان روزى پاخال بىركەمدە سوراپتۇ:

ــ مەن بىرنى ئۇرسام، سەن نېمە دەپ ئىككىنى ئۇرىسەن؟

ــ بىرنى ئۇرسام ئاغزىڭ بىرتەرەپكەقىيسىيپ قالدى، شۇڭا يەنە بىرتەرەپكىمۇ بىرنى ئۇرۇپ تۈزلەپ قويدۇم.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 K& R  d: C3 N3 u7 q% B9 C+ ~. C

سۆز ئويۇنى


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 A6 O2 `4 Z: l# l4 e

قادىر پاراڭ يىگىت بېشى بولۇپ ئۆتكۈزۈلگەن مەھەللىدىكى بىر قېتىملىق دولان مەشرىۋىدە، مەشرەپ ئويۇنلىرىنىڭ باشلانغانلىغىنى جاكارلاپ، قولىغا بىر پىيالە چاي ئاپتۇ ۋە دەپتۇ:

ــ ھازىر سۆز ئويۇنى باشلايمىز، مەن سۆزئويۇنى بىلەن چاي تۇتقان كىشى، مەن دېگەن گەپلەرنى ئازماي ئۆز پېتى تەكرارلىيالىسا، چاينى باشقا كىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ناۋادا سۆز ئويۇنىنى بۇزۇپقويسا، بولى بولۇپ جازاغا تارتىلىدۇ. سۆز ئويۇنىنى باشلىدىم ئەمىسە: تۆت كۆك ئېشەككە تۆت كۆك تۆش تاتقۇ.

قادىر پاراڭ پىيالنى بىر يىگىتكەبەرگەنىكەن، ئۇ «تۆت كۆپ ئېشەككە...» دەپ سېلىپ، جۇۋازغا تارتىش جازاسىغائۇچراپتۇ. ئىككىنچى قېتىم سۆز ئويۇنى ئالماشتۇرلۇپتۇ: كالا گۆشىغا چوغ چاپلاشماسمىش.

قادىر پاراڭ پىيالىدىكى چاينى بىرچوكانغا بەرگەنىكەن، ئۇ: «كالا گۆشىغا چوغ چاپلاشماشمىش» دەپ سېلىپ، «چىلان پۇچۇق»جازاسىغا ئۇچراپتۇ.

ئۈچىنچى قېتىم : توختى تومپاي بىلەن توقماقلاشماقچىدۇق، توقماقلاشمىساقمۇ توقماقلاشقاندەك، دېگەن سۆز ئويۇنىنى ئوتتورىغا تاشلاپ، پىيالىنى بىر بوۋايغا بەرگەنىكەن، ئۇ: «توختى كالامپاي بىلەن توقماقلاشمىدۇق...» دەپ سېىلپ، ساقال ئالدۇرۇش جازاسىغا ئۇچراپتۇ.

تۆتىنچى قېتىم قادىر پاراڭ: كىىشېنىڭ كىشمىشى قىشتا پىشماسمىش، دېگەن سۆز ئويۇنىنى دەپ، پىيالىنى بىر جۇۋانغابەرگەنىكەن، ئۇ ئازماي تولۇق دەپ بېرىپ، جازادىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" F8 n/ v( M5 o. E

كاززاپلارنى باشقۇرسىلا


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 k/ X( Q1 a* q

يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىسدە ئىشلەيدىغان بىر تونىشى بىلەن يولدا ئۇچرۇشۇپ قالغان قادىر پاراڭ، ئۇنىڭ قاسقان شەپكە ۋە بىريۈرۈش فورما كېيىپ، قولىغا يۆگىمە مىتىر ئالغان ھالدا قېتىپ كېتىۋاتقانلىغىنىكۆرۈپ، گەپ سوراپتۇ:

ــ يېڭى فورمىلىرىغا موبارەك بولسۇن!مۇشۇ تۇرۇقلىرىدا بىرەر نەرسىنى باشقۇرۇشقا ماڭغان ئوخشىماملا؟

ــ شۇنداق، يەر باشقۇرۇشقا ماڭدىم.

ــ يەر دېگەننى  باشقۇرمىسىمۇ بىرەر يەرگە قېچىپ كەتمەس؟

ــ قېچىپ كېتىدۇ، نەپسى بارغانچە چوڭىيىپ كېتىۋاتقان كاززاپلارنىڭ قارنىغا قېچىپ كېتىدۇ.

ــ ئەمىسە يەرنى ئەمەس،  كاززاپلارنى تېخىمۇ بەكرەك باشقۇرسىلا!

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 y0 [: y$ P  x9 f3 n* j4 ?  h

ھەمرا ئىزدەپ


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 c6 W" B6 D  u' P! [1 l" b5 o

يىراق بىر يەرگە كىرا قىلپ،  كەچتە ياتار ۋاقتىن ئاشقاندا قايتىپ كەلگەنقادىر پاراڭ، كوچىدا بىر تونىشىنىڭ لاغايلاپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ سوراپتۇ:

ــ شۇنچە كېچىدە  ئادەمسىز بۇ كوچىدا لاغايلاپ يۈرگىچە، ئۆيۈڭگەكىرىپ ئۇخلىساڭچۇ ئاداش.

ــ خوتۇن ئانىسنىڭ ئۆيىگە يامانلاپكەتكەن، ئۆيگە كىرسەم قورقۇم كەلدى، ھەمرالىق ئادەم ئىزدەپ يۈرۈيمەن. سەن ھەمرابولامسەن -يا؟

ــ مەنمۇ ھەمرا ئىزدەپ ئۆيدىكى خوتۇننى ئالغان، شۇنىڭغا ھەمرا بولاي...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 G% \/ D! s; p: y5 ^/ m

كۈزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5001
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 03:54:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يۇمۇردىكى پېرسۇناژلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەقەملىرى بارئىكەن . بىر ھېكايە بۇلىدىغان ‹ لەقەم › دەپ ، شۇ ئېسىمگە كىلىپ قالدى دېسە ! بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" b8 m$ R6 B4 t  V, g4 b0 K
ھارمىغايسىز . تەپسىلى ئوقۇپتىمەن .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2175
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5511
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 631 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 04:25:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىرىنىمۇ ئۇقۇپ باقماپتىكەنمەن ئىلگىرى ، بىر بىرىدىن قىزىقارلىقكەن ، كۈلۈپ كىتىپتىمەن ، ناچار كەيپىياتتا ئىشقا كەلگەن ئىدىم ، بەك ياخشى بولدى ، روھىم كۈتۈرلۈپ جانلىنىپ قالدىم ، رەھمەت سىزگە .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12364
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32776
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4430 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 04:43:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقارلىق  يۇمۇرلاركەن،قدىر پاراڭ بەك ھازىر -جاۋاب كىشىكەن.....بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 g1 J! h) c6 \# J/ L- @
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, m( u% y' p" n# C! l" ^. y3 A: Z8 \
ئوقۇپ راسا كۈلدۈم...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 666
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 07:32:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقارلىق ئكەن رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110637
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 09:06:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىرىڭىزگە باركاللا !

ياخشىلىق قىلالم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28084
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5983
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 06:08:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ئىلىپ كەگىنىمدىنمۇ ھوزۇرلىنىپ بىقىڭلار                    ......... ئىنكاس تاغدىن-باغدىن
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 ?% G3 a, n8 V; Gمەمتىمىن ھۇشۇر ھېكايىلىردىكى تاققا – تۇققىلار ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 ]1 R9 B; M/ X8 t+ ?بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! E5 N: o& y2 S  H4 H+ N$ }- U
ساھىپخان قۇتلۇق9بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 b) g4 J0 h2 d" X
ساقلاش 2013-9-7 23:37:21
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 J( v2 k* _. F+ V2 e& O* k0 F, Oمەمتىمىن ھۇشۇر ھېكايىلىردىكى تاققا – تۇققىلار
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( J0 ^/ D0 g/ }" {) Z) u
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ P; f! S( V$ ?& X" p, cئاڭلىسام ھازىر نۇرغۇن چاشقانلار سەمرىپ مۈشۈكتەك بۇلۇپ قاپتىمىش، مۈشۈكلەر چاشقاننى كۆرسە «ئاكا» دەپ خۇددى پادىشاھلارنى كۈتكەن دىدەكلەردەك شۇ چاشقانلارنى كۈتەرمىش. بەزى قىزلارمۇ ھازىر ياز كەلدى دەپ يالغان كىيىملىرىنى تاشلاپ سىرتقا كۆرۈنمەس كىيىملەرنى كىيىپ چىققۇدەك، بازاردا ھازىر ئۇزۇن كىيىملەر ئەزانلىشىپ، قىسقا كىيىملەر قىممەتلىشىپ كەتكۈدەك. كىشىلەرمۇ سىرتقا چىققاندا قىسقا كىيىنىپ، ئۆيگە كىرگەندە ئۇزۇن كىينىۋالدىغان بوپتۇ، ئاڭلىسام بۇ بىر مەدەنىيەتمىش. بەزى نۇرغۇن يىگىتلىرىمىز قىزلىرىمىز ئۇنداق بۇلۇپ كەتتى، بۇنداق بۇلۇپ كەتتى دەپ قاقشاپ زار زار بۇلۇپ ئىشلارنى ئۆزلىرىدىن كۆرمەي ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا كىرىپ قالغانمىش. نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتاپقا پايلىيالمىدۇق دەپ توڭلاتقۇغا يوتقان سېلىپ ياتقۇدەكمىش ., بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 Y- O/ r5 ^4 R$ z. @7 Y. h$ D1 B
مانا ئاڭلىغانسىز ھازىر نۇرغۇن ئاياللىرىمىز ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولىمىز دەپ ھاراقلارنى رومكىلارغا تولدۇرۇپ قۇيىدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئەرلىرى ئاياللىرىنى توسماقتا يوق «خو خوتۇن» دەپ ماختاپ يۈرىيدىغانلار جىقكەن. نۇرغۇنلىرى تاپقان تەرگىنىنى سىرتقا خەجلەپ تۈگىتىپ، ئۆيگە كەلگەندە قورسىقىغا تاشنى تېڭىپ يۈرگۈدەك. مانا ھازىر تاشتىن سۇ چىقارغىلى بولدىكەن دىگەن گەپنى ئاڭلاپ تۇرغۇن كىشىلەر يەردىن تاشنى تېپىۋالسا خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك ئۆيلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشكابىغا سېلىپ نەچچە كۈن ئۇخلىماي قارايدىكەن. بىر نەچچە كۈن ھاۋا ئىسسپ كىتىۋىدى ماتاڭچىنىڭ ئاچچىغى كىلىپ دوغاپ ساتقىلى تۇرۇپتۇ.- ]بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* W. [, P8 }/ T: k% ^
مەن سىزگە دېگەندىمغۇ؟ زامان ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە مەن سىزنىڭكىگە كىيىپ بارغان تۆت يانچۇقلۇق چاپىنىمنى ھازىر خۇتۇنۇم نان ياققاندا كىيىپ يۈرىيدۇ. يازغان ئەسىرىمنىڭ ژورنالغا بېسىلغىنىنى كۆرىپلا مانا بۇ كاستىيۇم بۇرۇلكىنى سېتىۋالدىم. چەتئەلنىڭ شىلەپىسىدىن بىرنى دەمسىز؟ ئادەمنىڭ بېشىدا گارشۇكنى دۈم كۆمتۈرتۈپ قويغاندەك تۇردىغان ئۇ نېمە بىلەن پەقەتلا خۇشۇم يوق . ئادەملەر ئۇنى ياراشقىنىدىن كىيىپ يۈرىيدۇ، دەمسىز؟ مەن سىزگە ئېيتاي : چەتئەللىكلەر ھىلىغۇ شىلەپىكەن ، بېشىغا شاپاقنى كىيىپ كەلگەن بولسىمۇ «قاراڭلار ئۇ ئوبدانلا يارىشىدىكەن – ھە، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىز ئۇنى نىمىشقا كىيمىگەندىمىز» دەپ شۇنىمۇ كىيدىغانلار چىقاتتى. … سەپ سالغانسىز بەزىلەر ھازىر تۇي تۆكۈنلەردە تاۋاقتا ئازراق پولونى ئاشۇرۇپ قۇيۇشنىمۇ « مەدەنىيەت» دەپ بىلىدىغان بولدى. ئاڭلىدىڭىزمۇ ياپۇنلار سىناق قىلىپ ئاتقان بىر بومبا ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ ، تېخى چۈشمەيۋاتقۇدەك، شۇڭا ھاۋا ئىسسىپ كېتىپ بارامدىكىن دەيمەن. قاراڭ ئىككىنچى ئاي كىرە كىرمەيلا ئىللىق شامال چىقىۋاتقىنىنى، بازار چۆگىلەپ يۈرگىچە مەلىڭىزدە لەگلەك چىقارسىڭىز بولمامدۇ؟..
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ Y8 c# F' u5 p0 J. l! M3 w" o( lبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  R) z/ z3 b, T0 ~# W. d6 ~

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 F# b7 }: T4 f: Zئاڭلىدىڭىزمىكىن چەتئەلدىكى يازغۇچىلار كۈندۈزدە سودا قىلىپ ، كېچىسى ئەسەر يازىدىكەن . سىزگە ئوخشاش مۇھەررىرنىڭ ئىشخانىسىمۇ بولمايدىكەن ، يۈگۈرىپ يۈرىپ ئەسەر تەھرىرلەيدىكەن . شائىرلىرى « ھېسياتقا تەسىر يىتىدۇ» دەپ خۇتۇنمۇ ئالمايدىكەن …. قىزىق ئىشلارنى كۆرىمەن دېسىڭىز چەتئەلگە چىقسىڭىز بولىدۇ . بىر شەھەرگە بارسام ، پۇخرالىرى شۇنچە پۇزۇر كىينىۋاپتۇ ، شەھەر باشلىقى يالاڭ ئاياق يۈرىيدىكەن ، ئاياللىرى يالغان بۇرۇت قۇيۇپ، ئەرلىرى ئۇزۇن چاچ سالىدىكەن ؛ تاماقنى بازاردىن يەپ ، كېچىسى مېھمان خانىدا يېتىپ ، ئۆينى ئىجارىگە بېرىدىكەن ؛ قىزىق چايغا مۇز سېلىپ ئىچىپ، مارۇژنىنى ئىستىپ يەيدىكەن … ئۇقسام ئەسەر يازغانغا قارىغاندا تەرجىمە قىلغانلار كۆپ پۇل تاپقۇدەكقۇ؟ بۇمۇ بۇغداي تەرگەنلەر گادايلىشىپ بۇغداي ساتقانلار بېيىپ كىتىۋاتقاندەكلا بىر ئىش دەڭا… بۇلۇۋاتقان غەلىتە ئىشلارغا ئەقلىڭىز ھەيران قالىدۇ . بىزنىڭ مەھەلىدىكى ھىلىقى ئۆز ۋاختىدا بىلىكىگە قىزىل لاتىنى باغلىۋېلىپ ، مەسچىت ، پەشتاقلارنى بۇزۇپ، لوبو چامغۇر ساتقانلارنى قوغلاپ يۈرىيدىغان سەمىتاخۇننى تۇنۇمسىزكىن ؟ ھازىر ئۇ ئىشتانپايپاق ئېلىپ- سېتىپ بېيىپ كەتتى . بەيتۇل ھەرەمگە بېرىپ ئابدۇسەمەت ھاجىم بولۇپ كەلدى . يېقىندىن ب ىرى ئۇ : بىزنىڭ مىللى ئىنئەنىمىز نەگە كەتتى ؟ دەپ قايناپ، ماتادىن كۆڭلەك كىيىپ ، سەگەزدىن گىلاستۇك باغلاپ ، يېڭى ئالغان پىكاپنىڭ ئىچىگە بورا سېلىپ ھەيدەپ يۈرىيدۇ.! بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 S$ c* _6 H% H" C, t+ j
كۆزىم بىلەنغۇ كۆرمىدىم ، ئاڭلىسام ، يېقىندىن بىرى چەتئەللەردە مەخسۇس خۇتۇنى يوقلارغا خۇتۇن ، ئېرى يوقلارغا ئەر بۇلۇپ بېرىدىغان بىر كەسىپ رۇناق تاپقىلى تۇرۇپتىدەك. ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئاجايىپ غۇنچە بوي، ئەرلىرى شۇنچە قاۋۇل كېلەرمىش، بىكار بۇلۇپ قالسىلا باشقا ئىش قىلماي، كېرەكلىك يەرلىرىنىڭ مۇسكۇللىرىنى چىڭىتىپ ، ئولتۇردىكەن . مەنغۇ چەتئەلدە گالاستۇك باغلىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلغانلارنى كۆرىپ تازا كۈلگەندىم.بۇگۈن ئەتىگەن خوشنامنىڭ ئايالىنىڭ كالپۇكىنى قىپ –قىزىپ بۇيىۋېلىپ، نان يېقىپ يۈرگىنىگە قاراپ ، چەتئەلدىكى ئىشلارنىڭ ئانچە ھەيران قالغۇچىلىكى يوقكەن دەپ قالدىم.ئۆزگىرىشلەرنىڭ شۇنچە تىز بۇلۇپ كىتىۋاتقىنىنى سىزمۇ ئويلاپ باقمىغانسىز ھە! … ئاڭلىدىڭىزمۇ ھازىر چاچنى چۈشىرىۋېتىپ، بۇرۇتنى بۇدۇر قىلىۋالىدىغان مودا چىقىپتۇ …. بازارىدىكى ئەكرەم بايۋەتچىنىڭ يانچۇقىغا ئوت كەنكەنكەن ، پاژارنى ئەترەتنىڭ ئادەملىرى ئۈچ كۈندىن بىرى ئۈچۈرەلمەيۋاتقۇدەك … ھازىر ھېسامنىڭ چاقچاقلىرىنى توپ ئېلىپ پارچە ساتىدىغان تىجارەتچىلەرمۇ پەيدا بوپتۇدەكقۇ؟… يۇقۇرقى مەھەلىدە بىرداڭلىق دوختۇر چىقىپتۇدەك، ئۇنىڭ بەرگەن دورىسىنى ئىچمەي تۇرۇپ ياتسىڭىزمۇ ساقىيىپ قالغۇدەكسىز…. يېقىندىن بۇيان مىللەتنى سۆكۈپ ماقالە يېزىپ پۇل تېپىۋاتقانلارنى كۆرىپ ھەيرانلا قالدىم. بۇمۇ ئۆيگە ئوغرى چۈشسە ئوغرىغا كۈچى يەتمەي ، بىر-بىرىگە تاپا تەنە قىلىشىپ كەتكەندەكلا ئىش دەڭابۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 r0 k7 t: d: D8 L+ j

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' T8 G0 y0 M/ W+ `بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 h0 E7 D" W; `2 @, Y/ I
مۇشۇ كۈنلەردە جاھان تەتۈر بۇلۇپ قېلىۋاتامدۇ قانداق ؟ قاراڭ ، ئىلگىرى ساقال بۇرۇت دېگەننى دادىللىرى قۇيۇپ ، بالىللىرىنىڭ ئىڭەكلىرى پاك – پاكىز تۇرىدىغان ، ھازىر ھەممە ساقال بۇرۇت ياشلارغا كۈچىپ، چوڭلارنىڭ ئىڭكى تاقىرلىشىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ . ئەرلەرنىڭ پۇتىدا قونجىسىز ئاياق ، ئۈتۈك دېگەننى ئاياللار كىيىدىغان بوپتۇ . ئاياللار چېچىنى قىسقارتىپ، ئەرلەر ئۇزۇن چاچ قۇيىدىغان بوپتۇ . ياخشى ئادەملەر زىيان تارتىپ ، ساختاپەزلەر بېيىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ …. ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ چەتئەللەردە نامراتلار سەمرىپ، بايلار ئۇرۇقلاپ كېتىۋاتقۇدەك… بىر گالىستۇك چىقىپتۇدەك ، ئۇنى تاقاپ ياتقان ئادەم پەقەتلا خورەك تارتماسمىش… يەنە بىر كۆزەينەك كەشىپ بوپتىمىش ، ئۇنى تاقاپ ئۇخلىسىڭىز چۈشمۇ كۆرمەيدىكەنسىز….بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* l% @( `! b) O9 W* C
ئاڭلىدىڭىزمۇ يېقىندا بىر مەست دەرەخكە ئۈسىۋېلىپ ، سىركايە چىنىدەك پارچە-پارچە بوپ كېتىپتۇدە…. بىزنىڭ كۇچىنىڭ دوقمۇشىدا نارىن ساتىدىغان بىر ئاشخانا بار ئىدى. ئاشخانىنىڭ خۇجايىنى ئات گۆشىنى يەۋېرىپ، ئۆزى ئاتتە كىشنەپ چىقىپ كېتىپتۇدە… بىكار بولسىلا ئۆگزىسىگە لاي سالىدىغان بىر خوشنىمىز بولىدىغان ، ئالدىنقى كۈنىدىكى يامغۇردا ئۆگزىدە ئولتۇرۇپ ئېرىپلا كېتىپتۇ ، بالا چاقىللىرىنىڭ ئۆگزىدىكى لاينى مالتىلاپ دادىسىنى ئىزدەپ يۈرگىنىنى ئۆز كۆزىم بىلەم كۆردۈم…
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 c+ a% |1 b# ~4 L- yمۇشۇ كۈنلەردە يۈز بىرىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئادەمنىڭ ئەقلىگە پەقەت سىغمايدۇ . كونىلاردىن سورىساڭ : «زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرى » دىگەن بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلايدۇ . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا زامان ئاخىرىسىدا مانا شۇنداق ھەممە نەرسە ئۆز قېلىپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك . توۋا ….
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  D5 {0 D# h8 x! uبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' H% ?2 @/ k1 o  \3 e; q" q$ o  U6 W
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 O% R" e8 X6 T  J6 ^! G
ماۋۇ ئۆيدىكى مۆشۈك جېنىدا چاشقان تۇتماس بولىۋالدى . قايسى كۈنى قاراپ تۇرسام بىر چاشقاننى بىردەم قوغلاپلا بولدى قىلدى . ھەممىنى قىلغان ئانام بىلەن سىڭلىم . قۇرۇق نان يىسە قانداق بولىدۇ دەپ ، لەغمەنگە سەي سېلىپ بىرىپ بېقىپ يامان ئۆگەتتى . تېخى ئاكامنىڭ كىچىك بالىسى دۇكاندىن تۈرلۈك ئۇششاق – چۈششەك نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرىدىكەن . ئۇنداق قىلسا مۈشۈك دىگەن يامان ئۆگەنمەمدۇ؟ بىر ھەپتە بولدى ، ئۆيدە چاشقان پەيدا بولۇپ قالدى . ئامال يوق ، بازاردىن مەخسۇس چاشقان تۇتىدىغان « قاپقان » ئەكەلدۇق . ھازىر شۇ قاپقاندا چاشقان تۇتۇپ ، ئۇدۇللۇق تۇتۇلغانلىرىنى مۈشۈككە بىرىۋاتىمىز . ماۋۇ خوشنىمىز جېلىلكامنى تونۇمسىلەركىن ؟ يېقىندىن بۇيان غەلىتىلا بولۇپ قالدى . ئۆينىڭ ئۈگزىسىگە كىچىك قورا ياساپ قوي بېقىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ دىيىشىچە : «ھاۋالىق يەردە بېقىلغان قوي ياخشى سەمىرەمىش !؟ » قايسى كۈنى ئۇنىڭ بورداۋاتقان قويىنى كۆرگىلى كەلگەن بىرى ئۆگزىگە چىقىمەن دەپ شوتىدىن يىقىلىپ ،  پۇتىنى قايرىۋاپتۇ.....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 L9 }. v. J. H- H, n' zباشقىلار سەھرانى « سەھرايى قىيامەت» دىيىشىدۇ . بولۇپمۇ شەھەرلىكلەرنىڭ نەزىرىدە سەھرالىقلار مەڭگۈتومپاي ، يۇۋاش ، باشقىلارغا بارىنى تۆكۈدىغان لىكىن باشقىلاردىن زەرىچىمۇ نەرسە تەلەپ قىلمايدىغان ئەخمەقلەر . بىراق بىزنىڭ سەھرالىقلارمۇ بوش ئەمەس . ھازىر سەھرانىڭ ئادەملىرىمۇ شەھەرلىكلەرگە قىزىقىدىغان ، شۇنداق تۇرمۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ، ھەتتا شەھەرلىكلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان بولدى . ئىشەنمەمسىز ؟ ئاۋۇ مەھەللىدىكى ئاينىساگۈل ھەدىمىزمۇ : « مىنىڭ شەھەرلىكلەردىن نەرىم كام ئىدى ، شەھەرلىك قىزلاردا بار چىراي مەندىمۇ بار ، نىمىشقىمۇ بۇ سەھرايى قىيامەتتە تۇغۇلۇپ قالغاندىمەن » دەپ ئۆزىنىڭ سەھرالىق بولۇپ قالغانلىقىغا پۇشايمان يەپ يۈرگۈدەك . ئۆتكەندە ئۆزىچە ئۆيىدە شەھەرلىك قىزلارنى دوراپ كالتە كۆينەك كىيىپ ، چىرايلىق ياسىنىپ ، تازا گىرىم قىلىپتۇ . ئۆيدە قىلغان گىرىم قانچىلىك بولماقچىدى دەيسىلەر . ئىرى كەلگەندە شەھەرلىك قىزلارنى دوراپ ، ناز قىلىپ كۈلۈپتۇ . دەسلەپتە يولدىشىمۇ ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ نېمە بولغانلىقىنى بىلمەي ھەيران قاپتۇ . ئاينىساگۈل يولدىشىغا ئەركىلەپ تۇرۇپ : «جانىم كەلدىلىمۇ ، ۋاي – يەي نىمانچە پاسكىنا بولۇپ كەتتىڭىز » دەپ ناز قىلىپتۇ . يولدىشى ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا دەسلەپ تازا كۈلۈپتۇ ، كىيىن كالا ئېغىلىغا ئەكىرىپ تازا ئۇرۇپتۇ. ..توۋا…
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- A. [# R+ Y! k- R  a# |: s0 h% aبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# E( ~% |0 x- v1 z& S+ I# Y- h
يەنە يېقىندىلا شۇنداق قىزىق ئىشتىن بىرنى ئاڭلىدىم . يوقۇرقى مەھەللىدىكى ھەسەنكامنىڭ ئەر ئالماي ، يېزىدىكى يىگىتلەرنىڭمۇ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بىر قىرى قىزى بار ئىدى . ئاڭلىساق يېقىندا يىراق بىر يېزىدىن قىزنى كىلىن قىلايلى دەپ ئەلچى كىرىپتىكەن ، خوشاللىقىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قاپتۇ…ھازىر ئېنتىرنىتتىمۇ كۈندە ئالامەت خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز . «پالانچى يەردە بىر ئايال سەمىرىپ نەچچە يۈز كىلوغا يەتتى ، يەنە سەمىرەمىش ، پالانچى يەرنىڭ باشلىقى پارىخۇرلۇق قىلىپ قېچىپ كەتتى ، پۇستانىچى دۆلەتتە ۋاقىتتىن ئۇتۇش ئۈچۈن قىزلارغىمۇ ئۆرە تۇرۇپ ھاجەت قىلىدىغان ھاجەتخانە ياسالدى » دىگەندەك … ئاغىينەمنىڭ ئاتمىشلەردىن ئاشقان ئانىسىمۇ يېقىندىن بۇيان تورغا چىقىدىغان بولىۋاپتۇ . «تېخى ماڭىمۇ ئۆزەڭنىڭكىدەك كوت -كوت دىن بىرنى ئېلىپ بەر » دەپ ئالغۇزۇپتۇ . نېمە دەيمىز ئەمدى ، ئۇنىڭ توردىكى ئىسمى «شەھرىزات » مىش …بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, {  [& b  n6 p. ~/ r
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. \' p; }- ?) O5 p; L  k
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 c  \7 O$ U" M
مەنبىە:ئەپەندىم تورىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 Q* {+ D1 i3 k- [( ]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4744
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 02:05:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز بولسا يوللاپ تۇرۇڭ بىزمۇ كۇلگەچ ئولتۇرايلى،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 ^2 K- W5 y: \كۇلكە جاننىڭ ئوزۇقى ئەمەسمۇ...

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111179
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 692
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2014-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 02:15:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخىشى ئىكەن،« كۈلىكە جاننىڭ ئۇزقى»  دەپ قانغۇچە كۈلىۋاپىتمەن، رەخمەت سىزگە،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش