joda☠ يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 09:24 PM
ئادەتتە مەركىزى شەھەر مۇھىت ئاسراش خادىملىرنىڭ ئايلىق ...
ئۈرۈمچىدىكى بىر تازىلىق ئىشچىسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئېگىلىگەن ئەھۋال ؛
_ ئايلىق مائاشىڭىز قانچە پۇل ؟
_ 1600 سوم ، ئەمما قېرىغاندا كۈتۈلىش سۇغۇرتىسى ، داۋالىنىش سۈغۇرتىسى ، ھەم ئىش ئۈستىدە يارلىنىش سۇغۇرتىسىنى ھوكۇمەت ھەر ئايدا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ . قۇلۇمىزغا نەق 1600 سوم مائاش بېرىدۇ .
_ بۇ مائاشقا سىز رازىمۇ ؟
_ رازى ، باشقا يەردە ئىشلىسەك مائاشى يۇقۇرى بولغان بىلەن ، ئاشۇ 3 سۇغۇرتىنى ئۆزىمىز تاپشۇرمىزكەن . ئۇنىڭدىن بۇ خىزمەتنى قىلغانمۇ ياخشى . يەنە كىلىپ خەلققە قۇلايلىق ئېلىپ كىلىدىغان خىزمەت بولغاچ ، بۇ خىزمىتىمدىن تولىمۇ رازى .
- رەھمەت سىزگە ، سىزدەك تازىلىق ئىشچىلىرى بىزنىڭ پەخرىمىز . سىلەرنى ھەممىمىز ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ . سىلەر ھەقىقەتەن سۈيۈملۈك كىشىلەر .
مانا مۇشۇ كىچىككىنە پاراڭدىن ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىم ھەقىقەتەن ئاشتى . گەرچە جاپالىق خىزمەت بولسىمۇ ، ئۇلار شۇ خەلق ئاممىسىنى دەپ ھەرگىزمۇ ۋايسىمايدىغان كىشىلەر ئىكەن .
بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ، ئىسسىق ئىشخانىلەردە ئولتۇرۇپ ئىشلەۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ ئادىمىلىك كۆز قاراشلىرى قانچىلىكتۇ دەپمۇ ئويلاپ قالدىم ....