مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: muhakima

UFO [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2060
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 10:26:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100473
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 489
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2013-12-4
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 12:12:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhakima يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 07:50 PM
نۇر(ئېلىكتىر-ماگىنت دولقۇنى )نىڭ  ھەقىقى بوشلۇقتىكى  ت ...

نۇر تېزلىكى،يەنى نۇر. تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11713
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1696 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 06:24:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xoh-xoh1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 12:12 AM
نۇر تېزلىكى،يەنى نۇر. تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرام ...

نۇر تارتىش كۇچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ، 1.تارتىش كۇچىنىڭ تەسىرىدە چاستوتىسىدا ئوزگىرىش يەنى قىزىلغا كۇچۇش ياكى بىنەپشىگە كۇچۇش ھادىسىسى يۇز بىرىدۇ.2. نۇر تارىش كۇچىنىڭ تەسىرىدە سىزقلىق ھەرىكەت يۇنۇلۇشىنى ئوزگەرتىدۇ ، ئەسلى نىشاندىن چەتلەيدۇ .3.نۇرنىڭ تىزلىكىدە تارتىش كۇچىنىڭ تەسىرىدە ئوزگىرىش بۇلۇشى مۇمكىن ، بىراق بۇنى دەلىللەشكە توغرا كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1371
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 10:22:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇيەرنى بىسىڭ http://baike.so.com/doc/5389679.html

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1371
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 10:26:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر ئالەم كىمىسى سىكۇنىتىغا 17كىلومىتىر تىزلىك بىلەن ماڭسا تەخمىنەن 16000يىلدا ماڭغان مۇساپىسى 1يورۇقلۇق يىلىغا تەڭ بولىدۇ.

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11713
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1696 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 10:41:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akbarjan2015 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 10:22 AM
بۇيەرنى بىسىڭ

مەنمۇ ئالاقىدار جايلىرىدا شۇ يەردىن پايدىلانغان ، رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99209
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-11-3
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 11:03:41 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئادەم ئويلانغۇدەك يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11713
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1696 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 11:45:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sawda004 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 11:03 AM
ھەقىقەتەن ئادەم ئويلانغۇدەك يېزىپسىز

بىرقىسىم جايلىرى مەسلەن پىروتۇننىڭ  كۇچلۇك ماگنىت مەيدانىدا پارچىلىنىشى ، ئانتى ماددىنى يېقىلغۇ قىلىش ، ئانتى ماددا ئىزدەش ۋە تاۋلاش ، رىئاكسىيەنى كونتىرۇل قىلىش ئالەم يۇلىدىكى قاقما .....قاتارلىقلارنى ئاساسەن ئۇزەم ئىگەللىگەن ئۇقۇملارغا ئاساسەن ئويلىغانلىرىمنى يازدىم ، ئەمدى يازماقچى بۇلۇۋاتقىنىم سۇ مۇز دەۋرىنىڭ سىرى ، يەرشارىنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولمىغان يىڭى بىر خىل ھەرىكەت شەكلى ، نۇھ ئەلەيھىسالام زامانىسىدىكى توپان بالاسىنىڭ گىئو پىزىكىلىق جەرىيانى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىم، داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز ، بىراق ھازىرچە ئۇنى تەرجىمە قىلماسلىغىم مۇمكىن. رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11713
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1696 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 05:48:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىزاھات :بۇ- ۋاڭيى ئوقۇش بوشلۇقىغا خەنزۇچە يېزىپ يوللاۋاتقان <<2126-يىلى :يەرشارىدىكى ئىشلار >> ناملىق ئىلمى فانتازىيىلىك روماننىڭ 21-بابى بولۇپ ،  تەرجىمە جەرىيانىدا قىسمەن  قىسقارتىلدى  . http://yuedu.163.com/source/36dc2835600241e3ac5aac15802e8353_4




      رەنا جاۋاب بىرىپ دېدى:-شۇنداق ، بىزنىڭ ئولتۇرغىنىمىز سىز يەرشارىدىكى ۋاقىتتا دائىم ئاڭلايدىغان نامەلۇم ئۇچار جىسىم ، ئۇچار تەخسە ، يەنىUFO.
- ئىنسانلارUFO ياساش تېخنىكىسىنى ئىگەللىدىمۇ؟- سالى فىرافىسۇر سورىدى.
- شۇنداق قەدىرلىكىم ، ئىنسانىيەت پەن –تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ ، بەك زور ، بەك كوپ ئىلگىرىلەشلەرنى ئىشقا ئاشۇردى ، ناھايىتى كوپ چىگىش مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ناھايىتى زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى .
    رەنا سۆزلەپ بولماستىنلا سالى سۆزنى تارتىۋېلىپ سورىدى:UFO نىڭ ئۇچۇش پىرىنسىپى نېمە؟.
    رەنا چۇشەندۈرۈپ:-  ئۇچار تەخسىنىڭ ئۇچۇش پىرىنسىپى ئۆتمۈشتىكى ئوربىتا رېئاكتىپ ئايروپىلانى بىلەن ئوخشاش، بىراق ، ئىشچى ماددا گاز ئەمەس ، يۇرۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىن تېزلىكتىكى زەررىچە ئېقىمى ، توغرىراقى پىروتۇن ئوربىتىۇنى ،  سىپىنونى ، ھۇلۇنى ئېقىمى ، بىز پىروتۇننى مۇتلەق نول كىلىۋىنغا يېقىنلاشقان تېمپىراتۇرىدا مۇقىملاشتۇرۇپ ، ئولترا كۇچلۇك ماگنىت مەيدانىدا بىر تەرەپ قىلىمىز ، ئولترا كۇچلۇك كۇۋانت ماگنىت مەيدانىنىڭ  چاستوتىسى(تەكرارلىقى) پىروتۇننىڭ ئوربىتىۇنى ،  سىپىنونى ، ھۇلۇنى ئارىسىدىكى كۇۋانت بېغىنىڭ چاستوتىسىغا تەڭلەشكەندە ، كۇۋانت باغدا رىزۇنانىس ھادىسىسى يۇز بىرىدۇ، رىزۇنانىس ئامپىلتۇدىسى كىرتىك ئامپلىتۇدىسىدىن ئاشقاندا كۇۋانت باغ ئۇزۇلۇپ ،ئېلېكترۇن ، پوزىترونلار ئوربىتىۇن ،  سىپىنون ، ھۇلۇنلارنى ھاسىل قىلغاندەك ،پىروتۇننىڭ نىسبى مۇستەقىل بولغان ئوربىتىۇنى ،  سىپىنونى ، ھۇلۇنى شەكىللىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوخشاشلا بۇ زەررىچىلەرنىڭ خاس چاستوتىسىنى ئولتىرا كۇچلۇك ماگنىت مەيدانىدا 0.99998 يۇرۇقلۇق تېزلىكىگە يەتكەن ھالەتتىكى چاستوتىسىغا يېقىنلاشتۇرىمىز، ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم ئولترا كۇچلۇك ماگنىت پىچىغا سېلىپ قىزدۇرۇپ تىمپىراتۇرىسىنى مۇتلەق يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا يېقىنلاشتۇرۇپ ساقلايمىز ، ئىتتىرىش كۇچى ئېھتىياجلىق بولغاندا ، ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، ماگنىت مەيدانى ئۇزچېتىنى ئېچىپ ، ئالدىن بەلگىلەنگەن يۈنىلىشكە تەخسىدىكى پۇركۈش ئېغىزىدىن پۇركۇتۇپ چىقىرىمىز ، مۇشۇنداق قىلىپ ئىتتىرىش كۈچىگە ئېرىشىمىز.
-نېمىشقا بىۋاسىتە پىروتۇننى ئىشلەتمەيمىز ، پىروتۇننى ئىككلەمچى يۇرۇقلۇق تىزلىكىگىچە تىزلىتىپ پۇركۇتۇپ چىقارساقلا بولمامدۇ؟
-بۇنداق قىلساقمۇ بۇلاتتى ، بىراق ، پىروتۇننى ئىككىلەمچى يۇرۇقلۇق تىزلىكىگىچە تىزلىتىپ ئېتىپ چىقارساق ، ۋەيران قىلىش خارەكتىرلىك ئاپەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ ، يۇقۇرى ئىنىرگىيىلىك پىروتۇن ئەگەر مۇلىكۇلا ، ئاتۇم ، نوكلىئۇن ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارىئۇنلارغا ھەتتا مېزونلارغا يۇلۇقۇپ قالسمۇ زەنجىرسىمان زەررىچە رىئاكسىيىسى يۇز بىرىدۇ ، بەلگىلىك ئېنېرگىيە دەرىجىسىگە يەتكەندە پىلانېتىلارنى ۋەيران قىلىشقا بولىدۇ ، پىروتۇننىڭ ئوربىتىۇنى ،  سىپىنونى ، ھۇلۇنىنىڭ ئېنىرگىيىسى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ  ، ئۇلار بىردە بىر نىسبەت بىلەن يىغىلسا ، يۇقۇلۇپ تۇۋەن سۈرئەتتىكى پىروتۇننى ھاسىل قىلالايدۇ ، شۇڭا ئۇلارنى ئىشلىتىمىز.
     سالى فىرافىسۇر قىزىقىپ سورىدى:- ئۇنداقتا بارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۇچىنى قوزغاتقاندا ، ئادەتتىكى شارائىتتا قانچىلىك سۈرئەتكە يېتەلەيمىز؟
    رەناجاۋاپ بەردى:-بۇUFO ماكان-زامان ئەگرىلىكى ۋە ھېچقانداق ئېلېكتر –ماگنىت دولقۇنى بولمىغان شارائىتتا سېكۇنتلۇق تىزلىكى نەزەرىيە جەھەتتىن 150 مىڭ كىلومېتىرغا يىتىدۇ ، بىراق، مۇتلەق ھەقىقى بوشلۇق بولمىغاچقا ، ئەڭ كوپ بولغاندا سىكۇنتىغا 100 مىڭ كىلومېتىرغا ئۇچالايدۇ.
    سالى فىرافىسۇر ھەيران بولۇپ سورىدى : - قەدىرلىكىم رەنا ، بۇنچە غايەت زور ھەرىكەت كۈچى قەيەردىن كېلىدۇ ؟  بۇنچىۋالا كۈچىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى قانداق نەرسە ؟.
    رەنا چۈشەندۇرۇپ:- ئىنىرگىيەUFO نىڭ گېنېراتورىدىن يەنى ماددا- ئانتى ماددا رىئاكسىيە قازىنىدىن كېلىدۇ ،  بۇ رىئاكسىيە قازىنىدا ئولترا ماگنىت مەيدانىنىڭ ۋېكتۇرلاشقان كونتروللىقى بىلەن ئاتوم ، ئانتى ئاتوملارنىڭ ئۈچۇش (يوقىلىش) رىئاكسىيىسى ئېلىپ يۇرگۇزۇلۇپ ،  ئولترا يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك ڧۇتۇن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ، ئولترا يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك ڧۇتۇن ڧۇتۇن سۈزگۈچ بىلەن سۈزۈۋېلىنىپ ، ئولترا يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك ڧۇتۇن ئېلېكتر ئىستانسىسىغا كىرگۈزۈلۈپ ، ئۇيەردە ڧۇتۇن بىلەن ئولترا كۇچلۇك ماگنىت مەيدانى   تەسىرلەشتۇرۇلۇپ ، زۇرۇر بولغان ئېنېرگىيىگە ئىرىشىلىدۇ ، مۇشۇنداق ئاددى –دېدى.
-دېمەككە ئاددى ، قىلماققا مۇرەككەپ ، ناھايەت ،  مەن ئۇقالمىدىم، رىئاكسىيە قازىنىدا ھاسىل بۇلىدىغان تېمپىراتۇرا جەزمەن تۇۋەن ئەمەسقۇ دەيمەن؟-سورىدى سالى فىرافىسۇر.
-ئەلۋەتتە شۇنداق ، تېمپىراتۇرا قۇياش يادروسى تىمپېراتۇرىسىنىڭ يىگىرمە مىڭ ھەسسىسى ئەتراپىدا.
-رىئاكسىيە قازىنى قانداق سۇۋۇتۇلىدۇ ، قانداق كونترول قىلىنىدۇ؟
- رىئاكسىيە قازىنىنىڭ تىمپىراتۇرىسى ۋە رىئاكسىيە سۇرئىتى ئولتىرا ماگنىت مەيدانى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ، ئۇنچىلىك يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا ئاتۇممۇئىرىپ كىتىدۇ، شۇڭا پەقەت ماگنىت مەيدانى ئارقىلىقلا سۇۋۇتقىلى بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رىئاكسىيە قازىنىنىڭ ماگنىت مەيدان تېمى بىلەن بىر قىسىم ئېنىرگىيىنى چىقىرىۋالىمىز.
      سالى فىرافىسۇر يەنە سورىدى:- ئەسلى مۇنداقكەندە، ئۇنداقتا سېكۇنتىغا قانچىلىك ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ؟
-نورمال ئايلانغاندا ، ماددا-ئانتى ماددا رىئاكسىيە قازىنىدا سېكۇنتىغا ھاسىل قىلىنىدىغان ئېنېرگىيە تەخمىنەن -1945 يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا خىروسىما تاشلىغان ئاتوم بومبىسى ئېنىرگىيىسىنىڭ ئون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
-نېمە ، شۇنچىۋالا يۇقىرى! ، نېمىشقا ئىسسىق يادرو رىئاكسىيە يېقىلغۇسىنى ئىشلەتمەيمىز؟
    رەنا تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ :-پىروتۇن-ئانتى پىروتۇن ئۈچۇش رېئاكسىيىسىدە ماددا ،ئانتى ماددىنىڭ ماسسىسىنىڭ ھەممىسى ئىنىرگىيىگەئايلىنىدۇ،ئېينىشتىيننىڭ ئېنېرگىيە - خورىغان ماسسىنىڭ يۇرۇقلۇق تېزلىكىنىڭ كۇۋادىراتىغا كۆپەيتكەنگە تەڭ دېگەن ڧورمۇلاسىغا ئاساسەن ،  غايەت زور ئېنېرگىيە قۇيۇپ بىرىدۇ ،بۇ سىز يەرشارىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بىلىدىغان بارلىق ڧىزىكىلىق رېئاكسىيىلەرگە نىسبەتەن ئۇنۇمى ئەڭ يۇقىرى بولغان يېقىلغۇ. بىز ئالەم ئايروپىلانى ماتورىنىڭ ھەر كىلوگرام يېقىلغۇسىنىڭ ئىش ئۇنۈمىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى،ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك خېمىيىۋى رىئاكسىيەدە 10نىڭ 7-دەرىجىسى جۇئول ئەتراپىدا ، يادرۇ يىمىرىلىش رىئاكسىيەسىدە8  كوپەيتىلگەن 10نىڭ 13- دەرىجىسى جوئۇل  ئۆپچۆرىسىدە ، يادرو يىغىلىش رېئاكسىيىسىدە 3  كوپەيتىلگەن 10نىڭ 14- دەرىجىسى جوئۇل چامىسىدا ئېنېرگىيە ھاسىل بولسا ، ئانتى ماددا ، ماددا ئۈچۇش رىئاكسىيەسىدە9 كوپەيتىلگەن 10نىڭ 16- دەرىجىسى جوئۇل ئېنېرگىيە ھاسىل بولۇپ ، بۇ ئېنېرگىيە  ھېدروگىننىڭ ئوكسىدلىنىش رىئاكسىيىسىنىڭكىدىن 10 مىليارد ھەسسە ، قۇياش يادروسىدىكى ئىسسىق يادرو رېئاكسىيىسىدىن 300 ھەسسە كوپ . شۇڭا ، بىزنىڭUFO رىمىزنىڭ سېلىشتۇرما ئىمپۇلىسى ئەڭ يۇقىرى  بۇلۇپلا قالماستىن ، ئىتتىرىش ئېغىرلىق نىسبىتىمۇ ئەڭ يۇقۇرى بۇلۇشى مۇمكىن، بىر كىلوگىرام ئانتى ماددىدىن ھاسىل قىلىنىدىغان ئېنېرگىيە بىزنىڭ كېمىمىزنى نەچچە ئون يىل ئۇچۇرغۇزالايدۇ ، ھەر بىر گرام ئانتى پىروتۇن ، پىروتۇن ئۆزئارا ئۇچرىشىپ يوقالغان (ئۆچكەن ، پارتلىغان)دا ھاسىل بۇلىدىغان ئېنېرگىيە 40 مىليون توننا تىرىنىترۇتۇلۇئۇل پارتلاتقۇچ دورسى پارتلىغاندىكى ئېنېرگىيىگە تەڭ تۇرسا ، ئەجەبا قۇدرىتى ئىنسان ئەقلىنى لال قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك يېقىلغۇنى ئىشلەتمەيمىزمۇ؟-دېدى.
    سالى فىرافىسۇر ناھايىتى ھەيران قالدى ، ئۇ ئۇزى ئەسلىيەلىگەن بىلىملىرىگە ئاساسەن يەنە سورىدى:-بىراق ، ئانتى ماددا ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقى بىر شەھەرنىڭ باھاسىغا يىتىدىغان تۇرسا ، ھېس قىلىشىمچە بۇ ئانچە تىجەشلىك بولمايدۇغۇ؟.
    رەنا كۇلۇپ تۇرۇپ: - ناھايىتى تىجەشلىك بولىدۇ ، سىز مۇز ھالەتتە داۋالاشنى كۈتۈۋاتقان ۋاقىتتىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىنسانىيەت تۇڭگۇستىكى چوڭ پارتلاشنىڭ كىلىپ چىقىشىنى دەلىللىدى ،1908-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۇنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە رۇسىيەنىڭ سىبىرىيەدىكى ئېۋېنكى ئاپتۇنۇمرايۇنى ئاسمىنىدا پارتلاش يۈزبەرگەن ، پارتلاش تۇڭگۇس ئەتراپىدا ، بايقال كۇلىنىڭ 800 كىلومېتىر غەربى شىمالىدا ، شىمالى كەڭلىك 60.55 گرادۇس ، شەرقى ئۇزۇنلۇق 101.57 گىرادۇسقا بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتىكى مۆلچەر ھېساۋاتتا پارتلاش كۈچى 20 مىليون توننا تىرىنىترۇتۇلۇل پارتلاتقۇچ دورىسىنىڭ پارتلاش كۈچىگە تەڭ بولغان ، 2150 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان دائىرىدىكى 80 مىليون تۇپ دەرەخ كۇيۇپ كۇل بولۇپ كەتكەن ، ۋەقەدىن كىيىنكى نەچچە كۈنگىچە ئاسىيا ، ياۋروپا كېچە ئاسمىنى قىزغۇچ ھالەتتە كۆرۇنگەن ، ئەسلىدە بۇ قېتىملىق چوڭ پارتلاشنى بىر گىرامغىمۇ يەتمەيدىغان ئانتى ماددا ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئوخشاش مىقدار دەرىجىسىدىكى ماددا بىلەن تەسىرلىشىپ ئۇچۇش رىئاكسىيىسى قىلىشىدىن شەكىللەنگەن ئىكەن-دېدى.
      سالى فىرافىسۇر چۈشەنمەي سورىدى : - تۇڭگۇستىكى چوڭ پارتلاش بىلەن ئانتى ماددا ياساش تەننەرقى ئوتتۇرىسىدا نىمە مۇناسىۋەت بار؟
      رەنا :- سۇيۇملۇكۇم ، ئەلۋەتتە مۇناسىۋىتى بار ، ئالدىرىماڭ ، ئىنسانىيەت يەنە تارىختىن بۇرۇنقى يادرۇ پارتلاشلارنى تەتقىقى قىلىپ ، ئۇنىڭ ئانتى ماددا بىلەن مۇناسۋەتلىكلىكىنى بايقىدى ، ئاسماندىن چۈشكەن ئانتى ماددا ئاتموسفېرا قاتلىمى ياكى يەر يۇزىدە ئۈچۇش رېئاكسىيىسىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ ، گامما نۇرلىرى ۋە ئولترا يۇقىرى بېسىم، ئولترا يۇقىرى تېمپىراتۇرا ، ھاسىل قىلغان ، بۇنداق شارائىتتا گامما نۇرلىرى پىروتۇن ۋە ئاتوم يادروسىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان، بۇ ئوز نۆۋىتىدە يادرو يىغىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ، مۇشۇنداق قىلىپ ، تارىختىن بۇرۇن يەرشارىدا يۇز بەرگەن يادرو پارتلاش ۋەقەلىرى ۋە تۇڭگۇستىكى چوڭ پارتلاشنىڭ سەۋەبلىرى  بىر نوقتىغا ڧۇكۇسلىنىپ ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يىپ-يىڭى بىر كەسپنىڭ پەردىسى ئېچىلغان ، شۇنداقلا ، ئىبلىسنىڭ ئۇرۇقلىرى تېرىلغان-دېدى.
     سالى فىرافىسۇررەنانىڭ سۆزنى تارتىۋېلىپ سورىدى: نىمە كەسىپ ، نىمە ئىبلىس ؟ .
- ئىبلىسنىڭ ئىشىنى كىيىنچە ئاستا-ئاستا سۆزلەيلى ، ئالدى بىلەن كەسىپنى سۆزلەيلى ، يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنداقلا ئانتى ماددىنىڭ ئاسماندىن چۈشكەنلىكىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەت ئاساسىدا ئادەملەر سامانيولى سىستېمىسى جۈملىدىن قۇياش سېستىمىسىدا ھەتتا يەر شارىنىڭ ئەتراپىدا ئانتى ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان  ، بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئانتى ماددا ئىزدەش قىزغىنلىقى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ، مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۇزىنى يۇلتۇز ئارا كانچىلار ، كەسپىنى يۇلتۇز ئارا كان قازمىچىلىقى  دەپ ئاتىغان ، نىسبەتەن كوپ مىقتاردىكى يۇلتۇز ئارا كانچىلار بىر كېچە ياكى بىرنەچچە ئايدىلا دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارغا ئايلانغان ، ئەلۋەتتە بىر قىسىم كىشىلەر قاق-سەنەم بولۇپ خانى-ۋەيران بولغان. يۇلتۇز ئارا كان قازمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، ئانتى ماددا قىزىش ، تۇشۇش ، پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاش يۈرۈشلەشكەن كەسىپ زەنجىرى شەكىللەنگەن ،
     سالى فىرافىسۇر يەنە سورىدى: ئانتى ماددىنى ساقلاش پىرىنسىپى قانداق ؟ ، ئۇ ماددا بىلەن ئۇچراشسىلا پارتلاپ ۋەيران بۇلىدىغان تۇرسا؟
- ئانتى ماددىنى ماگنىت مەيدانى بىلەن قىسىپ ، ئانتى ماددا پىچىغا سېلىپ ، ئىرىتىپ ئانتى ماددا پىلازمىسى قىلىپ ، پىلازما كۇۋانت ئولترا ماگنىت مەيدانىغا قۇيۇلىدۇ ، ئۇ ماگنىت مەيدانىدا بوشلۇققا ئېسىلغان ھالەتتە تۇرغۇزۇلۇپ ، ماددا بىلەن ئۇچراشتۇرۇلمايدۇ ، مۇشۇنداق ساقلىنىدۇ ۋە تۇشۇلىدۇ-دېدى رەنا .
- بىزنىڭUFO رىمىزنىڭ ئانتى ماددا يېقىلغۇسى كوپمۇ ؟ نەچچە يىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟-دەپ سورىدى سالى فىرافىسۇر.
رەناچاقچاق قىلىپ :-سىزنىڭ سوئاللىرىڭىز ھەقىقەتەن كوپ ئىكەن ، ھې ھې، بىراق مۇشۇنداق بولغىنىمۇ ياخشى ، ھازىر بىزنىڭUFO رىمىز ئىنېرتسىيىلىك ھەرىكەت ھالىتىدە ، بۇ ھالەتتە بولسا 10 مىڭ يىلدىن ئاشىدۇ ، ئەمما، قاقما يولغا ئۇچراپ قالساق ئېھتىمال بىر يىلغىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن-دېدى.
    سالى فىرافىسۇر يەنە سوز قىلىپ سورىدى : - قەدىرلىكىم ، ئالەم بوشلۇقىدا قانداقمۇ قاقما يول بولسۇن ، مىنى ساز قىلماڭە؟
-  رەنا غەرەزلىك ئاچچىقلىنىپ: مەن سىزنى ساز قىلمىسام ، كىمنى ساز قىلىمەن ، ئالەم بوشلۇقىدا پات-پاتلا يۇلتۇز، پىلانىتا ، كومېتا  ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ماكان-زاماننىڭ ئىگىلگەن رايونى يەنى ئەنئەنىۋى ئالەملىك تارتىشىش كۇچى مەيدانى ئۇچراپ تۇرىدۇ ، بۇنداق ۋاقىتتاUFO سېلكىنىدۇ ، بىراق ، چارلاش ھالىتىدە  ئەقلى ئىقتىدارلىق ئاپتۇماتىك يۇسۇندا ئات كۇچىنى زورايتىش ياكى كىچىكلىتىش ئارقىلىق سىلكىنىشتىن ساقلىنىدۇ ، ئەسلىدە بىزنىڭUFO گىمۇ ئانتى ماددا قىزىش ماشنىسى سەپلەنگەن ، بىراق ، ئالدىنقى قېتىم تارتىش كۇچى مەيدانى قاينىمىغا كىرىپ قالدى ، ئەڭ قاملاشمىغان يىرى نامەلۇم ئاسمان جىسمى تارتىش كۇچى مەيدانى سولىتۇنىغا ئۇچراپ قېلىپ ، كان قازغۇچىنىڭ ئېلېكتر –ماگنىت قۇلىنى ۋەيران قىلىۋەتتى ، كان قىزىشقا ئامال قالمىدى ، ھازىر ئانتى ماددا ئۇچراپ قالسا ئۆزىمىزنى قاچۇرمىساق بولمايدۇ.  
    سالى فىرافىسۇر تەئەججۈپلىنىپ سورىدى:UFO ئۇزىنى قاچۇرمىسا نىگىزىدىن قۇرىتىۋېتىش ئاپىتىگە ئۇچرامدۇ؟
   رەنا جاۋاب بىرىپ :-بىزنىڭ بۇ ئۇچار تەخسىمىز ئولترا يىنىك ، ئولترا قارشىلىق كۈچىگە ئىگە كۇۋانت ماتېرىياللاردىن ياسالغان ، شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ماددا ، ئانتى ماددىغا ئۇچراپ قالسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن-دېدى.
    سالى فىرافىسۇر:-UFOنى قانداق ھەيدەيمىز؟
- ئادەتتىكى ئەھۋالداUFO ئەقلى ئىقتىدارلاشقان ئاپتۇماتىك  ئۇچىدۇ، يۇرۇش لىنىيەسىنى ئوزگەرتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئىرادە ۋە تۇيغۇ بىلەن ھەيدەيمىز- دىدى رەنا.
    سالى فىرافىسۇر سورىدى:-بىز تۇرۇۋاتقان ئۇرۇندا ئېغىرلىق كۈچى بار ئىكەن ، بۇ كۇچ نەدىن كەلگەن؟

-بۇUFOنىڭ تۇزۇلۇشى رىۋايەتلەردىكى ئۇچار تەخسىنىڭ تۇزۇلۇشى بىلەن ئوخشاش ، بىز ئۇچار تەخسىنىڭ كۇپۇپ چىققان قىسمىنىڭ قىرغىقىدا تۇرۇۋاتىمىز ، بۇ قىسىم توختىماستىن ئىنېرتسىيىلىك ئايلىنىپ مەركەزدىن قاچما كۇچ شەكىللەندۇرۇپ تۇرىدۇ  ، مانا بۇ بىز ھېس قىلغان ئېغىرلىق كۇچى.
سالى فىرافىسۇر: -رەنا ، بۇUFO قىممەتمۇ ؟ كىمنىڭ ؟
- قىممەت دېسەك قىممەت –دېدى رەنا.
     سالى فىرافىسۇر ئارقا-ئارقىدىن سوئال تاشلىدى:-قىممەت بولسا قايسى دەرىجىدە قىممەت، پۇل نەدىن كەلگەن ؟، نەچچە پۇل؟
     رەنا ئۇھسىنىپ جاۋاب بەردى :- ياسىلىش باھاسى سىز يەرشارىدىكى ۋاقىتتىكى 28 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ ، پۇل مېڭە تورى تەتقىق –ئېچىش ڧوندىدىن كەلگەن ، بو توغرىدا سۆزلەشمەيلى ، كېلىڭ ، ئۇسۇل ئويناپ كوڭۇل ئاچايلى.
       ئۇلار مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسۇلغا چۇشتى.....
     ئۇلار ئۇسۇل ئويناپ ئاخىرى قۇچاقلىشىپ بىردەم قىزغىن سۆيۈشكەندىن كېيىن رەنا سالىنى كارىۋاتقا باشلاپ بېرىپ ئۇنىڭ ئۈستۈنكى كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ئەسەبىيلەرچە باشلىدى ... سالى ڧىراڧىسۇر رەنانىڭ قۇلىنى تۇتىۋېلىپ :- قەدىرلىكىم ، ئۇنداق قىلمايلى ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالايلى  ، بۇلامدۇ ؟-دېدى.
    رەنا تىز-تىز نەپەسلىنىپ تۇرۇپ ئىڭرىغاندەك دېدى :- ئامرىقىم ، سىز كۇتۇپ بولالمىدىم ، دېمىگەنمىدىڭىز ، ئەمدى ،  نېمىشقا رەت قىلىسىز  ...
     سالى فىرافىسۇر رەنانى يىنىككىنە ئىتتىرىۋېتىپ كارىۋاتتىن چۇشۇپ ، ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ  ئاستاغىنا شىۋىرلىدى :- خۇدانىڭ كۆزى بار ، ياخشى باشلاپ ، ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ ، ياخشى ئاياقلاشتۇرۇشىمىز لازىم ئىشلارنى رەنا.
    رەنا قايتا سۆزلىمىدى ، ئوينىڭ ئىچىنى نەپەسلەنگەن ئاۋاز بىر ئالدى ، رەنانىڭ لىۋى ، بۇرۇن تۇشۇكى نەپەسلىنىشىگە ئەگىشىپ بىردە چوڭىيىپ ، بىردە كىچىكلەيتتى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100473
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 489
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2013-12-4
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 08:03:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhakima يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 06:24 AM
نۇر تارتىش كۇچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ، 1.تارتىش كۇچىن ...

رەھمەت.چۈشنىۋالدىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش