بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# Y; B; a3 K, |: s, u
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ ]5 H9 N- U& G& Z) [ مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدىم . چوڭ قىزى ئون ئالتە ياشكەن . مەن بولسام ئون توققۇز !!ئۇف.... ئاللاھىم بەندىلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگىن !!!...
ئۇنى ئۈندىدارىمدىن يۇيۇۋەتتىم . ئارىدىن تۆت - بەش كۈن ئۆتۈپ كەتتى . مىنىڭ ھالىم يەنە بۇرۇنقىدەك . ھىچكىمگە ئارتۇق گىپىم يوق. دەرىستىن چۈشۈپ كۈتۈپخانىغا كىرىمەن ، ياتاققا قايتىپ كىتاپ ئوقۇيمەن ، ئۆيگە بارىمەن . ھەممەئىشلار زەررىچە بولسىمۇ ئۆزگەرمىگەن .قىلىپقا چۈشكەن ، بۇرۇقتۇرمىلىق ۋەبىزارلىققا تولغان غېرىبانە تۇرمۇش . . .
بىر كۈنى ياتاقتا ئادىتىم بويىنچەبىر قولۇمدا قەلەم چۆرگىلىتىپ ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىۋاتسام تېلىفۇنۇم سايراپ كەيپىمنى بۇزدى . ئىكراندا مەن ھىچقاچان كۆرۈپ باقمىغان ‹‹ياۋا ››نۇمۇردىن بىرى تۇراتتى . كىملىكىنى دەماللىققا بىلەلمەي سەل سىپايىلىك بىلەن تىلىفۇننى ئالدىم .
ــــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
ــــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالووم قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشى تۇردىڭىزما ؟ـــ مەن ھىچقاچان ئاڭلاپ باقمىغان قوپال ھەم بوم ئاۋاز . بىر چىرايلىق ئەسسالام دەپ تىلىفۇننى ئالسام قەستەن ئاۋازىنى سوزۇپ چىقىرىپ خۇددى كونا ئۈلپەتلىرىدەك گەپ قىلىشلىرى نېرۋامغا تەگدى . قوپاللا سورىدىم :
ــــ ئۆزلىرى؟!
ــــ مەن ھېلىقى تۇرسۇنجان دەيدىغىنى ، يادىللىرىغا كەلدىممائاپپاق قىز بالا؟ــــ بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇيۇم دىگەن تۇتتى ئەمما ...
ــــ قايسى تۇرسۇنجان ؟!!
ــــ ھېلىقى ئۈندىدارلىرىدىكى تۇرسۇنجان . يادىللىرىغا كەلدىممۇيا؟ بەك ئىتتىكلا يۇيىۋىتىپ قاللا لىكىن . يەنە بىر بىرىمىزگە لازىم بولۇشۇپ قالارتۇق ؟!
نىمىسىنى دەي ئەمدى . ئۈندىدارىمنى تىلىفۇن نۇمۇرۇمغا ئالغىنىم يادىمغا كەلدى . ئۇنى نىمىلەرنى دەپ قانچلىك بىزەپ تىللار بىلەن تىللىغىنىم يادىمدا يوق . ئەمما ئۇ كۈندە ئىككى - ئۈچ قىتىمدىن تىلىفۇن قىلىپ بىشىمنى ئايلاندۇرىۋەتتى . مەن بىلەن بىر كۆرۈشكۈسى بارمىش ، ماڭا قىلچە يامان نىيىتى يوقمىش . ئەگەر خالىسام تۇنجى كۆرۈشۈش سوۋغىسى سۈپىتىدە ماڭا بىر ئۈزۈك سوۋغا قىلماقچىمىش ...
بۇ ئىپلاس ھاياسىز ئادەمدىن شۇنچىلىك بىزار بولدۇمكى ...مۇشۇئاجىز ھەم گال تىللىرىم بىلەن شۇ ۋاقىتلاردىكى روھىي ھالىتىمنى تەسۋىرلەپ بىرەلىشىم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . بىر نەچچە قىتىم ئۆيدىكى ۋاقتىمداتىلىفۇن قىلىپ مىنى ئاپاملارنىڭ ئالدىدا ئوسال قىلدى . مۇشۇنداق يىرگىنىشلىك تۇيغۇلار بىلەن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى . مەن ئۇنىڭ مىنى بۇ قەدەر ئاۋارەقىلىشلىرىغا پەقەتلا چىدىمىدىم . نۇمۇرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋەتسەم ئىشخانىسىنىڭ تېلىفونىدا تىلىفون قىلدى . ئۇنىمۇ قارا تىزىملىككە تىقتىم .بىرىنى تىقىۋەتسەم يەنەبىرى بىلەن ئۇنىمۇ تىقىۋەتسەم باشقا نۇمۇرلاردىن تىلىفۇن قىلىپ يۈرۈپ زىرىكىشلىك ھىس قىلساممۇ تىنىچ تۇرمۇشۇمنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتتى . ئۇنىڭ ماڭا دىگەنلىرىدىن ئاجايىپ خورلۇق ھىس قىلدىم . مەن خۇددى ئۇنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇنچۇقىدەك مىنى بۇ قەدەر ئەخمەق قىلىشىغا چىداپ تۇرالمىدىم .بىر كۈنى پەقەت بولمىغان يېرىگە كەلگەندە قەتئىيلا چىدىمىدىم ۋە ئۇنىڭ كۆرۈشۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىم . ھازىر ئويلىسام شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ تولىمۇبىمەنە ئىش قىلغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن . ئەتىسى مەن دەرىستىن چۈشكەندىن كىيىن ئۇمەكتىپىمنىڭ ئالدىغا كەلدى . ئادەتتە قانداق كىيىنىدىغان بولسام كۆرۈشۈشكىمۇشۇنداق چىقتىم . بۇرۇنقىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى ھەر ئىھتىماللىقلار ئۈچۈن تەييارلىق سۈپىتىدە ئىچ كىيىمىمنىڭ بۇلۇتىغا ۋە سومكامنىڭ كەينى يانچۇقىغا ناھايىتى زىچ ھالدا ئەللىك نەچچە تال يىڭنىنى ئىلىشقا ئىنتايىن ئەپلىك قىلىپ تىزىپ چىقتىم .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ \5 G0 H; p5 g* O; z+ C8 Q' x
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! s/ [# L4 p+ J+ W; m) Y' Wداۋامى بار........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زۇبەييا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-14 03:36 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 G, z# d1 K" m2 [6 S
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" r& C5 j2 {$ |% I