رەھمەتلىك دوستۇم زولدىيارنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن!
دوستۇم زولدىيار ئاۋات ناھىيسىدىن ئاقسۇ ناھىيسىگىچە بولغان ئارىلىقتا قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ ئون گۈلىنىڭ بىرسى ئېچلىماي تۇرۇپ تۈگەپ كەتتى.،،،،ئەپسۇۇسنارلىق ئىچىدە شۇنى دەيمەنكى بۇ بالىدەك گىتتار چالىدىغان بىرسى ئاقسۇدىن چىقىپ بولالمايدۇ...ھەتتا تۇرسۇن شەيىخ ئۇستازمۇ قايىل ئىدى.
شۇ كۈنى دوستىمىز بىز بىلەن بىللە ئىدى.ئاقسۇغا ئىشلەيدىغان رېستۇرانىدىن ئالدىرتىپ كىتىپ .بىز ئاۋاتلىق مۇزىكانت دوسلارنىڭ ئاۋاتتا بىرەر كۈن تۇرۇپ كىتىپ دەپ شۇنداق زورلاپ تۇتۇپ تۇرىۋالساقمۇ ،خىزمەەتكە تەسىر يىتىپ قالدۇ دەپ ئالدىراپ ئاقسۇغا كىتىپ قالغان. بىرەر سائەتتىن كىيىن دوستىمىزنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق..كىرا قىلىپ ماڭغان ماشىنىنىڭ ئاقسۇ توپلۇق يولىدا بىر تىرەكتۇر بىلەن سۇقۇشۇپ ، تىرەكتۇر 3 پارچە بۇلۇپ كەتكىنىنىدىن خەۋەر تاپتۇق.
ھەي....ماشىنىدىكى باشقىلار ساق قېلىپ ،دوستىمىز زولدىيار ئېغىر يارىلىنىپ .مىڭىسىگە قان چۈشۈپ ،قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى....
ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بارلىق مۇزىكانت ،ناخشىچى دوسلار بەكمۇ قايغۇردۇق..يىغلىدۇق ،،قاقشىدۇق...ئامال يوق...تەقدىر شۇنداق رەھىمسىز ئېكەن......
دوستۇمنىڭ ئايالى ناماز كۈنى يىغلاپ نەچچە قېتىم ھۇشىدىن كەتتى ....بىر ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئوغلى كىچىك ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ....
ھەي....دوستىمىز بىلەن بىللە چېلىشقان گىتتارلار...بىللە ئۆتكەن خوشال كۈنلەرنى ئويلىسام ھېلىقى شۇپۇرنى تېپىپ ،مۇشۇ سۇغۇقتا بىر كىچە دوستۇمنىڭ قەبىرىس بار زاراتكارلىققا باغلاپ قۇيغۇم كىلدۇ...
دوستىمىز شۇنداق ئۇچۇق يۇرۇق ،شوخ ،جورئىتى بار يېگىت ئىدى......7-سانىدا دوستۇمنىڭ ناخشىنى ئاڭلاپ ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتىم....تۇرسۇن شەيىخ ئۇستازنىڭ يازغان مەرسىيىسى بار ئىدى .تورداشلارغا ئەتىگىچە ئايرىم تىما قىلىپ يوللايمەن
ئاللاھىم دوستۇمنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەت قىلغايسىز....