سالام تورداشلار،بۇ يەردە كىچىككىنە بىر چۈشەنچە بەرمەي بولمىدى.
مەنمۇ ئاشۇنداق سىرىق ئېلانلارغا جىنىمنىڭ بىرىچە قارشى، لىكىن ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، تور بەت قۇرغانلارنى ھەممىنى ياكى شۇنداق ئېلان چىققان تور بەتلەرنى ھەممىنى تىللىساق ياخشى بولماس. سەۋەبى:
1. تور بەتنىڭ ھەرقاندىقى ئېلان كىرىمى بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ، ئېلان بولمىسا تور بەت تۈگۈل تور بەت ئاچقان بەندىمۇ ئاچلىقتىن ئۆلشى مۇمكىن، بۇنى پەقەت تور بېكەت ئىچىپ باققانلار ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا تورداشلار بۇنى چۈشىنىشى كىرەك
2. سىرىق ئېلانلار دەل پۈتۈن جۇڭگو تور ئېلانچىلىق كەسپىنىڭ ئاتامانى بولغان بەيدۇ ئېلانچىلىقىنىڭ ئېلانلىرىدۇر، ئۇ بەتنىڭ ئېلانىنى قويغاندىن كىيىن مۇقەررەر ئېلانلار ئاپتوماتىك ئالمىشىپ چىقىدۇ، بەزىدە شۇنداق ئېلانلار چىقسا، بېكەت باشلىقى بايقىغاندىن كىيىن ئۇنى توسۇپ قويسا بولىدۇ،
3. قىسمەن قەستەن شۇنداق ئېلانلارغا يول ئىچىپ بەرگەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆپ سانلىق تور بەتچىلەر ئۇنداق ئېلانلارنى بايقىقاندىن كىيىن توسۇۋاتىدۇ، شۇڭا تورداشلار شۇنداق ئېلاننى چېكىپ ئاچقاندىن كىيىن، ئىچىلىش ئادىرسىنى تور بېكەتتە ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويسا، ئۇنىڭ ئىككىنچى قىتىم كۆرۈلمەسلىكىگە تور بېكەت باشلىقى كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ئاساسەن كۆپىنچە تور بېكەتلەردە مۇشۇ مەزمۇندىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىش بار.
ئەمما كېرىمنى دەپ سىرىق ئېلانلارنى جىنىنىڭ بولىشىچە قويىۋەتكەن تور بېكەتلەر ھەقىقەتەن لەنەتكە لايىق. كۆپچىلىكنىڭ بۇ توغرىدا داۋاملىق نازارەتتە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۈملىدىن پېشۋا تورىدىمۇ بەيدۇ ئېلانى بار:
http://www.pixwa.cn/