Ay.sadap يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 04:21 PM
ئۇنداقمۇ ئەمەس، سىز دىگەندەك شەرتلەرنى چوڭلار سۈرۈشت ...
ئاي سەدەپ مەن سىزنى ئېسل قىز بالا دەپ ئويلايمەن بەلىكم رىئاللىقتىمۇ شۇنداق بولسىڭىز ئېھتىمال . ماددىي قىممەتنى سۈرۈشتە قىلدىغانلار ئىتايىن ئاز ساندا دىگەن ھۆكۈم مەنچە ئورىنى تاپماي قالدى دەپ ئويلايمەن .
سىز ھەر بىر قىز بالىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىممەت-قارشىڭىزدا تۇرۇپ ئويلايسىز . بىر ۋاقىتتا مۇشۇ مۇنبەردە بىر قىز بولدىغان ئىسمى ئىسىمدە يوق بىر ئىنكاسىدا ئەخلاقى ۋە دىيانىتى بولسا باشقا جەھەتتىن تۆت تەڭگە پۇلى بولمىسمۇ شۇ يىگىتكە تىگىپ قولۇمنى كۆسەي چىچىمنى سۈپۈرگە دەمدۇ توبا دەمدۇ ئەيتاۋۇر شۇنداقراق بىر نىمە قىلىپ بىر ئۆمۈر خىزمىتىنى قىلىشقا رازى دەپ يىزىپتىكەن شۇ دىگەن گەپىنى چىققان يىرىگە كىرگۈزۈپ قويغان ئىدىم .
مۇھاببەتنى مال-دۇنيادىن ئايرىپ قارىغان ئادەم چىن ئادەم ئەمەس . بۇنداق ئادەملەر ئۆزىنىڭ قولدىن پوق كەلمەيدىغانلىقى ئىتىراپ قىلغۇسى كەلمەي توقۇپ چىققان گەپ-سۆزلەردۇر .
ھەممۇ بۇرۇنقى يازغۇچىلاردىمۇ مۇشۇ مەسىلىگە بولغان كۆز-قاراشتا ئىغىر بولغان ئىپادىلەش مەسىلىسى مەۋجۇت بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر رەھىمسىز ۋە ناھايتى ئاچكۆز باي بولۇپ بۇ باينىڭ تولىمۇ ئەقىللىق ۋە تولىمۇ ئەخلاقلىق ئاي دىسە ئاي ئەمەس كۈن دىسە كۈن ئەمەس غەلىتىلا ئىشقلىپ بىر قىزى بار ئىكەن . مۇشۇ باينىڭ مەھەللىسىدە تولىمۇ ئەخلاقلىق لىكىن بۈگۈنىگە تاپسا ئەتىسىگە يوق بىر كۆكتۆش يىگىت بولۇپ بۇ يىگىت باينىڭ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ...........مۇشۇنداق تەسىۋىرلەپ دۇنيادىكى جىمى باينى رەزگى ، زىدەپ پەس ، ئاچكۆز نامراتلارنى بولسا تولىمۇ ئەخلاقلىق ۋە تولىمۇ يۇۋاش ئاق كۆڭۈل قىلىپ تەسۋىرلەپ قاغا قاقىلداپ ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئىتەر دەپ نامراتلار ئۆزىنى ئۆزى ئالداپ كەلگەن .
ناچار قىزلارنىڭ تەلىۋىنى ئالاۋۇدۇننىڭ سىھرىلىك چىرىغىمۇ ئورۇنلاپ بولالمايدۇ . لىكىن ئەخلاقى ياخشى ساپاسى بار قىزلارنىڭ ھازىرقى يىگىتلەرگە قويدىغان تەلىپىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى سىزنىڭ ئىغىزىڭزىدىن ئاڭلاپ باققۇم بار . سىزنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئەڭ مۇۋاپىق ئەقەللى تەلىپىڭىز قايسى ؟ بىر ئاڭلاپ باققۇم بار .