مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Erqal-Media

رۇسىيە تۈگەشتىمۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102582
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1379
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 01:32:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tohuwaz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 08:54 PM
پوتىن دىگەن سىرىق مۇشۇك روس خەلقىنى ئەينى يىللاردىكى ئ ...

شۇنداق قىلسا بولاتتى.

دەرۋىش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102582
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1379
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 01:38:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 12:36 PM
روسىيىگە دەل سىزدەك تەپەككۈر قىلىدىغانلار ھۆكۈمرانل ...

ئەگشتىم.

دەرۋىش

يىگىتنىڭ سۆزى قە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17718
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11135
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 5034 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 02:29:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى مۇنبەرداشلارنىڭ ئۆز ئارا قىلىشقان تەھلىلىرىنى ئاڭلاپ ، ناھايىتى ھۇزۇر ئالدىم .
بۇ سىياسى سەھنە خۇددى شاھمات تاختىسىغا ئوخشايدۇ ، سەۋەپسىز بېرىلگەن بىر پىشكىنى يەپ سالغان بىلەن ، كېيىن نۇرغۇن زىيان تارتىدىغان ئىش چىقىدۇ .
شۇڭا ئامىرىكا باشچىلىقىدىكىلەر بىر پىشكىنى ئاۋال مېڭىۋالدى ، روسىيەمۇ بۇ پىچكىنى يەپ سالدى ، ئەمدى زىيان تارتىدىغىنى روسىيە بولىدۇ ، لېكىن مېنىڭچە بۇنىڭلىق بىلەن روسىيە گۇمران بولدىغان ھالەتكە كىلىپ قالمايدۇ ، ئەڭ ئاجىز بولغاندا ، بۇ دەۋىرنىڭ ئاتامانىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى توغرا تونىۋالىدۇ . قالايمىقان شىلتىڭ ئاتمايدىغان بولىدۇ .

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17575
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7467
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2010-11-14
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 11:50:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگۇ روسلار ياردەمگە ئېھتىياجىلق بولسىلا ياردەم قىلدىغانلىقىنى قەيىت قىپتۇ
http://www.xjuyghurfx.com/forum.php?mod=viewthread&tid=359

شەمشەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111748
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 242
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2014-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 12:28:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەرب نېمىشقا بۇ ۋاقىتنى تاللاپ رۇبلىغا زەربە بەردى؟

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى


مەنبە : ۋاڭيى تورى | يوللىغان ۋاقىت : 23-12-2014


12-ئاينىڭ 15-كۈنى رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ قىممىتى %13 كە يېقىن چۈشۈپ، 1999-يىلىدىن بۇيانقى بىر كۈنلۈك ئەڭ چوڭ چۈشۈش رېكورتىنى ياراتتى. ئەتىسى سەھەردە، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى جىددىي ھەرىكەت قوللىنىپ، تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى %10.5 تىن %17 كە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن رۇبلىنىڭ قىممىتى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى يەنىلا شىددەت بىلەن %11 چۈشتى.

رۇبلى قىممىتىنىڭ بىرقانچە كۈن ئىچىدىلا تۈز سىزىق بويىچە چۈشۈشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا، ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتى جامائەت پىكرى توپلاپ، رۇسىيەدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بەردى—بەزىلەر رۇسىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى چىرىكلىكنى تىلغا ئالسا، يەنە بەزىلەر غەربنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش تەدبىرىنى تىلغان ئالدى. لېكىن، رۇسىيەنىڭ ئىچكى مەسىلىسىگە ئۇزۇن بولدى، ئۇكرائىنا مەسىلىسىگىمۇ خېلى كۈنلەر بولدى، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈۋاتقىنىغىمۇ خېلى ئۇزۇن بولدى، ئۇنداقتا، رۇبلىنىڭ قىممىتى نېمىشقا يىل ئاخىرىغا بارغاندا ئاندىن شىددەت بىلەن چۈشىدۇ؟

        كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنىڭدا غەربنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قولى بار دەپ قارايدۇ، لېكىن «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىنىڭ ماقالىسى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەزىبىر سىرلارنى ئاشكارىلىدى: رۇسىيە كارخانىلىرى 2015-يىلى چوقۇم 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تاشقى قەرزنى قايتۇرۇشى كېرەك. يىل ئاخىرىدا رۇبلى قىممىتىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشى رۇسىيەنى تېخىمۇ ئالاقزادە قىلىۋەتتى.

غەرب رۇسىيەنىڭ سەۋەبىدىن ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا قول تىقىپ جازالاش تەدبىرى يولغا قويۇپ، رۇسىيە ئىقتىسادىغا زەربە بەردى، لېكىن كارخانا ساھەسىدىكى ئەندىشە بۇ بىرقانچە كۈندىكى داۋالغۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. 2015-يىلى، رۇسىيە كارخانىلىرى چوقۇم 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تاشقى قەرزنى قايتۇرۇشى كېرەك. لېكىن رۇبلى قىممىتىنىڭ چۈشۈشى بىلەن، ئامېرىكا دوللىرىنى قايتۇرۇش تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتتى. رۇسىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى (Rosneft) ئىزچىل ھالدا كېرىمىل سارىيىغا تايىنىپ مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەزكۇر شىركەت كېرىمىل سارىيىدىن 44 مىليارد دوللار ياردەم مەبلىغى تەلەپ قىلغان؛ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى رۇبلى بىلەن باھا ھېسابلىنىدىغان زايوم ياردىمى بىلەن قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرغان ئىدى. بۇ قېتىملىق سودا رۇبلى ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرىنى سېتىۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ، رۇبلىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن.

رۇسىيەدىكى پۇل كىرىزىسى تېخىمۇ چوڭىيىپ بانكا كىرىزىسىغا ئايلاندى. خەلق بەلكىم رۇسىيە بانكىلىرىدىكى پۇلىنى چىقىرىۋېلىشى مۇمكىن. شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش دولقۇنى كېرىمىل سارىيىنى چوڭ دائىرىدىكى زايوم كىرىزىسىغا دۇچار قىلىشى مۇمكىن. رۇسىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مۆلچەرىچە، كېرىمىل سارىيىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى تەخمىنەن 370 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن كۆپ ئاز بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بارغانسېرى ئۈمىدسىزلىنىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. كېرىمىل سارىيى مەجبۇرى ھالدا زايوم قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتالىغان بىلەن، بۇ رۇسىيەگە مەبلەغ سالىدىغان چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى قاچۇرۇپ قويىدۇ. كېرىمىل سارىيى يەنە كاپىتال باشقۇرۇش تەدبىرىنى سىناپ، كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىشىنى توسۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇنداق قىلغاندا ئەكس تەسىر كۆرسىتىشتەك ئەھۋالى يۈز بېرىپ، كاپىتالنىڭ تېز سۈرئەتتە سىرتقا قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. ئەمدى، رۇسىيە ئەستايىدىل ھالدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، تەدبىر قوللىنىپ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى تىنچلاندۇرۇشى كېرەك، بولمىسا ئىقتىسادتىكى پاراكەندىچىلىك يەنىلا داۋاملىشىدۇ.

مەنبە: http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/1223/2798-40.html

550-330.jpg



سىز كۈندە كۆرىدىغان ئىقتىسادىي خەۋەرلەر ئەرقال تاراتقۇسىدا: www.erqal.com بارلىق خەۋەرلىرىمىز ئاۋازلىق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111748
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 242
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2014-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 01:07:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                       جۇڭگو رۇسىيەگە ياردەم بېرىدىكەن

                                   ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
                         مەنبە : ۋاڭيى تورى | يوللىغان ۋاقىت : 22-12-2014

رۇبلىنىڭ پاخاللىشىشى، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشى، غەربنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى دىققىتىنى تارتماقتا.جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، سودا ئىشلىرى مىنىستىرى گاۋ خۇچېڭ قاتارلىقلار سۇمۇرغ تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جۇڭگو كۈچىنىڭ يېتىشىچە رۇسىيەگە ياردەم قىلىدۇ دېگەن.

ۋاڭ يىنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو-رۇسىيە ھەمكارلىقى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن، ئىككى دۆلەتنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلايدىكەن.

سودا ئىشلىرى مىنىستىرى گاۋ خۇچېڭنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەتكە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدىغىنى پۇل ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى كېڭەيتىش بولۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە سودىسىدا خەلق پۇلى بىلەن ھېسابات قىلىش ئارقىلىق رۇبلىنىڭ كۇرسى چۈشۈۋاتقان ۋەزىيەتتە سودا ھېساباتىنىڭ بىخەتەر ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ئىكەن.
http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/1222/2783-40.html

سىز كۈندە كۆرىدىغان ئىقتىسادىي خەۋەرلەر ئەرقال تاراتقۇسىدا: www.erqal.com بارلىق خەۋەرلىرىمىز ئاۋازلىق!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش