دەرەخ يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 04:32 PM
پىكىر بەرگىنىڭىز رەھمەت، بەلىكىم ئىككىمىزنىڭ شېئىر ھ ...
مەن تېخى سىزگە ئىماندىن سىرت گەپلەرنى قىلمىغاندىمەن، بەك ئارتۇق ئويلاپ كېتىپسىز؟ پەقەت سەمىمىي پىكىر بەردىم خالاس. ئەدەبىيات نوقتىسىدىن پىروزا بىلەن پوئىزىيە ئايرىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئىپادىلەش، ئىشلىتىش جەھەتتە تولىمۇ كەڭرى تىل، مەن پەقەت تىلنىڭ ھۆرمىتى يۈزىسىدىنلا سۆز قېتىپ قويدۇم. بەك چېچىلىپ كەتمەڭ. ئاخىرىدا مەننىڭ مەنگە خىتاب قىلىشى دەپسىز، ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزگىلا شېئىر يېزىپ ساقلىسىڭىز بولغۇدەك. بۇ يەرگە شېئىر يوللىغان ئىكەنسىز ئەلۋەتتە بىزنىڭمۇ پىكىر بېرىش ئەركىنلىكىمىز بولىدۇ. ئەسلىدە مەنمۇ باشقىلاردەك ياخشى بوپتۇ دېگەن بولسام خوش بۇلاتتىڭىزكەن. ئەپۇ قىلىڭ بۇندىن كېيىن ئارتۇق سۆز قاتماي.