ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ «يېڭى كەشپىيات مۇسابىقىسى» پائالىيەتلىرى
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى
مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى بىر قىسىم يازمىلىرىدا ئامېرىكا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغايدىغان، ھەمدە ئۇلارنى تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكا كەسىپلىرىگە قىزىقتۇرىدىغان بىر قىسىم پروگراممىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. مەن ھازىرغىچە تونۇشتۇرغان پروگراممىلاردىن تۆۋەندىكىلەر بار:
--بالىلارنى مۇددەتلىك ھالدا داڭلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئاپىرىش (field trip)
-- مەكتەپ بويىچە يىلدا بىر قېتىم تەبىئىي-پەن پروجېكتلىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش (science fair)
-- مەكتەپ بويىچە يىلدا بىر قېتىم كەسىپ تاللاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش (career day)
-- ئوچۇق ئۆي پائالىيىتى (open house)
مەن تېخىچە تونۇشتۇرمىغان پائالىيەتلەر ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئېلىپ بارىدىغان «يېڭى كەشپىيات مۇسابىقىسى» (invention challenge) دېگەن پائالىيەتمۇ بار بولۇپ، مەن مەزكۇر ماقالىدە ئاشۇنداق بىر پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن. مەن رەسمىي مەزمۇننى باشلاشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۆزۈم كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيدە قىلغان بىر «رادىئو قۇراشتۇرۇش پروجېكتى» ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ ئۆتىمەن، ھەمدە رەسمىي مەزمۇندىن كېيىن، يۇقىرىقىدەك تەبىئىي-پەن پروجېكتلىرى مۇسابىقىسى بىلەن يېڭى كەشپىيات مۇسابىقىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى خۇلاسىلەپ بېرىمەن. شۇنداقلا ماقالىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا چەت ئەلدە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان ئۇيغۇرلاردىن يەنە ئىككىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن.
1. تولۇقسىزدىكى ۋاقتىمدا ئۆيدە ئىشلىگەن بىر «رادىئو قۇراشتۇرۇش پروجېكتى»
«پروجېكت» دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىدىكى «قۇرۇلۇش، تۈر» دېگەن سۆزلەرگە يېقىن كېلىدىغان بولۇپ، مەن بۇ سۆز ھەققىدە ئۆزۈمنىڭ «مىكرو-باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭ زىيانلىرى» [1] دېگەن ماقالىسىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردىم.
مەندىن ھازىرغىچە خېلى كۆپ ئۇكىلار مېنىڭ ھازىرقى كەسىپنى قانداق قىلىپ تاللاپ قالغانلىقىم، ھەمدە ھازىرقى خىزمەت ئورنىغا قانداق ئېرىشكەنلىكىم ھەققىدە سوئال سوراپ بولدى. يەنە خېلى كۆپ ئۇكىلار بولسا ماڭا ئۆزلىرىدە قانداق تالانتلارنىڭ بارلىقىنى بىلەلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ خەت يېزىپ بولدى. مەن تولۇقسىزنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مېنىڭ «دىلشات» (فامىلىسى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ) ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىم رادىئو قۇراشتۇرۇشنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. بۇ 1972-يىللىرى بولۇپ، ئۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە ئاساسەن رادىئو يوق ئىدى. رادىئوسى بار كىشىلەر ئۇ چاغدا جەمئىيەتتىكى بايلار ھېسابلىناتتى. مەن بالىنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، ئاكام مەندىن پەقەت 2 ياشلا چوڭ ئىدى. شۇڭا بىز ئاساسەن ھەممە ئىشنى بىللە قىلاتتۇق. توختىماي ئۆي ئىچىدە ئۇنى بۇنى ياسايتتۇق. ساۋاقدىشىم دىلشاتنىڭ رادىئو ياساشنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، مەن ئاكامغا «رادىئو ياساشنى بىزمۇ ئۆگىنەيلىمۇ؟» دېدىم. ئاكام ماقۇل بولدى. ھەمدە بىر قانچە ئاي ئاكام بىلەن ئىككىمىز دىلشاتنىڭ كەينىگە كىرىپ، رادىئو ياساشنىڭ بىر قىسىم ئاساسىي بىلىملىرىنى ئۆگەندۇق. ئۇ چاغدا بۇ ساھەدە ھېچ قانداق ئۇيغۇرچە كىتاب يوق بولۇپ، بىز خەنچىنى ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ھەپتىسىگە 2 سائەتتىن ئۆتۈلىدىغان تىل دەرسىدە ئازراق ئۆگەنگەن ئىدۇق. شۇنىڭ بىلەن مەخسۇس رادىئوغا قىزىقىدىغانلارغا چىقىرىلغان بىر خەنچە كىتابنى سېتىۋالدۇق. ھەمدە ئۇنىڭدىكى زاپچاسلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن رادىئو توك يولى سخېمىسىنى ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالدۇق. ئۇ چاغدا دادام ئاران 30 سوم ئەتراپىدا مائاش ئالىدىغان بولۇپ، دادامنىڭ كىرىمى ئائىلىنى باقىدىغانغا ئارانلا يېتەتتى. شۇڭا دادام ئاكام بىلەن ئىككىمىزنىڭ بۇنداق «رادىئو ياساش پروجېكتى» غا پۇل چىقىرىپ بېرەلمەيتتى. ئېلېكترونلۇق زاپچاسلار ئىنتايىن قىممەت بولۇپ، بىر تال ترانزىستور (transistor, 三极管) نىڭ باھاسى بىر سوم ئەتراپىدا ئىدى. ئۇ چاغدا ئاقسۇدا ھۆكۈمەتنىڭ كونا تۆمۈر ۋە سۆڭەككە ئوخشاش نەرسىلەرنى سېتىۋالىدىغان جايلىرى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ پروجېكتنىڭ خىراجىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئەخلەت دۆۋىلىرىنىڭ ئىچىدىن كونا تۆمۈر، سۆڭەك ۋە چىش سوپۇنىنىڭ ئاليۇمىن قېپى قاتارلىق نەرسىلەرنى تېرىپ ساتتۇق. ياز كۈنلىرى تەتىل بولغاندا قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا قارا خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىدۇق. لاي ئېتىشكە ئوخشاش ئېغىر ئىشلارنى قىلىپ، بىر كۈن 8 سائەت ئىشلىسەك، 80 پۇڭ پۇل تاپاتتۇق. ئەمما يۇقىرىدا دېگەندەك بىر ترانزىستورنى بىر سومغا ئالاتتۇق.
بىز رادىئو توك سخېمىسىغا قاراپ، زۆرۈر بولغان زاپچاسلارنى ھەر قېتىم يانچۇقىمىزغا پۇل كىرگەندە بىر تالدىن، بىر تالدىن سېتىۋېلىپ يىغدۇق. ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك تەييار توك يولى تاختايلىرى (circuit boards) يوق بولغاچقا، بىز نېپىز تاختاينى ئۆزىمىز تېپىپ، ئۇنى مىخ بىلەن تېشىپ، تۆشۈكلەرگە زاپچاسلارنىڭ پۇتىنى تىقىدىغان كىچىك مىس ھالقىنى ئۆزىمىز ئورنىتىپ، ئاندىن زاپچاسلارنى سىم بىلەن ئۆزىمىز ئۇلاپ، بىر تال كىچىك يۈز سوپۇنىنىڭ پلاستىك قۇتىسىنىڭ ئىچىگە پەقەت بىرلا ترانزىستور ئىشلىتىدىغان (يەنى بىرلا كۈچەيتكۈچىسى بار)، بىرلا باتارېيە بىلەن ئىشلەيدىغان، سۆزلەيدىغان كانىيى يوق، پەقەت قۇلاققا تىقىپ قويىدىغان بىر تال تىڭشىغۇچ بىلەنلا ئاڭلىغىلى بولىدىغان رادىئودىن بىرنى قۇراشتۇردۇق. ئۇنى ياساپ، نورمال ئىشلەيدىغان قىلغۇچە كۈنلەپ-كۈنلەپ كېچىلىرى ئۇخلىمىدۇق. ئالغان ترانزىستورلاردىن بەزىلىرى كۆيۈپ كېتىپ، كۆپ قېتىم ئۇنى قايتا ئېلىشقا مەجبۇرى بولدۇق (ئۇ چاغدىكى زاپچاسلارنىڭ سۈپىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى). نورمال ئىشلەيدىغان رادىئودىن بىرى پۈتكەندە ئاكام بىلەن ئىككىمىزنىڭ نەقەدەر خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىمىزنى مەن سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. شۇ چاغدا ھاياجانلىنىپ، كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتكىنى ھازىرمۇ ئېسىمدە. شۇنىڭدىن كېيىن ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئۇ رادىئونى نۆۋەتلىشىپ مەكتەپكە ئاپىرىپ، ساۋاقداشلىرىمىزغا كۆرسىتىپ يۈردۇق. مانا بۇ شۇ چاغدا ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئۆيدە ئېلىپ بارغان «تەبىئىي-پەن پروجېكتى» ئىدى.
مەن تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا رادىئو ئىشلىرىدا بىر ئاز تەرەققىي قىلىپ، ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ بۇزۇلۇپ قالغان رادىئوسىنى ئوڭشاپ بېرىپ، بىر ئاز پۇلمۇ تاپتۇق. مەن رادىئوغا شۇ ۋاقىتتا قىزىققانچە، كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقى كەسپىگە كىردىم. ئۇنىڭدىن كېيىن شاڭخەي، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدا ئۆز كەسپىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرى ئامېرىكىدا ئېلېكتر ئىنژېنېرلىق كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقىنىڭ بىر ساھەسى بولغان ئوپتىكا ساھەسىدە ئىشلەپ، ئۇنى بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭ ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق يوللارنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىمنى بىلمەكچى بولغان قېرىنداشلار تۆۋەندىكى 2-مەنبەدە بېرىلگەن مېنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى ئوقۇپ باقسا بولىدىغان بولۇپ، مەن بۇ يەردە ئۇ ھەقتە ئايرىم توختالمايمەن.
يۇقىرىقىدەك پروجېكتلەر ئادەمنىڭ ئېسىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان بولۇپ، ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئەينى ۋاقىتتا كۆرگەن خەنچە كىتاب، سېتىۋالغان زاپچاسلار، ۋە ياسىغان رادىئو قاتارلىق نەرسىلەر ۋە ئىشلار مېنىڭ ئېسىمدە ھازىرمۇ ناھايىتى ئېنىق بار. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدا مۇشۇنداق پروجېكتلەرنى قىلىش ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇغان بىلىمىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ھەممە ئادەمگە ئايان. ئەمما، ئۇنداق پروجېكت ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلارنىڭ ئىچىدە، يۇقىرىقىدىن نەچچە ھەسسە مۇھىم بولغان، بالىلار باشقا يول بىلەن ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيدىغان يەنە ئىككىسى بار. ئۇنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بىلەن تالانتىنى بايقاش. يەنە بىرى بولسا ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش. مەندىكى، بىر ئادەم تىرىشسا ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدىغانلىقى، باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۆزىنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىشەنچ مانا شۇ چاغدا تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئۇ ئىشەنچ مېنىڭ ھازىرغىچە بولغان پۈتۈن ھاياتىمدا ماڭا ئىزچىل تۈردە ھەمراھ بولۇپ كەلدى. شۇنداقلا ماڭا نۇرغۇن پايدىلارنى ئېلىپ كەلدى. ئاشۇنداق ئىشەنچنىڭ تۈرتكىسى ۋە ياردىمى بىلەن، مەن ھازىرغىچە ئۆزۈمنىڭ خىزمەت ئورنىدا بىر قانچە قېتىم ئىنتايىن مۇرەككەپ نەرسىلەرنى ياساپ چىقىشقا كۆكرىكىمنى كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتىم. ياساش ئىنتايىن قىيىن بولغان ئېلېكترونلۇق، ئوپتىكىلىق، مېخانىكىلىق ئەسۋاب ۋە زاپچاسلار، ھەمدە بىر قانچە ئىنتايىن قىيىن بولغان ماتېماتىكىلىق ئالگورىزم ۋە كۆپلىگەن يۇمشاق دېتال پروگراممىلىرىنى ئىشلەپ چىقتىم. تۆۋەندە مەن بۇ ھەقتىكى بىر قانچە مىسالنى سۆزلەپ بېرەي.
1997-يىلى مەن شىمالىي كالىفورنىيەدىكى ئىنگلىزچە «CVI Laser Corporation» دېگەن شىركەتتە ئىشلەۋاتقاندا، بىز ياساپ چىقماقچى بولغان بىر نەچچە ئون مىڭ دوللار قىممىتىدىكى ئوپتىكا ئۈسكۈنىسىگە ئىنگلىزچە «Lock-in Amplifier» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئېلېكترونلۇق ئەسۋاب كېرەك بولۇپ قالدى. بۇ ئەسۋاب ئوپتىكا بازىرىدا بار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىرى تەخمىنەن 3000 دوللارغا سېتىلاتتى. ئەمما بازاردىكى ئەسۋابلار بىردىن ئايرىم ساندۇققا قاچىلانغان، ئايرىم ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەجمى چوڭ بولۇپ، بىز ياسىماقچى بولغان ئۈسكۈنىنىڭ ئىچىگە ئورناتقىلى بولمايتتى. شۇڭا شىركەت باشلىقى ئاشۇ ئېلېكترونلۇق ئەسۋابنى ئۆز ئالدىمىزغا ياساپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ماڭا تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان مەكتىپىمنىڭ كۇتۇپخانىسىغا بېرىپ، ئاشۇ ئەسۋاب ھەققىدىكى بىر كىتابنى ئارىيەت ئېلىپ كەلدىم. ھەمدە شۇنىڭدىكى بىلىملەرگە ئاساسەن، زاپچاسلارنى ئۇ يەر بۇ يەرلەردىن ئېلىپ يىغىپ، بىر ئەسۋابنى 200 دوللاردەك پۇل بىلەن ياساپ چىقتىم. مېنىڭ بۇنداق ئاز پۇل خەجلىشىمدىكى سەۋەب، ئېلېكترونلۇق زاپچاسلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى تېلېفون قىلسىڭىز بىر قانچە زاپچاسنى بىكارغا بېرىدۇ. ئۇنى ئىنگلىزچە «sample» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە «ئىشلىتىپ سىناپ باقىدىغان زاپچاس نۇسخىسى» دېگەنگە توغرا كېلىدۇ. مەن ياسىغان ئۇ ئەسۋابنى ئۆز شىركىتىمىزدە بىرەر ئاي سىناق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارى ئۆلچەمگە يېتىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردۇق.
«CVI» شىركىتى ئۈچۈن مەن يەنە بىر ئىنگلىزچە «White-Light Interferometer» دەپ ئاتىلىدىغان ئەسۋابتىن بىرنى ياساپ بەرگەن بولۇپ، شىركەت باشلىقىنىڭ دېيىشىچە ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق ئەسۋابتىن دۇنيا بويىچە پەقەت باشقا 3 ئورۇندىلا بار ئىكەندۇق. مېنىڭ ياسىغىنىم ئۇنىڭ تۆتىنچىسى ئىكەن. مەن بۇ ئەسۋابنىڭ ئوپتىكا، ئېلېكترونىكا، مېخانىكا قىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا «LabView» دا يېزىلغان يۇمشاق دېتالىنىمۇ ئۆزۈم ئىشلەپ چىقتىم.
2003 - 2000-يىللىرى ئىشلىگەن يەنە بىر يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركىتىدە بىزگە ئۇزۇن يوللۇق نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنىڭ ئىنگلىزچە «Polarization Mode Dispersion, PMD» دەپ ئاتىلىدىغان بىر پارامېتىرىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئەسۋاب لازىم بولۇپ قالدى. سىرتتىن ئالساق بۇ ئەسۋابنىڭ باھاسى 160 مىڭ دوللار ئىكەن. مەن بىر ئاز ئىزدىنىپ، ئۇنىڭ ئىشلەش پرىنسىپىنى چۈشىنىۋالغاندىن كېيىن، شىركەتكە «ماڭا 6 ئاي ۋاقىت بېرىڭلار، ئۇنى مەن ئۆزۈم ياساپ چىقاي»، دېدىم. شىركەت ماڭا «بىز 6 ئاي ۋاقىت ساقلاپ تۇرالمايمىز»، دەپ، ئۇ ئەسۋابتىن بىرىنى سىرتتىن سېتىۋالدى.
مەن ھازىرغىچە خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنىغا بارغاندا، ئېلېكترونىكا تېخنىكىسىنىڭ ئۆزۈم ھازىرغىچە شۇغۇللىنىپ باقمىغان ساھەلىرىدىكى بىر كۈنلۈك دەرسلەردىن بىر قانچىسىگە قاتنىشىپ باقتىم. ھەر قېتىم ئاشۇ بىر كۈنلۈك دەرسكە قاتناشقاندىن كېيىن، مەندە دەرستە سۆزلەنگەن ئاشۇ بىر ئەسۋابنى مەنمۇ لايىھىلەپ ياساپ چىقالايدىغان بىر خىل كۈچلۈك ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ. مەن ئاشۇنداق دەرستىن بىرنى ئاڭلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزۈم ئىشلىگەن بىر شىركەتكە «ئەگەر پوكۇنى ئەسۋابنى بىزمۇ ئىشلەپ چىقىرىمىز، دېسەڭلار، ئۇنى مەن لايىھىلەپ ياساپ بېرەلەيمەن»، دېگەن ۋاقتىم بار.
مەندە ھازىر ئوپتىكا ۋە ئېلېكتر ساھەسىدىكى ئۆزۈم ئۈچۈن يېڭى بولغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى لايىھىلەپ ياساپ چىقالايدىغان بىر خىل ئىشەنچ بار بولۇپ، مەندىكى ئاشۇنداق ئۆز-ئۆزۈمگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچ ئەنە ئاشۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا تۇرغۇزۇلغان ئىدى.
مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلار جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدە «ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ» دېگەن شوئار تەشۋىق قىلىنىۋاتقان، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىر قېتىملىق ئىمتىھاندا ئاق قەغەز تاپشۇرغان بىر دېھقاندىن ئۆگىنىشكە چاقىرىلىۋاتقان، ئوقۇتقۇچىلار «سېسىق توققۇزىنچى» دەپ ھەممە يەرلەردە كۈرەشكە تارتىلىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا ئايال مۇئەللىملەر دەرسكە كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپتا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، دەرسنى قەستەن بۇزۇشى تۈپەيلىدىن، تەييارلىغان دەرسىنى ئۆتەلمەي، بىر قانچە ئون مىنۇتتىن كېيىن دەرسخانىدىن يىغلاپ چىقىپ كەتكەن ئەھۋاللار ئېسىمدە ھازىرمۇ ناھايىتى ئېنىق بار. مەن ئەنە شۇنداق شارائىتتا ئاكام بىلەن ئۆيدە «رادىئو پروجېكتى» قىلغان ئىدۇق. ئالدىنقى بىر ماقالەمدىمۇ تىلغا ئالغىنىمدەك، ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا مەن سىنىپىمىزدا «بىلىم چوقۇم ئەسقاتىدۇ» دېگەن ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىپ، ساۋاقداشلىرىمدىن پۇل يىغىپ، يېڭىدىن چىققان ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ، سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمغا تارقىتىپ بەرگەن ئىدىم. ھازىر ئويلاپ باقسام، بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە بىزنىڭ سىنىپتا مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى دىققەت بىلەن ئاڭلايدىغان، ۋە مۇئەللىم بەرگەن تاپشۇرۇقلارنى ھەر قېتىم ئۆز ۋاقتىدا ۋە تولۇق ئىشلەيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن يالغۇز مەن بىرلا ئادەم قالغان ئىكەنمەن. بىر يىلى فىزىكا مۇئەللىمىمىز يىللىق ئىمتىھاننى ئوچۇق ئېلىپ، چىقىرىلغان سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تەييارلاپ ئەكېلىپ بېرىشكە 3 كۈن ۋاقىت بەردى. مەن ئۇ ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم ئىشلىدىم، ئەمما سىنىپتىكى قالغان 30 دەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، ئۆينىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىپ ئولتۇرۇپ، سوئاللارنىڭ جاۋابىنى مېنىڭكىدىن كۆچۈردى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى تاپشۇرغان قەغەز ئوپمۇ-ئوخشاش بولۇپ، مۇئەللىم ماڭا 100 نومۇر بېرىپ، قالغان ھەممە بالىلارغا 50 تىن نومۇر بەردى.
مەن ئۆزۈمنى ھازىرقى بالىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، پات-پات «ھازىرقى بالىلار نېمىدېگەن بەختلىك-ھە؟!» دەپ ئويلايمەن. ھازىرقى بالىلار يۇقىرىقىدەك بىرەر تەبىئىي-پەن پروجېكتى قىلماقچى بولىدىكەن، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى يېقىندىن قوللاپ، كېتىدىغان چىقىمىنىڭ ھەممىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىدۇ. مېنىڭ ئوغلۇم دىلشات ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئۆزى بىر كومپيۇتېر قۇراشتۇرماقچى بولدى. ئۇ كومپيۇتېر شۇ ۋاقىتتىكى سۇ بىلەن سوۋۇتۇلىدىغان ئەڭ ئىلغار، سۈرئىتى ناھايىتى تېز كومپيۇتېر بولۇپ، ئۇنىڭغا 2600 دوللار پۇل كەتتى. بىز دەسلىپىدە ھەممە پۇلنى بەردۇق. كېيىن ئۇ يازلىق تەتىلدە ئىشلەپ، ئۇ پۇلنىڭ يېرىمىنى قايتۇرۇپ بەردى. بۇ 2005-يىلىدىكى ئىشلار بولۇپ، بىز ئاشۇ كومپيۇتېرنى تاكى يېقىنغىچە ئۆيدە ئىشلەتتۇق. بۇ ھېكايىنى مەن ئۆزۈمنىڭ «يازما سۆھبەت خاتىرىسى» نىڭ 2-قىسمى [2] دا تەپسىلىي بايان قىلغان بولۇپ، قىزىقىدىغان ئۇكىلار ئاشۇ يازما سۆھبەت خاتىرىسىنى ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.