isiyan يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 05:30 PM
ئىش قىلىپ مىنىڭ بىر خوشنام بار تام خوشنا ، كېچە كۈندۈز ...
يامان خوشنا ئۆسمىدىنمۇ يامان ،ئۆسمىنىغۇ ئالدۇرۇش -ئالدۇرۋەتمەسلىك ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى ،لېكىن يامان خوشنىنى قانۇنلىق ئۆيىدىن ھەيدىۋەتكىلى بولمايدۇ -دە ؟
ئىشقىلىپ بەزى ئادەملەر زادى ئەتراپىدىكىلەر بىلەن غىجىلىشىپ ،سۈركىلىش پەيدا قىلىپ ئۆتمىسە تېچ تۇرمۇشقا كۆنەلمەيدىغان ئوخشايدۇ .
مىنڭ قوشنىلىرىمغۇ ياخشى .لېكىن چوڭ ئۆينى چېقىپ ئۆزگەرتش سەۋەبى بىلەن ۋاقتىلىق باشقا بىر ئولتۇراق رايۇندا ئولتۇرۇپ تۇرغان ،يان قوشننىڭ ئېرى نەۋرە كۆرگەن ئادەم بولسىمۇ ئادەم پاتۇرمايدىغان بەدخۇيلۇق كىشىكەن ،يول قويغانسىرى سىزنىڭ خوشنىڭىزدەك ئېشىۋالغىلى تۇردى ، بىركۈنى چوڭ ئۆيدىكىلەرنى يوقلاپ كەلسەم ،يوقلا بىر ئىش ئۈچۈن ئانامغا شۇنداق ئۆكتەملىك بىلەن توۋلايدۇ ،پەيلىمنى بۇزۇپ يۈگرەپ چىقىۋېدىم ئۆيدىكىلەر توسىۋالدى ،لېكىنزە قولۇمنى كۆزىگە تىقىپ تۇرۇپ قاتتىق گەپتىن ئىككى -ئېغىز قىلۋەتتىم ،توۋا دەيمەن مانا شۇنىڭدىن بېرى شۈك يۈرىدۇ ،ئەتىيازدا خۇدا بۇيرىسا قەدەم جايغا يېنىپ كېلىمز .
شۇڭا دەيمەن ،كەڭ قوساقلىق ياخشى خسلەت بولسىمۇ بىراق ئادەمگە قاراپ مۇئامىلە قىلماي بولمايدىكەن .داۋىخو كىشىگە ياخشى گەپ ياراشمايدىكەن ،خۇددى يامانغا ياغ ياراشمايدۇ ،مۈشۈككە يۇمغاقسۈت دىگەندەك ...