مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1416|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇرچە javascript ئۆگىنىش ئەپ دېتالى ئېلان قىلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102954
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 456
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2014-1-30
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 06:40:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرچە  javascript ئۆگىنىش ئەپ دېتالى ئېلان قىلىندى


apmahiri1.jpg




javascript بولسا ئىنتىرنىتتا ئەڭ مودا بولغان بىر قوليازما تىلى بولۇپ،بۇ ئاساسلىق توركۆرگۈچلەردە خىزمەت قىلىدۇ ،جۈملىدىن Ie ,Firefox.Safair chrome قاتارلىقلار,ئەلۋەتتە بۇيەردە بەك مۇرەككەپلەشۈرۋەتمەسلىك ئۈچۈن توركۆرگۈچتە قوللىنلىدۇ دەپ يازدىم ئەمما، بۇنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسى تور كۆرگۈچ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ،بۇ تىل يەنە مۇلازىمىتىر تەرەپ پىروگىراممىسى ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدىغان بولۇپ ھەر تۈردىكى سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرى بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ،جۈملىدىن mysql,mongodb ،بۇ تىل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائى ئوچۇق كود سۇپىسى بولغان github دىمۇ ھەرئايلىق داڭلىق تىللارنى باھالاشتا ئالدىنقى 10 تىلنىڭ ئىچىدىكى ئورنىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپلا قالماي يەنە داۋاملىق ئەڭ ئالدىغا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ،بۇ تىل بىلەن بىز ھەرخىل مۇرەككەپ ھىسابلاش مەشغۇلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلالايمىز،جۈملىدىن نېرۋا سىستىمىسى ۋە ماشىنا تىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سىز بۇ تىل بىلەن پروگىرامما يېزىشنى باشلاشدىن بۇرۇن چوقۇم HTML / XHTML نى بىلىشىڭىز كېرەك ،js بەتتىكى ھەربىر ئىلىمىنتى باشقۇرۇش خۇسۇسىيتىغا ئىگە،دېمەكچىمەنكى javascript ئارقىلىق بەتتىكى ھەربىر dom ئېلىمىنىتنى خالىغانچە كونتىرول قىلالايسىز،dom دىمەكلىك document object model نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ سىز توركۆرگۈدە ئاچقان پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر بىكەت دەل مۇشۇ dom بىلەن تۈزۈلگەن ئېلىمىنتلاردىن ئىبارەت،شۇنداقلا بۇ تىل يانفۇن ۋە كومپيۇتىرنىڭ قاتتىق دىتاللىرىغا كىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ،جۈملىدىن كامىرا،مىكروفون،قاتتىق دىسكىدىكى ھۆججەت قاتارلىقلار.

apmahri2.jpg





مەقسەتكە كەلسەك بۇ قوللانمىنى يېزىشتىكى مەقسەت قانداقتۇر javascript نى يېڭىدىن باشلىغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىش ئەمەس،بەلكى javascript دىكى دائىملىق خاتا چۈشەنچىلەر ۋە بىر قسىم مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى يېشىپ بىرىش،شۇڭلاشقا ئەگەر سىز javascript دىن ئاز تولا خەۋرىڭىز بولماي تۇرۇپ ،بۇ قوللانمىدىن پايدىلانماقچى بولسىڭىز كۆزلىگەن مەقستىڭىزگە ئىرىشەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن،چۈنكى بۇ قوللانما javascript دىن ئوتتۇرھال سەۋىيەگە ئىگە بولغانلارغا ماس كىلىدۇ،بىشىدىن باشلىماقچى بولسىڭىز ئىنتىرنىتتىكى باشقا قوللانملارنى بىرقاتار كۆرۈڭ ۋە ئەمەلى سىناپ يىزىپ ئاساسى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇڭ،ئاندىن بۇ قوللانما سىزگە ،سىزJavascript دا ئۇچىرىغان بىشىڭىزنى قايدۇرغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا زور ياردىمى تىگىدۇ، iOS نۇسخىسىدىكى ئەپ دېتالى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن Android نۇسخىسىدىكى ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ:

ئۇيغۇرچە  javascript ئۆگىنىش ئەپ دېتالى








تارىخ، شەخس،ئەسەر،ساغلاملىق قاتارلىق ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا: ئىزدەش نامى okyanqamus

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110894
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2014-11-14
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 11:24:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 10:41:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇ تىلنى بىر ئۆگىنەي دىگەن، بىراق ئاساسىم نۆل. يۇرتىمىزدا مەخسۇس سېستىمىلىق پىششىق تەربىيىلەش كۇرسلىرى بارمۇ؟ ۋاقتى، ھەققى توغرىسىدا مەلۇملاتلار بولسا كۆرۈپ باقسام

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش