ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 10:25 PM
تېلېۋىزور كۆرمەيدىغان ئوخشاىمامسىز؟ ئىقتىساد ۋە خەل ...
كۆرىمەن . كۈندە كۆرىمەن . ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي دىگەننى سېلىۋەتتى . دېھقانلارغا قەرز بەردى ئۆسۈمسىز ،، باج ئاز .. ھۆكۈمەت يۆلەۋاتىدۇ .. تۇرمۇش ياخشى ..
بىراق مەھسۇلاتلارنى پۇل قىمماق تەسكە توختاۋاتىدۇ ... 100 يۈەن پۇلنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقىپ بېقىڭ ، بىرلا پارچىلانسا يوق ئۇ 100 يۈەن پۇل .
نىفىت باھاسى ئۆسسە قاتناش تەننەرخى ئۆسىدۇ ، قاتناش تەننەرخى ئۆسسە مال ئوبروتى ئۆسىدۇ .. بۇنچىلىك قائىدىنىغۇ بىلەسىز ...
قورساق تويسا ، يالىڭاچ قالمىسىلا ھېسابمۇ سىز ئۈچۈن ... يانچۇق پۇل كۆرىشى ، كارتىدا پۇل بولىشى لازىمغۇ ھازىر .....
ھازىر ھۆكىمەت ھەقىقەتەن يۆلەۋاتىدۇ . ئاچ قالمىسۇن ، يالىڭاچ قالمىسۇن ، ئىسسىق ئۆيى بولسۇن دەپ ھۆكىمەتمۇ كۈچەۋاتىدۇ . سىز بىلەن بىز جىدەل چىقارماي سىڭڭەن مومىمىزنى يەپ قۇلاق تىنىچ ئۆتسەك ھۆكىمەت شۇنىڭغا خوش ..
رايونىمىز دا خام ئەشيا تۆكمە ، ھەم ئەرزان . يەرمۇ ئەرزان ، ئەمما ئۆزىمىز شۇ نەرسىلەرنى پۇل قىلالمىدۇق . ئەمدى ئىشكىرنىڭ كارخانلىرىغا بۇ پۇرسەت بېرىلۋىدى يۇپۇرلۇپ كىلىشكە باشلىدى . ئىشكىرنىڭ كارخانلىرىغا رايونىمىز بىر جەننەت . يەنە تېخى سىز بىلەن بىزدەك يەرلىك ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى بار .
رايونىمىز نىفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش چۈشىشىگە كەلسەك ، ئۆسكىنى ئەۋزەل .
بەلكىم شوپۇر دوسلارنىڭ نىفىت باھاسى ئۆسىشىگە نارازى بولىشى مۇمكىن . مەنمۇ شەخسى ماشىنا ھەيدىگۈچى ، بىراق نېفىتنىڭ ئەرزانلىشىنى خالىمايمەن . مەنمۇ كۈندە ماشىنامغا 50 يۈەندىن تۆۋەن ماي قاچىلاپ باقمىدىم .
ئەڭ ئەقەللىسى نېفىتنىڭ ئەرزانلىشى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى كەلتۈردىغۇ دەيمەن .
ئامرىكىمۇ نېفىت باھاسىنى ئالدىراپ چۈشۈرمەيدۇ . پەقەت مەلۇم دۆلەتكە ئىمبارگۇ يۈرگۈزۈش توغرا كەلسە ئاندىن باھا تەڭشەش ئارقىلىق ئىقتىسادى بىسىم قىلىدۇ .
بۇنى بەلكىم مەندىن ئوبدان بىلەرسىز ... بىر تىمىدا بۇ ھەقتە سۆزلەپ تاس قاپتىكەنسىز دۆلەتلىك سىياسىي مۇتەخخەسىس بولۇپ تاللىنىپ قالغىلى .
كونىلارنىڭ بىر گىپى بارغۇ .. ئۆزەڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى شىر چاغلا . دەپ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا madonna تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-23 11:20 AM