مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئىپارە

قەبرىگە كەتكەن گۈل…(ئىپارە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109182
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 641
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 02:45:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىڭلىم، ھىممىتى  كەڭ اللاھتىن  سىزگە سەۋىر تىلەيمەن ، ئاكىڭىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلسۇن …
ھىسياتىڭىزنى چۈشىنىمىز ، ئويلاۋېرىپ  ئۆزىڭىزنى ئالدۇرۇپ قويماڭ ، سەۋېر قىلىڭ …
ئاتا - ئانىڭىز ئالدىدا ھەرگىزمۇ سولغۇن يۈرمەڭ ، بولمىسا ئۇلارغا تېخىمۇ بېسىم بولۇپ قالىدۇ …
ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ساقلاۋاتىمىز ؛

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15262
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3615 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 08:37:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qeqnus يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 02:45 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىڭلىم، ھىممىتى  كەڭ اللاھتىن  سىزگ ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئاكا، رەھمەت ماڭا كۈيۈنگىنىڭىزگە، ئاللاھ دىگىنىڭىزدەك بولسۇن!

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15262
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3615 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 01:31:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ خالىسا چۈشتىن كىيىن ئاخىرىنى يازىمەن سۈيۈملۈك مۇنبەرداشلىرىم!

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئــــــۇيــــغـــــۇرۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4975
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6214
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 02:04:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ، ئاپتۇر خانىم ! مەنچە   ھەر بىر  ئادەمگە  بىردىن  ئىنكاس  قايتۇرۇشنىڭ  ئورنى  يوق .  ھېكايىڭىزنىي  ئۇقۇۋاتقان  ۋە سىزگە  ئىلھام  بىرىۋاتقان  بارلىق  دوستلارغا   ئۇمىيلىققا  كۆتۈرۈپ  بىرلا  ئىنكاس  يازسىڭىز  بولدى .  بۇنداق  ھەممە ئادەمگە  بىر قېتىمدىن   رەھمەت  ئېيىتقىنىڭىز   ۋاقىت  ئىسراپچىلىقى  .   سىز  بۇ ھېكايىنى  باشلىغىلى   بىر ھەپتىدىن  ئاشتى ،  ئەپسۇسلىنارلىق   يىرى   ئىككى  بۆلەكتىن   ھېچ نەرسە  يوللىماي  باشقىلارغا  رەھمەت  ئېيتىش بىلەنلا   ۋاقىت ئۆتكۈزۈپسىز  .  لېكىن ،  ھەممە  ئادەمگە   بىردىن رەھمەت  ئېيىتقىنىڭىزمۇ  توغرا  ،  ئۇمۇ سىزنىڭ  ئەستايىدىللىقىڭىز  .  بۇنىڭدىن  مەنمىغۇ  مەمنۇن !  ئەمما  ھېكايىنىڭ  ئاخىرى چىقماي   مۇشۇنداق  سۆزلەپ قالدىم .

يەنە بەزىلەر   سىڭلىسىغا  كۈيۈنىدىغان ئاكىلارمۇ   بارمۇ دەپكىتىپتۇ ،  قېرىنداشلىق  مېھرىنى  بەلكىم  بۇلار چۈشەنمىسە  كېرەك . سىز ئاكىڭىزدىن  تەپ تاتسىڭىز  ،  ئۇنى  ھۆرمەتلىسىڭىز   ئۇمۇ سىزنى  نەچچە ھەسسە  ئاشۇرۇپ  ئىززەتلەيدۇ  ۋە قوغدايدۇ .

ئـــــــــــەرنىڭ بــــــــــــــــــــەختى ۋاپادىن ، ئـــــــــــــــــايــــــــــــــالنىڭ بەختى  ھايادىن.

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15262
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3615 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 08:24:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oygurum يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 02:04 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ، ئاپتۇر خانىم ! مەنچە   ھەر بىر  ئاد ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئۇيغۇرۇم قېرىندىشىم، ماقۇل ماقۇل بۈگۈن يازاي، تۈنۈگۈن يازماقچىتىم لىكىن مۇنبەر ئىچىلماي يازالمىدىم، بىردىن ئىنكاس يىزىشىم ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىم، ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان مەدەت ئىلھامىغا بولغان ھۆرمىتىم، مانا تېمىنى يىزىشنى باشلىدىم.

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15262
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3615 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 08:29:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئاپام مىنى دادىئودا ناخشا ئېيتىپ بەرسەڭ بولىدۇ, ھەممە بىلىمىڭنى ئىچىڭدە بىلىپ يۈرگىچە دەيدۇ، بىرسى ناخشا ئېيتقان ئىدى. كۈلۈپ كىتىپتىمەن دىسە……

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15262
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3615 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 11:17:57 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ يولغىمۇ چىقتۇق، شوپۇر بالا بىزدىن  : ئاكا سىلەرنىڭ ئۆيىڭلار ئۇ يەردىمۇ? دەپ سورىدى، يولدۇشۇم: ياق ئايالىمنىڭ ئۆيى ئاشۇ يەردىتى، ئاكىسى ئوكۇشسىزلققا ئۇچراپتۇ شۇڭا ئۇ يەرگە قاراپ ماڭدۇق  دىدى، ئۇ بالا: قارىم ئاكا قانداق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپتۇ? دەپ سورىدى، ئو: شۇ كۈنى يالغۇز نۆۋەتچىلىك قىپتىكەن دوختۇرخانىدا! قالغىنىنى بېرىپ بىلىمىز ! دىدى ، شوپۇر بالا 27ياشلار ئەتراپىدا ئاق سېرىق كەلگەن چىچىنى ئوتتۇردىن ئارىۋالغان شوخراق ئاق كۆڭۈل باكىدەك قىلاتتى، ئۇ يولدۇشۇمدىن: ئاكا سىز نەچچىگە كىرگەنسىز? ساقىلىڭىز بولغاشقا بىلەلمىدىم دىدى، ئۇ كۈلۈپ كىتىپ: ھە مەن بۇ يىل 35 ياش دىدى، شوپۇر بالا كۈلۈپ: قارىساملا مەرىڭىز ئىسسىق چىرايىڭىزدىن نۇر يىغىپ تۇرىدىكەن، بۇ نامازنىڭ خاسىيىتى ھە ئاكا دىدى، ئۇ : ھەئە خۇدۇمنى بىلگەندىن باشلاپ ناماز ئۈگىنىپتىمەن ! ئاللاھ شۇنۇڭ مۇكاپاتىنى بېرىدىكەن دىدى، مەن : توۋا دەپ قالىمەن بۇنۇڭغا كۆرگەنلا ئادەم ئامراق بوپ قالىدۇ، بىزگە گەپ قىلىپ بېرىڭە ، سىزگە ئامراق بوپ قالدۇق دەپ كىتىدۇ دىسەم . شوپۇر: شۇ ئۇچۇق گەپلىرى ئورۇنلۇقكەن ئەمەسمۇ! دىدى. ئۇلار پاراڭ بىلەن ماڭدى، مەن يەنە خىيال دېڭىزىغا چۆكتۈم. تولۇق ئوقۇۋاتقان ۋاختىم ئىدى ياز ئاكام تەتىل قىلىپ كەلگەن ئىدى، يۈرۈكۈم ئاكام ئاغىنىللىرى بىلەن كۆرۈشكىلى كەتتىمۇ، بىر چاغ سائەت توققۇز بولغان ۋاقىت بولسا كېرەك  ئاكام قايتىپ كەلدى، ئۆيىمىز بىنادا يەنە ئۈچۈنجى قەۋەتتە ئىدى  ئاكام قايتىپ كىلىپ بىردەمدىن كىيىن ئىشىكنى بەك قاتتىق ئۇرۇپ كەتتى ئاكام ئۆيدىن ئۇچقاندەك چىقىپ ئۇ بىر توپ باللار بىلەن چىقىپ كەتتى ، مەن شۇ ھامان كەينىدىن چىقتىم، ئاكام ماڭا خاپا بولۇپ سىلەر چىقماڭلار ! دەپ ئۇچقاندەك چۈپ كەتتى، مەن كۆڭلۈم بىر ئىشنى تويۇپ دەرھال پەسكە چۈشتۈم، بىرىنجى قەۋەتتىكى خوشنىمىز ھەم ئاكىمىز بولغان نادىر ئاكاشنىڭ ئىشىكىنى قاتتىق چىكىپ: نادىر ئاكا سىز بارمۇ? ئاكامنى بىر توپ بالىلار ئەپ كەتتى ! دەپ يىغلاپ كىتىپتىمەن، نادىر ئاكام : نىمە قانداق گۇيلاركەن ئۇ مەن بىر كۆرەي دەپ پۇتىغا ئايىغىنىمۇ كىيمەي يۈگرەپ چىقىپ كەتتى، بىز ھەممىمىز چىقتۇق، نادىر ئاكام شۇ يۈگەگەنچە يۈگرەپ ئۇلارغا يىتىشىپ ئاكامنى قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى .  ئۇنۇڭدىن كىيىن بىر كۈنى ئۇخلاپ چۈشۈمدە: بىرسى ئاكامغا پوپوزا قىلىپ لىكىن چىقىلماپتۇ، شۇنداق چۈش كۆرۈپ ئويغانسام ئاكام تىخى كەلمىگەن ئاپام ئىككىمىز توكنى ياندۇرۇپ ئولتۇرىشىمىزغا  دەرۋازىنى بىرسى چەكتى، ئىشىكنى ئاچساق ئاكام كىردى، مەن ئەنسىرەپ كۆرگەن چۈشۈمنى دىسەم ، ئاكام توغرا يىلى مەن شۇ سورۇندىن كەلدىم ، بالىلار بىلەن ئولتۇرغان، توۋا سەن دىگەندەك ئىشلار بولغان، لىكىن مەن ئۇلارغا بوزەك بولمايمەن، ئۇنداقلاردىن نەچىسى كەلسىمۇ مىنى ھىچنىمە قىلالمايدۇ، مەندىن ئەنسىرمە ھە! دىدى، مەن: بىراق ئاكا ئۆزىڭگە دىققەت قىل! دىدىم، نىمىشقىكىن ئاكامنىڭ دوستلىرى پەقەت ياخشى ئەمەستەك بىلىنەتتى.
مەن يەنە ئۆيگە تىلىفۇن قىلدىم ، تىلىفۇننى ھاممام ئالغان بولۇپ ئۇ ئۆيگە كىلىشىمىزنى دىدى، مەن: ياق بولدى دوختۇرخانىغىلا ئۇدۇل بارايلى دىدىم، شۇنداق قىلىپ دوختۇرخانىغا كەلدۇق، سۈيۈملۈك يۈرۈكۈم ئاكام ئۈچۈنجى قەۋەتتە ،icu خانىدا ئىكەن، بۇ ۋاقىت چۈشتىن كىيىنكى ۋاقىت بولغاشقا بىزنى كىرگۈزمىدى، ئۈرۈمچىدىن تۈققانلارمۇ بىر بىرلەپ كەلدى ، ئاپام ئۇلارغا ئىسىلىپ يىغلىدى، مەن ھىچنىمىنى بىلمىگەش ئاپامغا: ئاپا يىغلىما, ئاكام ياخشى بوپ كىتىدۇ، دەپتىمەن،  ئاپام يىغىدىن توختىغان بولسىمۇ نىمىشقىكىن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن تۇققانلا رنىڭ مىنى كۆرسۈتۈپ: توۋا، يىغلىما ئاپا، دەيدۇ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ قالدىم ، شۇنۇڭ بىلەن بىر چاغدا بەلنىس ئىچىدىن ئاكام ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى سېستىرا قىز ئاچىقىپ قويدى، مەن ئونى بىر بىرلەپ كۆردۈم ھەممە نەرسىلەر شۇنچە پاكىز، ئىشلەتكەن دارىللىرى ئاشقازان دارىسىدىن باشقا ھىچقانداق دارا يوق بولۇپ ئۇنىمۇئىشلەتمىگەن ئىدى، توۋادەپ قالدىم،ھەمە نەرسە ئۆز پىتى تۇرۇپتۇ، شۇنۇڭ بىلەن ھەممىمىز قايتىدىغان بولدۇق ،   ھەم ئاكامنى ئاچىقىكىتىدىغان بولدى، مەن ھىچنىمىنى بىلمىگەش : ئاكامنى نىمىشقا ئاچىقىپ كىتىمىز? دەپتىمەن، ئۇلار ياخشى بوپ قاپتۇ، دىدى. شۇنۇڭ بىلەن بىز ئاياللار پەسكە چۈشۈپ تۇرىدىغان بولدۇق، ئەرلەر يىلى ئاكامنى ئېلىپ ماڭىدىغان بولدى، مەن نەۋرە ئاچا سىڭىلللىرىم بىلەن قارمايدىكى ئاكامنىڭ ماشىنىسىدا ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتىم ، ھەم بۇ ئىشنى سورۇدۇم. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئاكام بىر كۈن بۇرۇن ئىشلەيدىغان يېرىگە چىقىپ كەتكەن بولۇپ ،شۇ كۈنى ئۆيدىكىلەرگە تېلفۇن قىلىپ ئەتە سائەت توققۇزدا ئۆيگە بېرىپ ئايالى باللىرىنى ئېلىپ ئوينۇتۇپ كىلىدىغانلىغىنى دىگەن، لىكىن ئەتىسى سائەت توققۇز بولغىچە تىلىفۇن قىلمىغان شۇنۇڭ بىلەن دادام نىمىش بولدى بۇ كۈندە سائەت يەتتە يېرىمدا تىلىفۇن قىلاتتى، ھەجەپ بۈگۈن تىلىفۇن قىلمىدى دەپ تېلىفۇن قىپتۇ، تىلىفۇن قىلسا ئۇ يەردىكى سېستىرا قىز ئېلىپ، ئاكامنىڭ مىجەزى يوقلىقىنى دەپتۇ،  دادام نۇ گەونى ئاڭلاپ بىز ھازىر چىقايلى ئەمىسە دەپ دەرھال يولغا چىقىپتۇ، يېرىم يولغا كەلگەندە ئۇلاردىن تېلىفۇن كىلىپ سىلەر خەلىق دوختۇرخانىسىغا قايتىڭلار ،بىز شۇ دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدۇق  ئوغلۇڭلارنى ئېلىپ ! دەپتۇ، ئاپام دادام ،ئاچام ،ئاچامنىڭ يولدىشى ھەممىسى قانداق قىلىشىنى بىلمەي ئارقىغا يىنىپ خەلىق دوختۇرخانىسىغا كەپتۇ، لىكىن خىلى ئۇزاق ساقلىغاندىن كىيىن ئۇلار كەپتۇ، شۇ چاغدا جىنىم ئاكامنىڭ قولى مىدىرلاپ ئاچامنىڭ تۇتقان قولىنى تۇتۇپ ئېسىپ قويغان ئاسما ئۇكۇلنى ئېلىۋەت دىگەن ئىشارەتنى توختىماي قىلغان بولسىمۇ، لىكىن ئاچام ئۇ ئۇكۇلنى سېنى قۇتقۇزىدىغان ئۇكۇل دەپ ئېلىۋەتمىگەن، ھەي مەن بولسام، توختا بۇ ئاكام نىمىشقا ئۇ ئۇكۇلنى ئېلىۋەت دەيدۇ دەپ ئېلىۋىتىپ ، ئاكامنىڭ باشتىن ئاخىر قۇتقۇزىشىغا ئۆزۈم قاتنىشاتتتىم ياكى باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىگىزەتتىم، شۇنداق قىلىپ ئاكامنى جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىدىن يۆتكەپ icu  خانىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن، شۇ ئارىدا ئاكامنى جىنازىغا يۈزى يىپىق  ھالەتتە گۈللۈك ئەدىيالنى ياپقان ھالدا دوختۇرخانىدىن ئەپ چىقتى  ) مەن ئۇنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشىنەلمەي قالدىم دە،  ئاكامنى يۈزى يىپىق ئاچىقىۋاتىدىغۇ? دەپتىمەن  ئۇلار: ساڭا دىمىگەن سەن يول ئۈستىدە بولغاش! دىدى، ئۆزۈمنىڭ قانداق ماغىنىدىن چۈشكىنىمنى بىلمەيمەن ئۇدۇل كىلىپ يىغلىغان پىتى ئاكامنى چىقاغان ماشىنىغا چىقىمەن دەپ تۇرۋالدىم، شۇ زامان يولدۇشۇم ئۇ ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ : سىز بۇ ماشىنىغا چىقسىڭىز بولمايدۇ يىغلىماڭ،سەبر قىلىڭ،تەغدىر شۇنداقكەن دىدى، شۇ ئارىدا ئاكامنىڭ ئاغىنىسى ھەم ئۇنۇڭ ئايالى مىنىڭ ساۋاقدىشىم ھەم دوستۇم ئارزۇ كەلدى - دە، ماكا تەسەللى بېرىپ مىنى باغقا ماشىنىغا چىقىشىمغا ياردەملەشتى، زۇ ئارىدا ئاكامنىڭ بۇرۇنقى دوختۇرخانىسىدىكى باشلىقى كىلىپ بىزنى ئاتا- ئانامنى ماشىنىسىغا چىقىشىغا دەۋەت قىلدى، ھەي شۇ چاغدا سېنىڭ كاساپىتىڭدىن ،سېنىڭ ئەسكىلىكىڭدىن ئوغلۇمدىن ئايرىدىك بىزنى دەپ ياقىسىغا ئېسىلمىغىنىغا ئەمدى شۇنداق پۇشمان قىلىدۇ ئاپام داداملار، بۇ باشلىق خەن بولۇپ ئاكامنى خەنچىنى ياخشى بىلمەيدۇ دەپ ، ئۇنۇڭ دوختۇرلۇق كەسپىنى بەرمەي، باشقا باشقا ئىشلارنى قىلغۇزاتتى،  ئاكامنى ئۇ يەردىن بۇ يەرگە يۆتكەيتتى ، سېستىرالىقمۇ قىلغۇزغان پارغا ئوت قالاش دىگەندەك ئىشلارنى قىلغۇزاتتى ، ئاكام خىزمەتتە روھى ۋە جىسمانى بىسىمغا ئۇچۇرغان ئىدى، توۋا دەيمەن ئاچاممۇ خىزمەتتە ھەم تۇرمۇشتا بىسىمغا ئۇچراپ ياش تۇرۇپلا راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئاكامدىن ئەللىك كۈن بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن ئىدى، سۈيۈملۈك ئاچاممۇ كىسەەلنىڭ دەدىنى يەتتە يىل تارتقان، بىزمۇ توختىماي ھەممە داۋالاشنى ئېلىپ بېرىپ ئاخىرقى تىنىقى دوختۇرخانىدا بولغان ئىدى.
شۇنۇڭ بىلەن قايسى ماشىنىغا چىققىنىمنى بىلمەيمەن ،ئۆيگىمۇ كەلدۇق، ئۆيگە كەلسەم ماشىنىدىن چۈشسەم بىشىم قىيىپ يەرگە ئولتۇرۇپ قالدىم، كىمدۇر بىرسى يۆلىگەندەك قىلدى ھەم ئۆيگە باشلاپ ئەكىردى، ئۆي لىققىدە ئاياللار بىلەن تولغان ئىكەن،  كىرىپ ئولتۇرغۇنۇمنى بىلىمەن قانداق بىر كۈچ كەلدى ئىچىمدىن ئاۋازىمنى قويىۋىتىپ ئاكام نىمىشقا يالغۇز ئىشلەيدۇ? نىمىشقا ئاكامنى يالغۇز قويىدۇ! دەپ ۋاقىراپ كىتىپتىمەن، ھەم ئا …… دەپ قولۇمنى كۆتۈرۈپ تولاپ كىتىپتىمەن، بۇنداق چاغدا ئادەم ئۆزىنىڭ نىمە قىلغىنىنى نىمە دىگىنىنى بىلمەيدىكەن، كىمدۇر بىرسى كىلىپ ماڭا تەسەللى بېرىپ بىر مۇنچە گەپ قىلغان بولسىمۇ ئۇ گەپلەر قولقۇمغا كىرمىدى، شۇ ئارىدا ئاچام : شۇ ئاكىسىغا چىدىماي شۇندەق قىلىۋاتىدۇ ! دىگەن گىپىلا قۇلقۇمغا كىردى . ھەممىسى بىلەن قانداق قىلىپ بىر بىرلەپ كۆرۈشۈپ ئېسىلىشىپ يىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن.

داۋامى بار…… بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىپارە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 11:27 PM  

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15262
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3615 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 11:17:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

داۋامى بار……

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10265
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2352 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 05:59:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىۋاتىدۇ ھەدە ئۆزىڭىزنى بەك تۇتىۋىلىپ ھۇدۇقماي يىزىڭ....بولسا بىر بۈلەكنى يىزىپ بولغاندىن كىيىن  رىتىملىق ناخشىدىن بىرنى ئاڭلىۋىتىڭ كەيپىياتىڭىز تۇيغىڭىز ياخشى بۇلۇپ قالىدۇ...غەيرەت قىلىڭ

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12495
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32513
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4534 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 11:40:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بۆلەك ئىككى قېتىم يوللۇنۇپ كېتىپتۇ...

داۋامىنى كۈتىمەن....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش