مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: زېلال

مۇھەببەت چاقچىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92986
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 738
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 02:07:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jelwa يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 10:11 PM
ئوقۇرمەنلىرىڭىزنى  ساقلاتقىنىڭىز  بولمىدى  ..
ھەر  قاند ...

كەچۈرۈڭلار ،بەزىبىر سەۋەپ تۈپەيلى بۇ بىر نەچچە كۈندە ئەسەرنىڭ داۋامىنى يوللىيالماي قالدىم ،ئەسىرىمنى ياقتۇرغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت، مەن چوقۇم ئەڭ تېز سۈرئەتتە يېزىپ چىقىشقا تىرىشىمەن ،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108462
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 301
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2014-7-15
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 04:14:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە بولدىڭىز،قېنى داۋامى،تېزرەك يازمامسىز؟ساقلاپ قالدۇق،تېزرەك يازىمەن دىگەن گېپىڭىز ئېغىزىڭىزدىن چىقتىمۇ يە،

دوسلار بامۇ سىلەر؟كەلمەمسىلەر،بىر ئىككى پىيالە چاي ئىچكەچ مۇڭداشمامدۇق ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1850
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4946
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 06:21:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زېلال يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 02:07 AM
كەچۈرۈڭلار ،بەزىبىر سەۋەپ تۈپەيلى بۇ بىر نەچچە كۈندە  ...

ماقۇل  ، ساقلايمىز  ھەدە   ....

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92986
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 738
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 08:43:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

داۋامى  .....

-مۇنداق ئىش ،رەشىدە ، ھە...ئەستا گەپنى نەدىن  باشلىسام بولار؟

ئەركىن ئەسلى ھەممە گەپنى بۇ تويغاقۇشۇلمايدىغىننى قىزغا ئېنىق قىلىپ دېمەكچىتى لېكىن ، يەنىلا ئېغىزئاچالمايۋاتاتتى.

-ئەركىن ئاكا ،گەرچەئىككىمىز قوشنا بولساقمۇ ئەزەلدىن تۈزۈك پاراڭلىشىپ ئۆتمىسەكمۇ،دەپ گەپ باشلىدى قىز .- بىراق ئايشەمخان ئانامنىڭ ئاغزىدىن سىزنى ئاز تولا بولسىمۇ چۈشىنىمەن ،سىزشۇنداق تىرىشچان ، شۇڭا سىزگە ھۆرمىتىم بار، بىراق...قىز نېمىشقىكىن سۆزلەپ بۇيەرگە كەلگەندە  گېپىنىڭ  ئاخرىنى دېيىشتىن ئىككىلىنىپ قالدى .ۋە بىرنى چوڭقۇر تىنىۋەتكەندىن كېيىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى.

-ئۇنداق بولسادەۋېرەي ئەركىن ئاكا ، ئەمەلىيەتتە مەن بۇ ئۇچرىششقا پۈتۈنلەي ئاپامنىڭ زورى بىلەن چىقتىم ،بىلىمەن بۇنداق دېسەم سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە كېلىشى مۇمكىن ، بىراق بەزى ئىشلارغا ئامال يوقكەن بەلكىم ھېس قىلغانسىز ياكى قىمىغانسىز، مەن دەسلىپىدىلامەيلى كىينىشتە مەيلى تاماي يېيىشتا بولسۇن ياكى يول ماڭغاندا بولسۇن ھەممىسىدەقەستەن قىلىقسىزلىق قىلدىم ،مەقسىتىم شۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىزنىڭ رايىڭىزنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئىدى، گەرچە سىزنىڭ ھازىر كۆڭلىڭىزدە  بۇ تويغا قانداق قارايدىغىنىڭىز ماڭا نامەلۇم بولسىمۇ بىراق شۇنى ھېس قىلدىمكى ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە پۈككەن ئادىمىڭىز بار،چۈنكى سىز ئەتىگەندىن بىرى ماڭا ئازراقمۇ دىققەت قىلمىدىىز ،ھەتتا تۈزۈك گەپمۇ قىلمىدىڭىز ،خىيال ئىچىدە ئولتۇردىڭىز ،مانا ھازىرمۇ گەپنى ئۆزىڭىز باشلىدىڭىز يۇ يەنىلا ماڭا ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتسىز ،بەلكىم مېنى خىجىل قىلىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرگەنسىز، ،،شۇڭا مەن ئۆزۈم ئېيتىشنى لايىق تاپتىم ..مەن   ،،،سىز بىلەن توي قىلالمايمەن، چۈنكى مېنىڭ كۆڭلۈمدە باشقا بىرى بار كەچۈرۈڭ...

  قىزنىڭ سۆزلىرىدىن ئەكبەر مەڭدەپ تۇرۇپلا  قالدى،چۈنكى ئۇ قىزنىڭ بۇنچىۋالا گەپكە ئۇستىلىقىنى، جۈرېئەتلىكىنى ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ كۆڭلىدكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالدىغىننى قەتئىي ئويلاپ باقمىغانىدى، راس،ئەركىن ئەسلى ئۆز بەختى ئۈچۈن بۇ قزغا ئېنىق قىلىپ ئۆزىنىڭ باشقا بىرى بىلەن پۈتۈشۈپ بولغىننى،بۇ تويغا قۇشۇلالمايدىغغىنى دېمەكچى ئىدى، بىراق بۇنداق قىلسا بۇقىزغا ئېغىر كېلىشى غۇرۇرىغا تېگىشى مۇمكىن ئىدى، شۇڭا ئۇ يەنىلا ئىككىلىنىپ قالغانىدى، بۇنىمۇ قىزنىڭ ھېس قىلۋالغىنىدىن ئۇ راسلا ھەيران قالدى،ھەم ئۆزىنڭمۇشۇ قىزچىلكمۇ جۈرېئىتى يوقلىقىدىن سەل ئۆكۈندى.

-رەشىدە ،راس گەپنىقىلسام ئەمەلىيەتتە سىز ئويلىغاندەك مېنىڭ راسلا كۆڭلۈمدە بىرى بار،يەنە كېلىپ مەنئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن ،ئەسلى بۇ گەپنى كېلىپلا دېيىشنى ئويلاشغان ،بىراق ئېغىزئاچالمىدىم چۈنكى سىز دېگەن باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدىكەنسىز ،ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچەيىلدىن بىرى ئانامنىڭ ھالىدىن مەن يوق چاغلاردا سىز خەۋەر ئېلىپ كېلىۋېتىپسىز،ئەزەلدىن مېنىڭ پىكرىمگە ھۆرمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئانام بۇ قېتىم ماڭا بەك بېسىمئىشلەتتى، شۇڭا مەن بۇ ئىككى ئارلىقتا بەك قىينالدىم ،بايامۇ دەي دېدىم يۇ بىراقسىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىنى بىلمىگەچكە سىزگە ئازار بېرىپ قۇيارمەنمۇ دەپ تېخى قورىرقتىم، بۇ ئىشلار مېنى راسلا بەك چارچىتۋەتتى...

-مانا ،ئەمدى ھەممەئىش ئېنىق بولدى، ھەر ئىككلىمىزنىڭ بۇ تويغا رازىلىقىمز يوق، ئەگەر بىزلاپىكرىمىزدە چىڭ تۇرالىساق بەلكىم ئاتا ئانىمىزمۇ قۇشۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا بەك كۆپمۇ ئويلىنىپ كەتمەڭ،دېدى قىز كۈلۈپ تۇرۇپ. قىزنىڭ بۇنچە ئوچۇقلىقىدىن سۆيۈنگەن ئەكبەر ئۆزىنى باياتىنقىدىن خېلىلا ئازادە ھېس قىلىشقا باشلىدى،

-توۋا دېدى ئەركىن،سىزنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش خىيالدا ئىكەنلىكىڭىزنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام  ھە،ئاخشامدىن بېرى غەم قىلىۋېرىپ  تۈزۈكمۇ ئۇخلىيامىدىم.

-ھې،ھې، شۇنى دەڭە،مەنمۇ بالدۇر ئۇققان بولسام ،باياتىندىن بېرى لەغمەننى سوزۇپ يۈرۈپ سەتلىشىپيۈرمەستىم ،

- ھا ھا، شۇنى دەڭە،ئىككىمىز راسلا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قىيناپ يۈرۈپتۇق.

ئۇلار بىر- بىرنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئارىسىدىكى بايىقى بۇرۇڭتۇمچىلىق بىراقلا يوقاپ خېلىئەركىنلىشىپ قالدى، خۇددى بۇرۇندىلا تۇنىشىدىغاندەك شۇنداق ئازادە ھېس قىلىشتى،ئۇلار  شۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى، بىراق نېمىشقىكىن ھېچقايسىسى ئۆزىنىڭ مۇھەببەتكە  چۈرمىشى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشمىدى پەقەت  ئۆيگە قايىتقاندىن كېيىن چوڭلارغا قانداقئېيتىشنى مەسلىھەتلەشتى.ئەركىننىڭ چىڭ تۇرۋېلىشى بىلەن قىز سۈكۈت قىلىپ تۇرىدىغان، ئەركىن بولسا ئاپىسىغا بۇ قىزنىڭ ئۆزىگە قەتئىي ياقمايدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ بىلەن قەتئىي توي قىلغۇسى يوقلىقىنى ئېيتىدىغان بولدى ،بۇنداق بولغاندا قىزغا ھېچقانداقگەپ كەلمەيتى بىراق ئەركىن بولسا ئاپىسىدىن قاتتتىق تىل ئىشتىشى ئېنىق ئېدى.شۇنداققىلىپ ئۇلار ئۆيىگە قايتىشتى. باللىرىنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ بىر بىرى بىلەن خوشلىشۋاتقىنىبالكوندىن كۆرۈشكەن ئىككى ئانا ئىشنىڭ ياخشى تەرەپكە يۈزلەنگىنىدىن خوش بۇلۇشۇپ قۇچاقلىشىپ كەتتى .

ۋەئايشەمخان ئانا دەرھال ئۆيىگە ئوغلىدىن خوش خەۋەر ئاڭلاشقا ئالدىراپ چىقىپ كەتتى.

-كەلدىڭمۇ،بالام ،قانداق مەن نېمە دېگەن، شۇنداق ياخشى قىز ،چۇقۇم ساڭا يارايدۇ دېسەم  ئىشەنمىگەنتىڭ، قانداق ئاپاڭ، راس دەپتىمۇ ،مانا ئاپاڭنىڭ دۆلىتىدە ئوبدان بىر قىزبىلەن تويۇڭ بولىدىغان بولدى...ئانا خۇشاللىقتىن توختىماي سۆزلەيتى،

باياتىندىن بېرى ھەئە ئاپام راس دەپتىكەن ،ئۇياخشى قىزكەن دەپ ئويلاۋاتقان ئەركىن توي دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ دەرھال ئېسىنى  يىغىدى.

-ۋوي ئاپا، نېمە دەۋاتسەن؟ كىم توي قىلىدىكەن ؟ ساڭا نەچچە قېتىم دېدىم ؟ مەن زىبادىن باشقىنى ئالمايمەن دەپ..

-نېمە؟نېمە دېدىڭ ؟ بايا رەشىدە بىلەن كۈلۈشۈپ خوشلاشتىڭلارغۇ؟ئۇنىڭ نەرى ساڭا يارىمىدى؟دېگىنە ، زادى نەرى...

-ئاپا،ئۇنىڭ ھەممە يېرى ياخشى، شۇنداق ئېسىل قىز ،لېكىن ،،،لېكىن مېنىڭ كۆڭلۈمدە پەقەت زىبالابار ....

-قوي ئۇ زىبا –پىزالىرىڭنى، توردا ئىككى تۆت تال شىرى شىكەر قىلىپ قويسا خۇدىڭنى يوقىتىپ قويدىڭما ؟ توردىكى نەرسىگە ئىشەنگىلى بۇلامدۇ؟ سەن بىر كىيىم ئالمايسان بالام خۇتۇن ئالىسەن خۇتۇن، ئۇختىڭمۇ؟ شۇنداق ئېسىل قىز تۇرسا نەدىكى ئىسمىنىمۇ ئۆزىنىمۇ ئۇخمايدىغان بىرىگە كۆڭلۈم بايەي دەپ كەتكىنىڭدىن ئايلىناي، ئىشقىلىپ ساڭا دەپ قۇياي ئەركىن ،رەشىدەنى كېلىن قىلغىنىم قىلغان -،دېدى ئانا ئاچچىقلاپ تۇرۇپ .

-ئاپا، زىبا ئۇ باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدۇ ،ئۇ بەك ئەخلاقلىق، ئىنتايىن ياخشى قىز .

-ئەخلاقلىقمىش تېخى، سەن كۆرگەنما ئەخلاقلىقىنى ،كىم بىلىدۇ ،قېرى بىر مومايمۇ تېخى،

-ۋايبولدىلا ساڭا نېمە دېسەم  بىكا ئوخشايدۇ،ئىشقىلىپمەن بۇ تويغا قۇشۇلمايمەن، مەن يا رەشىدەنى چۈشەنمىسەم.ئۆزۈم چۈشەنمەيدىغان بىرىبىلەن ھەرگىز توي قىلمايمەن .

ئانابالا ئىككەيلەن شۇ تەرىقىقدە بىر بىرنى قايىل قىلىش ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى،بىراق ھېچقانداق ئۈنىمى بولمىدى، ھەر ئىككلىسى ئۆز پىكرىدىن يانمىغانىدى، بۇ ئىش شۇنىڭ بىلەن بېسىققاندەكمۇ بولدى، ئەكبەر ياتاق ئۆيىدە تورۇسقا ياتقىنىچە خىيالغا پاتقانىدى،شۇ تاپ ئۇ زىبانى ئاپىسى ئېيىتقىنىدەك ھەقىقىي ئىسمىنىمۇ تەققى تۇرقىنىمۇ ئۇقمايدىغان شۇ ناتۇنۇش قىزنى ئويلاۋاتاتتى.  زىبا شۇ تاپ نېمىش قىلۋاتقاندۇ؟ بىر نەچچە كۈن بولدى تۈزۈكمۇ خەت قايتۇرمايدۇ،ئۆيدىكىلەر تويغا زورلاۋاتىدۇ دېگەندەك قىلغانتى،زادى قانداق بولغاندۇ؟ نېمىشقىمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن ،سىز بىلەن توي قىلغۇم باردەپ ئالدىراقسانلىق بىلەن كۆڭلۈمنى ئاشكارلىغاندىمەن؟ نېمە دەپ ئويلاپ قالدىكىنە؟ھەقىچان ماڭا ئىشەنمىگەن چېغى ،دېمىسىمۇ بۇنداق گەپنى توردا دېسەم كىم ئىشىنەتتى،ئەسلى بىرە مەزگىلدىن كېيىن كۆرۈشكەندىن كېيىن دەي دەپمۇ ئويلىغانتىم بىراق ئۇ تۇيۇقسىز توينىڭ گېپىنى قىلغاچقا ئۆزۈمنى بېسۋالالماي دەپ ساپتىمەن،تېخى ھەي ئەمدى ،زىبا ماڭا قارىماسمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بۇلۇپ قالسا قانداقمۇ قىلارمەن ھە؟  ئۇشۇلارنى خىيال قىلىۋېتىپ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولدى،شۇ ئەسنادا تۇيۇقسىز ئۈندىدارى سايرىدى.ئەركىن زىبادىن كەلگەنمىدۇ دېگەن ئۈمىدتە يانفۇنىغا تېزلا قارىدى. دەرۋەقەئۇچۇر زىبادىن كەلگەنىدى، ئۇچۇردا مۇنۇلار يېزىلغانىدى:

-ئەسسالام ئەلەيكۇم،قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ مېنىڭ توي ئىشىم بولمايدىغان بولدى،

-راسمۇزىبا؟ بۇنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولدۇم

-ھەئە،ئەركىن ، بۇ راس،

-زىبا،مەن تېخى سىزنى ماڭا ئەمدى گەپ قىلماي قالارمۇ دەپ بەكلا ئەنسىرگەنىدىم ،بىلىمەن ئالدىنقى قېتىم مەن سىزگە ئۇنداق گەپ قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى، كەچۈرۈڭ

-نېمە؟دېگىنىڭىزگە پۇشايمان قىلغان ئوخشىمامسىز ؟

-ياق،ياق ، پۇشايمان قىلمايمەن ،بىراق زىبا ئۇنىڭ ھەممىسى مېنىڭ يۈرەك سۆزۈم، مېنىڭراسلا سىز بىلەن توي قىلغۇم بار.بۇ راس ، ماڭا ئىشىنىڭ . ئەركىن بۈگۈن كۆڭلىدىكى گەپلەرنى دېيىشنى ئويلاشتى.

-ئىشىنىمەن، ئەركىن .  ...

-ئەمىسە..زىباسىزچۇ ؟ مەن كۆڭلىڭزدە زادى بارمۇ يوق؟  بۈگۈن ھەممىنى ئۇچۇق دېيىشەيلى ،

-ئەركىن ئەتە كۆرۈشكىنىمزدە جاۋاپ بەرسەم بۇلامدۇ؟  

ئەركىن بۇ خەتنى كۆرۈپ دەسلەپ مەڭدەپلا قالدى، ئارقىدىن قىزنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندى دەخۇشاللىقتىقن ۋارقىرۋەتكىلى تاسلا قالدى،دېمەك قىز ئەركىننىڭ كۆڭلىنى قۇبۇل قىلغان ئىدى.

-نېمە؟ ئەتە ۋاقتىڭىز يەتمەمدۇ يا ؟

-ياقياق زىبا، يېتىدۇ ،رەھمەت سىزگە ئاخىر سىزنى كۆرىدىغان بولدۇم ..

-ئەركىن،بىلەمسىز بۈگۈن مەن سىزنىڭ ھاياتىمغا قانچىلىك چوڭقۇر سىڭىپ كىرگىنىڭىزنى ھېس قىلدىم، چۈنكى مەن بۈگۈن سىز ئۈچۈن ئەزەلدىن قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلدىم

-ھېھې بىلدىم ،چۈنكى ھازىرمۇ سىز ماڭا ئەزەلدىن دەپ باقمىغان گەپلەرنى دەۋاتسىز ،

-چاقچاق قىلماڭ، راس دەۋاتىمەن ئەركىن ،ئۆزۈممۇ ھەيرانلا قالدىم ،

-زادى نېمە ئىش قىلدىڭىز ؟ دەڭە، ئاڭلاپ باقاي

-ئەتەھەممىنى دەپ بىرىمەن .

-ھەيقاچان تاڭ ئاتار ھە ...

ئۇلار شۇ ھالەتتە خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى ۋە ئەتەقەيەردە ، قانداق كىيىم كىيىپ بارىدىغانلىرىنى دېيىشتى .

ئاخىر ئەركىن كۈتكەن تاڭمۇ ئاتتى، ئۇ  چاچلىرىنى يۇيۇپ قايسى كۈنى تېخى يېڭىدىنلا سېتىۋالغان قارا رەڭلىك كاستۇم بۇرۇلكىسىنى كىيدى دە، ئاپىسىنىڭ نەگە بارىسەن،ناشتا قىلۋېلىپ ماڭ دېيىشلىرىگىمۇ قۇلاق سالماي ياشلار باغچىسىغا- زىبا بىلەندېيىشكەن كۆل بويىغا قاراپ يول ئالدى، ئۇ كۆل بويىغا كېلىپلا ئاخشام زىبا دەپ بەرگەن تېلفۇن نۇمۇرىغا تېلفۇن قىلغاچ ئەتراپقا قاراشقا باشلىدى، تېخى سەھەربولغاچقا ئەتراپتا ئادەم ئاساسەن يوق ئىدى، ئەركىننىڭ كۆزى ئانچە يىراق بولمىغانئەگىلمىدىكى ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان قىزغا چۈشتى، ئەركىن تېلفۇننى تۇتقىنىچەشۇ قىز تەرەپكە قەدەم ئادى، شۇ تاپ ئۇنىڭ يۈرىكى ئاجايىپ بىر تۇيغۇدىن توختىماي تېز تېز سوقاتتى، قىزغا ئۈچ قەدەمچە ئارلىق قالغاندا تېلفۇن ئۇلاندى.

-ئەسسالام ئەلەيكۇم دېدى ئەركىن ئېھتىيات بىلەن.

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . تېلفۇندىن شۇنداق يېقىملىق بىر ئاۋاز كەلدى.

-زىبامۇ ؟ مەن ئەركىن سىز قەيەردە؟ مەن كېلىپ بولدۇم .دەل شۇ چاغدا ئەركىن قارىغان ھېلىقى ئورۇندۇقتىكى قىز ئورنىدىن تۇرۇپ ئەركىن تەرەپكە ئۆرۈلدى.

-رەشىدە؟

-ئەركىن ؟  
ئەركىن قانداق ھەيرانقالغان بولسا رەشىدەمۇ شۇنداق ھەيران قالدى، شۇ تاپ ئۇ ئىككىس قولىدىكى تېلفۇندىنمۇ ئوخشاش ئاۋاز، ئوخشاش سۆز قۇلىقىغا ئاڭلانمىسا ئىدى، تەقدىرنىڭ بۇ ئويۇنىغا،مۇھەببەتنىڭ بۇ چاقچىقىغا ھەرگىز ئىشەنمىگەن بولار ئىدى....
شۇ تاپ ئەركىن ئاخشام زىبا بۈگۈن ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان ھېكايىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ، ئۇچرىششقا چىققاندا رەشىدەنىڭ  كىم ئۈچۈن تويدىن ۋاز كەچمەكچى بولغىننى ..ھەممە ،ھەممىنى ئېنىق چۈشەندى.   تەقدىرنىڭ قىزىقارلىق ئورۇلاشتۇرشىدىن كېيىن ئاخىر بىر يولغا كىرىپ بىر بىرنىڭ قوللىرىنى چىڭڭىدە تۇتىشىپ شېرىن بەخىت ئىلكىدە كېتىپ بارغان بۇ بىر جۈپ ياش شۇتاپ ئايشەمخان ئانىنىڭ بۇ توردىكى "ئېزىتقۇ "كېلىننى قۇبۇل قىلالايدىغان ياكى قىىلالمايدىغىننى ئويلاشقا ھەپسېلى يوق ئىدى.....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زېلال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 08:55 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24056
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1050
تۆھپە نۇمۇرى: 1211
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 09:22:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز.

ئادەم بىلگەننى بىلمەيمەن دىسە ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ،بىلمەيدىغاننى بىلىمەن دىسە تۇتۇلۇپ قالىدۇ...www.qinturk.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24056
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1050
تۆھپە نۇمۇرى: 1211
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 09:22:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز.

ئادەم بىلگەننى بىلمەيمەن دىسە ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ،بىلمەيدىغاننى بىلىمەن دىسە تۇتۇلۇپ قالىدۇ...www.qinturk.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1850
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4946
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 12:18:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى قاچان  يازىسىز  ؟   .   قوللىرىڭىزغا  دەرت  كەلمىسۇن  جانىم  

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92986
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 738
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 01:26:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jelwa يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 12:18 AM
ئاخىرىنى قاچان  يازىسىز  ؟   .   قوللىرىڭىزغا  دەرت  كەلمى ...

ئاخىرى تۈگىدى.. ئىككىسى بىر بىرىنى تۇنۇپ بەخىتلىك بۇلۇپ ئاخىرلىشىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1850
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4946
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 01:33:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زېلال يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 01:26 PM
ئاخىرى تۈگىدى.. ئىككىسى بىر بىرىنى تۇنۇپ بەخىتلىك بۇل ...

ماڭا  يەنە  داۋامى باردەكلا  بىلىنگەن  ئىدى .....

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1921
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10919
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1523 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 01:34:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭۈل يېرىم كۈلسىمۇ باشقىچە بوپ قالدىكەن ،لىكىن كۈلمەي دىسەم كۈلۈپ سالدىم ،ئۇقۇپ بىر يىرگە كەلگەندە پەرەز قىلغانتىم ،كۈلگىنىمنىڭ سەۋەبى مۇشۇ ھىكايىمۇ بولسا مىنىڭ ئويلۇغنۇمدەك ئاخرلىشىپتۇ ،داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەر بولسا يېزىپ تۇراسىز ئۇقۇپ تۇرامىز ،ئەمدى ئەركىنجان قۇلاقنى تاتىيدىغان ئىش بولسا يازماڭ ،سوراپ ماقۇل دىسە يازاسىز بوش ۋاقتىڭىزدا

جاھان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش