ئۇيىمىز باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن خوشنا ئىدى . مەكتەپ بېغىدا مېۋىلەر بەك جىق بولىدىغان، ھەممىدىن شاپتۇل بەك ئوخشايتتى .
بىركۈنى كۆز باغلانغاندا ھەدەم ئىككىمىز تامدىن ئارتىلىپ باغقا چۈشتۇق . مەكتەپ بېغىغا قارايدىغان كىشىنىڭ ئاچچىقى بەكلا يامانتى . ئېرىق ئىچى بىلەن ئۆمىلەپ يۈرۈپ ئەمدىلا شاپتۇل دەرىخى يېنىغا بارساق كۈزەتچىنىڭ ئايالى كالا ساغقىلى چېلىكىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ قالدى . كالا بىزدىن سەللا نېرىدىكەن .
ئاھ خۇدا نېمىسىنى دەيسىلەر ....
زەي ئېرىق ئىچىدە قانچىلىك ۋاقىت دۈم ياتقىنىمزنى بىلمەيمەن . بىرتالمۇ شاپتۇل ئالالماي قايتقاندا كەينىچە ئۆمىلەپ تام تۈۋىگە كەلگەندە بىرنەچچە تال لىمۇن ئالما ئۈزۈپلا چىققان.
ھەر قېتىم شاپتۇل يىسەملا شۇ ئىش ئېسىمگە كېلىدۇ ..
بالىلىققا قايتقۇم كېلىدۇ .........