sardor0908 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 05:46 PM
ماقالە تېمىسى ئىنتايىن بىرتەرەپلىمىك بىلەن قۇيۇلۇپ قا ...
چەتئەللىكلەر يەنى كۆزدە تۇتۇلغان غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ يىمەكلىكلىرى شۇ رايۇننىڭ جۇغراپىيۋى مۇھىتى،ھاۋاسى ۋە ئەنئەنىۋى مەنبەلەردىن كۆرۈش كىرەك دەپ قارايمەن.مەسلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىزگە تۇنۇشلۇق تائامدىن لەغمەن پولۇ كاۋاپ سامسا.....دىگەن تائاملارنى قەدىمدىن ھازىرغىچە ئەۋلاتمۇ ئەۋلات داۋام قىلىپ كىلىۋاتىدۇ.
غەرىپتىن كىرگەن پىسا قاتلىمىسى،ھامبىرۇگ بولكىسى،ئىتالىيە چۆپى،قەھۋە...دىگەنلەر بولسا شۇ چەتئەل مۇھىتىدا ئۆستۈرۈلگەن مىۋىلەردىن زىرائەتلەردىن چىققان ھۇسۇل ھىسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر نىنى يەنە دۇنيانىڭ قەيەرىدە باركەن.لەغمەن كاۋاپ سامسا پولۇ قاتارلىق يىمەكلىكلەر باشقىلاردا يوق،لىكىن ئۆزلەشتۈرلىۋاتقانلىرى بار.
قارىمامسىلەر،بازاردىمۇ خەنزۇلار ئۇيغۇرلار ئاچقان قولداما چۆپ؛ىرى بىلەن لەغمەن ئىتىپ يەۋاتىدۇ.كاۋاپ بولسا بۇرۇندىن دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە بار بىر خىل تاماق.لىكىن زىرە لازا تۇز ۋە قىيام ئارلاشتۇرغان ئادەت كۆپ ئەمەس.....قىسقىسى تائام مەدىنىيتى ھەر قايسى جايلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ ئادەتلىرى،ئىتىقادى،مەدىنىيتى ۋە زامانغا ئەگىشىپ قولغا كەلتۈرگەن ھۇسۇلدىن ئىبارەت.
بىز ساندىۋېچ،كولباسا،پىسا قاتلىمىسى دىگەننى كۆپىنچىمىز بىلمەيمىز،بىلسەكمۇ بۇنى چەتئەلدىن كىرگەن دەپ بىلىمىز.ئەمما لەغمەن،پولۇ كاۋاپ دىسە بۇنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر يوق.