hayat يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 09:10 PM
تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا مۇسابىقىلەرگە كۆپ قاتناشقا ...
توغرا دېدىڭىز . بۇنىڭدىن كىيىن بۇ پىروگىرامما ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈردىكى ھەرقانداق پىروگىراممىلارغا قاتناشماقچى بولغانلار مۇشۇ ئىنكاسلىرىمىزنى كۆرسە چوقۇم ئۆزىگە دىققەت قىلىدىغان ، سەھنىگە چىقىشتىن بۇرۇن ھەرقانداق نەتىجىگە قارىتا توغرا پوزىتسىيەدە بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى مۇمكىن .
يېڭىلىپ قالسا يىغلاپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدىغان ، تاللىنىپ قالسا ھېسياتىنى باسالماستىن ياتلارغا خاس ئىش ھەركەتلەرنى قىلىدىغان تەنتەكلىكنى قىلماسلىقى كېرەك . ئويلاپ كىتەرمەن ،،، بۇ بالىغۇ بۇ ساندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ گورۇپپىسىغا خۇشاللىق بىلەن تاللىنالىدى . كىيىنكى ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەندە ئويلىمىغان بىر نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ شاللىنىپ كىتىپ قالسا قانداقمۇ قىلار دەيمەن .
ھەر قانداق ئىشنىڭ ياخشى يامان تەرىپى بولىدۇ . ئىككىلى ئېھتىماللىقنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ ، ئەستايىدىل ئويلىنىپ ھەرخىل نەتىجىگە قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئويلىشىمىز كېرەك .