مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 497|ئىنكاس: 6

ۋەتەن سۆيگۈسى ( غەزەل) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 06:08:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەتەن سۆيگۈسى

ئەلەم مامۇت سەھرايى


كېزىپ دۇنيانى، ئالەمنى ۋەتەننى بىباھا كۆردۈم،
ماڭا ئاق سۈت بېرىپ باققان ئانامدەك ئەتىۋا كۆرۈم.


قۇياش- ئاينىڭ نۇرى چەكسىز يۇرۇتقاي پۈتۈن ئالەمنى،
ۋەتەن ئالدىدا كۈن- ئاينى ساپالدەك بىزىيا كۆردۈم.


ۋەتەننى ئوتقا ئوخشاتسام، ئۆزۈم ئىشقىدا پەرۋانە،
ئەگەر بىر يارغا ئوخشاتسام، ئۆزۈمنى ئاشىنا كۆردۈم.

ۋەتەننى باغقا ئوخشاتسام، ئىچى گۈللەرگە لىق تولغان،
ئۇرۇپ بۇلبۇل كەبى خەندان ئۆزۈمنى خۇشناۋا كۆردۈم.

ۋەتەن سۆيمەك، ئىمان- ئىسلام جۈملىسىدىن ئەگەر بىلسەڭ،
سۆزىدۇر سەرۋەرى ئالەم مۇھەممەد مۇستەپا كۆردۈم.

ئەگەر بىر يارنى كۆپ سۆيسەڭ بولۇر ئون كۈن ساڭا ھەمرا،
ۋەتەندىن باشقىىنى بۇدەم كۆڭۈلسىىز بىۋاپا كۆردۈم.

بىلىملىككە نادامەت يوق، بىلىمسىزگە سائادەت يوق،
بۇ دۇنيادا بىلىمسىزلىك تۈپەيلى زور بالا كۆردۈم.

ئىلىم- ئىرپان، پاراسەتتىن كىشى بولسا ئەگەر مەھرۇم،
داۋلانسا ئەگەر مىڭ رەت ساقايماس بىر ۋابا كۆردۈم.

ۋەتەن سۆيمەك مېنىڭ ئەھدىم بۇ سۆز قەلبىم جاكاسىدۇر،
ئەگەر يانسام شۇبۇ سۆزدىن ئۆزۈمنى رۇسىيا كۆردۈم.


مەنبە: ئۆزۈم

بۇ غەزەل« قەشقەر ئەدەبىياتى»  ژۇرنىلىنىڭ 2001-  يىللىق 5— سانىدا  ئېلان قىلىنغان.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 09:02:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇسىيا-- قارا يۈز دېگەن مەنىدە
رۇ-- يۈز، سىياھ --قارا مەنىسىدە
رۇياب-- سۇ يۈزى مەنىسىدە، ئەمما ھازىرقى ئىستىمالدا ئاشكارا بولدى، مەيدانغا كەلدى دېگەندەك كۆچمە مەنىلەردە قوللۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ.

رۇبىرۇ-- يۈزمۇ- يۈز دېگەن مەنىدە..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 01:24:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شېئىركەن، رەھمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1004
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2775
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 10:16:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى غەزەلكەن، مۇشۇنداق غەزەللىرىڭىزدىن بەھىرلەندۈرۈپ تۇرغايسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1500
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 04:30:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنىمۇ شۇنداق ياخشى،رۇسىيا دىگەنگە ئىزاھات بەرمىگەن بولسىڭىز چۈشەنمەسكەنمەن.قەلىمىڭىزگە بەرىكەتلەر ياغسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 11:17:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hadrat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 04:30 PM
مەزمۇنىمۇ شۇنداق ياخشى،رۇسىيا دىگەنگە ئىزاھات بەرمىگ ...

ياقتۇرغىنىڭزغا رەھمەت!..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1837
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4880
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 936 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 12:01:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوپ  قويىدىكەنغۇ   ،  قەلەم  تۇلپارىڭىز  ھارمىغاي !

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش