بىزمۇ كىچىك چاغلاردا قىشلىق تەتىلدە پەشمەك ،يازلىق تەتىلدە كۆكۋاش ،ياڭيۇ پىشىۇرۇپ ساتىتۇق ،تاپقىنىمىز تايىنلىق بولسىمۇ كىتاب -بەدەل پۇلنى ئۆزىمىز تۆلىگەنگە قالتىس پەخرلىنەتتۇق ،كۆپىنچىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى پۇلغا ئېھتىياجىلىق بولغانلىقىمىزدىن ئەمەس بەلكى بىر-بىرمىز بىلەن بەسلىشىش ،بىر ئىشتىياق سەۋەبىدىن ئىدى .ئەمىليەتتە نۇرغۇنلىرمىزنىڭ ئاتا -ئانىسى بۇنداق قىلىشمىزنى قوللىمايتى ،بىراق تەتىلدە بىكار ئويناپ ياما ن بالىلارغا قېتلىپ قالمىسىۇن دىگەن بىرلا ئەنسىرەش تۈپەيلى، تەتىل تاپشۇرۇقلىرمىزنى تولۇق ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى بىلەن تىجارىتىمىزگە يول قوياتتى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, Q1 W1 y- k, [9 A" m7 i" d$ m! D, i
تولۇققا چىققاندا بولسا سىنىپتىكى ئوغۇللارنىڭ تەڭدىن تولىسى بىرلىكتە دادىسى قۇرلۇش ھۆددىگىرى ساۋاقدىشىمىزنىڭ يېتەكلشى بىلەن ھەر تەتىلدە كۈنلكى 20-30يۈەندىن قۇرلۇشتا مەدىكار ئىشلەيتۇق .ئىش ھەققەتەن ئېغىرئىدى .چىدىغانلىرمىز بىرەرمىڭ يۈەن تېپىۋالاتتۇق ، جېنىمىز كىچىكلىرىمىزمۇ بەش يۈزنى تاپالايتۇق .مەكتەپكە يغىلغاندىن كېيىن ئۆيدىكىلەردىن 5-10كوي سوراپ يۈرمەي پۇلنى خېلى پوچى خەجلەيتۇق ،بولۇپمۇ ھەپتە ئاخرىسى بىر يەكشەنبىنى ئانارلىق باغدا ،يەنە بىر شەنبىنى ئالمىلىق باغدا باراۋەت قىلىپ ئۆتكۈزىتۇق
ئەلۋەتتە "ھەپتە ئاخىرىدا باغدا ئولتۇرۇش قىلتۇق پۇل بەر" دىسەك ،ھەرقانداق ئاتا-ئانا بولغۇچى:"سڭا نېمە ئولتۇرۇش ،ماڭە دەرسىڭنى تەكرارلا !"دىيشى ئېنىق ،ئاما ل قانچە؟ داھىلارنىڭ ئارام ئېلىشنى بىلمىگەنلەر ،خزمەت قىلشنىمۇ بىلمەيدۇ دىگەن گېپىنى چۈشەنمەپتىكەن ئاتا -ئانىمىز ، شۇنداق چاغدا ھالال تەرىمىزدە تاپقا ن پۇلىمىز ئەسقاتىتى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ Q0 X, \9 e6 ]شۇئاغىنىلەرنىڭ ئالدى چەتتە ئوقۇش -خىزمەتتە بوپ كەتتى ،مىليونىر بولۇپ مىليادىرلىققا پىلانسوقۇۋاتقان كارخانىچى،تىجارەتچىلەرمۇ چىقتى ،ئەمدى جىقراقلىرىمىزغا يا شۇنچە كىچىك باشلىغان سودىنىڭ ئاكتىپ ئېلمىنتى يۇقماپتىكەن ۋەياكى بىلىمنى راسا قەدرىگە يېتىپ بۇرنى -قۇلقىمىزدىن چىققۇدەك ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇيالماپتكەنمىز ،شۇڭا ئايلىقچى مەدىكار بوپكەتتۇق ئاخىرى ....ھەرھالدا ئاچ قالمىدۇق
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ ]3 Q6 t0 h& `) `! u! e( E4 [: E
لېكىن بۇ تېمىدىكى بالىلارنى چوقۇم توسۇش كېرەك .چۈنكى ئالدى بىلەن ئوقۇش مەۋسۈمىدە چوقۇم ياخشى ئوقۇش كېرەك ،تولۇقسزنى پۈتتۈرمىگەن ئوقۇغۇچىنى سودىغا سېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ ،سەنمۇ باشلانغۇچتىكى چاغدىلا سودىگەر بوپتىكەنسەنغۇ دىگۈچىلەر بولسا ،مېنىڭ كىچىك چېغىم بىلەن 25يىل ئۆتكەن بۈگۈن قەتئىي ئوخشىمايدۇ ، شۇدەۋردە 10ياشلاردىكى بالىنىڭ تەتىلدە كىچىك تىجارەت قىلىشى كىشنىڭ مەستلكىنى كەلتۈرسە ،ھازرقىدەك ئوقۇش بېسىمى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن كۈنلەردە بالىنىڭ بۇ قىلمىشىغا يول قويۇش ئۇنىڭ كەلگۈسىگە زىيان سالغانلىق بولدىغانلقىنى تەڭتۇش مۇنبەرداشلار سېلىشتۇرۇپ بىلەلەيدۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 v) O# n/ f/ b3 o% @- Y1 q ئاندىن قالسا بۇلارنىڭ سودا قىلىش يولى پۈتۈنلەي بېزەڭلىككە تايانغاچقا ،بۇخىل تىجارەت بالىلارنى چېنىقتۇرۇپ ،سودىغا پىشۇرۇپ ئىقتىسادنىڭ كېلىش مەنبەسىگە بولغان دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ دىگەنلەر پۈتۈنلەي خاتالىشۋاتىدۇ ! كىچىك تۇرۇپلا ساختىلىق ،غۇرۇرنى قۇربان قىلىش ھېسابىغا پۇل تېپىشنى ئۆگەنسە قانداقمۇ ھەقىقىي سودىگەر ،رىقابەتتە پۇت ترەپ تۇرالايدىغان كارخانىچى بولالايدۇ ؟ ئاخرى بېرىپ باققاللىققمۇ يارىمايدىغان بولۇپ چىقىدۇ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ O( E* z, @5 m9 f* R$ m
يۇقىردا بىر تورداش توغرادەپتۇ ،ئوقۇش يېشىدىكى بۇ بالىلارنىڭ ساتقان ھەرقانداق نەرسسىنى ئالماسلىق ،ئۇلارنى خېرىدارسىز قالدۇرۇش كېرەك ،شۇندىلا كچىك تۇرۇپلا ساختپەزلىكنى تىجارەت دەپ بىلىۋالغان بۇ سەبىيلەرمۇ ،ھەرخىل مۇددىئالاردا ئۇلارنى شۇ سودىغا سېلىۋاتقان ئاتا -ئانىلىرىمۇ ئىلاجسىز توختاپ ،بۇبالىلار مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& l. f; r9 w0 {, b6 ~9 j( R* T9 x
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ D9 R" S) u, y2 s5 a# W; s$ {2 u+ m بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-3 11:34 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 B1 U% A! R! i4 O0 ]1 C
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 X8 u* S% ^! D- z