|
|
|
|
رىياسەتچىلەر ۋە مۇخبىرلارنى قەدىرلەيلى!
تاھىر ئىمىن
يېقىندىن بىرى ئۇيغۇر مىللى ئېقتسادى ۋە كارخانىچىلىقى تىز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ،بۇنىڭغا ئەگىشپ، تۈرلۈك ئېقتسادى پائالىيەتلەر،كارخانىچىلار يېغىلىشلىرى،ئاخبارات ئىلان قىلىش مۇراسىمى،مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش،مودىل كۆرەكلىرى، ۋاكالەتچىلەر ئۇچرىششى ،باشقۇرۇش لېكسيەلىرى كۇنسايىن كۆپىيۋاتىدۇ. بۇلاردىكى مەقسەت نەق مەيدانغا قاتناشقان ر ۋە قاتنىشالمىغان مىھمانلارغا شۇ قېتىملىق پائالىيەت ۋە كارخانا ھەققىدە ياخشى تەسر قالدۇرۇش،ئاخبارات ئۇنۇمى پەيدا قىلىش،قسقىسى ئاممىۋى تەشۋىقات قىلىش.دەرۋەقە نۇرغۇن كارخانا ۋە پائالىيەتلەرنى دەل مۇشۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى جەمىيەتكە تونۇتتى،قىممەت ياراتتى،خەق بىلمىسە،بىزنىڭ كارخانىمىزنىڭ ياراتقان قىممىتى ئەلۋەتتە تۆۋەن بولىدۇ-دە!
رىياسەتچىلەر بولسا-نەق مەيداننى ئۆزىنىڭ راۋان سۆز-جۇملىلىرى،كەسپى ئالاھىدىلىكى ۋە نام-شۆھرىتى بىلەن جانلاندۇرۇپ،قاتناشقان ۋە قاتناشمىغان مىھمانلارغا (ئاخبارات ۋاستىسى ئارقىلىق)ياخشى ئىجتىمائى ۋە ئقېتسادى ئۇنۇم يارىتىدۇ. ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ نۇرغۇن يتشسزلىكلىرىنى تولۇقلايدۇ.مۇخبىرلار بولسا-بۇ پائالىيەتنى قاتناشمىغان مىھمانلار ئۇچۇنلا ئەمەس،بەلكى يىراقلاردىكى كىشلەرگە يەتكۇزىدۇ،مۇھىمى بىر تارىخى ئسپات ۋە ھۇججەت قالدۇرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە كارخانىچى ئۆز شركىتى ئوبرازى،مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسنى شۇ رىياسەتچى،ئاخبارات ۋاستىلىرى،ئوبراز ئەلچىسى تونۇتىدۇ،شۇڭا پائالىيەتتە ئەڭ ئەھمىيەت بىرىشكە تىگىشلىك مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى-شۇلارنىڭ رولى.
كۆزىتىشمچە،مىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كارخانا مەسئۇللىرى پائالىيەتلىرىمىزگە ئاكتىپ قاتنىشۋاتقان تۈرلۈك خادىملارنىڭ يتەرلىك خىزمىتىنى قىلالمىدۇق، شۇڭا قىلىۋاتقان خىلى ياخشى ئشلىرىمىزنىڭ ئۇنۇمىمۇ كۆرۇنەرلىك بولمىدى .ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۇش ئۆزىمىزنىڭ ئشنىڭ ياخشى بولۇشى ئۇچۇنلا ئەمەس،ئەڭ ئالدى بىلەن ئوخشاش بىر ھۇنەر-كەسپ ئەھلىنى ھۆرمەت قىلغانلىقتۇر.كىشلەرگە بىلىشكە تىگىشلىك مۇھىم ،قىممەتلىك نەرسلەرنى بىلدۇرىدىغان <<ئوقۇتقۇچى>>نى ھۆرمەت قىلغانلىقتۇر.بىر ئنساننى ھۆرمەت قىلغانلىق،ئۆزىمىزنى ھۆرمەت قىلغانلىقىمىزدۇر..مەن تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بىرىمەن:
1- رىياسەتچى ۋە مۇخبىرلارنى چوقۇم ياخشى رازى قىلىشىمىز كىرەك،رىياسەتچىلىك ،مۇخبىرلىق ...لارئايرىم بىر كەسپ،ئۇلار ئۆزىنىڭ شۇ كەسپىگە تايىنىپ قىممەت يارىتىدۇ. پائالىيتىمىز ئۇچۇن مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ كىلىدۇ،قاتناش ھەققى تۆلەيدۇ،ماشىنا توختىتىدۇ،رەسىمگە تارتىدۇ،زىيارەت قىلىدۇ،ماتېريال رەتلەپ يازىدۇ،تەھرىرلەيدۇ،تۇزىتىدۇ،خەت ئۇرىدۇ، تەرجىمە قىلىدۇ،مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسان ئەمەس،ھەم كەسپى بىلىم ھەم ۋاقىت،چېقىم تەلەپ قىلىدىغان ئش،ئەقەللىيسى بىر پارچە ماقالىنىڭ قەلەم ھەققى قانچە پۇل؟سۈرەتكە تارتىش،ئشلەش، چىقىرىش، كىرىشتۇرۇشنىڭ ھەققى قانچە پۇل؟بۇلارنىمۇ ئنساپ بىلەن ئويلاش كىرەك.بىز ئۇلارنىڭ ئېقتسادى قىممىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويدۇقمۇ مەغلۇپ بولغان بولىمىز.شۇڭا ئۇلارغا قانچىلىك ئېقتسادى كۆڭۈل ئىزھار قىلساق ئۆزىمىز ئۇچۇن شۇنچە ياخشى مەبلەغ سالغان بولىمىز.گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا،ئاخبارات ۋاستىلىرى بىزگە مۇھتاج ئەمەس،بىز ئۇلارغا مۇھتاج.ئۇلار بىزنى جاپا تارتىپ يازمىسمۇ باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېقتسادى ئۇنۇم يارىتالايدۇ.ئۇلارنىڭ ئالدىمىزغا كىلىپ خەۋەر يېزىشى بىزگە ھاجىتى چۇشكەنلىكى ئۇچۇن ئەمەس،ئەكسچە باراۋەر يوسۇندا كەسپى ھەمكارلىق ئۇچۇن.شۇڭا ئۇلارنى رازى بولغۇچە قەدىرلىشىمىز كىرەككەن.
2- ئۇلارغا مۇۋاپىق ئورۇن ھازىرلىشىمىز كىرەك.مۇخبىرلار ئۆزىگە مۇناسپ كىلىدىغان ،كۆرۇش نۇقىتىسى،سۈرەتكە تارتىش نۇقتىسى ياخشى بولغان جايدىن ئورۇن بىرىلگەندە،ئۇلارنى تاشلىۋەتمەي،يول باشلاپ ئىززەتلەپ كىرگەندە، ئۇلارنىڭ خەۋەر يېزىشى ،يارقىن نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۇرۇشى ئۇچۇن شارائىت بولىدۇ.
3- مۇخبىرلارغا مەخسۇس ماتېريال تەييارلاشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش،زىيارەت سۇئالى،ھەرقايسى ئايرىم نۇقتىلار بويىچە زىيارەت قىلىنىدىغان كىشلەرنى بەلگىلەپ،ئالاقە ئۇسۇلىنى ئەسكەرتىپ قويۇش كىرەك.
4- ھەممىسىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كىرەك، تىلىۋىزۇر، رادىئو، گىزىت،ژۇرنال، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر ، يانفون ھەممىسى ئوخشاشلا مۇھىم بولغان تارقىتىش ۋاستىلىرى.ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن خىزمەت قىلىدۇ.شۇڭا ئۇلارنى ئايرىپ قويۇش،تەڭسز مۇئامىلە قىلىش-ئوخشاشلا ئازار بەرگەنلىكتۇر.
بۇلار ئۇچۇن مۇھىمى-مۇخبىرلارنى كۇتۇۋالىدىغان مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئورنىدىن تارتىپ ئالدىن مۇقىملاشتۇرۇش مۇۋاپىق.!
مىللى كارخانىچىلىق بولسۇن، ئاخباراتچىلىق، رىياسەتچىلىك بولسۇن، ھەممىمىز ئومۇمى مىللى مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ بىر تەركىۋى قسمى،بۇ مەۋجۇتلۇقىمىز ساھەلەر،كەسپلەر ئارا چۇشۇنۇش،قوللاشقا مۇھتاج.ئاخباراتچىلار ئەلۋەتتە كىشگە ئىلھام بىرىدىغان،ئىلغارلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان،ئنسانپەرۋەرلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان نۇرغۇن ياخشى مەزمۇنلارنى روياپقا چىقاردى،ئۇلار گۈللەپ ياشنىسۇن.ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ داۋاملىق مىللى كارخانىچىلىقىمىز ئۇچۇن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن.سلەرنىڭ رولىڭلارنى كەڭ جەمىيەت،خەلق،كارخانىچلار ھامان تولۇق تونۇيدۇ،سلەرنىڭ خىزمىتىڭلەرگە ئىزچىل دىققەت قىلىدۇ!
بارلىق رىياسەتچى ۋە مۇخبىر دوسلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-8 05:24 PM
|
|
|
|
|
|