muzmuz يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 11:21 AM
دوللار ئۆسسە مال باھاسى يەنە ئۆسۈپ كىتەرمۇ ؟
مىنىڭ قارشىمدا، دوللارنىڭ ئۆسىشىدىكى سەۋەپ ، خەلقارا بازاردا دوللارنىڭ ئازلىقى، ياكى بانكا تەرپىدىن قىسىلغانلىقى ، يەنە ئامىركا ئىختىسادىنىڭ ئىشەنىچ نىسبىتى يۇقرى كۆتۇرلگەنلىكى، نىفىت باھاسىنىڭ تۇۋەن بۇلىشى قاتارلىق بىرقاتار سەۋەپلەر بار.
ئاساسلىق ئامىركا قۇلىدىكى ئالتۇننى سىتىپ چىقارغاچقا،ياكى ئالتۇننى پۇلغا تىگەشكەچكە، بازاردىكى نۇرغۇن پۇل بانكىغا يىغىلىپ، بازاردا ئوبروت قىلىنىدىغان پۇل قىس، شۇڭا دوللار ئۆسىدۇ.
بۇنىڭ مال باھاسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، بازاردا پۇل قىس بولسا، مال باھاسى نىسبەتەن تۇۋەنلەيدۇ.
مال باھاسىغا تەسىر قىلىدىغان ئامىللار،
1.پۇلنىڭ كۆپلەپ تارقىتىلىشى، پۇل كۆپ پاخال بولغاچقا مال باھاسى ئۆرلەيدۇ.
2.ئىھتىياج تەمىنلەشتىن ئىشىپ كەتسە، يەنى ساتىدىغان مالغا قارغاندا ئالىدىغان ئادەم جىق بولسا مال باھاسى ئۆرلەيدۇ.
3.مودا ماركا قۇغلىشىش، ياكى ئىتىبار سىياسەتلەر ئارقىلىق بازار ئىچىش قاتارلىقلارمۇ مال باھاسىنىڭ ئۆسىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ.
دوللارنىڭ ئايرىۋاشلاش بىلەن قىممىتى ئوتتۇرسىدا پەرىق بار.مەسلەن ھازىر بىر دوللارنى 6.2يۇئەن دىسەك .ناۋادا 8.2يۇئەنگە چىقسا، دوللارنىڭ قىممىتى ئۆسكەن بۇلىدۇ. بۇنداق بولغاندا دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن چىقىرىشتا يەنى ئىكىسپورىتتا پايدا، كىرگۇزۇش ئمپورىتتا زىيان. دىمەك دوللارنىڭ قىممىتى ئۆسسە، يەرلىك ماللارنىڭ باھاسىدا جىق ئۆزگۇرۇش بولمايدۇ، ئىمپورىت ماللاردا نىسبەتەن پەرىق ئىتىشى مۇمكىن.
تۇمۇر ماشىنا ماۋۇلار ئۆسۇپ قالامىكى.