xatuti يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 06:27 PM
تېلېفون قىلسا تېخى زېرىكسە تېلېفون قىلمىسا مەن بىلەن ك ...
مۇنبەردىكى ئاياللار ، ئانىلار توغۇرسىدىكى تېمىلارنى ھەم ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ، كاللامغا تۇيۇقسىزلا مۇنداق خىيال كىلىپ قالدى .
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ قىزلارغا قانداق قىلغاندا ياخشى قىز بولۇش ، قانداق قىلغاندا ياخشى ئايال ، ياخشى ئانا بۇلۇش ، بالىلىق بولغاندىن كىيىن بالىسىنى قانداق تەربىيەلەش ، ئېرىنى قانداق كۈتۈش دىگەندەك تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى دەرسلىك قىلىپ ئۆتسە ،قىزلار مەكتەپ پۈتتۈرۈپ تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كىيىن ئۆلچەملىك ياخشى ئايال بۇلۇپ كەتسە ،
ئوغۇللارغىمۇ تۇلۇقسىزدىن باشلاپ قانداق قىلغاندا ياخشى ئەر بولۇش ، ياخشى دادا بۇلۇش ، ئايالىنىڭ ھالىدىن قانداق خەۋەر ئېلىش ، دەردىگە قانداق يىتىش ، جاپاسىنى قانداق قەدىرلەش ، ساداقىتىگە قانداق ئەقىدە بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش دىگەندەك ئەرلەر ئەڭ بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىدىغان تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى ئۆلچەملىك دەرس قىلىپ ئۆتسە . شۇلارمۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن مەكتەپتە ئۈگەنگىنى بۇيىچە نەمۇنىلىك ياخشى ئەر بۇلۇپ كەتسە .
ئاندىن كىيىن مىسرانىمدا بىردەم ئېرىدىن ، بىردەم خوتۇنىدىن ، بىردەم تۇرمۇشتىن زارلىنىدىغان تېما ئىنكاسلار تەلتۆكۈس تۈگەپ كەتسە . تاسادىبى بىرەسى خوتۇنۇمنىڭ قەدرىگە يىتەلمىدىم دەپ تېما يوللاپلا قالسا ، سەن نىمە ئۈچۈن مەكتەپتە ياخشى ئەر بولۇشنى ئۆگەنمىدىڭ دەپ تىللاپلا قارنىنى چۇۋۇۋەتسەك . ھې ھې ... خام خىيال دىگەننى مۇنداق سۈرسە بەك شىرىن ....بەك شىرىن .