روسىيە ئاشلىق كەمچىل بولۇش كىرزىسىغا دۇچ كەلدى
مەنبە : wallstreetcn.com
رۇبلى ۋە خام نېفىتنىڭ باھاسىنىڭ بىر-بىرىگە ئەگىشىپ چۈشۈش ئەھۋالى 2015-يىلىنىڭ بېشىدا قايتا تەكرارلاندى. رۇبلى قىممىتىنىڭ چۈشۈشى پۇل پاخاللىقىنى ئاشۇرۇپ روسىيەدە ئاشلىق كىرزىسىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنى پەيدا قىلدى. دۈشەنبە كۈنى ۋە سەيشەنبە كۈنى ئىككى سودا كۈنى رۇبلىنىڭ قىممىتى ئۈزلۈكسىز چۈشكەندىن كېيىن، رۇبلى ئاللىقاچان 63 لىك نۇقتىغىچە چۈشۈپ كەتتى.
نىيويورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە روسىيەنىڭ پۇل پاخاللىق نىسبىتى 10% ئەتىراپىدىكەن. نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر ئاللىقاچان كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا دۇچ كەلگەن، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىمۇ چوڭ نىسبەتتە ئۆسكەن. ھىندىستان گۈرۈچى ۋە ئېمپورت ئېرىمچىكنىڭ باھاسى بار سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. ئەڭ كۆپتۈرۋېتىلگىنى بىر قىسىم سودىگەرلەر دەل ۋاقتىدا تاۋارغا باھا قوشۇشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن ئەكىسچە خېرىدارلارنى كېيىنرەك كەلگۈزگەن. خېرىدارلار قايتا سودا سارايغا كەلگەن ۋاقىتتا، باھا ئاللىقاچان بىر ھەسسە ئۆسۈپ كەتكەن.
ئالدىنقى يىلى رۇبلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش قىممىتى 80 لىك نۇقتىغىچە چۈشتى، ئارقىدىن مەركىزى بانكا ئارىلىشىپ چوڭ نىسبەتتە ئۆسۈمنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن 50 لىك نۇقتا ئەتىراپىغا قايتىپ كەلدى. ئەمما نېفىت باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چۈشۈشىگە ئەگىشىپ روسىيە ئىقتىسادى ئەسلىگە قايتىشقا ئامالسىزدەك قىلىدۇ.
رۇبلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشى نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئېلىپ كەلگەن مالىيە بېسىمىنى پەسەيتىشكە ياردىمى بولدى. ئەمما روسىيە كارخانىلىرىنىڭ زور مىقداردا تاشقى قەرزى بولغانلىقتىن ھەمدە چەتئەل پۇلىنى قوبۇل قىلىشى چەكلىك بولغانلىقتىن، شۇ سەۋەبتىن رۇبلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشى كارخانىلارنىڭ قەرزنى قايتۇرۇش بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى.
دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا نېفىت باھاسى چۈشۈپ كەتتى، برېنىت نېفىتىنىڭ باھاسى بىراقلا 6% چۈشۈپ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ھەربىر تۇڭى 52.66 دوللارغىچە چۈشۈپ كەتتى، بۇ 2009 -يىلى 5- ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 55 دوللاردىن چۈشۈپ كېتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يىنىك خام نېفىت باھاسى 50 دوللاردىن چۈشۈپ كەتتى. سەيشەنبە كۈنى داۋاملىق چۈشكەندىن كېيىن ئازراق مۇقىملاشتى.
http://www.nur.cn/news/2015/01/202605.shtml