مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئۇمۇن

ئەلى قۇربانغا ئاكادىمىك تەنقىد(ئۇمۇن)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110500
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 167
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2014-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 06:29:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەلى قۇرباننىڭ خاتالىقى نېمە ؟

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) m2 X/ x  c7 ^/ ]

    ئادەملەرنىڭ دۇنيا قارىشى، لوگىكىلىق تەپەككۇرقىلىشى ۋەئېستېتىك تۇيغۇلىرى ئوخشاش بولمىغىنىدەك، شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەر ئۈستىدە ئېلىپبارىدىغان تەپەككۇرى، يەكۈن ۋە خۇلاسىسىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. بۇ تەبىي ئەھۋال . ئەممامەلۇم ئوبيېكتىپ ھەقىيقەت .ۈستىدە ھەر كىم ئۆزى توغرا تاپقىنىنى ئوتتۇرىغا قويىۋېلىشىغابولىۋىرىدىغان ئىش يوق.   

     لېكىن شۇنىمۇئىنكار قىلالمايمىزكى، ئىجتىمائىي  مەسىلىلەرگەنىسبەتەن رەڭگا رەڭ، پەرقلىق قاراشلارنىڭ  مەيدانغاكېلىشىمۇ چەكلىمىسىز، ئەركىن ھادىسىلەرنىڭ بىرىدۇر.

   نۆۋەتتە ئەلىقۇرباننىڭ لېكىسيەلىرىدىكى دە - تالاشلار دەل يۇقىرىدىكى باياننىڭ مىسالى بولالايدۇ.كىملەرنىڭ بايقىشىغا كۆرە« ئەلى قۇربان خاتا قىلدى »دېيىلسە، كىملەرنىڭ نەزىرىدە « ئەلى قۇرباندا خاتالىق يوق،ئ‍ەسلىدىكى خاتالىق سېنىڭ تەرجىمەڭدە»- دېگەندك، بەس - مۇنازىرە قايناپ تاشماقتا. مەن ئەلى قۇرباننىڭ لېكىسيەلىرىنى تور ئىكرانىداباشتىن ئاخىر تولۇق ئاڭلاپ  كېلىۋاتقانلارنىڭبېرى ھەم ئۇنىڭ نۇتقىنى « توغرا تەرجىمەقىلىپ » قۇبۇل قىلىمەن . ئەلى قۇربان لېكىسيەسىدىكى «خااتالىق» مەسىلىسىگە كەلسەك،ئەسلىدىكى خاتالىق سۆزلىگۈچىدە ئەمەس، بەلكى ئاڭلىغۇچىدا. چۈنكى ئەلى قۇربان لېكىسيەنىقانداقتۇر دېپلوملۇق ئاكادېمىكلارغا ئەمەس، بەلكى مەكتەپ بالىلىرىغا، ئۇنىۋېرستېتتىكىستۇدېنتلارغا بېرىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ لېكىسيەسىنى ئاڭلىغان ھەربىرىمىز،قانداقتۇر دوكتۇرلۇق، ئاكادېمىك  كۆز ئەيينىكىنىتاقاپ ئولتۇرۇپ، ياكى نۇقسانلىرىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئايرىپ چىقىدىغان «يۇرىستىكسالاپەت » بىلەننەزەرسالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ نۇتقىدىنلا ئەمەس، ھەتتا قوپال قول ۋە بېدەن ھەرىكەتلىرىدىن،يۈزىدىكى چىراي ئىپادىلىرىدىنمۇ ساناقسىز قۇسۇر تاپالايمىز. بىراق ئۇ ئۆزىنى باھالاپنومۇر قويىدىغان سورۇندا ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن روھىي ئىلھام، مەدەت كۈتىۋاتقانياشلارغا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئىنساپ بىلەن قوبۇل قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدەشنىڭبېھاجەت ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز.

    كىشىنىمەيۈسلەندۈرىدىغان  مەسىلە شۇ بولدىكى،پىسخىلوگىيە كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگ زىۋىدە خانىم ئالدىراپ، تېنەپ ئەلى قۇربانغاتەنقىد يازدى. خانىمنىڭ بۇنچە ئالدىراپ تەنقىد يېزىشىغا سەۋەپ بولغان نەرسە : ئەلىقۇربان ئوقۇغۇچىلارغا ئىلمىي ئ‍اساسىبولمىغان ، خاتا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ ، ياش ئەۋلادلارنى قايمۇقتۇرۇپ  قويارمىش. شۇڭا زىۋىدە خانىم قولىغا قەلىمىنى ئېلىپبۇ مەسىلىنى دەل ۋاقتىدا، بۆشۈكىدە بىر تەرەپ قىلىشقا ئۆزىنى مەجبۇرلىغان. ئۇنىڭئەلى قۇربانغا ئالاھىدە ئەسكەرتمەكچى بولغان مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى شۇكى، ئەلى قۇربانلېكىسيە سۆزلەۋەتىپ، « ئۇلۇق   ئەجداتلىرىمىزدىن  ماھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنى ھەزىل،كۈلكىگە ئوبيېكت قىلغانلىقى، ستۇدېنتلارنىڭ  دىققەتسىزلەرچە ھاڭۋېقىپ چاۋاك چېلىپ، ئ‍القىشلىغانلىقىدىنئىبارەت» سۈكۈت قىلغىلى، كەچۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىدۇر. ماناشۇنداق زۆرۈرىيەت ئاستىدا زىۋىدە خانىم قەلەم تەۋرىتىشكە ئ‍الدىرىغان.

      ئەمدى بىزبۇيەردە كىشىلەرنىڭ  قىزىپ كېتىۋاتقان  مېڭىلىرىنى ئازراق  سەگىتىپ قويۇش ئۈچۈن بىر ئاز سېلىشتۇرمىغا مۇراجىئتقىلىمىز. ياش ئەۋلادلارغا  خاتائۇچۇرنى  كىملەر يەتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ؟ ئەلىقۇربان يەتكۈزىۋاتقان خاتا ئۇچۇرلار قايسىلار؟ - جاۋاپ مۇنداق چىقىۋاتىدۇ: «دۇنياغا مەشھۇر تۈركىي تىللار دىۋانى، دۇنياغا مەشھۇر ئالىم بوۋىمىز ماھمۇدقەشقەرى، دۇنياغا مەشھۇر ئالەمشۇمۇل داستان قۇتادغۇ بىلىك، دۇنياغا مەشھۇر 12مۇقام مۇزىكىسى، ب د ت دا ئەنگە ئېلىنىپ، دۇنيا بويىچە قوغدىلىدىغان مەدەنىمىراسلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن خانىقا جامىئەسى....» پاھ، پاھ پاھ! مانا  مۇشۇنداق ساناپ كېلىدىغان بولساق، بىزنىڭمەھەللىدىكى  زومچەك كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان  بىر پارچە دۆڭچەكنىڭ ئالدىغىمۇ  بىر مېتىر ئىگىزلىكتە بېتون تام قاتۇرۇپ، «1995 – يىلى  ب د ت دا قارار قىلىنىپ،دۇنيا بويىچە قوغدىلىدىغان قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلارنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى،قالايمىقان بۇزىۋېتىشكە، چېقىلىشقا بولمايدۇ!»-دېگەن، سەرلەھۋە يېزىلىپ قويۇلغانبىر « مازار» بار.  بىز ب د ت دېگەن بۇ بەكيوغان نەرسە توغرۇلۇق بېرىلگەن ئۇچۇردىن مەستانە بولۇپ، كەمپۈت شوراپ يۈرگەن چېغىمىزدا، تارىخى  450   يىلغا ئىگە، كۆركەم، يەنە قانچە يۈز يىللاپمەزمۇت ياشىيالايدىغان « كۆك مەدىرىس» بىناسىنى كۆكۈم تالقان چېقىپ تاشلاپ،ئورنىغا ئىككى قەۋەتلىك « تۈرلۈك ماللار شىركىتى» ناملىق دۇكان سېلىنغان ئىدى. بۇنداقمىساللار ھازىر ساناقسىز.  بىز مۇشۇئۆزىمىزدىن باشقا بىر كىم بىلمەيدىغان قىممەتلىك بۇيۇملىرىمىزنى قەدىرلەيمىز-دەپ، چېكىدىنبەك ئاشۇرىۋېتىمىزدە، ئۆزىمىز ياساپ چىققان ئۇچۇر ئايلىنىپ كېلىپ، ئۆزىمىزنىمەستانە قىلىپ تاشلايدۇ.

   ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى بالىلىق قەلبىمگە مۇقەددەسنۇر بولۇپ ئورناپ كەتكەن « ئالەمشۇمۇل ئەسەر تۈركىي تىللار دىۋانى، قۇتادغۇ بىلىك،ئەتەبەتۇل ھەقايىق، 12 مۇقام، دۇنياغا مەشھۇر ئۇيغۇر نەقىشچىلىك سەنئېتى » - قاتارلىقمۇشۇ ئۇچۇرلارنى ( 32  يىلدىن بېرى يەنىلاقەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقلاپ كېلىۋاتىمەن.) بىزنىڭ سەبىي قەلبىمىزگە، سۈزۈكروھى ئەينەكلىرىمىزگە كىملەر نەقىشلىۋەتكەن بولغىيتى؟ ئۇنىڭدىكى مەقسەتچۇ؟-قەلبىمىزدىكى پۈكۈلمەس تاش ئابىدەلەرنىڭ  ئاتالمىش « دۇنيا، خەلقئارا، ب د ت »لەردىكى  ئورنىنى، ئادىرسىنى  تاپالمىغان چېغىمىزدا، يەنىلا « سەبي »بولىۋەرگەن بولساقچۇ كاشكى. رېئاللىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆڭلىمىزنىڭ شىرىنچۈشلىرىدىن ئىزدەپ كېتىۋەرگەن بولساق. بىراق، بىز چوڭ بولۇپ قالدۇق. ھەمدە ھەقىقەتنىئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان رېئالىست بولۇپ قالغىنىمىز تېخىمۇ ئازاپلىق  تەتۈركاچات بولۇپ، يۈزىمىزگە قاتتىقئۇرۇلغاندا، ئۆزىمىزنىڭ سەبىي قەلبىمىزدىن ئەمەس، بەلكى ئاشۇ قەلىبلىرىمىزگەئۇچۇرنى ساختا يەتكۈزۈپ قويغانلاردىن نەپرەتلەنمەي تۇرالمىدۇق.

     ھېلىقىلارنىڭبىزگە يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان  ئۇچۇرلىرىدىكى «ئالەمشۇمۇل، دۇنياۋى » دېگەنلىرى بولسا، ئۆزىمىزدىن دائىم  تۆۋەن كۆرۈپ، ھەجۋى، ھەزىللىرىمىزگە باشقەھرىمان قىلىۋالىدىغان،  ھېلىقى يايلاقچىقېرىنداشلىرىمىز – قازاق، قىرغىز، تۈركمەنلەر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن بەك ھالقىپكەتكەندە بولسا، ئۆزبەكلەر، ئازەرىيلەر، ئۇنىڭدىنمۇ بەك يوغىناپ كەتكەندە بولسا،تۈركىيەلىكلەر ئىكەنلىكى بەكمۇ كېچىكىپ ئايدىڭلاشتى . ھەمدە يۇقىرىدا ساناپئۆتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئومۇملىشىپ كەتكەن بىر ئىشمۇ ئەمەس- قازاقنىڭ « ئاباي»ىدەك، قىزغىزنىڭ « ماناس »ىدەك  مەشھۇر بىرئىشمۇ ئەمەس. ئەكسىچە ھەر قايسى قېرىنداش ئەللەردىن ،  شۇ ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ساھەسىدىن بىر قانچەنەپەر زىيالى، بىر قانچە نەپەر دەم ئېلىشقا چىققان پىشىقەدەم مائارىپچىلىرى  تۈرلۈك ۋەقپىلەرنىڭ ياردېمى ئاستىدا، بىرشەھەرگە جەم بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ يېزىپ كەلگەن« ماقالىلىرى » نى بىر قانچە كۆن ئوقۇشۇپ،چاۋاك چېلىشىپ تارقىلىپ كېتىدىغان،  شۇ يىغىلىشلارنىڭئاخبارات ۋاستىسى ئارقىلىق بىزگە يېتىپ كېلىدىغان نامى شۇنداق يوغان ئاتىلىدىكەن.ھېلىقى ب د ت – دەپ، بىز ئاسمانغا قاراپ ھاڭۋېقىپ قالىدىغان جايمۇ، ۋاي، ۋايساپكەتكىدەك بىر نەرسىمۇ ئەمەسكەن دەڭلا. ب د ت – دېگەن شۇ ئىگىز، كەڭرىبېنالارنىڭ  ئىچىدە قانچە يۈزلىگەن، ھەتتاقانچە مىڭلىغان كىچىك، كىچىك بۆلۈم، ئىشخانىلار باركەندە، كارىبىك ئارىلىدىكى  دەرەخلەرنىڭ سانىنى، ئورماندىكى ئۆسۈملۈك،كېپىنەك، قۇشقاچ، ھتتا پەسىل بويىچە كېلىپ، كېتىپ تۇرىدىغان ئۇچارلىقلارنىڭ  سانى-دېگەندەك نەرسىلەرنىمۇ خەتلەپ، ئارخپتۇرغۇزىدىغان ئالاھىدە ئىشخانىلار باركەن. ئۆز يۇرتىدا « دوكتۇرلۇق دېپلومى » بار،پروفېسسورلوق كېنىشكىسى بار  بىر قانچەكىشى بىر قەبرىنى ئوبدانراق رەسىمگە تارتىپ، تارىخىنى يېزىپ  ئاپارسىمۇ، ئەنگە ئېلىپ، ئارخىپقا تىقىپقويىدىكەن. بۇنداق ئەھۋاللارنى  تولۇقبىلىدىغان ئەللەر ئۈچۈن « ب د ت ئەنگە ئالدى »- دېگەن گەپ، گېزىتتىكى كۈندىلىكخەۋەرچىلىكلا نەرسە. چۈنكى ئۇلارغا ئۇچۇر توغرا، تولۇق يەتكۈزۈلگەچكە، ھەمدەئۇلارنىڭ مائارىپلىرىمۇ  جانغائەسقاتىدىغان ئۆلچەملىك، جانغا ئەسقاتىدىغان لاياقەتلىك تەلەپ بىلەن تاللىنىپبېكىتىلگەچكە، ئۇلار نېمىنىڭ بۈگۈن ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ ئەتە ئۈچۈنمۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئوقۇتۇپ، بىلىپ ئۆگۈنۈپ، ھەقىقى لاياقەتلىك كىشىلەريېتىشتۈرۈلىدىكەن. بىزدىچۇ؟ - نېمىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات بۆلۈمىگە ئائىت،نېمىنىڭ تارىخى ئۆتمۈشكە ئائىت، نېمىنىڭ كۆلگۈسىگە ئائىت ئىكەنلىكىنىپەرقلەندۈرۈشكە پۇرسەتمۇ بېرىلمەيدۇ.

     ماھمۇد قەشقەرى بوۋام، ئاماننىساخان مومام-دېسە، قىزىپ كېتىدۇ ھەممە ياق. ماتېماتىكچىسىمۇ، فىزىكىچىسىمۇ، بوتانىكىچىسىمۇ،ئاناتومىيەچىسىمۇ، بىئولوگىيەچىسىمۇ، گېئولوگىيەچىسىمۇ، گېئومېترىچىسىمۇ،پۇتبولچىسىمۇ، پروفېسسورىمۇ، ستۇدېنىتلىرىمۇ، ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ، يەسلىدىكىئوماقلىرىمۇ، ئېتىزدىكى دېھقانلىرىمۇ، تاغدىكى پادىچىلىرىمۇ، شائىرسىمۇ، قارى-موللىسىمۇ، سودىگىرىمۇ، قويمىچىسىمۇ، تېزىمۇ، بېزىمۇ، ئېرى، خوتۇنى، ئاتىسى،بالىسى – بۈشۈكتىن تۈشۈككىچە ھەممىسى مازغاپ چاينىشىدۇ. ئەمما  ئۆزىگە بۈگۈن نېمە كېرەك، ئەتە نېمە كېرەكبۇنىڭدىن خەۋىرى يوق! بىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك. ھەتتا بۇ مىللەتنىڭمائارىپچىلىرىمۇ، دوكتۇر، پروفېسسورلىرىمۇ  نېمە لازىم بولىۋاتقانلىقىنى تازا بەكئاڭقىرالمايۋاتقاندەك . قىزىق ئىش. ئىمام ئاخۇنۇم سەللانى قۇزۇققا ئېسىپ قويۇپ،مىللىتىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلسا بولار-دەپ، ئۆزى بىلەنئاسمان، زېمىندەك بوشلۇققا ئىگە تەتقىقات كوچىسىدا ئەلەڭلەپ يۈرسە، مىللەتنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا باش قاتۇرىدىغان  تەتقىقاتۋە تەجىربىچى ئالىملىرى ( ئاغىزى بىرەر كەلىمىگە كەلمىسىمۇ) مىللەتنىڭ دىنىيئىشلىرىنى مەن ئوڭشىمىسام بولمايدۇ-دەپ، خۇددى ئىشەككە تەتۈر مىنىۋالغاندەك بىرئىشلارنى قىلىپ يۈرۈكلۈك.

   ماھمۇد قەشقىرىدىن تارتىپ، ئىبراھىم مۇتىئى ( مەرھۇمتىلشۇناس ئالىم )غىچە، يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن تارتىپ ( مەرھۇم ئەدىب ، شائىر )  ئابدۇرەھىم  ئۆتكۈرگىچە  بارلىق دانالىرىمىز  مىللىتىمىزنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ساھەسىگە،ئىجتىمائىي تەتقىقات ساھەسىگە  مەنسۇپشەخسلەردۇر.  شۇنىڭدەك ئەلىشىر نەۋايى ۋە ئاماننىساخاندىن– مەرھۇم مۇقام ئۇستازى تۇردىئاخۇنغىچە ئۇيغۇرنىڭ  مۇزىكانت ۋە شائىرلىرىدۇر.  بۇلارنى خەلقىمىزنىڭ بىلىشى، قەدىرلىشى، ئەسلەپدۇئا قىلىشى ھەقىقەتەن ياخشى ئىش. ئەمما ئۇلارنى « تۇتىم » قىلىۋېلىشنى قانداقئىزاھلىسىمۇ چۈشۈنۈش قىيىن. ھەرقانداق مىللەتنىڭ شۇنداق پەخىرلىك ئەجداتلىرىبولىدۇ. لېكىن ئۇلار مۇزىيخانىلاردا ئەسلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىتەتقىقات بۆلۈملىرىدە تەتقىقات ماتېريالى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. باشقا مىللەتلەرئاشۇنداق ئۇلۇق ئەجداتلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەنئىلمىي خاتالىقلىرىنى تەنقىتلىيەلەيدۇ. پلاتون ۋە ئارىستوتېللارنىمۇ گىرىكلەر،ياۋرۇپالىقلار  بىر ياقتىن ئالاھىدەقەدىرلىسە، نەيە بىر ياقتىن تەنقىدلەپ، توغرىسىنى تېپىشقا، تېخىمۇ يۈكسىلىشكە يولئاچىدۇ.

  مەن 1986 –يىلى يازلىق تەتىلدە، ماھمۇد قەشقەرىنىڭ ياشىغان مەھەللىسىنى، قەبرىسىنى كۆرۈپ كېلىش ئىشتىياقىدا ئالاھىدە  پىداكارلىق كۆرسىتىپ ئوپالغا بارغان چېغىمدا،  مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن. ماھمۇد قەشقەرىنىڭمەقبىرەسىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئوتتۇزدەك ياشلار ۋە ياشانغانلار بار ئىدى. بىربوۋاي  ئۇنى ماختاپ، خۇددى پەيغەمبەرنىڭسىياقىغا يەتكۈزۈپ  قويغىلى تۇرىۋىدى ،  مەن : بۇ زات بىر تەتقىقاتچى كىشى ئىدى. شۇچاغدىكى سەۋىيە بىلەن ئېيتقاندىمۇ كىتاۋىدا ئاز- تولا خاتالىق بار-دېدىمدە، ئارقاتەرەپتىن كەلگەن بىر تەتۈر شاپىلاقنىڭ زەربىسى سول قۇلىقىمدىن ئۆتۈپ، ئوڭ قۇلىقىمدىنۋىڭىلداپ چىقىپ كەتتى. تاياق تەككەن سول قۇلىقىمغا قارىغاندا ئوڭ قۇلىقىم ئېتىلىپچىقىدىغاندەك زىڭىلداپ ئاغرىپ كەتتى. مەن ئالقانداپ ئوڭ قۇلىقىمنى مەھكەم بېسىپتۇرسام، ئاپتاپتا كۆيۈپ،  مەدەككىلا ئوخشاپقالغان، شۇ چاغدىكى مەن دېمەتلىك بىر دېھقان بالا : زۇۋانىڭنى يىغ جۇما، ھەزىرتى ماللامغاتىل ئۇزارتقۇچى بولما. قايسى ئەۋالىڭغا ھەزىرتى ماللامنىڭ ئۇلۇق كىتاۋىنى خاتادەيسەن؟ كاچات تەككەن قۇلىقىڭنى بىلمەيسەنۇ-دەپ، كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ ھۆركىرەيتتى.ئەتراپتىكىلەرنىڭ پەيلى ھەقىقەتەن يامان ئىدى. ئارىدىن ئۇقۇمۇشلۇق كۆرۈنىدىغان بىرقانچە مويسىپىتلەر : بالىلىرىم، بولدى قىلىڭلار. بۇ شىماللىقلارنىڭ ئىمانى سۇس.بىلمەيدۇ. ئاللاھدىن ئىنساپ تىلەيلى-دەپ، مېنى ئاجىرتىۋالدى.  مەن ئۇر-ئۇردا قالمىغىنىمغا مىڭ شۇكرى قىلىپ،ئوپالدىن بەدەر تىكىۋەتتىم. شۇ چاغدا نېمىگە پۇشمان قىلىشىمنى كۆپ ئويلانغانئىدىم.  تۆت كۈنلۈك ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپبارغىنىمغا پۇشمان قىلايمۇ، ياكى ئەتراپتىكىلەرگە دىققەت قىلماستىن راست گەپنىدېگىنىمگە پۇشمان قىلىمەنمۇ. ئۆزەمچە كۆپ ئەزىيەت ھېس قىلغان ئىدىم.

    شۇنىڭدىندەل 29 يىل ئۆتۈپتىكەن،  نۆۋەتتە ئەلىقۇربان بۇ تېمىدا تەتۈر شاپىلاق يەپ كەتتى. شۇنىڭغا قارىغاندا مەن شۇ چاغدىكىتەتۈر كاچاتقا  شۇكرى دېسەم بولغىدەك.چۈنكى  مەن « خاتالىق بار» دېگەن ئىدىم.لېكىن ماۋۇ ئەلى قۇربان  ئۇنداق دېمىگەن.مەن ئۇلاردىن كۆپنى بىلىمەن-دەپ، بىر ئاز سورۇننى قىزىتىپ، كۈلۈشمەك قىلغان ئىدى.قانچە مىڭلىغان تەستەك تىگىپ كەتتى. بىراق بىر ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، 29 يىل بۇرۇنماڭا تەككەن تەستەك بىلەن، ھازىر ئەلى قۇربانغا تەككەن تەستەكلەرنىڭ ئارىسىدىكىزامان مۇساپىسىنى نەزەردە تۇتساق ، بىر بالا تۇغۇلۇپ، چوڭ بولۇپ، دادا، ياكى ئانابولىدىغان، بىر بالا تۇغلۇپ، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، دوكتۇرلۇقئۇنۋانى ئېلىپ بولىدىغان شۇنچە ئۇزۇن يىل ئۆتتى.  بۇ جەرياندا دۇنيا ئەھلىدە ئاجايىپ چوڭ ئۆزگۈرۈشلەربولدى. ئالاقە- ئۇچۇر تورلاشتى. 7 سېكۇنت ئىچىدە دۇنيانىڭ نەيە بىر چېتى بىلەنئالاقە ئورنىتالايسىز. بىلىم بەكلا ئاددىيلىشىپ كەتتى. بىراق  بىر نەرسە يۈرىكىمنى تاتىلاۋاتىدۇ. ئۇبولسىمۇ  ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكىئۇقۇمسىزلىق. يەنى 29 يىل بۇرۇنقى قار مەدەككە ئوخشايدىغان دېھقان بالا بىلەن،بۈگۈنكى دېپلوملۇق دوكتۇر، ئاكادېمىكلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا پەرق يوقتەك. توۋا. شۇچاغدىكى ئوپالدىن چىققان 20 ياشلىق بىر ساۋاتسىز دېھقان بالا بىلەن، بۈگۈنكىزىۋىدە خانىمنىڭ ياش، ئەقىل، سەبرە، تەپەككۇر پەرقى يوقتەك.

    ئەلى قۇربانۋە شۇ لېكىسيە سورۇىنىدىكى مىڭلىغان ياشلىرىمىز ماھمۇد قەشقەرىدىن ئېشىپ كەتسەنېمە بولىدۇ؟ بېيجىن شەھرىنىڭ ئاسمىنى كۆمۈرلۈپ كېتەمدۇيا؟ ئارسىتوتېلدىن،پلاتوندىن ئېشىپ كەتكەن پەيلاسوپلار يوقمۇ؟ ئىبنىسىنادىن ئېشىپ كەتكەن تىببىيئالىم يوقمۇ؟ (- بىزنىڭ شۆھرەت مۇتەللىپىمىز ئادەمنى كوپىي قىلىدىغان بىر ئىشلارنىتېپىپ چىقىپتۇ دەۋاتاتتى ) يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئېشىپ كەتكەن شائىر يوقمۇ؟ ھەيئادەملەر! ھەي ئۇيغۇرنىڭ ئاكادېمىكلىرى! ئۇچۇرنى ئەسلىدە سىلەر خاتا يەتكۈزۈپ،ياشلارنىڭ زېھنىنى، روھىنى  دۈملەپ قويغانۋە قويىۋاتىسىلەر! ھېچ بولمىغاندا، ئەلى قۇربان شاڭخەيدىكى يېمەكلىكلەر بازىرىدا،  تور چېلەكتە كۆرگەن ھېلىقى قىسقۇچ پاقىلاردىنبىزنىڭ ئاكادېمىكلىرىمىزنىڭ پەرقى بولسۇن!


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 A1 o4 F- q. R  k) l7 a6 D8 y

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110500
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 167
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2014-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 03:30:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆزلۈكلەرنىڭ بىر بىرىگە ئۇلۇنۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلمىدىم. مىسرانىمدىلا شۇنداق بولۇپ قالىدۇ. بىلىدىغانلار ئىزالاپ قويساڭلار. رەخمەت.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* ^1 g" d4 Y: w8 o) B8 M

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89635
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 175
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 02:04:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلى قۇرباننىڭ بىر ئالاھىدلىكى ئۆتكەن تۇرمۇشى بىلەن تەپەككۇرنى نەزىريىۋىي بىلمىنىي بىرلەشتۈرۈپ كۆزقاراش يەكۈنلىيەلىگەنلىكى بىراق ئۇ ھازىر مەغرۇرلۇق باسقۇچىدا ئىلىنىپ قاپتۇ ئۆزىگە ئىشنىش بىلەن كەمتەرلىك ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى ئىنىق ئايرىيالمىغان ،ھەمدە روھ ئىلمىنى چۈشەنمىگەن بىر ئادەم روھ دىن ئىبارەت تىخى ئىنسانلارغا نامەلۇم كىچىككىنە زەرىچە ئىلمىم چۈشۈرۈلگەن ئىلىم توغرىسىدا ئۆزىنىڭ پىسخىلوگىيلىك بىلمىي بىلەن بىرلەشتۈرۈپلا سۆزلەپ چۈشۈپ كىتىپتۈ،خاتا ئۇ 3چوڭ دىننى ئىنىق چۈشنىشى ئوبدان پەلسەپە بىلىم نۇقتىسىدىن تەتقىت قىلىش قىرەك روھ ئىلمىنى تالغۇز تەۋرات ھەمدە ئىنجىلنى مەنبە قىلغان ناسارا ھەمدە يەھۇدىيلارنىڭ كىتابىدىن ئىزدەشكە بولمايدۈ مانا بۇ مىتافىزىكىلق قاراش يۇزەكى قاراش بولىدۈ.ئۇ يەنە ئۆزىنى بىر دەرەخكە ئوخشۈتۈپ خەلىقنى چىۋىنگە ئوخشاتتى ئۆزوڭنىمۇ چۈشەنسەڭ ئۆزگىنمۇ چۈشەنسەڭ ھەرقانداق جەڭدە يىڭىلمەيسەن پەقەت مەيدىسى كەڭ ئادەملەرلا ئەركىن نەپەس ئالالايدۈ،ئۆزىگە تىگىۋاتقان قامچىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئويلىنالايدۈ.بىز چىۋىن ئەمەس بىر قايچا بىز ئۆزگەرىتكۈچى .بىز بۇدەرەخنىڭ سۇ مەنبەسى ھەرگىزمۇ ئالتۇن چىشلىق غاچىلىغۇچى ئەمەس ئەگەر بۇدەرەخ ئۆزىنى مەن پولات دىسە بىز نۇر يا ئۇنى نۇرلاندۈرمىز يا ئۇنى ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز .ھەرقانداق بىر ئادەم خەلىق ئالدىدا بىشىنى ئىگىشى كىرەك خەلىقئاممىسى توغرا كۈزەتكۈچى ئوبدان ئەسكەرىتكۈچى .ئۆزىنى چوڭ چاغلاش ،ھەممە ئىش قانۇنىيەت ئىچىدە بولىدۈ دەپ قانۇنىيەتنى چۈشەنمەسلىك ،ئوخشاش پىكىر قاتلىمىدا تەكرار تىڭىرىقاپ يۇرۈش ئەلى مەلىمنىڭ ئالاھىدلىكى .ئۇ دەيدۇ مەن ئامازوندىن كىتاپ ئەكەلدۈرۈپ ئوقۇيمەن ،مەسلىنىڭ يادروسى كىتاپنى كۆپ ئوقۇش ئاز ئوقۇشتا ئەمەس مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي ،يادرو ھەزىم قىلىشتا ،ئاز ئوقۇش ئوقۇمىغانلىقتىن دىرەك بەرمەيدۈ ،ھەققى ئىگەللەش ھەقىقى ھەزىم قىلىش بىر ئۆمۈر كىتاپ ئوقۇشتىشن قىممەتلىك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89635
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 175
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 02:20:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ قىسىم كىشلەر باشقىلارنى قارسىغا ماختاش بىلەن  توغرا باھا بىرىشتىن يىراق بىز ياخشىنى ئەسكى دىمەيمىز .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- v7 t" o" d) `3 r: m
بىز كۈزەتكۈچى ھەق سۆزلىگۈچى بولۈشنى ئۈمىد قىلمىز .ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ چوڭ بىلگەنلەرنى قامچىلاشقا تەييار تۈرمىز .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 o* S* u/ X7 x% {بىز ئۆزمىزنى چوڭقۇر تەتقىت قىلمىز تەپەككۈرقىلمىز .كىتاپ ئوقۇيمىز .بىز ئىشىپ چۈشكۈچى بولىمىز .تۇرمۇشنى ئۆتكەن تارىخنى ئوبدان توغرا تەھلىل قىلمىز .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 W7 i& ]# G- ^/ q- w9 jھاكاۋۈرلۈق شەخشىيەتچىلىككە قارشى تۇرمىز ،ئاكىتپ پوزىتسىيە دەپ ئۇنى تولۇق چۈشەنمەيدىغان چەتئەل ئالىملىرىغا بىقىنۋىلىپ ئۆز تەپەككۈرى ھەمدە ئىڭىدىن توغرا جاۋاپنى تاپالمايدىغان ئادەم نەزىريە ئىچىگە چۆكۈپ كىتىپ قايمۇقۇپ قالغان ئادەمدۈر ئەلى مەلىم شۇنداق ئادەم .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) w7 R" s7 ?# J5 a) I- f; L) I
ئۇنىڭ بىر گىپى بىر گىپىنى يەيدۈ.زىد كىلدۈ .چۈنكى ئۇ نەزىريە بىلەن ئەملىيەت ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش توغرىسىدا بىلىمگە چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' w: C& P! @3 |6 e5 C% K' L
چۇنكى ئۇ خەلىقنىڭ نىمە ئۇچۇن مىسلىسىز كۈچگە ئىگە بولدىغانلىقىنى ھەمدى خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىشنىڭ نىمە ئۇچۇن ئۆزى ئۇچۇن خىزمەت قىلغانلىق بولدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۈ. بۇ قاتمال تەپەككۈر ئەمەس،ئادەم ئۆزى ئۈچۈن كۈرەش قىلسا ئۆزىنى تەرەققى قىلدۈردۇ ،خەلىق ئۇچۇن تەرەققى قىلدۈرسا گۈللەپ ياشنايدۈ.تىلۋىزىيە نۇتقىدا ئۇنىڭ مەغرۇرلىقى كۆڭلۈمنى ئىلىشتۈردى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: U& K/ W* W& Q' s. H" Aيەنە بىر پادىشاھنى قامچىلاشقا چوقۇم سەركەردىنىڭ بولىشى                          زۆرۈر ئەمەس ئاددى بىر بالىمۇ يىتىپ ئاشىدۈ.چۈنكى ئەقىل ياشتا ئەمەس،               شۇڭا مىنىڭ سالاھىيتىمنى بىلىش بەك زۆرۈر بوپ قالغان بولسا دەپ بىري مەن بىربۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# I3 G- d0 d  P* Y8 ^( s' S4 G
ئاددى بالا خەلىقنىڭ كىچىكىنە بىر پارچىسى بۇ يەتمىسە .مەن ئاڭلايمەن بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 ], Z. V! e+ c) ^' x
خاتالىق بولسا تۈزتىمەن دەپ شۇئار توۋلىماي .قىسىش كىرەك غىت.تامام .     

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش