musilina يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 11:20 PM
‹‹مەن ئۆلەي››دېگەن ناخشىنى بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلىدىم.....
دوستۇمنىڭ ئۆيىگە كىرسەم بالىسى «مەن ئۆلەي، ئۆلەي...»دەۋىتىپتىكەن، يېڭى تىلى چىققاچقا، ئارانلا دەيدۇ ھېلىقى گەپنى.
مۇشۇ ناخشىنى ئاڭلاپ ئۆگىنىپتۇدە دېسەم، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئوغلى شۇ ناخشىنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن، ماشىنىدا ئولتۇرسىمۇ دوستۇم بۇ ناخشىنى قايتا-قايتا قويۇپ بېرىدىكەن، ئۆيدە بولسىمۇ، تېلېفوندىن چىقىرىپ قويۇپ بېرىدىكەن، ھېلىقى بالىنىڭ پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن «مەن ئۆلەي، ئۆلەي، ئۆلەي...»دەپ باش چايقاپ كېتىشىلىرى بەك ئوماق...
ھەقىقەتەن چىرايلىق مىلودىيەكەن، ئۆز ۋاقتىدا ئاڭلىغاندىمۇ شۇنداق ياقتۇراتتىم، كېيىنچە، ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن، بۇدا بۇ بالىنىڭ سۈزۈك ئاۋازىدا ئېيتىشى تېخىمۇ چىرايلىق ئاڭلاندى.