xopur يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 01:30 AM
بەك ئۇمۇتۋار بولاپ كىتىپسىز.
پەقەت ئەلى قۇربانغا باغل ...
مەن ئويلىدىم: ئەلىنىڭ جاۋابى جاۋابمۇ؟
1. بۇ ئىككى قىسىمدا سۆزلىگىنى پەقەت ئۆزىنى ماختاش بولۇپتۇ. روھي كەيپىياتىدىن ئېنىقكى، ئەلى دەككە-دۈككىدە كاللىسىنى يوقۇتۇپتۇ، كەيپىياتى تۇراقسىزلىنىپ، ئاچچىقلىنىپتۇ، ئاچچىق ئەقلىنى كېسىپتۇ. _
2. بىرىنجى قىسىمدا «ئاقسۇدىن يەتتە ياشلىق بىر بالىنىڭ ئاپىسى تېلفۇن قىپتۇ،....مىنىڭ مۇشۇنداق قوللىغۇچىللىرىم بار». ئەلىدەك «داڭلىق» «پىسخولوگ» ئاتۇشتىكى لېكسىيەسىدە « كىچىكىمدە بىڭگور ساتىدىغان ئايىنى ئالىمەن دىگەن يېرىم بار» دىگىنى ئېسىدىمۇ. ئەلى ئويلاپ باقسۇن، 7 ياشلىق بالا ئاق-قارىنى بىلەمدۇ؟ ئۇ خالىسا ئابلاجاننى، خالىسا جېكسۇننى ياخشى كۆرىدۇ، خالىسا بىڭگورچى ئايىنى ئالىمەن دەيدۇ. بۇ ئارقىلىق 7 ياشلىق بالىنى مىسالغا ئېلىپ قوللىغۇچۇم جىق دىيىش توغرىمۇ؟ ئۇ بالىلار ئاق-قارىنى پەرق ئەتكەندىچۇ؟
3. بىرىنجى قىسىمدا:ئەلى دەپتۇ « يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەرداۋچىياۋدا ماڭسا ھېچكىم تونىمايدۇ»...كۆرۈپ باقمىغان ئادەمنى ئەلۋەتتە ھېچكىم تونىمايدۇ، بىر بالا 2 يىشىدا دادىسى تۈگەپ كەتسە، 30 يېشىدا «ئەرداۋچو» دا دادىسى بىلەن سۈركىلىشىپ ئۆتۈپ كەتسە تونۇمدۇ؟ نىمىدىگەن ئەخمىقانە چۈشەندۈرۈش؟! مەن دۆڭكۆۋرۈكتە ئارىستوتېل، نىيوتۇن ھەتتاكى پەيغەمبىرىمىزنى ئۇچراتساممۇ تونىيالمايدىغىنىم ئېنىق.
4. « مەن توفىلدىن 9 ئايدا ئۆتتۈم، ھېچكىم بۇ رىكوتنى بۇزالمىدى». بۇ بىر ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەيدىغان گىپى ئەمەس، توفىلدا ئۆتتۈم ياكى ئۆتمىدىم دىگەن گەپ يوق، پەقەت 6 ئالدىم، 7 ئالدىم دىگەن گەپ بار. مەسلەن: مەن خەنزۇچە سەۋىيە سېناش ئىمتاھاندىن ئۆتتۈم دىمەيمىز، بەشىنجى ياكى ئالتىجى دەرىجىدىن ئۆتتۈم دەيمىز. ھەتتا ئۆز كەسپىنى چۈشەنمىگەن ئەلىگە نىمە يوغانچىلىق.g
5.«پەيغەمبىرىمىز باشقىلارنى كۈلدۈرۈشمۇ بىر ساۋاب دىگەن» جۆيلىمە! پەيغەمبىرىمىز « يالغان گەپ قىلىپ باشقىلارنى كۈلدۈرگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي» دىگەن، شۇنداقلا « مەن دىمىگەننى دىدى دىگەنلەر دوزاققا بارىدۇ« دىگەن. چۈشىنىۋاتامسەن؟گەپ تاپساڭ بولىدۇ، لىكىن يالغان ھەدىس ئويدۇرما!
6. «سىلەر مىنى تاشلىۋەتسەڭلارمۇ، مەن سىلەردىن ۋاز كەچمەيمەن» دىگەن ئالى نىمىشقا يەنە ئىككىنجى قىسىم زىيارەتتە « ئۇنداقلارغا دەيدىغىنىم، يوقال» دەيدۇ، ئۇ زادى تاشلامدۇ، تاشلىمامدۇ؟ تۇترۇقسىزلىق دىگەن مۇشۇمۇ؟ ئەلى ئەجىبا ئۆزىنى ئەۋلىيا ئەزەم دەپ قارىمىغانلارنى يوقال دەپ، ئۆزىنى قوللىغانلارنىلا تاشلىۋەتمەمدۇ؟
7. زىۋىدە مۇئەللىمنى «پۈتۈن ئۇيغۇرنى دۆت دەپ ھاقارەت قىلدى، بۇ كەسپىي ئەخلاققا ئۇيغۇن ئەمەس» دىگەن ئەلى نىمە ئۈچۈن «ئۇنداق ئېنكاسچىلارنىڭ قىلچىمۇ پىسخىكا بىلىمى يوق، پەقەت خەت ئۇرالىسا كىرەك»، «بۇلار غاجىلىغۇچىلار»، «مەندىن 300 ياش كىچىك» «يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەن بىلەن كۆرىشىدۇ، سىلەر بىلەن كۆرشمەيدۇ»، شۇنداقلا ئاتۇشتىكى لىكسىيەدە گۆدەك بالىلارغا « مەن ئاراڭلاردا ئەخلەت بولۇپ كىتىدىغان بالىلارنى كۆردۈم»....دىگەندەك گەپلىرى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇرنى دۆتكە چىقىرىدۇ؟ ئەلىمۇ دادىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللانماي «مۇئەللىم» نامىنى ئىسمىنىڭ كەينىگە قويىۋالىدىغان «مۇئەللىم»غۇ، بۇ گەپلەر ئۇنىڭ كەسپى ئەخلاقىغا خىلاپ ئەمەسمۇ؟ ئەلىنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى گۇمان قوزغىغان ئىكەن «مۇئەللىم» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتمەي تۇرسۇن. مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىدىكى بالىلارنىڭ بەزى گەپلەرگە چاۋاك چىلىشى ھەقىقەتەن تەستەككە لايىق، مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ دۆلەتتىكى ئالىم مەكتەپلەر رەت تەرتىۋىدىكى ئورنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى بىلەن تەڭ، ئۇ خارۋارد، چىڭخۇا ياكى فۇدەن ئەمەس، دۆت بولۇپ قالىدىغان بالىلار بار.
8. ئىككىنجى قىسىمدا: « مىنى غاجىلىماقچى بولغانلار ئالتۇندىن، ئالماستىن چىش ياسىتىپ كەلسۇن». ئەلى چىشنىڭ خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى، ئالماستىن، ئالتۇندىن قاتتىق ۋە چىش مىلىكىنى ئاغرىتمايدىغانلىقىنى بىر دوختۇرلۇقتا ئوقۇغان ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن بىلىشى كىرەك ئىدى. ئۇ نىمىشقا ئالتۇننى ئاللاھ ياراتقان تەبئىي چىشتىن يۇقۇرى كۆرىدۇ.+ d" X
9. ئىككىنجى قىسىمدا ئەلى دەپتۇ:«بۇلار بىلىم ئۆگىنى كەلسە مەن گەپلىرىنى قوبۇل قىلىمەنغۇ؟». سىن ماتېريالدىن مەلۇم، ئەلى ھېچكىمنىڭ ھېچقانداق تەكلىۋىنى قوبۇل قىلمىدى، پەقەت ئۆزىنى يەنىلا ماختىدى خالاس. «تۈزەلگەن بالا، ئالتۇندىن ئەلا!» ، ئەلى ئىلمىي تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلمايدىكەن، ئۇ خەلق نەزىرىدىن يەنىمۇ چۈشىدۇ، ئۇ ئەلى «مۇئەللىم» ئەمەس، ئەلى كاسكى، ئەلى كۆرەڭ بولۇپ قالىدۇ، ئۇ يار لېۋىدىن ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتىشى كىرەك. ئۇيغۇر خەلقى مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نۆۋەتتىكى شۆھرەت مۇتەللىپ، تاشپولات روزى قاتارلىقلارنى يوغانچىلىقى، مەنمەنچىلىكى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى بىلىمىگە خاس كەمتەرلىكى بولغاچقا قەلىب تۆرىدىن ئورۇن بەرگەن. نىمىشقا ئەلىدىن باشقا ئۇيغۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقىرىلەرنى غاجاپ باقمىغان، چۈنكى ئۇلاردا كىبىر يوق ئىدى. ھەتتا شۇلارنىمۇ غاجىغان ئەلى ھەقىقي غاجىلىغۇچى بولۇشى كىرەك، مەھمۇد قەشقىرىنى، ئۆز مىلىتىنىڭ زىيالىيلىرىنى غاجىلىغان ئەلى نىمىنى غاجىمايدۇ؟P
10. ئەلى « مەن ئاددىيلاشتۇرۇپ سۆزلەيمەن». ئەلىنى نىمىنى ئاددىيلاشتۇردى؟ ئۇ ئىككى سائەت سۆزلىگەن نۇتۇقنى يىغساق تېرىشىڭلار، ئۆزەڭلەرگە ئىشىنىڭلار دىگەندىن سىرىت يەنە نىمە دىمەكچى؟ مۇشۇ گەپنى ئۆزى مۇرەككەپلۈشتۈرۈپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىغا بىردەم نىمىسچە، بىردەم ئېنگىلىزچە (خۇددى ئۇلار چۈشىنىدىغاندەك) بىرنىمىلەرنى كولدۇرلاپ مۇرەككەپلەشتۈردىغۇ! ئەلىدە «ئاتالمىش مۇرەككەپ» سۆزلىگىدەك سەۋىيە بارمۇ؟ ئۇ بىرەر تەتقىقاتنى ئالالامدۇ؟ بىرەر پارچە ماقالىنى قاملاشتۇرۇپ يازالامدۇ؟ ئەلىنىڭ ئاددىيلاشتۇرىمەن دىگىنى مۇرەككەنى بىلمەيمەن، چوڭقۇرلاشنى بىلمەيمەن دىگەننى يوشۇرۇش ئۈچۈن تاقىغان نېقاب ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ «مۇرەككەپ» نى قىلىپ بولۇپ ئاندىن ئاددىيلاشتۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتى بارمۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىمدە ھەقىقەتەن ئاخىزلىقىنى تونۇپ يېتىشى كىرەك. ئەينى ۋاقىتتا زۇلپىقار باراتمۇ جىق سۆزلىگەن، خەلق قارشى چىققان ئىشلار بولغان، ئۇ خىزمىتىنى، ئېچىۋاتقان كۇرسىنى تاشلاپ ئامېرىكىغا بىرىپ ماگېستىر، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ كەسپىي بىلىم ئىگەللىدى، خەلق ئەمدى ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىدى. ئەلى باج ئالمايدۇ دەپ پونى ئېتىۋەرمەي، ئىمتاھاندا كۆچۈرۈپ دىپلوم ئالالمىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىشى، يۇقىرىلاپ ئوقۇپ زۇلپىقار باراتتەك ئۆزىنى كۆرسىتىشى كىرەك. قۇدۇقتىكى پاقىدەك ياشاۋەرسە ئۇنىڭ قۇرۇق گەپلىرى بىر مەزگىلدىن كىيىن خەلقنىڭ قۇلىقىغا خوش ياقمايدۇ.
11. «ئاز بىر قىسىم ئېنكاسچىلار ئوخشىمىغان ئىسىمدا كىرىپ تىللايدۇ» دىگەن ئەلىگە ئېنىق بولسۇنكى، يەنە ئوخشاشلا ناھايىتى ئاز بىر قىسىم گۇپپاڭچىلارمۇ ئوخشىمىغان ئىسىمدا كىرىپ، ئەلىنىڭ ئوتتىرىغا تاشلىغىدەك بىرەر ماتېرىيالى بولمىغاچقا، باشقىلار ئەلىنى تەنقىدلىسە، بۇ تۇزكورلار ئەلىنى ماختىسا تۈگەيدىغان ئىشقا، ماختىغىدەك ئەمەلىي مىساللارنى تاپالماي ئىلمىي تەنقىد قىلغۇچىلارنى تىللاۋاتىدۇ خالاس، ئەجىبا بىزنىڭمۇ بۇلارنى ئەلى ئورۇنلاشتۇرغان ياكى بىر نەچچىسى بىرلىشىپ ئويۇن ئويناۋاتىدۇ دىيىشكە تەپەككۇرىمىز يېتىشمەمدۇ؟( بۇلارنىڭ سىرىنى ئېچىۋەتكەن بولسام چىدىمايدۇ ئەمدى!J$ G
12. ئەلى زىۋىدە خانىمنى يالغاندىن بىر ئىككى ئېغىز ماختاپ قويۇپ ئاندىن يەرگە ئۇرغاندەك گەپ قىلسا گاڭگۇڭ ئوغۇللارنىڭ ئىززىتىنى يەرگە ئۇرىدۇ، دىققەت قىلسۇن. يەنە بىرسى تىل ئوقۇتقۇچىسى بولغاندىكىن لىكسىيەگە خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە گەپلەرنى قالايمىقان قوشۇۋالماسلىقى، ئېنگىلىزچە، نىمىسچە گەپ قۇشۇپ ئۆزىنى بىلىملىك كۆرسەتمەسلىكى كىرەك. ئەلىنىڭ ئېنگىلىز تىلىدا ياخشىلىقى ئېنىق.
13. ئەلىنىڭ بۇ 2 قىسىم زىيارىتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ. ئەلىنىڭ مەغلۇبىيىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھايانلىق تەپەككۇرنىڭ ئىلمىي تەپەككۇر تەرىپىدىن مەغلۇب بولغىنىنىڭ ئىپادىسى. زىيالىينىڭ خىيالىيدىن ئۈستۈن تۇرغىنىنىڭ ئىپادىسى.
بولدىلا دىسەم گەپ جىقتى، قىسقىسى ئەلى تەنقىدنى قوبۇل قىلىشى، ماۋۇ زىيارەتتىكىدەك كونتىروللىقىنى يوقىتىپ قويماسلىقى، بولمىسا ئۆزى دىگەندەك سۈكۈتتە تۇرىشى، كىرەك. ئۇيغۇر خەلقى ئەدەب-ئەخلاققا دىققەت قىلىدىغان خەلق، ئەلىنىڭ بۇ زىيارەتتىن كىيىن نۇرغۇن قوللىغۇچىللىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئېنىق، ئۇ پەقەت ئەدەپ قائىدە بىلەن قايتا يۇقىرىغا چىقالايدۇ، بولمىسا ئەلى ئەمەس بىز « يوقال!» دەيمىز. ئەلى بىلىۋالسۇن، ئەلىگە تەنقىد بەرگەننىڭ كۆزى كور، قولى تۇتماس....بولىدۇ، دىگەندەك تەھدىد سالمىسۇن، بۇنىڭغا 7 ياشتىن كىچىك بالىلارلا قورقۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان باتۇرلىقىنى نامايەن قىلغان خەلق، ئەجىبا ئۇيغۇر ئىىشىۋۇ ئەلىگە تەنقىد بىرىشتىن قورقامدۇ؟ خالىساق مىڭ ئەلىنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ تەنقىد قىلالايمىز!
ئاخىرىدا ئەلىنىڭ ئىشلىرىغا قېرىنداشلارچە ئۇتۇق تىلەيمىز!