ئۇتكەندە مۇھاكىمە يىغىنىغا قىلىنغان تەييارلىقلار،باستۇرغان كىتاپلارنى مۇھاكىمە يىغىنى ئېنىق بولمىغان سەۋەپلەر تۆپەيلى ھازىرغىچە كېچىكتۇرۇلگەنلىگى ئۈچۈن ئۇلارنى يەنە تارقىتىش،مۇھاكىمىنى يەنە شۇ قېتىمقى تەييارلىق ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. ئەمدى29-تىئورما تەجىربە نەتىجىلىرى ۋە ماتىماتىكىلىق مودىللىرىنى يادىرۇ قىلغان ھالدا مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇش - ئىلىم دۇنياسىنىڭ شەكىل نەزەريىسىگە بولغان دېققىتىنى تارتىشتا زۇرۇر ئىكەن ،دەپ قارىدىم.بۇنىڭ ئۈچۈن ئومۇمەن بۇنداق 4نۇقتىدا مەخسۇس تېما يېزىشقا توغرا كىلىدۇ:
1. تىئورمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ ئىلمى ئاساسلىرى ۋە 29-تىئورمىچە ئېغىش ئىدىيىسىنىڭ تارىخى يىلتىزلىرى.
2.بىر ياكى ئىككى-ئۈچ خىل ئوخشىمىغان ۋارىيانىتتىكى تەجىربىلەرنىڭ دۇكىلاتلىرى ۋە ئالاقىدار قىسقا فىلىملەر.
3.بۇنداق ئېغىش،تەجىربە نەتىجىلىرىگە ئالاقىدار فىزىماتلىق بىر نەچچە پارچە ئەسەر.ماتىماتىكىلىق مودىللار.
4.بۇنداق 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرى،جۇملىدىن فىزىكىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى،تەسىرى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدىكى مەخسۇس تېما.
1.تېمىنى مەن ئۇزەم تەييارلايمەن ۋە ئوقۇيمەن.قالغانلىرىنى باشقىلار تەييارلايدۇ ۋە ئوقۇيدۇ.
مۆمكىن بولسا ئەڭ ئاددى ۋە قۇلايلىق بىرەر تەجىربە نەق مەيداندا ئىشلەپ كۇرسىتىلىدۇ.
مۇلچەرلىشىمچە مۇھاكىمە يېغىنى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا بىر كۈن ۋاقىت ئازادە يېتىدۇ.
تەييارلىق قىلغۇۋاتقانلارنىڭ ۋە خالىغانلارنىڭ تېما تەييارلاشتا يۇقۇرقى دائىرە ۋە ۋاقىتنى كۇزدە تۇتقان ھالدا تەييارلىق قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
تەنھا ئەپەندىنىڭ “
29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلى” دىگەن بۇ تېمىسىدىن باشقىچە ماتىماتىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن 29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلىنى تۇرغۇزۇشنى خالايدىغانلار بولسا ماقالىسىدا ئىلمى نۇقسان بولماسلىق ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا يەنە ئىككى پارچە مەخسۇس تېما مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلىدىغان ماتىماتىكىلىق مودىل تېمىسىدىكى ماقالىلەر ئالدى بىلەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەكشۆرۆپ ئاندىن بېكىتىشىگە سۇنۇلىدۇ.بۇ تېمىدا ماقالە ئوقۇشنى خالايدىغانلار بولسا مەن بىلەن ئۇچۇر ئارقىلىق ئالاقىلاشسا بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-22 11:44 AM