خەنجىرى
ئايال
ئا:ئىلگىرىكى ئايالىڭ ياخشىمىكەن ياكى ھازىرقى ئايالىڭمۇ؟
ب: ئەلۋەتتە ھازىرقى ئايالىم ياخشى-دە
ئا: قانداق دەيسەن؟
ب: چۈنكى ئىلگىرىكى ئايالىم تاشتەك ئېغىر، ئەزالىرى يېغىر، يار يىلىمدەك يېپىشقاق، بۆدۈنىدەك ۋىتىلداق ئىدى.
ئا: ئۇنداقتا ھازىرقى ئايالىڭچۇ؟
ب: ئۆزى ئۇرۇقتەك ئورۇق، ئاۋازى سوزۇق تاۋۇشتەك سوزۇق، چىرايى تۇخۇمدەك ئاق، قىلىقى مۈشۈكتەك ئوماق
خەۋەر
ئاچچىقى ئىنتايىن يامان بىر دادا ئۆيدە تىلىۋىزور كۆرۈۋاتسا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بەشىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئوغلى ئاستا كىلىپ يېنىدا ئولتۇرۇپتۇ. دادىسى سوراپتۇ: ئوغلۇم ئالدىنقى ھەپتە ئېلىنغان ئىمتىھاننى قانداقراق بەردىڭ؟
ئوغلى بىر ئاز ئويلىنىپ دادىسىغا دەپتۇ: دادا، مەن بىر خوش خەۋەر بىلەن بىر شۇم خەۋەر ئېلىپ كەلدىم، ئاۋۋال قايسىسىنى ئېيتاي؟
-ئاۋۋال خوش خەۋەرنى ئاڭلايلى
ئوغلى: مەن ئىمتىھاندا 79نومۇر ئاپتىمەن!
دادىسى خوش بولۇپ ئوغلىنى 15يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاپ، شۇم خەۋەرنى سوراي دەپ تۇرۇشىغىلا تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلىپ ئوغلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىر نەچچە ۋاراق قەغەزنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەپتۇ. ئوقۇتقۇچىسىنى كۆرگەن ئوغلى قاتتىق قورقۇپ كىتىپ ئوقۇتقۇچىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دەپتۇ: ئەنە شۇم خەۋەر !
ئوغرى
ئىنتايىن بىر كىتابخۇمار ئادەم باشقا بىر يېزىغا بىر ئىش بىلەن چىقىپ كەتكەن كۈنى كەچتە ئۆيىگە ئوغرى كىرىپتۇ. ئوغرى ئۇيانغا قارىسىمۇ كىتاب، بۇيانغا قارىسىمۇ كىتاب تۇرغۇدەك. باشقا تۈزۈك نەرسىمۇ يوق بولغاچقا ئوغرىنىڭ بېشى قېتىپ ئۆينى يەنە بىر ھازا ئاختۇرۇپتۇ. نەتىجىدە كىچىك بىر ساندۇق ئۇچراپتۇ. ئوغرى قاتتىق خۇشال بولۇپ ساندۇقنى ئېچپتۇ. بىراق باشقا نەرسە چىقماي يەنە شۇ كىتاب چىقىپ قاپتۇ. ئوغرى ساندۇققا قاراپ بۇ ئۆيگە كىرگىنىگە پۇشايمان قىلىپ كىتابلارنى يۈزەكى بىر قۇر كۆرۈپتۇ-دە، ئاچچقىدا خەت قالدۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كىتىپتۇ.ئەتىسى ھېلىقى كىتابخۇمار ئادەم كىلىپ بۇ خەتنى بايقاپ قاتتىق ھەيران قاپتۇ. خەت مۇنداق يېزىلغانىكەن:
-سەن تارىخ ئوقۇتقۇچىسىمىدىڭ؟ مەن تارىخىي رومان بىلەن خوشۇم يوق، مۇھەببەتكە دائىر رومان تەييارلاپ قوي. بولمىسا لەڭپۇڭنى لازا ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرماي يىگۈزۈۋىتىمەن.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم
ئاپتور مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا يېڭى بازار ئىجتىمائى رايونى(3-ئاھالە كومىتىت)دىن