يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلانىنىڭ <<جاللات خېنىم>>ناملىق تارىخىي رومانىنى ئوقىغاندىن كىيىنكى يازغان قىسقىچە مەزمۇنى ، قەلىمىم ئاجىز كىلىپ قالغان يەرلەر بولسا كۆپچىلىك پىكىر تەكلىپىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر
.
بىرىنجى قىسىم.
سەئىدىيە پادىشاسى ئابدىرىشىتخاننىڭ نەۋرىسى ئابدۇللاخان (تارىخچىلارنىڭ پەرىزىچە ئابدىرىشىتخان بىلەن ئاماننىساخاننىڭ بالىسى ئىمىش.)سۇلتان بولغان مەزگىللەردە ئابدۇللاخان گەرچە چوڭ ئوغلى يولۋاسخاننى ۋەلىئەھدى دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ لىكىن ئۇ بۇنىڭغا قانائەت قىلماي تەخىتنى ھازىرلا قولغا ئېلىش مەقسىتىدە ,،ھىلىگەرلىكىدىن ئىبلىسنىمۇ تەربىيلەيدىغان قارانىيەت ھىدايىتۇللا ئىشان باشچىلىقىدىكى نەئەھلىلەرنىڭ قۇترىتىشى ئاستىدا سۇلتان ئابدۇللاخانغا قارشى چىقىدۇ.شۇ چاغدا ئۇنى ئابدۇللاخان قەشقەرگە بەگ قىلىپ ئېۋەتكەنىدى،
شۇ زاماندا سەئىدىيە زىمىنىدا سۈلكى ئىسھاقىيە ۋە سۈلكى ئىشقىيەدىن ئىبارەت ئىككى سۈلك مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان ۋە ئىسھاقىيە سۈلكىنىڭ پىرى ئابلاخان ئىشان بىلەن ئىشقىيە سۈلكىنىڭ پىرى ھىدايىتۇللا ئىشان بىر بىرىگە چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ بۇلۇپ ،ھىدايىتۇللا ئىشان دادىسىنى ئىشقىيە سۈلكىدىكىلەر ئۆلتۈرىۋەتكەن دەپ قارىغاچقا،ئابلاخان ئىشاننى ئەشەددى دۈشمەن قاتارىدا كۆرەتتى.شۇڭا يولۋاسخاننى كۈشكۈرتۈپ ،ئاتىسىغا قارشى چىققۇزغانىدى.
ئابدۇللاخان ئۆز ئىنىلىرىنى ھەر قايسى شەھەرلەرگە ئەمىر قىلىپ ئەۋەتكەن.شۇڭا ئۇنىڭ بىر ئىنىسى ئۆزىنىڭ ئون ياشلىق مەلىكىسىنى ۋە خانىشىنى ئابدۇللاخاننى يوقلاپ كىلىشكە ئېۋەتكەن ئىدى.ئون ياشلىق بۇ مەلىكىنىڭ ئىسمى مۆھتىرەم خىنىم بۇلۇپ،يىشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي نەيزىۋازلىق ۋە قىلىشۋازللىققا تولىمۇ ماھىرھەمدە ئوقيا ئىتىشتا كامالەتكە يەتكەن .شۇڭا ئۇ ئابدۇللاخاننىڭلا تولىمۇ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپلا قالماي يەنە پۈتۈن ئوردىدىكى ھەربى سەركەردە،ئالىم –ئۆلىمالارنىڭمۇ ھۆرمىتىگە سازاۋار بولدى.
يولۋاسخان ئاتىسى ھەج سەپىرىگە ماڭغان پۇرسەتتە ئوردىغا كىرىپ خانلىق تەختىگە ئولتۇرىۋالىدۇ.بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇللاخان قاتتىق غەزەپلىنىپ ، يېرىم يولدا قايتىپ كەلدى.ۋە تەخىتنى يەنە ئۆز قولىغا ئالدى. يولۋاسخاننىڭ بۇ گۇناھى ئۆلۈمگە لايىق بۇلۇپ بىراق ئابدۇللاخان ئۆز ئوغلىغا چىدىمىدى. ئۇ ئاستىرتتىن ۋەزىرىگە ئۇنىڭ بىر قۇشۇق قىنىنى تىلىگۈزۈپ ، ئۇنى يەنىلا ھايات قالدۇردى.لىكىن يولۋاسخان ئاتىسىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋەتكەنمەكچى بولدى دەپ كۆڭلىدە قاتتىق غۇم ساقلاپ قويدى. ھەمدە تەخىتتە ئولتۇرۇپ تەخىتنىڭ لەززىتىنى تىتىپ قالغان يولۋاسخان دادىسىغا رەسمى ھالدا قارشى كۈچ تەشكىللىدى،
بىراق ئۇنىڭ قىلغان ھەربى يۈرۈشلىرى ماھارەتلىك ۋە پاراسەتلىك پىشقەدەم ھەربى سەركەردە مىرزا ھىندىقۇش بەگ ۋە ماھىر سەركەردە شىرئەلى باھادىر يەنە باتۇر مەلىكە مۆھتىرەم خىنىملار تەرىپىدىن قاتتىق تەسلىم قىلىندى،
بۇ كىتاپتا ماڭا ئەڭ تەسىرقىلغان ئىككى قەھىرىماننىڭ ئىش ئىزلىرى بۇلۇپ بۇنىڭ بىرى بولسا دەل مەلىكە مۆھتىرەم خىنىمنىڭ ئاسى قوشۇن بىلەن بولغان يەكمۇ يەك دوئىلدىكى باتۇرلىقى بۇلۇپ بۇنى ئالايىتەن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ.
ئۇ ۋاقىتتىكى جەڭلەردە ئالدى بىلەن ئەڭ ماھىر سەركەردىلەريەكمۇ يەك دوئىلغا چۈشىدۇ . مانا مۇشۇ چاغدا ، ئىككى تەرەپ دوئىلغا چۈشۈپ مۇناپىق قو-شۇننىڭ بىر ھەربى سەركەردىسى قارشى تەرەپتىن دوئىلغا ئادەم چاقىرغاندا نەدىندۇر بىر ئاتلىق چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن دوئىلغا چۈشىدۇ ۋە بىردەم نەيزىلىك تىركەشكەندىن كىيىن ئۇ تەسلىم بولغاندەك قاچىدۇ ، ئاسى قوشۇن سەركەردىسى مەغرۇرلىنىپ ئۇنى قوغلايدۇ ،دەل شۇ پۇرسەتتە ئۇ شاققىدە ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئاتئۈستىدە ياتقان ھالەتتەچەبدەسلىك بىلەن ئۇنىڭغا يا ئوقى ئاتىدۇ. ۋە بىر ئوق بىلەن ئۇنىڭ جىنىنى ئالىدۇ. ئەتراپتىكىل كىيىن شۇنى بىلىدۇكى بۇ قەھرىمان دەل مەلىكە مۆھتىرەم خىنىم ئىدى.ئۇنىڭ بۇ ماھارىتىگە خىلى كىشىلەرگە قايىل بولمايدىغان پىشقەدەم سەركەردە مىرزا ھىندىقىۇش بەگمۇ قول قويغان ئىدى.
بىراق كىيىن يولۋاسخان ‹‹قارا خەت››ھىيلىسى (ئۇ مىرزا ھىندىقۇش بەگ نامىدا پادىشاھقا قارشى گەپلەرنى يىزىپ يالغاندىن ئوردىدىكىلەرگە ئۇنى قولغا چۈشۈرگۈزگەن باھانە بىلەن ھىندىقۇش بەگنى خانغا يامان كۆرسىتىدۇ. مانابۇ قارا خەت ھىيلىسى ، بۇنىڭدىن كىيىن يەنە نۇرغۇن قارا خەت ھىيلىسى ئۇچرايدۇ)نى ئىشلىتىپ قارام ئابدۇللاخاننى ئۈركىتىپ مىرزا ھىندىقۇش بەگنى ۋە نۇرغۇن ئىقتىساسلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرگىزىۋېتىدۇ. ئابدۇللاخان يەنە يولۋاسخاننىڭمۇ ئىككى بالىسىنى ئۆلتۈرىۋەتتى، بىراق كىيىن ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ كىچىك ئوغلى مۆمىنجاننى تەخىتكە ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ، ئۆزى ھەج سەپىرىگە ماڭدى.ئۇنىڭ ئىككىنجى ئوغلى نۇردۇنخان قارلىق تاغدا كىسەل بۇلۇپ ئۈلۈپ كەتكەن ئىدى.
يولۋاسخان ئىككى بالىسىنىڭ ئۆلىمىنى ئۇقۇپ ئاتىسىنى ئەشەددى قاتىل دەپ بىلىپ ئاستانىگە بۈسۈپ كىردى ، ۋە تەخىتتە ئولتۇرغان ئىنىسىنى ئاتىسى دەپ بىلىپ قىلىپ ئۇنى چىپىپ ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كىيىن يەنە ئاتىسىنىڭ ئارقىسىدىن ئىز قوغلاشقا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنىڭ كاللىسىنى ئەكەلدۈردى. بىراق يەنە ئارقىدىنلا پۇشايمان قىلىپ يىغلاپ تەنسىز باشنى دەپنە قىلدى.
مەلىكە مۆھتىرەم خىنىم بولسا ئابدۇللاخان ئىككى بالىنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كىيىنلا ئابلاخاندىن قاتتىق .ئاغرىنىپ،ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ قىشىغا قاراپ مىڭىپ كەتكەن ئىدى.ئاتا-بالا ئوتتۇرسىغا ئاداۋەت ئۇرۇقلىرىنى تېرىپ،ئۇلارنى شۇنداق ئۆچلەشتۈرىۋەتكەن ۋە قارا خەت ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ بۇ ئاداۋەت يىلتىزلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرىۋەتكەن ئەسلىدە ئىشقىيە سۈلكىنىڭ پىرى ھىدايىتۇللا ئىشان ئىدى.نۇ شۇم نىيەت ئىشان ئۆزىنى ئاللانىڭ ماشايىقى ،سۇلتانۇل مۇھەققىق دەپ ئاتاپ.ئىسىتقۇدەك سۆزلىرى بىلەن نۇرغۇن مۇرت توپلىغان بۇلۇپ،ئاۋام خەلق ئۇنى قاتتىك ھۆرمەتلەپ ئۇنىڭغا چىن ئەقىدە قىلغان ئىدى.يوۋاسخان تەخىتتە ئولتۇرغاندىن كىيىن ئۇ ئىسھاقىيە سۈلكىدىكى بىگۇناھ پۇقرالارنى دەھشەتلىك قىرغىن قىلدى.
مەلىكە مۆھتىرەم خىنىم يول ئۈستىدە ئاقسۇدا توختاپ،ئابدۇللاخاننىڭ ئىنىسى ئىسمائىلخاننىڭ ھوزورىدا تۇرۇپ قالغان ئىدى.چۈنكى مەرىپەتپەرۋەر ئىلىم سۆيەر مۆھتىرەم خىنىم ئابدۇللا خاننىڭ ھوزۇرىدا تۇرغان شۇنچە يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ كىتاپخانىسىدىكى نۇرغۇن شاھانە كىتاپلارنى كۈچۈرىۋالغان بۇلۇپ ،ئىسمائىلخان بۇ كىتاپلارنى كۈچۈرىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنى تۇتۇپ قالغان ئىدى.
يولۋاسخان بىلەن ھىدايىتۇللا ئىشان ئوردىغا كىرگەندىن كىيىن ھەر قايسى ئەمىرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇلىكىن كىيىنچە بۇ ئەمىرلەرنى بىمەنە تۆھمەتلەر بىلەن قارىلاپ بىر-بىرلەپ ئۆلتۈردى.19 ئەمىرئۆلۈپ بولغاندا ھەربى سەركەردە مىرزا باباقبەگ ئۆزىگە تۇيۇقسىز بېرىلگەن ئاتالمىش يۇقۇرى مەنسەپ ، ئەمەلىيەتتە ئېتى ئۇلۇغ ، سۇپرىسى قۇرۇق مەنسەپكە ئېرىشىپ كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سەزدى ۋە دەررۇ ئىسمائىلخاننىڭ دەرگاھىغا قاراپ قاچتى.
سەئىدىيە خانلىقى يولۋاسخاننىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كىيىن ئىسھاقىيە سۈلكىنىڭ پىرى ئابلاخان ئىشانمۇ ئاقسۇدىكى ئىسمائىلخاننىڭ يىنىغا كىلىپ پاناھلاندى.ئۇ ئىسمائىلخانغا ئەسلى سەئىدىيە خانلىقىغا ئۇنىڭ پادىشاھ بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ۋەز-نەسىھەتلەرنى قىلىپ ئىسمائىلخاننىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئىسمائىلخان مىرزا باباقبەگ ، شىر ئەلى باھادىرلار بىلەن بىرلىكتە قوشۇن باشلاپ ئاستانە سىپىلى ئالدىغا كەلدى.بىراق سىپىل قۇرغانلىرى ئېگىز ھەم مۇستەھكەم بولغاچقا قوۋۇق ئىچىلمىسا شەھەرگە كىرگىلى ۋە ياكى شەھەرنى ئالغىلى بولمايتتى. مۇشۇ سەۋەپلىك ئۇلار سىرتتا ئۇزاق تۇرۇپ قالدى.لىكىن يەنە مىرزا باباقبەگ ۋە مەلىكە مۆھتىرەم خىنىملارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن سىپىل ئىچىگە خەت تاشلاپ ئەسلىدىنلا زىيادە زۇلۇم ،جاساق تۈپەيلى ئىرادىشى ئاجىزلاپ كىتىۋاتقان ياساۋۇللار ۋە ھەقىقى ئەركىنلىككە ئىنتىلگۈچى سەركەردىلەر مىرزا ئەۋر بەگ قاتارلىقلاربىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئۇلارنىڭ قۇۋۇقنى ئېچىپ بېرىشى بىلەن شەھەرگە كىردى ، شەھەرنى ناھايىتى ئاسانلا ئالدى ۋە يولۋاسخاننى ئۆلتۈردى.خوجا ھىدايىتۇللا دىن ئىبارەت بۇ ھىلىگەر تۈلكە يەنە قەشقەرگە كۈچۈپ كىلىپ مەخپى ئوردىسىغا مۈكىۋالدى.
سۇلتان ئىسمائىلخان ھەرئىككى سۈلكتىكىلەر باراۋەر بۇلۇش مەزھىپىنى ئوتتۇرغا قۇيدى.ۋە ئۆزىگە نۇرغۇن يول-يورۇق كۆرسىتىپ تەمە كۈتۈپ ئولتۇرغان ئابلاخان ئىشانغا سەل قارىدى.ھىدايىتۇللا بۇ مەزھەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يەنە ھىلىگەرلىك بىلەن شەيتاننىمۇ ئۇسۇلغا سالالايدىغان سېھىرلىك تىللىرىنى ئىشقا سالىدۇ-دە. ئىسمائىلخانغا مەكتۇپ يىزىپ ئۆزىنىڭ ھەمكارلىشىش ھىسياتىنى ئوتتۇرغا قويدى.ئۇنىڭ ئۇنىڭ سۆزلىرى ئىسىتقۇدەك ئىسمائىلخاننى ئۆزىگە رام قىلىپ قەلبىدە ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا قىلدى.(بۇ قانداق بۇلۇپ كەتتى دەپ ھەيران قالمىساقمۇ بۇلىدۇ ، بۇنداق ئىچى زەھەر تىلى شىكەرلەر جاھاننى سورىغان پەقەت بۇلا ئەمەس. تىل دىگەننىڭ ئۆتكۈر بولسا قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يىتىش ئۇنچە تەس ئەمەس.)
شۇنداق قىلىپ ئىسمائىلخان ئۇنى ئوردىغا چاقىرتتى.ھىساپتا بۆرىنى قوتانغا باشلىدى . بۇ چاغدا ئىككى سۈلىك ئىشانلىرى بۇ مەزگىللەردە بىربىرىنى ئۆلتۈرمەك ئۈچۈن ھىجايىبۇل غەيىپلەرنى (شەخسى قاتىللارنى )ئىشقا سالدى.ھىدايىتۇللا ئىشان ئابدۇللا ئىشاننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئېۋەتكەن ئادەم سېزىلىپ قىلىپ ۋەھشى ئۇسۇلدا قىيناپ ئۆلتۈرىۋېتىلىپ بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشمىدى. بىراق ئابلاخان ئىشانمۇ بىر ئادەمنى ھىدايىتۇللانى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتتى.لىكىن بۇمۇ ھىدايىتۇللا تەرىپىدىن سېزىۋېلىندى.ۋە ئادەم قىلىپىدىن چىققان ئۇسۇل بىلەن قىينالدى. بۇنىڭ بىلەن چوماق يۈز لەقەملىك بۇ كىشى ھەممىنى دىدى. دەل شۇ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقان ۋاقىتتا ھىلىگەر ھىدايىىىتۇللا ئۆستىگە كىلىپ ۋە ناھايىتى رەھىملىك مىھرىبان كىشىنىڭ رولىنى ئېلىپ ئۇنى ئۆلۈمىدىن قۇتقۇزدى.بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن چۇماق يۈز بۇ تۈلكىنى جىنىنى قۇتقۇزغان ھىمايىچىم دەپ قاراپ ئۇنىڭغا ئىخلاسمەن مۇرت بولدى.ئۇنىڭ ئۈچۈن جان دىل بىلەن خىزمەت قىلماققا بەل باغلىدى.شۇنىڭ بىلەن ھىدايىتۇللا ناھايىتى ياخشى پۇرسەت كەلدى .
چۇماق يۈز ئايالىنىڭ ئاشپەزلىك قىلىدىغان خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ،ئابلاخان ئىشاننىڭ شارابىغا ئۆتكۈر زەھەر سىلىۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن ھىدايىتۇللانىڭ رەزىل مەقسىتى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى. ئۇنىڭ خوتۇن بالىلىرى، ۋە چوماق يۈزنىڭ ئۆزى ۋە خوتۇن بالىلىرىمۇ قۇشۇپ شۇئەيپ خوجا ۋە دانىيال خوجا تەرىپىدىن بوغۇزلاپ تاشلاندى.
ئىككىنجى قىسىم.
ھىدايىتۇللا ئىشان ئىسمائىلخاندىن ئىشقىيە خاس مۇرتلىرىنىڭ ئالۋاڭ ياساقلىرىنى كەچۈرۈم قىلىشنى .ئۆتۈندى.ئىسمائىلخان ئۇنىڭغا بەكمۇ ئىتائەت قىلىپ كەتكەچكە ئويلانمايلا ماقۇللۇق بىلدۈردى.بۇنىڭ بىلەن ئىسمائىلخان مەلىكە مۆھتىرەم خىنىم ۋە مىرزا باباقبەگ قاتارلىق سەركەردىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.
بۇ پەرمان تۈپەيلى پۈتكۈل سەئىدىيەدە ئىشقىيە مۇرتلىرى شىددەت بىلەن كۆپەيدى.ۋە ئىسھاقىيە مۇرتلىرىنى خالىغانچە بوزەك قىلدى.خاس مۇرتلارغىلا بېرىلگەن بۇ يارلىق پۈتكۈل ۋاستىلىق مۇرتلارنىڭمۇ يىپىنچىسىغا ئايلىنىپ قالدى.ئىشقىيە سۈلكىدىكىلەر ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئوردا ئەھكاملىرىغا بوي سۇنماي لەشكەرلەر بىلەن سۇقۇشۇپ ،باج-سىلىقلارنى تاپشۇرمىغاننىڭ ئۈستىگە خانغىمۇ تىل تەگكۈزدى.
ئەل ئارىلاشقا چىققان ئىسمائىلخان،مەلىكە مۆھتىرەم خىنىم ۋە باشقا سەركەردىلەر ‹‹ئىسمائىلخان تەخىتنى ھىدايىتۇللاغا ئۆتۈنگىدەك›› دىگەن پىتنىلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا ئاڭلاپ تۇردى.بۇ ئىسمائىلخاننى قاتتىق غەزەپكە كەلتۈردى. ئۇ ھەتتا شەھەر بېگىلىرىنىڭمۇ ئاشكارا ھالدا ئوردا ئەھكاملىرىنى كۆزگە ئىلمىغىنىنى كۆرۈپ بۇ پەرماننى يوقىتىش ئۈچۈن قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى.
ئىسمائىلخاننىڭ ئەل ئارىلاشقا چىققانلىقىنى بىلگەن ھىدايىتۇللا دىگەن ھىلىگەر تۈلكە بىر سۈيقەست پىلانلايدۇ.ئەمما سەزگۈر مۆھتىرەم خىنىم ۋە مىرزا باباقبەگ قاتارلىق سەركەردىلەر نىڭ ياردىمىدە قۇملۇقتا نۇرغۇن ھىجايىبۇل غەيپلەرنىڭ قەستىدىن ئامان قالغان ئىسمائىلخان تىخىمۇ غەزەپكە كىلىدۇ.ئۇلار بۇ ھىجايىبۇل غەيىپلەرنىڭ يىنىدىن تىپىلغان خەتنىڭ ئاخىرىسىدىكى سۇلتانۇل مۇھەققىق دىگەن ئىمزانى كۆرۈپ بۇ سۈيقەستنى پىلانلىغۇچىنىڭ ھەقىقەتەن ھىدايىتۇللا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
ئىسمائىلخان ئوردىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ھىدايىتۇللانى چاقىرتىپ كىلىدۇ، پولاتتەك ئىسپات-پاكىت ئالدىدا ھىدايىتۇللا ئىت كاللىسىنى يەرگە ئۇرۇپ ، ئىسمائىلخاندىن پاناھلىق تىلەيدۇ.شاھ ئىسمائىلخان ئۇنى نۇرغۇن ئىشقىيە سۈلكىدىلىلەرنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەپچى بولغانلىقى ۋە شۇنچە قىلغان ئەتكەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۇنى سەئىدىيە زىمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. بىراق مەلىكە مۆھتىرەم خىنىم ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتمىگىنى ئۈچۈن ئىسمائىلخاندىن قاتتىق رەنجىگەن ئىدى.
دىگەندەك ھارام نىيەت ھىدايىتۇللا يات ئەللەر پادىشاھلىرىنى سەئىدىيە خانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى توغرىسىدا كۈشكۈرتتى.يات ئەللەر پادىشاھلىرى ئۆز ئانا يۇرتىنى يات ئەللەرگە تۇتۇپ بېرىۋاتقان بۇ ئىنسان قىلىپىدىن چىققان مۇناپىقتىن يىرگىنىپ ،ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلىلەرنى تۇتتى.4-5 يىل ئۇ ئىزچىل شۇ رەزىل كويى ئۈچۈن ئىتتەك باشقىلارنىڭ ئايىقىدا پاي پىتەك بۇلۇپ ،دەككىسىنى يىسىمۇ لىكىن يەنىلا ئۈمىدىنى كەشمىر پادىشاھىغا باغلاپ يولغا چىقتى.كەشمىر پادىشاھى ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ياردەم بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا پەقەت مانجۇ خانلىقىنىڭ ياردەم بېرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا يول كۆرسەتتى. بۇنىڭ بىلەن ھىدايىتۇللا يەنە مانجۇ خاندانلىقى تەرەپكە سوكۇلداپ غالدانلارنى ئىزدەپ ماڭدى.ئۇلارنىڭ يىنىغا بارغاندا بولسا ئۇلارغا يالاقچىدەك چىڭ يىپىشتى.ئۇلار بۇدساتۋالارنى ئىبادەت قىلسا تەڭ ئىبادەت قىلدى، يەرگە سۈيسە تەڭ يەرگە سۈيدى.بۇدنى تاۋاپ قىلدى . ئىشقىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللاغا ئاسىيلىق قىلىشتىنمۇ باش تارتمىدى.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىپلاس ھىدايىتۇللا ئىشان مانجۇلار سەركەردىسى بۆشۈكتۇخاننى باشلاپ سەئىدىيە دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدى.بىراق بۇ چاغدا بەش-ئالتە يىلدىن ياقى تىنىچ ئاسايىشلىقتا ئۆتكەن سەئىدىيە لەشكەرلىرى سەل ئاجىزلاپ قالغان ئىدى.بىراق ئىسمائىلخاننىڭ ئوغلى قەشقەرگە نائىپ خان بولغان باباشخان ئۆزىنىڭ مەردانە ،باتۇر ، قەيسەر قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ لەشكەرلىرىگە روھى ئوزۇق بېشلاپ، ھىچقانداق دۇبۇلغا-ساۋۇتسىزلا يەكمۇ-يەك ئېلىشىشقا چۈشۈپ ،قوتازدەك قاۋۇل ئىككى مۇڭغۇل سەركەردىنى جەھەننەمگە ئۇزاتتى.(مىنىڭ بۇ كىتاپتا ئىككىنجى بۇلۇپ بەكمۇ تەسىر كۆرسەتكەن قەھرىمان دەل باباشخاننىڭ دۇبۇلغا-ساۋۇتسىز دوئىلغا چۈشكەن شۇ قەھرىمانلىقى ئىدى، مەركۈز كىتاپنى ئوقۇغىنىڭىزدا ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا چىن دىلىڭىزدىن ئاپىرىن ئوقىماي تۇرالمايسىز)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% k2 J( R/ }' |7 V4 ~& B3 d8 S
قاراپ تۇرۇپ ئىككى ياراملىق سەركەردىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بۆشۈكتۇخان دەرھال چىكىندى دە ھىدايىتۇللاغا ‹‹سەن ئۇلارنى ئاجىز دىگەنىدىڭغۇ؟! مانا شۇنداق باتۇر باھادىرلار بار ئىكەنغۇ ؟!››دەپ ھەيۋە قىلدى.نامەرت ھىدايىتۇللا ئىشان ئەتىسى ئوقياچىلاردىن يۈزنى تەشكىللەپ باباشخان يەكمۇ يەك ئېلىشىۋاتقان مەيداندا ئۇنىڭغا ئوق ئىتىپ ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتتى.( ھەرقانداق يەكمۇ يەك ئۇرۇشتا ئىككى تەرەپ پەقەت ئوتتۇردىكى سەركەردىلەرنىڭ يىڭىلىش يىڭىلىشى تۈگىمىگىچە قەتئى قول سالمايدىغان ئەگەر يىڭىلىپ قالسا ئاندىن ئەسكەرلىرىنى ھۇررا توۋلاپ چىقىرىدىغان بۇ دۇنيادىكى ھەممە خانلىق بىلىدىغان قائىدە. خىلاپلىق قىلغانلار غەلبە قىلسىمۇ نامەرت ھىساپلىنىدۇ.)
ئۇ ئارقىدىن سىپىل ئىچىدىكى مۇرتلىرى بىلەن بىرلىشىپ بامدات نامىزىنى قازا قىلىپ ئاستانە لەشكەرلىرى نامازغا تۇرغان پەيتتە ، مۇرتلىرىغا سىپىل قوۋۇقىنى ئاچقۇزىدۇ ۋە ھىدايىتۇللا باشچىلىق لەشكەرلەر مەسچىتلەردە قانلارنى ئېرىقتەك ئاقتۇرىدۇ. مۇقەددەس مەسچىت قانغا بويالدى.ئۇ ھەتتا شۇ پەيتتە ئاللاھتىنمۇ قورمايدىغان بۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ ، مەسچىتكە بىكىنىۋالغان لەشكەرلەر ، بىگۇناھ پۇقرالارنى مەسچىت بىلەن ۋە مەسچىتكە يانداپ سىلىنغان 360تالىپلار ياتىقى ۋە نۇرغۇن ئىسىل كىتاپلار ساقلانغان كۈتۈپخانىنى، تاغدەك ئوتۇن دۆۋىلەپ كۆيدۈرىۋەتتى.(ئىنسان قىلىپىدىن چىققان بۇ ئىشان بەلكىم ھازىرقىلغان ئەتكەنلىرى ئۈچۈن ۋەيلۇن دوزاقتا كۈىۋاتقاندۇر.)
خەلىقنىڭ بىگۇناھ قىرغىنچىلىقىغا چىدىمىغان ئىسمائىلخان قاتىق قوغدىلىۋاتقان ئوردىدىن قىچىپ چىقىپ ئالىدىغىنىڭ مۇشۇمۇ دەپ خانلىقنى ھىدايىتۇللادىگەن نا ئەھلىگە بەردى. ھىدايىتۇللا مانجۇغا نۇرغۇن ئولپان تاپشۇرىدىغان بۇلۇپ تەخىتكە چىقتى. بۆشۈكتۇخان ئىسمائىلخاننى بالا-چاقىلىرى بىلەن قۇشۇپ مەھكەم مۇھاسىرىگە ئېلىپ بىرگە ئېلىپ كەتتى.
بۇ ئۇرۇشلار باشلانماستا مىرزا باباقبەگ مەلىكە مۆھتىرەم خىنىمنىڭ ئىلتىماسى ۋە تەكلىپى بىلەن ھەربى ئىشلارھەققىدە ئۇلۇغ ئەسىرىنى يىزىۋاتقاندا قەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.بۇ خەۋپنىڭ زورىيىپ بۇنچىۋالا بۇلۇپ كىتىدىغانلىقىنى ھىچكىم ئويلىمىغانىدى.شۇ پەيتتلەردە مىرزا ئەۋەز بەگ قاتارلىق سەركەردىلەر مۆھتىرەم خىنىمنى ئۈچتۇرپاندىكى ئاكىسىنىڭ يىنىغا بېرىپ، لەشكەر باشلاپ كىلىشنى ئۆتۈنۈپ ئۇنى يولغا سالغانىدى، مۆھتىرەم خىنىم قىيمىغان ھالدا بۇ يەردىن ئايرىلىپ بىر ھەپتە ئىچىدە بۇ ئىشلار يۈز بەرگەن ئىدى.مەلىكە مۆھتىرەم خىنىم قاتتىق ئازاپلاندى.
مۆھتىرەم خىنىمنىڭ ئاكىسى نۇردۇنخان لەشكەر باشلاپ سەئىدىيەنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەلدى.لىكىن يەنىلا سىپىل ئىچىگە كىرىش مۇمكىن بولماي قالدى.توخو يۈرەك ھىدايىتۇللا خان بولغان ۋاقىتتىكى قىرغىنچىلىقى ۋە ھەيۋىلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ھالدا يەنە مانجۇ خاندانلىقىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئەلچى ئەۋەتتى.بەخىتكە يارىشا بۇ ئەلچىلەر نۇردۇنخاننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى.ئەقىللىق مۆھتىرەم خىنىم مانجۇلارنى ئالداپ ئەكىلىپ يوقىتىش ئارقىلىق ھىدايىتۇللانىڭ ئارقا تېرىكىنى بىتچىت قىلىش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويدى.ۋە ئۆز ئىچىدىكى مانجۇ تىلىنى ياخشى بىلىدىغان كۆك كۆز لەقەملىك بىرەيلەننى مانجۇلارغا ئەلچىلىككە ئەۋەتتى.ئۇلار تۈت تۈمەن ئەسكەر باشلاپ كەلدى. نۇردۇنخاننىڭ قوشۇنى ئۇلارنى بىر سايغا قاپسىۋېلىپ تېرە-پېرەن قىلىۋەتتى، قىچىپ كەتلەنلىرى بولسا قارلىق داۋاندىن ئۆتەلمەي توڭلاپ قالدى.ئىشقىلىپ مانجۇ قوشۇنى تەلتۈكۈس يوقىتىلغانىدى.
بىراق سىپىل ئىچىگە كىرىش يەنىلا بىر مەسىلە ئىدى. لەشكەرلەرنىڭ روھى سۇسلىشىشقا باشلىدى.بۇ ۋاقىتتا بۇنداق قىلىپ تۇرىۋالسا ئۆزىگە قىلچە پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ھىلىگەر ھىدايىتۇللا سۈلھى تەلەپ قىلدى.بۇنىڭغا نۇردۇنخان قۇشۇلدى.نۇردۇنخان تەخىتكە ئولتۇردى . بىراق يەنە شۇ پەيتتى نۇردۇنخانمۇ ئالدىنقى پادىشاھلاردەك ھىدايىتۇللانىڭ سىر-ئەپسۇنلۇق گەپلىرىگە مايىل بۇلۇپ ئۇنى بىلىپ بىلمەي ھۆرمەتلەيدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى.
ھىدايىتۇللا خەلق ئىچىدە نۇرغۇن ئىشقىيە سۈلك مۇرتلىرىنى توپلىۋالغان بۇلۇپ،بۇ ئاۋام پۇقرالاردىن تەشكىللەنگەن مۇرتلار پىرى ھىدايىتۇللا نىمە دىسە شۇنى جان دىلى بىلەن قىلاتتى.يەنە بىر تەكىتلەدىغىنىم مانجۇلار ھىدايىتۇللانىڭ تەلىپىگە قۇشۇلۇپ ئۇنىڭغا سەئىدىيەنى ئېلىپ بەرمەكچى بولغاندا ئۇنىڭغا ئۆزلىرىچە ئاپپاق خوجا دەپ نام بەرگەنىدى.ھەتتا شۇ چاغلاردا بۇ ئاپپاق خۇجا مۇرتلىرىنىڭ تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن نارىسىدە قىزلىرىنى قۇبۇل قىلغان باھانە بىلەن نۇرغۇن ياش غۇنچىلارنى توزۇتقان ، ۋە ئۆزى بىلەنلا قالماي شۇ نارىسىدىلەرنى مانجۇ خانى بۆشۈكتۈخاننىڭ دەپسەندە قىلىشىغىمۇ سوۋغا قىلغانىدى. (مانا بۇ تاكى ھازىرغىچە بەزى كىشىلەر قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىپ ، توپىسىنى كۆزىگە سۈرتۈپ يىغلاپ، ئۆزىنى بىللە جەننەتكە ئېلىپ كىرىپ كىتىشىنى تىلەيدىغان ئاپپاق خوجىنىڭ سەلتەنەتلىك ئارقا كۆرىنىشى.)
مانا ئادەمنىڭ ئەڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغىنى شۇكى بۇ قېرى تۈلكە ئەمدى مەلىكە مۆھتىرەم خىنىمنى كۆزلىگەن ئىدى. ۋە سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ بىر ئەزاسى بۇلىۋېلىش ۋە تويماس نەپسى ئۈچۈن شەرمەندىلەرچە مۆھتىرەم خىنىمنى نۇردۇنخاندىن سورىدى.ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئەلۋەتتە مۆھتىرەم خىنىمنىڭ قاتتىق رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.ئۇ خەلىق ئىچىدىكى مۇرتلىرىنى ئىشقا سىلىپ ئاستىرتتىن توپىلاڭ كۈتۈرۈشكە كۈشكۈرتتى ۋە يەنە نۇردۇنخاننىڭ ئىلتىماسى بىلەن بۇ توپىلاڭنى تىنجىتقان بولدى.ئۇ ئىككىنجى قىتىم يەنىمۇ چوڭراق توپىلاڭدىن بىرنى قوزغىدى،نۇردۇنخان ئۇنىڭغا يەنە ئىلتىجا قىلىپ كەلگەندى ئۇ ‹‹مەلىكە مۆھتىرەم خىنىمنىڭ دەردىدە ھىچ ئىش قۇلۇمدىن كەلمەيۋاتىدۇ .››دەپ نۇمۇسسىزلارچە بىزىرىپ تۇرىۋالدى.نۇردۇنخان بۇ ئىشلارنى سىڭلىسىغا ئېيتتى.
ئەلنىڭ ئامانلىقى،بىگۇناھ خەلىقنىڭ سائادىتى ، بەختى ، ئاسايىشلىقى ئۈچۈن، ھىچكىمگە باش ئەگمىگەن باتۇرلۇقتا ، گۈزەللىكتە تەڭداشسىز بۇ مەلىكە بۇ جاھاننىڭ ھەممە رەزىللىكلىرىنى قىلىپ باققان ھىلىگەر قېرى تۈلكىگە ياتلىق بولدى.نۇ قېرى تۈلكە مۆھتىرم خىنىمنى ئالغاندىن كىيىن نۇردۇنخاننى قەستلىدى.مەلىكە مۆھتىرەم خىنىم ئۇنىڭغا ئۈچ شەرت بىلەن تەگكەن ئىدى.ئۇنىڭ بىرى مەلىكىنىڭ بالىسىلا ئىز باسار بولالايدۇ دىگەن شەرت ئىدى.دەل ،مەلىكە مۆھتىرەم خىنىم بوشانغان شۇ كىچە نۇردۇنخان قان ئىچەر ، نائىنساپ ھىدايىتۇللا تەرىپىدىن قەستلىنىپ ئۆز ھۇجرىسىدا
جان تەسلىم قىلدى.مەلىكە مۆھتىرەم خىنىم قان يىغلاپ ، لەۋچىشلەپ ، دەردىنى ئىچىگە يۇتتى.چۈنكى ئۇ ئەمدى بار ئۈمىدىنى .ئاشۇ يىڭى ئاپىرىدە بولغان بالىسىغا باغلىغان ئىدى.
ھىدايىتۇللا خانلىق تەختىگە ئولتۇردى.مۆھتىرەم خىنىم ئۇنى بالىسىنى ۋەلىئەھدى قىلىپ جاكارلاشقا كاپالەتنامە ئارقىلىق مەجبۇرلىدى.ھىدايىتۇللا چوڭ ئوغلىنى قەشقەرگە نائىپ ئەمىرلىككە ئەۋەتتى.
ھىدايىتۇللانىڭ دادىسىنىڭ قەبرىسى ئۈچ قىتىم تۈزىتىلىپ ئوڭشىتىلغان بولسىمۇ يەنىلا ئۆرىلىپ كەتكەن ئىدى، شۇڭا بۇ قىتىم ھىدايىتۇللا ئۆزى بىر بېرىپ كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن قەشقەرگە كەتتى.بۇ چاغدا مەلىكە مۆھتىرەم خىنىمنىڭ بالىسى 14 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ، ئابلاخان ئىشاننىڭ ھەمدۇزادىسى دانىيالنىڭ مۇرتى بىلەن بىرلىشىپ ئۇنى قەشقەرگە ھىدايىتۇللانى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتتى.ئۇ ھىدايىتۇللانىڭ تامىقىغا زەھەر سىلىۋەتتى ،شۇنىڭ بىلەن ئالەمگە خاقان بولىدىغاندەك جاھانغا پاتماي قالغان بۇ تويماسنىڭ بالا نەپسى ئاخىرى يىغىلدى.
مۆھتىرەم خىنىم ئوغلى ئەھمەت خوجىنى تەخىتكە چىقاردى ۋە ئۆزى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلدى.ھىدايىتۇللانىڭ ئوغلى ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ لىكىن مۆھتىرەم خىنىم ئۇنىڭدىن بالدۇر چىقىپ ئۇنى جايلىۋەتتى.يەنە ھىلىقى ئۆزى بىرلەشكەن دانىيال مۇرتىنىمۇ ئۆلتۈردى.
مۆھتىرەم خىنىم ئاۋام خەلقنى سۈلۈك ماجرالىرىدىن ۋە سۈلكنىڭ ۋەھشى قىيامىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن خەلىقنى سۈلۈكسىز بۇلۇشقا پەرمان چۈشۈردى.بىراق سۈلك ماجرالىرى يەنىلا توختىمىدى.مەلىكە مۆھتىرەم خىنىم يەنە بىر ئاكىسىغا يازغان خىتىدە بۇ سۈلك ماجرالىرىنى بىسىقتۇرۇشنىڭ ئامالىنى سوراپ ئۇنىڭ تەلىماتىغا ئېرىشكەندىن كىيىن قەلبىدىكى ئازاپنى قايرىپ قۇيوپ ، كۆزىدىكى ياشنى چۈمپەردە بىلەن توسۇپ تۇرۇپ،بىرمىڭ ئىككى يۈزدەك سۈلك توپىلاڭچىلىرىنى ئاممىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ قەتل قىلدى.مانا شۇنىڭ بىلەن بۇ خەلق تەرەپىدىن چىكىدىن ئاشقان ۋەھشىيلىك ھىساپلىنىپ مەلىكە مۆھتىرەم خىنىمنى‹‹ جاللات خىنىم››دەپ ئاتىدى.
خاتىمە
كىيىن دانىيال خوجىنىڭ ئوغلى ۋە بىر نەشىكەش بىرلىشىپ كىچىكىدىن باشلاپ سەئىدىيە خەلقى ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپىلەرنى يارىتىپلا قالماي يەنە نۇرغۇن قۇربانلارنىمۇ بەرگەن بۇ ھۆرمەتلىك باتۇر ،قەيسەر مەلىكىنى قەستلەپ ئۆلتۈردى.شۇنىڭ بىلەن 180 يىل قەد كۆتۈرگەن سەئىدىيە خانلىقى گۇمران بولدى.مەلىكە مۆھتىرەم خىنىمنىڭ ئاكىسى يەنە لەشكەر تارتىپ كەلگەن بولسىمۇ يەنە قاتتىق يارلىنىپ قازا قىلدى.
بۇ زىمىندا دانىيال ۋە ئىشقىيە سۈلكىدىكىلەرنىڭ باشچىلىقىدىكى ئىككى خانلىق قۇرۇلدى.غالدانلار يورۇش قىلىپ يىتىپ كەلگەندە دانىيال خوجا ساتقىن بۇلۇپ قوۋۇق ئىشىكىنى ئۆزى ئېچىپ بەردى.ئەخمەت خوجا ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ زىمىننى قوغدىدى، بىراق يالغۇز غالىپ كىلەلمەي يەنىلا مەغلۇپ بۇلدى. ئۇيغۇرلار خانلىقى ئەنە شۇنداق ۋەيران بولدى. ئىش تامام ۋەسسالام بولدى!