sardor0908 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 09:48 PM
سىىزچە گىرمانىيە باشلىق ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ دۆلەت ...
ھېچكىم رۇسىيەگە ئۆچمەنلىك قىلمىدى قېرىندىشىم .بىراق پاكىت رۇسىيەنىڭ 6 ئايدىن بۇيان ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچار بولۇۋاتقىننى ئىسپاتلىدى .ئىشەنمىسىڭىز ،بۇ خەۋەرنى تەپسىلىي ئوقۇڭ :
غەرب نېمىشقا بۇ ۋاقىتنى تاللاپ رۇبلىغا زەربە بەردى؟
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
مەنبە : ۋاڭيى تورى | يوللىغان ۋاقىت : 23-12-2014
2014-12-23 09:29 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (33.6 KB)
12-ئاينىڭ 15-كۈنى رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ قىممىتى %13 كە يېقىن چۈشۈپ، 1999-يىلىدىن بۇيانقى بىر كۈنلۈك ئەڭ چوڭ چۈشۈش رېكورتىنى ياراتتى. ئەتىسى سەھەردە، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى جىددىي ھەرىكەت قوللىنىپ، تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى %10.5 تىن %17 كە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن رۇبلىنىڭ قىممىتى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى يەنىلا شىددەت بىلەن %11 چۈشتى.
رۇبلى قىممىتىنىڭ بىرقانچە كۈن ئىچىدىلا تۈز سىزىق بويىچە چۈشۈشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا، ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتى جامائەت پىكرى توپلاپ، رۇسىيەدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بەردى—بەزىلەر رۇسىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى چىرىكلىكنى تىلغا ئالسا، يەنە بەزىلەر غەربنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش تەدبىرىنى تىلغان ئالدى. لېكىن، رۇسىيەنىڭ ئىچكى مەسىلىسىگە ئۇزۇن بولدى، ئۇكرائىنا مەسىلىسىگىمۇ خېلى كۈنلەر بولدى، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈۋاتقىنىغىمۇ خېلى ئۇزۇن بولدى، ئۇنداقتا، رۇبلىنىڭ قىممىتى نېمىشقا يىل ئاخىرىغا بارغاندا ئاندىن شىددەت بىلەن چۈشىدۇ؟
كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنىڭدا غەربنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قولى بار دەپ قارايدۇ، لېكىن «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىنىڭ ماقالىسى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەزىبىر سىرلارنى ئاشكارىلىدى: رۇسىيە كارخانىلىرى 2015-يىلى چوقۇم 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تاشقى قەرزنى قايتۇرۇشى كېرەك. يىل ئاخىرىدا رۇبلى قىممىتىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشى رۇسىيەنى تېخىمۇ ئالاقزادە قىلىۋەتتى.
غەرب رۇسىيەنىڭ سەۋەبىدىن ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا قول تىقىپ جازالاش تەدبىرى يولغا قويۇپ، رۇسىيە ئىقتىسادىغا زەربە بەردى، لېكىن كارخانا ساھەسىدىكى ئەندىشە بۇ بىرقانچە كۈندىكى داۋالغۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. 2015-يىلى، رۇسىيە كارخانىلىرى چوقۇم 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تاشقى قەرزنى قايتۇرۇشى كېرەك. لېكىن رۇبلى قىممىتىنىڭ چۈشۈشى بىلەن، ئامېرىكا دوللىرىنى قايتۇرۇش تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتتى. رۇسىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى (Rosneft) ئىزچىل ھالدا كېرىمىل سارىيىغا تايىنىپ مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەزكۇر شىركەت كېرىمىل سارىيىدىن 44 مىليارد دوللار ياردەم مەبلىغى تەلەپ قىلغان؛ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى رۇبلى بىلەن باھا ھېسابلىنىدىغان زايوم ياردىمى بىلەن قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرغان ئىدى. بۇ قېتىملىق سودا رۇبلى ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرىنى سېتىۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ، رۇبلىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن.
رۇسىيەدىكى پۇل كىرىزىسى تېخىمۇ چوڭىيىپ بانكا كىرىزىسىغا ئايلاندى. خەلق بەلكىم رۇسىيە بانكىلىرىدىكى پۇلىنى چىقىرىۋېلىشى مۇمكىن. شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش دولقۇنى كېرىمىل سارىيىنى چوڭ دائىرىدىكى زايوم كىرىزىسىغا دۇچار قىلىشى مۇمكىن. رۇسىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مۆلچەرىچە، كېرىمىل سارىيىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى تەخمىنەن 370 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن كۆپ ئاز بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بارغانسېرى ئۈمىدسىزلىنىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. كېرىمىل سارىيى مەجبۇرى ھالدا زايوم قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتالىغان بىلەن، بۇ رۇسىيەگە مەبلەغ سالىدىغان چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى قاچۇرۇپ قويىدۇ. كېرىمىل سارىيى يەنە كاپىتال باشقۇرۇش تەدبىرىنى سىناپ، كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىشىنى توسۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇنداق قىلغاندا ئەكس تەسىر كۆرسىتىشتەك ئەھۋالى يۈز بېرىپ، كاپىتالنىڭ تېز سۈرئەتتە سىرتقا قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. ئەمدى، رۇسىيە ئەستايىدىل ھالدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، تەدبىر قوللىنىپ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى تىنچلاندۇرۇشى كېرەك، بولمىسا ئىقتىسادتىكى پاراكەندىچىلىك يەنىلا داۋاملىشىدۇ.
مەنبە:
http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/1223/2798-40.html