مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: چراق

مەن كىملەرنىڭ يۈرەك پارىسى. (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109054
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 348 سائەت
تىزىم: 2014-8-9
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 02:19:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4
ئىككەيلەن بىر كېچە ئۇرۇشۇپ ئەتىسى ئاجىىرىشپ كەتتى.دادام بىلەن ئاپام ئىككىلىسى مىنى بىقىشنى خالىمىغاچقا، ۋىلايەت مەركىزىگە 150 كىلومىتر نىرىسىدىكى ناھىيىدىكى مومام مېنى ئۆز يىنىغا ئىلىپ كەتتى. ئۇ ۋاقىتتا مەن 4- يىللىقتا ئوقۇۋاتاتتىم. مومام تاغاملار بىلەن بىللە تۇراتتى. تاغام قايسىدۇر بىر ئىدارىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسى ئىدى. ئىككى ئوغلى بىلەن ئايالىمۇ تاغامنىڭ ئاشۇ ئازغىنە ئىش ھەققىگە قاراشلىق ئىدى. مەن كەلگەندىن كىيىن، تاغامنىڭ ئۆيىدىكى تاراق-تۇرۇقلار كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇ يەردىمۇ ناھايتى بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالدىم.                                       
ــ باللىرىڭنى باقىمەنمۇ،ئاناڭنى باقىمەنمۇ، ياكى ئاكاڭنىڭ بالىسىنى باقىمەنمۇ ــ دىدى مەرپۇغە ئاچام تاغام بىلەن ئۇرۇشۇپ ــ ئانام يالغۇز بولغاندىكىن بىر چۈمۈچ سۇنى جىقراق قۇيساڭ ئانامغىمۇ بىر چىنە ئاش چىقىدۇ دىدىڭ. ئۇنىڭغا بوپتۇ دىسەم ئەمدى ئاكاڭنىڭ بالىسى كەلدى. گەپ قىلمىسام، يەتمىش پۇشتۇڭنىڭ ھەممىسىنى يىغىدىغان ئوخشايسەن. بۇ ئۆينى دارئىلتام چاغلاپ قالدىڭما،سۆزۈمنى بەر مېنىڭ. باللىرىمنى ئۆزۈم باقىمەن ــ دەپ تاغامنىڭ ياقىسىغا ئىسىلىپ ئىلەڭگۈچ ئۇچتى. تاغام ئىككى ئارىدا تولىمۇ تەڭلىكتە قالدى.بىر يانغا قارىسا خوتۇن بالىلىرى، يەنە بىر يانغا قارىسا مومام بىلەن ،مەن. مەرپۇغە ئاچامنىڭ قىلغىنىنىمۇ يولسىزلىق دەپ كەتكىلى بولمايتى. ئازغىنە مائاشتىن باشقا ھىچقانداق تاپاۋىتى بولمىغان ئائىلىگە بىر ئادەمنىڭ قوشۇلىشى ئارتۇقلۇق قىلاتتى.                                                                              
مومام بىلەن ئىككمىز ھويلىنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئەسكى-تۈسكىلەرنى قويىدىغان ئامبار ئۆينى تۈزەشتۈرۈپ كۆچۈپ چىقتۇق. ئەمەلىيەتتە تاغامنىڭ ئۆيىمۇ پەقەت ئچكىرى،تاشقىرى ئىككى ئىغىزلا ئىدى.كۆچۈپ چىققاندىن كىيىن،ئىكىمىز مومامغا ئاھالە كومىتىتىدىن ئايدا بىرىۋاتقان 180يۈەۈن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈردۇق.بەزىدە مەرپۇغە ئاچام ئىنساۋىغا كىلىپ قالسا بىرەر قاچا تاماق سۇنۇپ قوياتتى. مومام مىنى يىنىغا ئەككىلىۋالغاندىن كىيىن يول مىڭىپ يۈرۈپ، مەكتەپكە كىرگۈزدى. مومامنىڭ يىنىدا تۇرىۋاتقان ئىككى يىلغا يىقىن ۋاقىت ئىچىدە دادام ياكى ئاپام بىرەر قىتىممۇ ئىزلەپ باقمىدى.مومام دائىم بىشىمنى سىلاپ تۇرۇپ؛
ــ توۋا جاھاندا شۇنداقمۇ باغرى تاش ئاتا-ئانا بولىدىكەن. داداڭ دىگەن نائەھلىنى ئۆزۈمنىڭ تۇغقانلىقىغا ھىچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. ئادەمنىڭ قورسىقىدىن ئارغامچا توخۇناقتىن باشقا ھەممە نەرسە چۈشىدىكەن. كىچىك تۇرۇپلا ئەجەپمۇ بىر خورلۇق تارىتتىڭ جىنىم بالام ــ دەپ كۆز يىشى قىلاتتى.                           
  ئۆيگە كىلىپ خىلى ۋاقىتلاردىن كىيىن،مومام بىلەن تاغام قايتىپ كەلدى. يەنە سىنىپ مەسئۇلىمىز رىسالەت خانىممۇ بىللە ئىدى.                                          
ــ ھەرنىمە بولسا ساق-سالامەت قايتتىپ كەپسەن،ساڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالغان بولسا مەن قانداقمۇ قىلار بولغىيتىم ــ دىدى مومام مىنى باغرىغا بىسىپ تۇرۇپ، مەن پۇلنىڭ غىمى بىلەن بولۇپ كىتىپ،ئۆيگە كەچ قىلىپ ھەممەيلەننى پاراكەندە قىلىپ قويغىنىمدىن ناھايتى خىجىل بولدۇم.                                                            
ــ كەچۈرۈڭلار،كەچ قىلىپ ھەممىڭلارنى ئەنسىرىتىپ قويۇپتىمەن ــ دىدىم مەن.   
ــ بولدى مەردان، مەن موماڭدىن ھەممىنى ئاڭلىدىم ــ دىدى رىسالەت خانىم مىنى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ.                                                         
ــ خانىم قىزىم بەك ياخشىكەن. سىنى ئىزلەپ ساۋاقداشلىرىڭنىڭ ئۆيىگە بىرمۇ بىر باردۇق ــ دىدى مومام خانىمدىن مىننەتدار بولۇپ.                                          
ــ ئۇنداق دىمىسىلە، بۇمىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم.ئەمسە مەن قايتاي ــ رىسالەت خانىم شۇنداق دەپ يانچۇقىدىن بىر كونۋىرىتنى چىقىرىپ قولۇمغا تۇتقۇزدى.   
ــ ئايال كىشى كېچىدە يالغۇز يول يۈرسە ياخشى بولمايدۇ. قونۇپ قالسىلا ــ دىدى مومام خانىمغا.                                                               
ــ مەندىن ئەنسىرىمىسىلە،مۇشۇيەردىلا تۇرۇپ قالسىلا خوش ئەمسە ــ رىسالەت خانىم شۇنداق دەپ ۋەلىسپىتىگە مىنىپ قار توزىۋاتقان يولدا ئۇزاپ كەتتى.            
ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن،چىراغ يورۇقىدا خانىم قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويغان كونۋىرىتنىڭ ئاغىزىنى ئاچتىم.ئىچىدە 150يۈەن پۇل ۋە بىر ۋاراق خەت تۇراتتى.مەن دانىمۇ-دانە چىرايلىق يىزىلغان خەتلەر ئۈستىدە قارچۇقۇمنى ھەركەتلەندۈردۈم.ئۇنىڭدا
  مەردان ئادەمنىڭ قەدىر قىممىتى ئۇنىڭ مال دۇنياسى بىلەن ئەمەس، قىلغان ياخشى ئىشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. سىنىڭ ياخشىلىقنى بىلىدىغان، ياخشىلىق قىلىش قولىدىن كىلىدىغان ئادەم بولۇشۇڭنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئىككى يىلدىن بىرى ئوقۇتقۇچى، بىر ئانا تۇرۇپ سەندىن بىرەر قىتىممۇ ھالىڭ نىچۈك دەپ سوراپمۇ قويماپتىمەن. مەندەك ۋاپاسىز ئاناڭنى كەچۈرگىن                                                                 

دىگەن خەتلەر ئۈنچىدەك يالتىراپ تۇراتتى. خەتتىكى «ئانا» دىگەن سۆزنى كۆرۈپ ئىككى يىلدىن بىرى يۈرۈكۈمدە تىنغان بۇلاقتەك كۆمۈلۈپ قالغان مەۋھۇم بىر سىما ۋۇلقان بولۇپ پارتىلاپ چىقتى. ئا....نا... تۈگىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29573
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6058
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 11:48:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دەيمىز قېرىندېشىم ، چىداڭ ، بەرداشلىق بېرىڭ ، ئۈمىدۋار بۇلۇڭ ، قەدىمدىن بېرى ، ئەجداد ئەۋلاتلارنى يىتەكلەپ ، باشقۇرۇپ كەپتىكەن ، ھىچقىسى يوق ، چوڭ بولغاندا ، سىز ئاشۇ ئاتا ئانىلىرىڭىزنى يىتەكلەيسىز …ئۇلار قىلغىنىغا ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىدۇ …

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1129
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 02:32:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى يېزىلغان بىر ئەسەركەن . قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن . بالللىرىنى يىتىملىكتە قويغان شۇ ئاتا -ئانىلارنىڭمۇ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن.

كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1913
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 743 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 03:01:32 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرۇپلا تۈگەپ كەتتىغۇ بۇ ئەسەر، ئەسەر ۋەقەلىكى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغانىكەن، بىراق بۇنداقلا تۈگەپ كېتىشىنى ئويلىمىغانىدىم

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110500
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 167
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2014-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 03:11:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چراق يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 02:19 PM
4
ئىككەيلەن بىر كېچە ئۇرۇشۇپ ئەتىسى ئاجىىرىشپ كەتتى.دا ...

ھەجەپ يېزىپسىز قېرىدېشىم. رېئال جەئىيەت، رېئال تۇرمۇش. ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئائىلىنى ئوبدان يورۇتۇپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102722
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 176
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2014-1-24
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 03:05:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ئىچىم بەك ئاچچىق بۇلۇپ قالدى.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12722
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31722
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4654 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 07:12:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قادى بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ....

ئەسلى ھەر بىر پەرزەنت ئاتا -ئانىلارنىڭ يۈرەك پارىلىرى ئىدى،بىراق ھېكايىدە تىلغا ئېلىنغاندەك بىر قىسىم مەسئۇلىيەتسىز،لاياقەتسىز...ئاتا -ئانىلارنىڭ دەستىدىن بىر قىسىم پەرزەنتلەرنىڭ باغرى خۇن بولماقتا...

ياخشى يېزىپسىز،بىراقزە داۋامى باردەكلا تۇرىدۇ يەنە،تېزئاخىرلاشتۇرىۋېتىپسىز.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109054
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 348 سائەت
تىزىم: 2014-8-9
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 07:23:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 07:12 PM
ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قادى بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ....

ئەسلى ھەر  ...

ھېكايەمنى ئوقۇغىنىڭىزغا رەھمەت. ئەسلىدە داۋامىنى يازاي دىگەن بىراق دەيدىغان گەپنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم دەۋالماي، داۋامىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ  تەپەككۇر قىلىپ چۈشىنىۋىلىشىغا قالدۇردۇم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش