ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 11:54 PM
بىزنىڭ بېلگىجاننىڭ ئالدىدا پادىشاھىڭىز نىمىتى؟ خەق ...
مەن پادىشاھىم دىدىممۇ ؟ مەن پادىشاھىم دىدىممۇ ؟ مەن پادىشاھىم دىدىممۇ ؟ قايسى پادىشاھمنىڭ ئالدىدا بىلگىجان بىر نىمە ئەمەس دەپتىمەن . تۆۋە قىلدىم ئاللاھىم ! ئالاھىيدە قىلىپ بىزنىڭ بىلىگجىنىمىز دەپ تەنە قىلىپ كەتمىسىڭىزمۇ .مەن مىنىڭ شەخسىي بىلگىجىنىم دەۋالمىغاندىمەن ؟
ئەدەبىي تىلنى زەيتۇن توپ قىلىپ ئوينىتار سىزدەك ئوينىتار . خەقنىڭ بۇ يەردە ئىپادىلمەكچى بولغىنى بىلىگجانغا بولغان چەكسىز قايىللىقى ۋە سۆينۈشىدىن دەپ قويۇڭ . چەكسىز دىگەن نىمە ؟ بىر ئۈچى ياكى بىر تەرپى بار ئىككىنجى ئۈچى ياكى ئىككىنجى تەرىپى يوق نەرسە چەكسىز بولىدۇ دەپ قارايدىغان مەن. بىراق سىزنىڭچىچۇ ؟
قولغا سۆيسەم . پۇتىغا سۆيسەم ...دىگەندەك ئەدەبىي ئوخشىتىش گەپنىڭ يۈزەكىسى بولسا ئۇنداقتا ماڭا دەپ بىرىڭچۇ . ئەڭ يارقىن ۋە ئەڭ ئەدەبىي ئوخشىتىشى قانداق بولىدۇ ؟ مەنچە بۇنداق سۆزلەرنى ئەڭ يارقىن نۇقتىدا ئىپادىلىسەك ئۆزۈمنى بوغۇزلاپ قىنىمنى مىللەت ئۈچۈن چارچاپ ھالسىزلانغان بەدنىڭ ئۈچۈن قاينىتىپ قۇۋەت دورىسى قىلاي . تىرەمنى سويۈپ ساڭا خىرۇم پەلتۇ تىكەي ..دىگەنگە ئوخشاشراق بولىدۇ .
سىزگە بىر گەپنى دەپ قوياي باشتىلا سىزگە. مەن بىلىگىجاننى ئۇنداق.مۇنداق دىمىدىم . ھەممۇ قولغا سويۇش پۈتنىڭ ئۇچىغا سۆيۈش بۇرۇنقى پادىشاھلاردىن قالغان ئادەت دىگەن سۆزنى مۇشۇ سۆزنى دىگەن مۇنبەردىشىمىزنىڭ بىلىگجانغا قارىتا ھۆرمىتىگە سوغۇق سۇ سىپىش ئەمەس بەلىكى بۇ خىل قاراشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىتىن ئىبارەت بىرلا نۇقتا ئۈستىدە قارىتالا سۆزلىگەن . بىراق سىز گىپىمنى ئەلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ گىپى بويچە بىلىگجانغا ياق ياق سىزنىڭ ، سىزنىڭ پادىشاھىڭىز بىزنىڭ بىلگىجىنىمىز ئالدىدا نىمىدى ؟ دىگەن مەنىگە تەرجىمە قىلپىسز .
نىمە دىسىڭىز دەڭ مەنمۇ مىللەت ئالىملىرىنى ھۆرمەت قىلىمەن لىكىن ئاھ ! پاھ ! سۆيۈملۇك ئالىمىمىز . قولۇڭغا سۆيەي . پۇتۇڭغا سۆيەي دىگەندەك سەتەڭلەر نازى تىلىدا ئاتاشنى ئەرلىك سالاھىيتىمگە يات سانايمەن .
بۇرۇن بىر بالا مۇنداق ئىنكاستا ئۇيغۇر ياخشى كۈن كۆرۇش بەدىلىگە مەن دوزاققا كىرىپ كەتسەممۇ رازى ئىدىم دەپ يازغان ئىكەندۇق . بۇمۇ مۇشۇ خىل ئاشقۇن ئىنكاسلارنىڭ بىرى بولسا كىرەك .
نەچچە كۈننىڭ ئالدىكى ئىنكاسنى ، ئالاھىيدە بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ تەتقىق قىلغىنىڭىزغا قارىغاندا ئالاھىيدە تەييارلىق قىلغان ئوخشايسىز !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-22 01:12 AM