ئۆزۈمنى ئۇزاق سەپەر يولىغا
مەھكۇم قىلىۋەتكەن
ئاشۇ چاغ،
سىرلىرىمنى يوغان تاشلارغا
چوڭقۇر-چوڭقۇر ئويۇۋەتكەن
ئاشۇ چاغ،
ئۆلىۋاتقان ئۆزۈمگە
مۆلدۈرلىگەن كۆزۈمگە،
ئاغرىپ كەتكەن ئىدى
يېشىمنىڭ ئىچى
ئۆكسۈپ-بوغۇلۇپ.
تۇنجى كۆرگەن چۈشتىلا قالغىنىمدەك
ئازاپقا تۇغۇلۇپ.
* * *
ئۆزۈمنى ئۆزۈمنىڭ كۈنلىرىگە
تىرىك پېتى كۆمۈۋەتكەن
ئاشۇ چاغ،
ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى ئۆكسۈشلەر
كانىيىمدا تۇنجۇقۇپ،
زېرىككەندەك
نىدالاردىن زورۇقۇپ.
* * *
ئازاپلاردىن نەپەس ئېلىپ ھارغاندا،
دىلىمنىڭ قۇملۇقىغا كۆمۈلۈپ قالغاندا،
ئۇزاتقان ئىدى يۈرىكىم
قولىنى سۇنۇپ،
مەن رەھىمسىز تاشلىدىم
قانلار يۇتۇپ
يۈرەكنى يۇلۇپ
سېلىپ زىمىستاندىن قۇلۇپ.
* * *
سانجىلماقتا شۇندىن بېرى
زىمىستاننىڭ جۇدلۇق نەشتىرى،
ئۈن چىقارماي يىمەكتە مېنى
كۈنلىرىمنىڭ كۈن-تۈن لەشكىرى،
ئاجرىماقتا تېنىممۇ ئاستا
مەۋجۇتلۇقتىن تانغاندەك
يوقۇلۇپ،
پەرۋاز قىلىپ روھىممۇ ئاستا
ئاپپاق قار ئۈستىدە
ئىزلىرىنى
يوقۇتۇپ.
* * *
پەرۋاز قىلماقتا روھىم
ئۆزىنى بەزلەپ،
ئۇ يوق جايلارنى كۆزلەپ،
يوقۇتۇپ قويغان مېنى ئىزلەپ.
بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ، بۇ خىل يېزىش ئۇسلۇبىڭىزغا قىزىقىپ قالدىم،
شۇڭا تۇنجى قېتىم مۇنۇ ئۇسلۇپتا يېزىپ باقتىم، بۇ يازمام ئەدىبىياتنىڭ بىرەر تۈرىگە كىرەمۇ-يا، بىلدىغانلار زاڭلىق قىلماي دەپ بەرسەڭلار.
ئاندىن ئوشۇق ياكى كام يەرلىرىنى تۈزۈتۈشىپ بەرسەڭلار،
مۇشۇ بانادا مەنمۇ مۇشۇندا يېزىشنى ئۈگۈنىۋالسام بولاتتى.