bagmurat يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 03:56 PM
مەن سەل خىجىللىق ئىلكىدە شۇنى سوراپ باقسام، مەن قۇتادغ ...
قۇتادغۇ بىلىگنى ئوقۇش جەريانىدىكى بۇخىل ھىسياتنى غەلىتىلىك دىگىلى بولمايدۇ.
چۇنكى ؛ ئۇ ئۇيغۇر تەپەككۇرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى، دىمەك ھەممىمىز شۇ يۇسۇندا تەپەككۇر قىلغاچ، ياكى ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن سۆزلەر بىزگە ئادەت بۇلۇپ كەتكەچ، سىرىتنىڭ ھەرەڭ سەرەڭلىرىدەك يىڭىلىق تۇيۇلمايدۇ. شۇڭا كۆپۇنچىمىزدە ئۇنچىۋىلا ئەمەستەك تۇيغۇ بىرىدۇ.
ھازىر جەمىيەتشۇناسلىق دەيدىغان بىر پەن بار. چەتتىن سورىسىڭىز بىرەر يۇز كىتاپنىڭ گىپىنى قىلىدۇ. قۇتادغۇ بىلىگ تۇنجى قىتىم يىزىلغان ، ھەم مۇكەممەللىكتە شۇ يۇز كىتاپنى بىسىپ چۇشىدىغان ئىستىداتى بار. قانداق دىسىڭىز. قۇتادغۇ بىلىگىنىڭ تەبىرلىرى دەل توغرا ئۇنۇملۇك ئالدىن كۇرەرلىك جەھەتلەردە تىخىغىچە يىگانە.
مەسلەن؛ ھۆكۇمدارنىڭ دىققەت قىلىدىغان ئىشلىرى جەھەتتە، بىرسى ھۇشيارلىق ، بىرسى قابىل ياردەمچى، بىرسى قىلىق، يەنە بىرسى ساقلىق مۇشۇ تۆت ئىشقا دىققەت قىلىش تەكىتلىنىدۇ.
بۇ دىگەنلىك ھۆكۇمدار مۇشۇ تۆت ئىشتا پىستان چاقمىسا، سەلتەنىتى ئۇزاق تۇرالايدۇ.
ساقلىق توغرىسىدا دىسەك خۇجىنىياز ھاجى تۇمۇر خەلپە ماۋۇلار ساقلىقتا تۇرالمىغان ھىساپلىنىدۇ. يەنى ئودىكامنى ساقلىماي ھىلىگە چۇشۇپ كەتكەن. ساقلىقتا كەتكۇزگەن.
سادام ھۇسەيىن قىلىقتا كەتكەن، يەنى ئۆزى ياخشى، بىراق لۇكچەك مىجاز، باللىرىمۇ شۇنداق، تىخى بەزى ئەمەلدارلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۇرۋەتكەن.
ياقۇپ بەگ بۇ كىشى، قابىل ياردەمچىدە كەتكەن. يەنى نىياز ھىكىم بەگ سىتىۋەتكەن.
ھۇشيارلىق دىگەندە،ھۆكۇمدارنىڭ توغرا قىلغىنى ئۆزى بىلەن پۇت تىپىشىدىغانلارنى كۆزدىن يۇقىتىدۇ. مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدىمۇ شۇنداق بولغان. خان ئالىيلىرىمۇ كۇزىگە سىغمىغانلارنى بىتەرەپ قىلىدۇ.
جەمىيەتتە نۇرغۇن گەپلەر ئىقىپ يۇرىيدۇ. بىراق ھەممىسى مۇشۇ تۆت گەپنى چۆرىدەيدۇ. ھۇشيارلىق دىگەننىڭ يەنە بىر تەرىپى يىڭىنى بايقاش، يىڭىچە ئىقىملارنى چىڭ تۇتۇش دىگەن مەناسىمۇ بار.
ئۇندىن باشقا، ھازىر كاپىتالىزىم سوسيالىزىم دەپ ئايرىلىدۇ. تۇنجى قىتىم كاپىتالىزىم جەمىيتىنى قۇرۇش سىزىش باشقۇرۇش جەھەتتىكى لاھىيە ،مۇشۇ كىتاپتا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان. ئۇنىڭدىن كىيىنكىلىرىدە جىق ئۆزگۇرۇش يوق. تىخى مۇشۇنىڭدەك ئادىل ئەمەس.
مەن بىرەر مەزمۇندىكى چىگىشلەرنى يىشەلمەي ھەپتىلەپ ئولتۇرۇپ كىتىمەن. ئىشقىلىپ تىخىمۇ ئىزدىنەي دىسىڭىز پەلسەپىگە، يەنى تۆت تادۇ پەلسەپىسىگە سالمىسىڭىز تۇزۇك يىڭىلىق قىممەتلىك تۇيۇلمايدۇ.