مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Gvlmisal

گۈل يەنىلا قىزىل (پوۋىست) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 06:48:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nawa02 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 03:21 PM
شۇنداق ياخشى يېزىپسىز داۋامىغا تەشنامەن، قولىڭىزغا دە ...

بۇ باش سۈرىتىڭىزنى باشقا بى رمۇنبەردىمۇ كۆرگەنتىم.ماڭىغۇ خۇدى سزدەكلا بىلىندى.بەلكىم سىزدۇرسىز.ئەسىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 08:52:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(5)


ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخرىقى قىشلىق تەتىلنى ئۇزاتقان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە قايتىشتى.بۇ يىلقى باھار پەسلى ئۆزىنىڭ تۈرلۈك -تۈمەن رەڭلىرى،خۇشبۇي چېچەكلىرى بىلەن بىللە ئۆز قوينىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر جانغا يېڭى تۇيغۇ بەخىش ئەتمەكتە.بۇ مەۋسۈمدە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى يېزىپ دىسىرتاتسىيە ياقىلاش ئىدى.نەچچە يىللار ئىلگىرى قەلبىگە ئوتلۇق ئامانلارنى پۈكۈپ ھەر ياقتىن بۇ بىلىم يۇرتىغا يىغىلغان قۇشلار ئۇچۇرما بۇلۇش ئالدىدا بۇلۇپ ،بەزىلىرى ئىلمىي ماقالە يىزىشنىڭ غېمىنى قىلسا،يەنە بەزىلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ياخشىراق خىزمەت ئورنى تېپىشنى ئويلاپ باش قاتۇراتتى.يەنە بەزى ئاشىق -مەشۇقلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى ئىشلارنى ئويلاپ غەم قىلىشاتتى.قىسقىسى-ھەممە ئۆز غېمىدا."ھەر كاللىدا ھەر خىيال "ئىدى.
لەيلىگۈل ئادەتتىمۇ ماتىرىيالنى كۆپ كۆرگەچكە بۇ قېتىمقى ئىلمىي ماقالە يىزىش ئۇنىڭغا ئۇنچە قىيىنغا توختاپ كەتمىدى.ھازىر شەۋكەت ئىككىسى دائىم دىگۈدەك بىللە،مەيلى كۈتۈپخانا ياكى دەرسخانا بولسۇن بىللە باراتتى.تاماق يىگەندىمۇ شەۋكەت لەيلىگۈلدىن ئايرىلمايتتى.كۈندە ئەتىگەندە شەۋكەتنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغىنىنى كۆرگەندە لەيلىگۈل ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھس قىلاتتى.ھازىر ئانىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىمۇ بىر قەدەر تۇراقلاشقان بۇلۇپ شەۋكەت بىلەن بىللە خىزمەت كۈتكەچ ئاۋال تويىنى قىلىش،تويدىن كىيىن بىللە ئوقۇش....پىلانلىرىنى تۈزۈشكەندە اللاھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن بۇ كۈنلىرىگە مىڭ شۈكرى ئېيتاتتى.
چىرايلىق باھارغا ئۇلىشىپ ياز كەلدى.كۈنلەرنىڭ رشىتىسى بىر -بىرىگە تۇتىشىپ ،كۆڭۈل تارىلىرىنى بىر -بىرگە چىڭ چىگىپ ئۆزلىرىگە بەخت تىلەۋاتقان تالاي بىرجۈپلەرگە قوشۇلۇپ بۇ بىر جۈپلەرمۇ ئۆزىگە ئاسايىشلىق ،بەختلەر تىلىشپ خوشلىشىش ئالدىدا تۇرۋاتاتتى.
شەۋكەت لەيلىگۈل بىلەن بولغان ئىشىنى ھەدىسى ئارقىلىق ئۆيىدىكىلەرگە ئۇقتۇرغان بۇلۇپ،رەناقىزنى كېلىن قىلىش چۈشىنى كۆرۈپ يۈرگەن ئانا دەسلەپ نارازى بولغان بولسىمۇ رەنانىڭ يېقىندا باشقا يەردىن تويى بولىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان بولغاچقائارتۇق گەپ قىلماي،ئۆز كۆڭلىدە ئوغلىغا قەشقەر شەھەر ئىچىدىن ،ئاتا كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئەۋلادىدىن ئۆيلەش خىيالىدىن ۋاز كەچمىدى.پەقەت ئارزۇلۇق ئوغلىنى ئۈركۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن  نارازىلىقىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولدى.مىھرىبان ئانا "قېنى ئوقۇشۇڭ تۈگەپ ئۇ تۈلكە جىن يۇرتىغا قايتسۇنچۇ؟ چېكىپ تاللاپ تۇرۇپ،تىرناقتا توختىغۇدەك قىز ئېلىپ بىرىمەن ساڭا ،شۇ چاغدا جان دەپ ماقۇل دىمىگىنىڭنى كۆر .مەن كىم؟ نى نى تويلارغا باش بۇلۇپ ،ئەل ئىچىدە چاقىرسا ئېتى،تۇتسا سېپى بار نۇرنىسا ھاجى خېنىم ئۆزئوغلۇمنى گەپكە كىرگۈزەلمەسمەنمۇ؟"دەپ ئويلايتى .
-دادىسى ،سىلىگە دەيدىغان گەپ بار ئىدى.-شام نامىزىغا مەسچىتكە ماڭغان قەدىناسىنى چاقىردى نۇرنىسا ھاجى خېنىم.
-مەن نامازدىن يانغاندا دىيىشەيلى-يارىشىملىق كەكە ساقال قويۇۋالغان ۋېلىبايھاجىم شۇنداق دەپ ئالدىراش مەسچىتكە ماڭدى.يولدىشىنىڭ نامازدىن يېنىشىنى كۈتۈپ شام نامىزىنى ئوقۇپ بولغان نۇرنىسا ھاجىخېنىم،بېشىغا زەر باسقان ھەرەمنىڭ مىسقالە رومىلىنى سالغان ھالدا پىشايۋان ئاستىدىكى كۆرپىدە ئولتۇراتتى.يېنىدا ئىككى قىزىنىڭ بالىلىرى چۇۋىرلىشىپ ئويناۋاتاتتى.خىيالىغا شەۋكەتنىڭ ئىشى كىرىۋالغان بولغاچقا بالىلارغا قارىغۇدەكمۇ رايى يوق.ئىككى قىزى تاماقتىن يېنىپ قول-قولچە قازان بېشىنى يىغۇشتۇرۇپ ئاشخانا ئۆيدە ئىدى.شۇ ئارىدا كىچىك قىزى چىقىپ ،ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.
-چىرايلىرى ئېچىلمىدى ئانا،بىر ئىش بولدىمۇ؟-كۆيۈمچان قىز سورىدى.
-شۇ شەۋكەتنىڭ ئىشى بولمامدۇ؟-ئۇلۇغ كىچىك تىندى ئانا- تېزىراق ئوقۇش پۈتتۈرسە رەنا قىز بىلەن تويىنى قىلىپ خاتىرجەم بۇلارمەنمىكىن دىسەم ...ئەمدى بولغاندا نەدىكى بىر ياقا يۇرتلۇقنى تېپىپتۇ .مېنى تىرىكتۈرۈپ ئۆلتۈردىغۇ بۇ ئاخىر...
-ئانا،خاپا بۇلۇپ كەتمىسىلە .شەۋكەتنىڭ دىيىشىچە ئۇ قىز تولىمۇ چىرايلىق .ھەم .....
-بولدى،بولدى...سىلىمۇ ئۇكىلىرىنىڭ دېپىنى چېلىۋاتاملا خېنەم؟
ئۇڭغىچە چوڭ قىزى گەپكە ئارىلاشتى:
-ئانا،ئۇكاممۇ ئۇنچە ئەقىلسىز بالىلاردىن ئەمەس.ئۇمۇ بىر يەرنى ئويلىغاندۇ.ۋاقتى كەلمىسۇنمۇ؟خاپا بولمىسىلا بولدى.ئۆزلىرىنى چارچىتۋالىدىلا .
دەرۋازا تەرەپتىن ئاياغنىڭ شىپىرلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ بايھاجىم كىرىپ كەلدى.قىزلار چاققان ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرپىنى قاتلاپ سالدى.
-دادا،چاي دەملەيمۇ؟
-بولدى قىزىم،بۇ ھاۋا ئەجەبمۇ ئىسسسىپ كەتتى.تاۋۇزدىن بىرنى پىچسىلا ؟مۇزدەك تاۋۇز يەيلى.
كىچىك قىزى تاۋۇز ئەكىرگىلى چىقىپ كەتتى.
-شەۋكەتنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىدىن خەۋەر تاپقان تۇرۇقلۇق ،گەپ قىلماي يۈرگەنلىرى نىمىسى ھاجىم؟-نۇرنىساھاجى خېنىم ئېرىدىن رەنجىگەندەك تەرىزدە سورىدى.
-نىمىش قىپتۇ؟ بىر ئوبدان ئوقۇشىنى ئوقۇپ يۈرۈۋاتمامدۇ؟-باي ھاجىم قىزى قويۇپ بەرگەن ياستۇققا يۆلەنگىنىچە بەخرامان جاۋاب بەردى،ئېرىنىڭ جاۋابى ھاجىخېنىمنى تېخىمۇ تېرىكتۈردى.
-سىلىنىڭ يانلىرىغا كەلمىگىنى بىلەن مەن ئوغلۇمنى ياخىش يەردىن ئۆيلەپ،بالدۇرراق ئۇنىڭ بالىسىنى كۆرۈشنى خىيال قىلىپ يۈرگىلى نەۋاق؟ بۇ ياغاچ قۇلاق ئۆزى چوڭ بۇلۇپ قالغاندەك بىزگە مەسلىھەتمۇ سالماي نەدىكى بىر ياقا يۇرتلۇقنى ئالىمەن دەپ يۈرۈپتۇ.بىزنىمىگە ھېساب؟ مەن بۇ تويغا ھەرگىزمۇ رازى ئەمەس.
-ئانىسى،شەۋكەتمۇ چوڭ بولدى.قىز چوڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ.ئوغۇل چوڭ بولسا ئۆيلىنىدۇ.بۇ ئەلمىساقتىن قالغان قائىدە.ئەمدى ئاتا-ئانىسى تۇتۇپلا بىرسىنى ئېلىپ بىرىدىغان زامان كەتتى.ئوغۇللىرى ئوقۇغان ،ئەقىللىق بالا.شۇڭا بۇ ئىشتا ئۇنىڭ رايىغا باققىنىمزى تۈزۈكمىكىن؟ ئوغۇل بالا ئۆزى خالىمىغان ئادەم بىلەن بىر ئۆيگە ئەكىرىپ قويساق ،كىيىن -ئىلگىرىلىكتە باش ئاغرىقىدىن نېرى بولماي قالۇرمىزمىكىن؟مەنمۇ سىلىنى ئۆزۈم خالاپ ئالغان.شۇڭا ئۇزۇن يىللردىن بىرى سېلىنڭ ئېغىرىڭلىنى كۆتۈرپ مۇشۇ كۈنگە كەلدۇق ئەمەسمۇ؟-دىدى باي ھاجىم كالتە ساقىلىنى سىيلاپ تۇرۇپ.
-ئوشتە...ماڭسىلا نېرى..سىلمۇزە نەدىكى گەپنى قىلىپ.نىمىلا دىمەڭلا مەن بۇ تويغا قارشى.ئەگەر توي قىلىمەن دەيدىكەن ئۇ باش-باشتاققا بەرگەن سۈتۈمگە رازى ئەمەسمەن.
-قېنى ؟ئاۋال ئۇ ئوقۇشىنى بىر پۈتتۈرمىسۇنمۇ؟ ۋاقتى كەلگەندە بىر نەرسە دىيىشەيلى.
بۇ قېتىمىقى سۆھبەت مۇشۇ يەردە تامام بولغان بولدى.ھاجىخېنىم خاپىچىلىقتا قىزلىرى قايتماقچى بولغاندا خوش دەپ ئۇزىتىپمۇ چىقمىدى.
-لەيلىگۈلۈم،قايىتقاندىن كېيىن مېنى ساقلاڭ.مەن ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ بارىمەن.- دېدى شەۋكەت كۆزلىرىنى ئەمدىلا كۆتۈرۈلۈپ  ئاسمان گۈمبىزىنى سېھرىلىك نۇرى بىلەن بېزىگەن ئايغا قاراپ . ئۇلار بۈگۈن كەچلىك تاماقنى بىللە يىيىشكەندىن كىيىن بىر بېسىپ ،ئىككى بېسىپ مەكتەپ ئىچىدىكى ئۆزلىرى دائىم بىللە ئولتۇرىدىغان تاش ئورۇندۇقنى تېپىۋالغان ئىدى.
-ئۆيىڭىزدىكىلەر قوشۇلمىسىچۇ؟
-قوشۇلىدۇ.ئاللىقاچان قوشۇلدى دەپ ئېيتتىمغۇ سىزگە ؟
-بىرەر ئىش بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن شۇ ...
-ئەنسىرىمەڭ،مەنلا بۇلىدىكەنمەن ھېچ ئىش بولمايدۇ.تويىمىزنى قىلىپ بەخىتلىك بۇلىمىز.جىق بالىلىرىمىز بولىدۇ.سىز دەڭە 10 بولسۇنمۇ؟ ياكى 15 مۇ؟
-ھۇ بېشڭنى يەيدىغاننىڭ دەۋاتقان گېپىنى -قىزكىچىك مۇشتۇملىرى بىلەن يىگىتنى ئۇرۇشقا باشلىدى.
-ۋاي مىنى كەچۈرۋەتكەيلا خوتۇن ئالىيلىرى،مەن گۇناھىمغا توۋا قىلاي .مەن خاتا دەپتىمەن.ماقۇل 20بولسۇن.
-مانا سىزگە 20 بالا دىگەن-قىز ئۇنى تېخىمۇ قاتتىقراق ئۇرۇشقا باشلىدى.
-ۋاي دات،خوتۇن مېنى بوزەك قىلدى.....-شەۋكەت شەيتانلىق قىلىپ توۋلاشقا باشلىدى.
-ساراڭ ...باشقىلار ئاڭلاپ قالىدۇ...
-كىم ئاڭلايتتى؟ بىزدەك ئاشىق مەشۇقلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قېلىپ ،بىزگە مەستلىكى كىلىپ ئەتىلا مۇھببەتلىشىۋالغۇسى كىلىپ كىتەر شۇ
-ئادەم بولمايدىغان ئەسكى ...-قىز تەتۈر قاراپ خۇيلاندى.
-مىنىڭ ئوماق خۇتۇنۇم خاپا بۇلۇپ قاپاق تۈرسە تېخىمۇ چىرايلىق بۇلۇپ كىتىدۇ -دە؟ بىر قاراپ باقايچۇ؟-شەۋكەت لەيلىگۈلنڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتماقچى بولدى.لەيلىگۈل تېخىمۇبەك تەتۈر قارىۋىدى.شەۋكەت ئۇنى قاتتىق سىلكپ ئۆزىگە قارىتىپ تۇرۇپ:-
-راستىنلا چىرايلىق بۇلۇپ كىتىدىغان ئوخشايمەن دەپ قالما خۇتۇن،بەك سەتلىشىپ كىتىسەن دىگىنە،شۇڭا ماڭا قاراپ قاپىغىڭنى تۈرۈۋالماي كۈلۈپ ئولتۇر،سەندىن چىرايلىق بىرسىنى تېپىۋالماي يەنە ؟-دىدى.
شەۋكەت ئادەتتە چاخچاق قىلىپ ،ئەركىلەتكۈسى كىلىپ قالغانلىرىدا لەيلىگۈلنى "سەن"دەيتتى.شەۋكەتنىڭ بۇ بىر ئېغىز چاخچىقى لەيلىگۈلگە ئېغىر كەلدى."سەن "دىگىنى ئۈچۈن ئەمەس.يەنە نەچچە كۈندىن كىيىن يىگىتتىن ئايرىلىپ يۇرتىغا ماڭىدىغانلىقىنى ئويلىسا ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا يېرىم كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بۇلاتتى.كىم بىلىدۇ؟ يەنە نىمە ئىشلار يۈز بىرىدۇ؟..
-تېپىڭ يۈگۈرۈڭ.قاچان سىزنى كىلەركىن دەپ پاخما باش،ئوراكۆز ساھىپجامالدىن بىرسى چاچ تاراپ ئولتۇرارمىش-دىديۇ كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالدى.
-مايىغلاڭغۇ خۇتۇن يغلاۋاتامدۇ نىمە؟ شەۋكەت ئورنىدىن تۇرۇپ ،لەيلىگۈلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ،ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى.قىز كۆزلىرىنى ئەپقاچتى.شەۋكەت قىزنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ،ئاستا ئورنىدىن تۇرغۇزدى.
-ماڭا قارا...-دىدى شەۋكەت ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىيلاپ تۇرۇپ -بۇ جاھاندا ھېچكىم سېنىڭ قەلبىمدىكى ئورنۇڭنى باسالمايدۇ.سەن ھەقىقەتەن چىرايلىق  جېنىم،لىكىن سەت بولغىنىڭدىمۇ،قېرىپ ماك -ماك موماي بۇلۇپ قالغىنىڭدىمۇ سەن يەنىلا مىنىڭ لەيلىگۈلۈم ،بىلدىڭمۇ؟
شۇ دەقىقە كۆزلەر كۆزلەرگە سۇئال قوياتتى،كۆزلەر كۆزلەردىن جاۋاپ ئىزلەيتتى.شەۋكەت خۇددى لەيلىگۈلنى كۆز قاراقلىرىغا سىڭدۈرۋالماقچى بولغاندەك قىزغا پۈتۈن مېھرى بىلەن تىكىلىپ قارىدى.شۇ تاپ خۇددى يەر شارى ئايلىنىشتىن توختىغان ئىدى.
  شەۋكەت ئۆيدە بولغان دەتالاشلاردىن خەۋەرسىز ،ئۇ ئانىسىنىڭ ئۇنچەبەك خوش ئەمەسلىكىنى بىلسىمۇ كۆڭلىدە "رەنا بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلمىغىنىم ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ"دەپلا ئويلاپ،جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدىغىنىنى بىلمەيتتى.ئۆزىگە ئىشىنىدىغان شەۋكەت ھەر قانداق باھانە-سەۋەب بىلەن قىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشنى خالىمايتتى.چۈنكى ئۇ بىلەتتى..ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان نازۇك تۇيغۇغا
ئىگە بۇ گۈل يۈرىكىنى ئۇنىڭ يۈرىكىگە قويغان.بۇ گۈل دائىما تىتىرەپ تۇراتتى.شەۋكەت بۇ يىگانە گۈلنى كۆڭۈل گۈلزارىقىدا مىھىر بىرىپ پەرۋىش قىلىشنى خالايتتىكى ھەرگىزمۇ ئۇنى ۋاقىتسىز خازان قىلىشقا چىدىمايتتى.
لەيلىگۈل شەۋكەتنىڭ ئوتلۇق ۋەدىلىرى بىلەن ئىشەنچنى يۈرىكىگە تېڭىپ ئۆيىگە قايتتى.
شەۋكەت ئۇنى ئۇزىتىپ قويغان كۈنلەردە خۇددى قىممەتلىك بىر نەرسىسىنى يوقىتىپ قويغاندەك ئىچى تىتىلداپلا يۈردى.دادىسى ئۇنى ئەمدى دۇكانغا قارىشىپ بىرىشنى ئېيتقاندا ئۇ پەقەت نەچچە كۈن ئارام ئېلىۋېلىپ ئاندىن بېرىشنى ئېيتتى.
ئاتا-ئانىسى سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ ئۇ سودىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتى.پەقەت دادىسىنىڭ كۆڭلى يەردە قالمىسۇن ئۈچۈن ئانچە -مۇنچە قارىشىپ بىرەتتى.دادىسى ئۇنى پەقەت "ئارزۇسى بۇيىچە  ئوقۇۋالسۇن"دەپلا ئوقۇشىغا يول قويدى.بولمىسا سودىغا ئائت كەسىپتە ئوقۇتۇپ ئۆزىگە ئىزباسار قىلىش خىيالى بار ئىدى.ئەمما دادىنىڭ ئارزۇسى بالىسىنىڭ ئارزۇسى ئالدىدا ئاجىز كەلدى.ئوقۇشمۇ پۈتتى،ئەمدى قەدەمنى قەيەردىن بېسىش كېرەك؟ئۇ لەيلىگۈل بىلەن قەشقەرگە ئىمتھان بىرىپ ،بىر ئورۇندا ئىشلەش پىلاننى تۈزۈشكەن ئىدى.
كۈز ئايلىرىنىڭ قەدەملىرى ئۇزاپ،قىش ئاستا دېرىزە چەكمەكتە.لەيلىگۈل ئۆيىگە قايتقاندىن بىرى كۈنلىرى ئۆيىدە تاماق ئىتىش،ئانچە-مۇنچە ئېتىز ئىشلىرىغا قارىشىش ،كىتاب كۆرۈش بىلەن ئۆتۈۋاتاتتى.شەۋكەت بىلىەن كۈندە دىگۈدەك تىلفۇنلىشىپ تۇراتتى.شەۋكەت بىرەر كۈن تىلفۇن قىلمىسا ياكى ئۆزى تىلفۇن قىلغاندا ئالماي قالسا "بىرەر ئىش بولغانمىدۇ؟"دەپ ئەنسىرەپ،قولى ئىشقا بارمايلا قالاتتى.ئەنەشۇنداق ئالدىراشچىىقلار بىلەن ئىمتىھاننىمۇ بىرىشتى.ئارزۇ قىلغىندەك بىر ئورۇندائىشلەش نسىپ بولمىغان بولسىمۇ،ئىككىلىسىنىڭ خىزمەت ئورنى شەھەر ئىچىدە، يېقىن ئىدى .ئانىسىنڭ قارشىلىقلىرى ،قاخشاشلىرى ئوغلىنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشلىرى ،ئەڭ مۇھىمى بايھاجىمنىڭ ئوغلىنى قوللىشى بىلەن بىكار بولدى.نۇرنىسا ھاجى خېنم كۆڭلىدە ئوغلىنىڭ بۇ "يات يەردىن كەلگەن كەلگۈندى"بىلەن توي قىلىشىغا قانچلىك قارشى بولسىمۇ يەنلا ئۆمۈرھەمرىيىنىڭ قارارىغا بويسۇندى.لىكىن چىرايىنىمۇ تېخى كۆرمىگەن بولغۇسى كېلىنىگە كۆڭلىدە بىر ئۆچمەنلىك ساقلىنىپ قالدى.


داۋامى بار...

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 08:53:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(6)


لەيلىگۈل بۇ كۈنلەردە تولىمۇ خۇشال ئىدى.ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بۇلۇپ بۇرۇنقىدەك ھە دىسە ئاكىسىنىڭ گېپىنى قىلىپ كۆز يېشى قىلمايدىغان،خۇلۇم -خوشنىلار بىلەن پاراڭلىشىپ كۈلۈپ ئۆتىدىغان بولدى.يەنە بىر خۇشاللىق چوڭ سىڭلىسى بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ يۇقىرى نۇمۇر بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىغا ئۆتتى.ئۆزىمۇ ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ئىشقا چۈشۈش ئالدىدا تۇراتتى.ئەڭ چوڭ خۇشاللىق بولسا يېقىندا توي قىلىش ئالدىدا ئىدى.
-لەيلىگۈل ،مەن بەك بەختلىك .توغرا بولماپتۇ.بىز بەك بەخىتلىك ...
ئالدىنقى قېتىم ئىمتىھانغا قاتنىشش ئۈچۈن قەشقەرگە بارغاندا شەۋكەت لەيلىگۈلگە شۇنداق دىگەن ،لەيلىگۈل بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا خۇمارلىق قاراپ تاتلىققىنا كۈلۈپ قويغان ئىدى.
ھەقىقەتەن بۇ بىريىلدا شەۋكەت ئۆزى ئويلىغان بەختىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.ئانىسى ھە دىسە ئۇنى توي قىلىشقا ئالدىرىتاتتى.
-سەن ئەخمەقنى ئوقۇتۇۋاپتۇ ئۇ كەلگۈندى،قارىغىنا ،نىمە بۇلۇپ كەتتىڭ،ئورۇقلاپ ،كۆزلىرىڭ ئولتۇرۇشۇپ كىتىپتۇ.
-ئانا،سەت گەپ قىلمىسىلىچۇ؟ نەدە ئورۇقلاپ كىتىمەن؟كۆرۈۋاتىلىغۇ؟ يېقىندىن دادامغا ياردەملىشىپ دۇكاننىڭ ئىشلىرى بىلەن،بوش ۋاقتىمدا ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ كىتاب كۆرۈۋاتىمەن.
-قارا سېنى،بىر ئوغۇل دەپ كۆزقارىچۇقۇمدەك بىلىپ چوڭ قىلسام سېنى،چوڭ بۇلىۋېلىپلا گېپىمنى ئاڭلىماس بوپ كەتتىڭمۇ؟ كىم دىسە نۇرنىساھاجى خېنىم دەپ ھەممە چوڭ بىلىشىدۇيۇ ساڭا ئەجەپ گېپىمنى ئۆتكۈزەلمىدىم مەن.ئاشۇ ياقا يۇرتلۇقنى ئالمىساڭ قەشقەردىن قىز چىقمىدىمۇ ساڭا؟
-ئانا،ئۆزلىرى "ھەممە يەر خۇدانىڭ يېرى"دەيتىلىغۇ؟-شەۋكەت ئانىسىغا ئەركىلىگەندەك قىلىپ شۇنداق دىدى.
-ئۆز گېپىم بىلەن ئۆز ئاغزىمنى تۇۋاقلىماقچىمۇ سەن؟-ھاجى خېنىم ياستۇققا تايىنىپ ئۆرە بولۇپ رومىلىنى تۈزەشتۈردى.
-ئانا،مۇھىمى ئۇ ئەقىللىق،دىيانەتلىك ،ياخىشى قىز....
-ۋاي ۋاي...بولدى قىل،ئاڭلىغۇم يوق.قويۇپ بەرسەم يەنە بىر سائەت داڭلايسەن ئۇ جىن قوچىقىنى.مەنزە ئەمدى ئوغلۇمغا قەشقەردىن قىز چىقماي بىر كۈنلۈك يەرگە قىز سوراپ بارامدىم؟بۇ ماڭا سەت ئەمەسمۇ؟
-ئانا...سىلى بىر قېتىم بارسىلا ئۇ سىلىگە قىز بۇلۇپ ئۆمۈر بويى سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بۇلىدۇ ئەمەسمۇ؟
يۇقارقىلار شەۋكەت بىلەن ھاجىخېنىم ئوتتۇرىسىدىكى تالاي سۆھبەتلەرنىڭ پەقەت بىر قىسمى خالاس.ئانىسنى قايىل قىلىش ئۈچۈن شەۋكەت دادىسىغا قارىشىپ ،دۇكاننىڭ ئىشلىرىنى قولىغا ئېلىپ دادىسىنى خېلىلا خاتىرجەم قىلىپ قولىنى ئارا قىلىپ قويدى.بايھاجىم ئەمدى شەۋكەتنڭ گېپى چىقسىلا ئۇنى ماختاپ مەمنۇنلۇقتىن چىرايىدىن كۈلكە نېرى بولمايدىغان بولدى.بۇ ھالدا ھاجىخېنىم ھەر قانچە قارشى تۇرسىمۇ پايدىسى يوقلۇقىنى بىلىپ قىزلىرىغا بايھاجىم بىلەن ئوغلىنىڭ بىر بۇلۇپ ئۇنى خاپا قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا داتلاپ بىرىپمۇ ئۈلگۈردى.كۈيۈمچان ،رايىش قىزلار توي قىلىپ ،ئالدى ئۈچ بالىلىق بولغان بولسىمۇ يەنىلا ئانىسىنىڭ گېپىنى يىرماي ئۇنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيتتى ھەم كۆڭلىنى ئايايتى.ئانىسىنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىملىقىنى بىلىپ ئۇلارمۇ ئانىسىغا تەسەللىي بىرىپ،كۆڭۈل ياسىدى.نۇرنىساھاجىخېنىم ئوغلىنىڭ  ئىمتىھانغا ئالدىراش تەييارلىق قىلىپ يۈرگىنىدىن ئۇ قىزنىڭمۇ ئىمتىھان بىرىدىغىنىنى پەملىدى -دە ،كۆڭلىدە ئۇنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىكىنى ،ئۆزلىكىدىن شەۋكەتنىڭ كۆزىدىن يۈتۈشىنى تىلەپ قالدى.لىكىن ئىشلار ئۇنىڭ رايىغا باقماي شەۋكەت ئىمتىھاندىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ،توينىڭ گېپىنى چىقاردى.ھاجىخېنىم قانچىلىك ئۈمىدسىزلەنسۇن،قانچىلىك قارشى تۇرسۇن بايھاجىمنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن توي بولىدىغانغا قارار تاپتى.شەۋكەتنىڭ بۇ خەۋەرنى بىلگەندىكى خۇشاللىقىنى تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلاتتى.ئۇ بۇ خەۋەرنى لەيلىگۈلگە دەرھال يەتكۈزۈشكە ئالدىرىدى.
-سۆيۈنچە لەيلى ،سۆيۈنچە!
-نىمە خۇشاللىق  سۆيۈنچە دىگۈدەك؟ سۆيۈنچە سىزدىن ئايلانسۇن! دەڭە قېنى؟
-ئاللا ....بىكارلىقلا دەۋىتىدىغان بولدۇمدە لىكىن.
-ماقۇل سۆيۈنچە نىسىي بۇلۇپ تۇرسۇن .بولۇڭ تېز.ئاڭلىغۇم كەپ كەتتى.ئىمتىھاندىن مۇھىم يەنە قانداق ئىش بار؟
-داداملار بىزنىڭ تويىمىزغا قوشۇلدى.مۇشۇ يازدا سېنى يۆتكەپ كىلىۋالىمەنغۇ ئەمدى .ھى ھى ھى
-گېپىنى قارا ....مەن قوشۇلسام ھىساب
-نىمە؟ سىلەرنىڭ ئۆيدىكىلەر....-شەۋكەتنىڭ تىلىفۇن تۇتقان قوللىرى بىلىنەرلىك تىتىرىدى.
-ياق ياق...سىزنىڭ گېپىڭىزگە يارىشا چاخچاق قىلىپ قويدۇم.
-بەك قورقۇتتىڭىز مىنى جېنىم...
سىزمۇ قورقامدىكەنسىز؟-قىزنىڭ پەس ئاۋازدىكى كۈلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ يىگىتنىڭ يۈرىكى يايراپ كەتتى.
ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىقى بىر كۈنلۈك يول بولغاچ ئارىلىقتىكى بەزى قائىدىلەر ئازايتلىپ،چوڭلار مەسلىھەتلىشىپ ،ياز كۈلۈپ كەلگەن ، چىرايلىق ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ بىرىدە ئىككى ياشنىڭ تويىنى قىلىشتى.قىز تەرەپتىكى توي تۈگەپ قىزنى كۆچۈرۈپ قەشقەرگە كەلگەندىن كىيىن قەشقەردىمۇ مەھەللە -كوي تۇنۇش بىلىشلەرگە توي چېيى بەردى.ھاجىخېنىم كۆڭلىدە"ياقا يۇرتلۇق "كېلىنىگە نارازى بولسىمۇ خوشنا -خولۇم،ئارىلىشىپ ئۆتكەن يېقىنلىرى كۆڭۈل سوراپ كىرگەندە لەيلىگۈلنى ماختاپ ھالى قالمايتتى.
-شۇ بىر بالامنىڭ كۆڭلىنى دەپ يىراق بولسىمۇ ،يېقىن بىلىپ تويىنى قىلدۇق.بۇ قىزىممۇ تۇمۇچۇقتەكلا چىرايلىق قىزكەن،تىلىنىڭ يۇمشاقلىقى خانئاچا دىسە خانئاچا دەپ مىنىڭ ھاردۇقۇممۇ چىققاندەكلا بۇلۇپ قالدى.
توي بۇلۇپ ئۇزۇنغا قالماي شەۋكەتلەر ئىشقا چۈشۈش ئالدىدىكى تەربىيلىنىشلەرگە قاتنىشىپ ،ئىشقا چۈشۈپ كەتتى.
نۇرنىسا ھاجىخېنىم ئۆزى باشتا خوشنىلار ،ئەلە-مەلە ئارىدا ماختىنىپ لەيلىگۈلنى داڭلىغان بولسا،ئەمدىلىكتە بارغانسىرى ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەيلا لەيلىگۈلگە ئامراقلىقى كىلىپ قېلىۋاتاتتى.ئىككى ئاچىسى توي قىلىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن چوڭ قورۇدا شۇ ئۈچەيلەنلا قالغان بولغاچقا لەيلىگۈل توي  قىلىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇلار بىر قورۇدا ئولتۇرغان ئىدى.قولى گۈل ،ئىشچان لەيلىگۈل سەھە رتۇرۇپ ،كەچ يېتىپ ،ۋاقىت چىقىرىپ ھاجىخېنىمغا ھەمراھ بۇلۇپ ،پاراڭلىشىپ،ھال-مۇڭ بۇلۇپ ئۇنىڭ ئۆز قىزىدەكلا بۇلۇپ كەتتى.شۇڭا ھاجىخېنىم ھازىر "لەيلىگۈل قىزىم"دەپ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بۇلۇپ كەتتى.ئارىدا قۇربان ھېيت كىلىپ ئۆيدىكىلەر بىللە لەيلىگۈلنىڭ يۇرتىغا بېرىپ پەتە قىلىپ كەلدى،لەيلىگۈلگە دادىسى نەچچە ئاي ئىچىدە بەكلا قېرىپ كەتكەندەك بىلىندى.
-شەۋكەت،سىزگە مەھلىھەت سالىدىغان بىر ئىش بار ئىدى- دېدى لەيلىگۈل ئاتا-ئانىسىنىڭكىگە بېرىپ كەلگەندىن كىيىن بىركۈنى كەچتە.
-دەۋېرىڭ،قۇلىقىم سىزدە.
-دادام بەكلا جاپادا قاپتۇ.سىڭلىم ئالىي مەكتەپكە يېڭىلا چىقتى.ئاناممۇ ھېلىغىچە دورىدىن ئۈزۈلەلمەي يۈرىيدۇ.بىچارە دادام بىزنى ئوقۇتىمەن دەپ ھېلىمۇ كۆپ جاپا تارتتى ...-لەيلىگۈل گېپىنىڭ ئاخىرنى دىيەلمەي كۆزلىرىگە ياش ئالدى.-ئەگەر سىز قوشۇلسىڭىز سىڭلىمنىڭ ھەر ئايدىكى تۇرمۇش پۇلىنى بولسىمۇ بىز ئەبەرتىپ بەرگەن بولساق،ھازىرچە بىزنىڭ ئارتۇق چىقىمىمىزمۇ بولمىغاندىكىن.بىلمىدىم سىز قانداق قارايسىزكىن؟
-بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا مىھرىبانلىق يەتكۈزۈشى،ئاچىسىنىڭ سىڭلىسىنى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ئۇ دىگەن چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش.مەن ئەلۋەتتە قوشۇلىمەن.سىزلا خۇشال ،كۈلۈپ يۈرسىڭىز ....-دېدى شەۋكەت لەيلىگۈلنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
لەيلىگۈل ئاستىغىنا ئۇنىڭغا يۆلەندى.
-يەنە بىر خەۋەر بار...
-قېنى ئېيتىڭ گۈزىلىم
-ئاڭلىسىڭىز ئاچچىقىڭىز كەلمىسۇن جۇمۇ؟
-سىزگە ۋەدە بىرەي .ئاچچىقلىمايمەن.
-سىز پات يېقىندا ئاخشىمى خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدىغان بولدىڭىز..
-نىمىشقا؟
-كىچىك بالا يىغلىسا ئەلۋەتتە ئويغىنىپ كىتىسىزدە؟-لەيلىگۈل شۇنداق دەپلا يۈزىنى شەۋكەتنىڭ كۆكرىكىگە يۇشۇرۇپ كۈلدى.
-ۋاھ....مەن دادا بولامدىكەنمەن؟-شەۋكەت لەيلىگۈلنى دەس كۆتۈرۈپ ئۆينىڭ ئىچىدە پىقىراتتى-مەن دادا بولىدىكەنمەن.
-مىنى قويۇۋېتىڭ ...ساراڭ بولماڭ ...
شەۋكەت لەيلىگۈلنى ئاستا يەرگە قويدى.ھەم قۇلىقىنى ئۇنىڭ قوسىقىغا يېقىن ئەكەلدى.
-قانچىلىك بولغاندۇ؟مىدىرامدۇ؟
-ۋاي مىڭە نېرى...ئەمدى ئىككى ئاي بولاي دىگەن تۇرسا ...دوختۇرنىڭ دىيىشىچە تۆت ئايلىق بولغاندا مىدىرىغىنىنى بىلگىلى بۇلىدىكەن.
-خوتۇن ،ماڭا بۇدۇرۇق ئوغۇل تۇغۇپ بىرىڭلا.ياق ياق ..ئوغۇل بولسىمۇ ،قىز بولسىمۇ مەيلى سالامەت بولسىلا بولدى-ھاياجانلانغان شەۋكەتنىڭ ئۆزىنى ھېلى سىز ھېلى سىلى دەپ چاقىرغىنىدىن لەيلىگۈلنىڭ كۈلگۈسى كەلدى.شۇ تاپ بۇ كىچىككىنە ھۇجىرا شادلىق رەڭگىدە بىزەلگەن ئىدى.
  

داۋامى بار...


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 966
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 256 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 11:44:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام ئەلەيكۇم، ئەسىرىڭىزنى شۇنداق خۇشاللىق ئىلكىدە ئوقۇدۇم، بۇ بىر جۈپلەرنىڭ بەختىگە كۆز تەگمىسۇن .
ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرىدە كۆرگەنسىز.
بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزغا ئۇتۇق،تېنىڭىزگە سالامەتلىك ،تۇرمۇشىڭىزغا بەخىت تىلەيمەن...

ئىت قاۋاۋىرىدۇ، كارۋان يولىغا كىتىۋىرىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41646
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3992
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 01:40:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چچ بوشلۇقۇمغا ساقلىۋالدىم ،ئۆگۈنۈش تۈگىسە ئالدىرىماي ئوقۇيمەن ،ياخشى چىققاندەك قىلىدۇ ،رەھمەت!

مەرۋايىت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110500
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 167
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2014-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 03:11:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gvlmisal يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 06:38 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،كىمگە گەپ قىلىۋاتىسىز؟ ئاللاھ خال ...

(« گۈل نېمە ئۈچۈن قىزىل؟» -دېگەن سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى مۇشۇ ئەسەردىن ئىزدەيدىغاندەك تۇرىمەن. سىزمۇ مىسرانىمغا كىرەمسىز؟ ياكى نەۋرىلىرىڭىزنى بېقىپ، تېنچ بىر تۇرمۇشتا ئۆتىۋاتامسىز؟)

ئىنكاسىمنى يوللاپ بولۇپ، ئىم،دېگەن ئىدىم. راست شۇنداق بولدى. ئەسلىدە « تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز» دېگەن بىر سۆزنىڭ ئاز بولۇپ قالغانلىقى سىزنى تازا خاپا قىلىپتۇ. كەچۈرۈڭ. مەن مۇنۇ « سىزمۇ مىسرانىمغا كىرەمسىز؟» دېگەن سوئالدىن، كىمگە قارىتا يازغىنىمنى چۈشۈنىدۇ-دەپلا خام پەرەز قىلىپتىمەنكەن. مېنىڭ مەقسىتىم :« گۈل نېمە ئۈچۈن قىزىل؟» دېگەن بۇ سوئالنىڭ ئىگىسى بىلەن تېمىڭىز ئاستىدا  سۆزلۈشۈش ئىدى. لېكىن سىزنىڭ مىسرانىمغا كىرىۋاتقانلىقىڭىزغا سوئال كەتمەيدۇ. بۇنى بىلىمەن. ھېلىمۇ ياخشى ئىنكاسىڭىزنى تەھرىرلەپسىز. بولمىسا قانداق بولاتتى ھە. سىزگە مەدەت، ماغدۇر تىلەيمەن. ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىۋاتىدۇ.
(« گۈل يەنىلا قىزىل » بۇ سىزگە ئائىت. « گۈل نېمە ئۈچۈن قىزىل؟» بۇ باشقا بىر كىشىگە ئائىت. ئۇ بەلكىم نەۋرە كۆرگەندۇر )


ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 08:42:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nawa02 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 11:44 AM
ئەسسالام ئەلەيكۇم، ئەسىرىڭىزنى شۇنداق خۇشاللىق ئىلكى ...

ھەئە.سىزنى ئوقۇغۇچى مۇنبىرىدە كۆرۈپ ھەقىقەتەن بەك خۇش بولغانتىم.ھى ھى ھى
ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغۇنىڭىزدىن خۇش بولدۇم

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 08:45:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(7)

بەخت ئۇقۇمى ھەر قەلىبتە ھەر خىل بۇلىدىغانلىقىنى لەيلىگۈل بارغانسىرى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتمەكتە .ئىلگىرى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ياخشى ئوقۇپ چەتئەللەرگىچە ئوقۇپ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى خىيال قىلىدىغان لەيلىگۈل توي قىلغاندىن كىيىن كۆپ نەرسىلەرگە بولغان كۆز قارىشى ئۆزگەردى.بۇرۇن تاماق يىگەندە نىمە قولايلق بولسا شۇنى سېتىۋېلىپ يەيتى.بويىدا قالغاندىن كىيىن نىمە بالىغا قۇۋۋەت بولىدۇ دىسە شۇنى يىگۈسى بولمىسىمۇ زورلاپ يەيدىغان بولدى.ھەر قېتىم بالىسى  تەۋرىسە قورسىقىنى ئاستا سىيلاپ خىيالىدا بالىسى بىلەن پاراڭلىشاتتى:قوزام،ئۇخلاپ بولدۇڭمۇ؟ ئەجەپ ئۇزۇن ئۇخلىدىڭ بۇ قېتىم.قوسىقىڭ ئاچتىمۇ؟ ساڭا تاماق بىرەيمۇ؟داداڭ-ئاپاڭ سېنى بەك سېغىندى،بىز ھەممىمىز سېنى ياخشى كۆرىمىز قوزام.....ئىلگىرىكى مۇلايىم ،نازاكەتلىك لەيلىگۈلگە ھامىلدارلىق بىر خىل ئانىلارغا خاس بولغان ئېسىللىق،ئۇلۇغۋارلىق بېغىشلىغان ئىدى.
دائىملىق ئادىتى بۇيىچە توم ،ئۇزۇن چېچىنى بىر تال قىلىپ ئۆرۈپ ئۈستدىن ھالرەڭ  ياغلىقىنى چىڭ چىگىۋالغان ،قارا رەڭلىك ھامىلدارلار كۆينىكى كىيىۋالغان لەيلىگۈل بۈگۈن ئىشتىن تولىمۇ ھېرىپ قايتىپ كەلدى.بايراملىق دەم ئېلىشتا  بارغانچە ئانىسىنى يوقلاپ بارغۇدەك پۇرسەت بولمىدى.تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشقانچە ئۇ يۇرتىنى ،كىچىكىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلىرىنى ،يۇرتىدىكى ئايىغى سالا-سالا ئېتىزلارغا تۇتىشىپ كەتكەن ئېگىز تېرەكلەر سايە تاشلاپ تۇرغان مەھەللە يولىنى تولا چۈشەپ قالىدىغان بۇلۇپ قالدى.ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلارنى سېغىنغان ئىدى.ئىشتىن چۈشۈپ قېينئانىسىغا سالام بىرىپ بولۇپ،ھۇجىرا ئۆيىدە  شۇلارنى خىيال قىلغان لەيلىگۈلنىڭ قارا كۆزلىرىدىن ياش ئەگىدى.
-مىنىڭ خۇتۇنۇمنى كىم خاپا قىلغاندۇ؟-شەۋكەت مىھرىبانلارچە ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ سورىدى.
-ھېچكىم،شۇ ئۆزۈمچىلا...-لەيلىگۈل شۇنداق دەۋېتىپ،بىر قولى بىلەن ياغلىقىدىن چىقىپ قالغان ماڭلاي چېچىنى ئوڭشاپ تۇرۇپ ،زورىغا كۈلۈمسىرىدى .
-ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆڭۈلسىز خىياللارنى قىلماسلىقى،ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشى ،ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بىرىشى،ياخشى ئۇزۇقلىنىشى كېرەك....
-بولمىسا ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر يىتىدۇ-لەيلىگۈل شەۋكەتنى دورىدى.
-شۇنى بىلىپ تۇرۇپ ،بالامنى يەنە قىينامسىز مىنىڭ ئوماق خۇتۇنۇم؟ كىيىن بالىمىزغا دەپ قويىمەن جۇمۇ؟ ئاناڭ سەن ئۇنىڭ قوسىقىدىكى ۋاقىتتا ساڭا مۇنداق مۇنداق قىلغان دەپ ...
-گېپىنى ....مەنچە بولسا كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغۇم بارمىكەن؟ شۇ ئانامنى سېغىندىم ...
-تەتىلگىمۇ ئاز قالدى،تەتىل قويۇپ بەرگەن ھامان مەن ئانا-بالىنى بىللە ئېلىپ قېيىنئانام-قېيىنئاتاملارنى يوقلاپ كىلەيلى بۇلامدۇ؟
شەۋكەتنىڭ كۆڭۈل قويۇپ دىگەن سۆزلىرىدىن لەيلىگۈلنىڭ كۆڭلى نېراق بولدى.كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ كەچلىك تاماق قىلىشقا تۇتۇندى.
ئەر-ئايالنىڭ بىر ئۆيدە ياشىشنىڭ ھېكمىتىمۇ شۇ يەردە بولسا كېرەك.سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتىلغان سۆزلەر،مىھىرلىك قاراشلار ،بىر داستىخاندا جەم بۇلۇپ يىيىلگەن بىرۋاقلىق تاماق ....سىزگە چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدۇ.
  تۆت كۆز بىلەن زارىقىپ كۈتكەن تەتىلمۇ يىتىپ كەلدى.تەتىل باشلىنىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن شەۋكەتلەر مېڭىش تەرەددۇتىغا چۈشكەندە لەيلىگۈلنىڭ دادىسى ۋەئانىسى، ئۇنىڭ ھاممىسى بىللە قەشقەرگە كەلدى.لەيلىگۈلنىڭ تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغان بولغاچقا ئۇلار لەيلىگۈلنى تۇغۇتىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن چوڭلاردىن سوراپ ئېلىپ كەتكىلى كەلگەن ئىدى.مېھمانلار ئۆز لايىقى ،ھەشەم دەرەملىرى بىلەن كۈتىۋېلىندى.ئۈچ كۈندىن كىيىن ئۇلارغا قوشۇلۇپ شەۋكەت بىلەن لەيلىگۈل بىللە قايتىشتى.
لەيلىگۈلنىڭ سىڭلىسىمۇ قايتىپ كەلگەن بولغاچقا بۇلار بارغاندىن كىيىن ئۆي ئىچى باشقىچە قاينام -تاشقىنلىققا تولدى.ئۇزاقتىن بىرى كۆرۈشمىگەن ئىككى قىزىنى كۆرۈپ ئانىسىنىڭمۇ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.يازنىڭ يامغۇرلۇق ئاخشىمى جاھاننى لەرزىگە سالىدىغان تولغاق ئازاۋىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ لەيلىگۈل پاخلاندەك بىر ئوغۇل يەڭگىدى.ئانا-بالىنىڭ ئامان ئېسەنلىكىدىن ھەممىنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولدى.بالا تۇغۇلۇپ نەچچە كۈندىن كىيىن ئوغۇل نەۋرىلىك بولغىنىنىڭ خۇشاللىقىدا بايھاجىملارمۇ كىلىپ ئانا-بالىنى مۇبارەكلىدى.شەۋكەتمۇ يۈرىكىگە لىققىدە قىيالماسلىقنى تولدۇرۇپ ئاتا-ئانىسى بىلەن قەشقەرگە قايتتى.دادا بولۇش خۇشاللىقى شەۋكەتنى ھەقىقەتەن مەستخۇش قىلىۋەتكەن ئىدى.
  شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە لەيلىگۈلنىڭ ئانىسىنىڭ كونا كېسلى تۇيۇقسىز يەنە قايتىلىنىپ ھەممەيلەننى جىددىيلەشتۈرۋەتتى.لەيلىگۈلنىڭ تېخى قىرقى توشمىغان بولغاچقا ئۆيدە ھاممىسى ئۇنىڭغا قارىدى.دادىسى ئانىسنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى.
لەيلىگۈلنىڭ كۆڭلىگە بىر ئەنسىزلىك كىرىۋالدى.كېچىسى بالىنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرغاندا بولسۇن ياكى كۈندۈزلىرى بالىغا تاماق بىرىۋاتقاندا

بولسۇن ئانىسى كاللىسىغا كىرىۋالاتتى.ئۆزى ئانا بولغاندىن كىيىن مىھرىبان ئانىسىنىڭ جاپاسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەن لەيلىگۈل ئانىسىدىن خاتىرجەم بۇلالمايۋاتاتتى.
كىچكىدە لەيلىگۈلنىڭ چاچلىرى بەك قويۇق بولغاچقا خېلى چوڭ بولغىچە ئۇ ئۆزى تارىيالمايتتى.ئانىسى ئۇنىڭ چاچلىرىغا مەھەللىنىڭ ئاياق  تەرىپىدىكى جىگدىلىكتىن تېرىپ كەلگەن يىلمنى كىچىك قاچىغا چىلاپ ،چېىچىپ قوياتتى.شۇنچە چىڭ ئۆرۈلگەن چاچلار ئىككى كۈنلۈك بۇلاتتى.يەنە ماڭلاي چاچلىرى توزۇپ ياغلىقىدىن چىقىۋالاتتى.
-قانداق چېچى بار بالىدۇ بۇ؟ يىلىم چېپىپ قويسا چاچ دىگەننىڭ ھەپتە رەتلىك تۇرغىنىنى كۆرگەن ،بۇنىڭ چېچى ئىككى كۈنلۈكلا بولغان ،چۇۋۇلۇپلا تۇرغان...
ئانىسى دائىم يىلىم چېپىپ تۇرغاچقا چاچلىرى تېز ئۆسۈپ تېخىمۇ بەك ئاينىدى. ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىنمۇ ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئۇزۇن ھەم قويۇق چاچلىرىغا ھەۋەس قىلىشاتتى.ئۇمۇ  چاچلىرىنى بەك ياخشى كۆرگەچكە، باشقا ساۋاقداشلىرىدەك بۈدۈرمۇ قىلدۇرمىدى.چىڭ قىلىپ بىر تال ئۆرۈش ئۇنىڭ دائىملىق ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
لەيلىگۈلنى بالىنىڭ يىغىسى ئېسىگە كەلتۈردى.ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قولىنى چايقىۋېتىپ بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئىمىتشكە ئولتۇردى.شۇ ئارىدا ھاممىسى لەيلىگۈلگە تەييارلىغان تاماقنى پەتنۇسقا ئېلىپ كۆتۈرۈپ كىردى.
-تاماقنى كۆپرەك يەڭ قىزىم،سىز كۆپ يىسىڭىز بالىغىمۇ ئۇزۇقلۇق يىتىشىدۇ-ھاممىسى شۇنداق دەپ بالىنى قولىغا ئالدى-كىلە ،ئاناڭ تاماق يىسۇن ئەمدى ھە؟ يىغلاپ خاپا قىلما؟ بولمىسا باقمايمەن جۇمۇ؟
پىتىلە-پىتىلە چاچلىرى ،ئەمدى سۈت سىڭىپ ئاق رەڭگە كىرگەن  يۈزلىرى ،قارىغان كىشىنىڭ كۆزىگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇردىغان قويۇق كىرپىكلىك كۆزلىرى كىشىنىڭ تولىمۇ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى.
-قارىسام بۇ بالا ئەر-ئايال ئىككىڭلارنىڭ ئەڭ چىرايلىق يىرىنى تارتىپتۇ جۇمۇ؟ قاراڭە بالىغا؟
قوشۇقنى ئەمدى ئېغىزىغا ئاپارغان لەيلىگۈلگە ھاممىسىنىڭ گېپى قىزىق  تۇيۇلۇپ بېشىنى لىڭشىتتى.
تۇيۇقسىز ئىشكتىن لەيلىگۈلنىڭ چوڭ سىڭلىسى ئۈن سېلىپ يىغلىغىنىچە كىرىپ كەلدى.
-داداملار ھازىر ئانامنى ئېلىپ يولدا كىلىۋېتىپتۇ.دوختۇرلار ئەمدى ئامال يوق،ئۆيدە بېقىۋېلىڭلار دەپتۇ.....
لەيلىگۈلنىڭ قولىدىكى قوشۇق تىرىڭڭىدە قىلىپ چۈشۈپ كەتتى.ھاممىسى بالىنى قويۇپ ئىككى قىزغا تەسەللىي بەردى.
-ھەممىنى بىلگۈچى ئۇلۇغ اللاھ،دوختۇرلار دىگەندەك بۇلۇپمۇ كەتمەيدۇ.اللاھتىن شىپالىق بىرىشنى تىلەيلى قىزلىرىم.
ئانىسىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىپ ئىككى كۈندىن كىيىن قاش قارايغان مەھەلدە جان ئۈزدى.كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ باغرىدىن ئايرىلماي چوڭ بۇلۇپ ئۆسكەن لەيلىگۈل بۇ جۇدالىققا بەرداشلىق  بىرەلمەي قالدى.ئۈچ قىز خۇددى بەرگىدىن ئايرىلغان ئۈچ تال گۈلگە ئوخشاپ قالغان،ئۆزىنى تۇتالماي بوزلىشاتتى.چوڭلار ،خوشنا -خۇلۇملار تەسەللىيلەر بىرىشتى.كونىلار ھەقىقەتەن توغرا ئېيتقان،"بالا كەلسە قوش كەپتۇ "دىگەندەك مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلاپ يولغا چىققان بايھاجىم بىلەن شەۋكەت ماشىنا ھادىسىگە ئۇچىراپ يولدىن كەينىگە يېنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان ئىدى.بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ لەيلىگۈل ھۇشىدىن كەتتى،كۆزىنى ئاچقىنىدا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلارنىڭ رىئاللىق ئىكەنلىكىگە چىن پۈتۈپ ، تېخى تۇغۇتىدىن تۇلۇق تىتىلىپ بۇلالمىغان لەيلىگۈل بەلنى چىڭ باغلاپ تۇرۇپ كەتتى.ئۈچ نەزىردىن كىيىنلا قارىلىق كىيىم بىلەن  دوختۇرخانىغا -قەشقەرگە قاراپ ماڭدى.بايھاجىمنىڭ يارىسى يىنىكرەك بۇلۇپ ،دوختۇرلار ئۇنى نەچچە كۈندىن كىيىن بالىنىستتىن چىقشقا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ ،شەۋكەت تېخىچە ھۇشىغا كەلمىگەن ئىدى.
لەيلىگۈلنى كۆرۈپ نۇرنىسا ھاجىخېنىم قوشاق قوشۇپ يىغلاشقا باشلىدى:
-ۋاي غوجام بالام،كۆزۈمنىڭ قارىسى بالام،مۇشۇنداقمۇ بولارسەنمۇ ئوغلۇم...بەختى قارىلارنىڭ ئايىغى ياراشمىدىغۇ بالام،....
بۇ ھالدىن لەيلىگۈلنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى مۇزلىدى.شەۋكەتنىڭ ئاچىلىرى گەرچە چىش يېرىپ بىر نەرسە دىمىگەن بولسىمۇ ھەممەيلەننىڭ كەيپىياتى ناچار،بۇ قېتىمقى ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى ھەممسى لەيلىگۈلدىن كۆرگەندەكلا ،يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان نارسىدىمۇ ئۇنچە قارشى ئېلىنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.بالا خۇددى ئانىسىنىڭ دەردلىرىنى چۈشەنگەندەك ئانىسنىڭ  باغرىغا يېپىشىپ تامشىپ- تامشىپ ئەممەكتە ئىدى.
لەيلىگۈلنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىش ۋاقتى تېخى توشمىغان بولغاچقا كۈندە ئۆيدە تاماق قىلىپ،بالىسىغا قاراپ ،دوختۇرخانىغا شەۋكەتنىڭ قېشىغا بېرىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئۆتۈۋاتاتتى.شەۋكەت نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ھۇشىغا كەلگەندىن كىيىنمۇ ئالاھىدە كۈزىتىش ئۆيىدىن ئاچىقىلمىدى.كۈندە بىر قېتىملا ئائىلىسىدىكىلەرنى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىدىغان بولغاچقا نۇرنىسا ھاجىخېنىمنىڭ بىرلا ئېغىز گېپى بىلەن "ئايىغى ياراشمىغان كېلىن" شەۋكەتنى كۆرۈشتىن چەكلەندى.لەيلىگۈل بالىنى باغرىغا بېسىپ يۇم-يۇم يىغلىدى.لىكىن يەنىلا بۇ كۈنلەرنىمۇ قوبۇل قىلماي ئامال يوق ئىدى.
شەۋكەتكە قويۇلغان دىئاگىنوز قويۇلدى:قاتانش ھادىسىدە نېرۋا تۇقۇلمىلىرى ئېغىر زەخمىلەنگەن ،ئەسلىگە كىلىش نىسبىتى تۆۋەن ،پالەچ بۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللقى بار...
25ياش....25باھار،25ياز،25كۈز ،25 قىشنى ئۇزىتىپ ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنى كۈتىۋاتقان ئىنسان ئۈچۈن بۇ خۇددى ئاسماندىن چېقىلغان چۈشكەندەكلا ئىش بولدى.لىكىن تەقدىرنىڭ يازمىشىغا پۈتمەي بولمىدى.لەيلىگۈل بالىنى باقىدىغان ئادەمدىن بىرنى تېپىپ،ئۆيدە توختىتىپ،خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى.شەۋكەتنىڭ گەپ -سۆزى،تامىقى نۇرماللاشتى.لىكىن بىر تەرەپ پۇت -قول راۋان ئىشلىمەيتتى.گەپ -سۆزىمۇ بەزىدە نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۆزى ئۇنتۇپ قالىدىغان بۇلۇپ ساقايدى.لەيلىگۈل بالا 6 ئايلىق بولغاندا بالىنى سۈتتىن ئايرىدى.ۋە مەكتەپتىن مۇددەتلىك رۇخسەت سوراپ شەۋكەتنى داۋالاتماقچى بولدى.بۇ بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە نۇرنىسا خېنىم مەيلى ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلىدە بولسۇن،قېيىنئاچىلىرى قانداق سوغاق تەگسۇن ئۇ ھەممىگە چىدىدى.لەيلىگۈلنىڭ شەۋكەتنى ئۈرۈمىچگە تەكشۈرتكىلى ئاپىرىمەن دىگىنىنى ئاڭلاپ بايھاجىم قوشۇلغان بولسىمۇ ،نۇرنىساھاجىخېنىم شۇ ھامان قاپىقىنى تۈردى.
-سىلى ئاپىرىمەن دىگەن گەپنى قىلمىسىلا ،پۈتۈن سۈرۈك بىر ئادەم ھېلىمۇ سىلىنىڭ سەۋەبلىرىدىن مۇشۇنداق بۇلۇپ قالدى.ئەمدى يەنە سىلى بارىمەن دىسلىرى قانداق بۇلۇپ قالىدۇ؟بۇ خۇداغا ئامانەت.مەن سىلىنىڭ بېرىشلىرىغا قوشۇلمايمەن.داۋالىتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئۆزىمىز ئىگە بۇلىمىز.
-خانئاچا،مەنمۇ يات ئادەم ئەمەس،شەۋكەتنىڭ نىكاھلاپ ئالغان خۇتۇنى..
لەيلىگۈلنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپ ،ھاجىخېنىم ئورنىدىن سەل قىمىرلاپ قويۇپ :
-مانە،سىلىنى ئوغلۇمنىڭ نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنى دىمىگەن بولسام ئاللىقاچان ئۆيدىن قوغلاپ چىقىراتتىم.ئۆز ۋاقتىدا قەشقەردە نى نى قىزلار ئوغلۇم ئۈچۈن چاچ تارىغان،لىكىن بۇ ئەخمەقنى نىمە قىلىپ بېشىنى ئايلاندۇرۋاللىكىن بىلمىدىم،مۇشۇ توينى قىلغىنىم قىلغان دەپ تۇرۇپلىۋالدى.مانا ...ئاخىرى نىمە بولدى؟ مۇشۇ توي بولمىغان بولسا بۈگۈنكى كىلىشمەسلىكلەر بولارمىدى؟ بىچارە ئوغلۇم مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالارمىدى؟ -دىدى.باياتىن گەپكە ئارىلاشماي ياستۇققا يانپاشلاپ ياتقان بايھاجىم كۆزىنى قىيا ئېچىپ :
-بولدى قىلىڭلا ..-دىدى.
-مېنى بولدى قىلى دىيىشىنىلا بىلىلا،كۆز قارىچۇقۇم قانداق بۇلۇپ قالدى ھە مۇشۇنىڭ دەستىدىن؟ زادى قىلمايلى بۇ توينى دىسەم سىلى بالىنىڭ سۆزىگە كىرىپ ئاخرى بولغان ئىش مۇشۇ،مىنى دىسىلە بىر مىنۇتقىمۇ كۆرۈشكە رەغدىم يوق بۇنى -نۇرنىساھاجىخېنىم مىچىلداپ يىغلاشقا باشلىدى.
ئۇڭغىچە پاراڭدىن ئويغىنىپ كەتكەن بالىنى كۆتىرىپ بۇلىماق يىگۈزۈش ئۈچۈن لەيلىگۈل تاشقىرىدىكى ھۇجىرىغا ماڭدى.
ئۇ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ بالىنىڭ بۇلمىقىنى يىگۈزدى."مىنىڭ قولۇمدىن نىمە كەلسۇن؟ كېرەملىك اللاھ،بەندەڭنى شۇنچە ئاجىز يارتىپسەن،پىشانىسىگە پۈتكەندىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەن.بەندەڭگە شۇنچە ئازاب-ئوقۇبەتنى بەرگەن خۇدا ،ئۇنى يەڭگۈدەك كۈچنى ،قوبۇل قىلغۇدەك سەبىر-تاقەتنىمۇ بەرگىن!"ئۇ تەگسىز خىياللار بىلەن بۇلۇپ بالىنىڭ ئۇخلاپ قالغىنىمۇ سەزمىگەن ئىدى.بالىنىڭ ئاغزىدا يۈتمەي قالغان بۇلىماقنى كۆرۈپ ئۇ "كۆپ يىگۈزۋەتتىممۇ نىمە ؟"دەپ ئويلىدى ۋە قولى بىلەن بالىنىڭ ئاغزىنى سۈرتتى.
ھاجىخېنىمنىڭ ھىڭدىن سېسىق گەپلىرى لەيلىگۈلنىڭ ئۇ جېنىدىن بۇ جېنىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇ يەنىلا كۆڭلىگە ئالماسلىقنى قارار قىلدى.ئۆزى ئانا بولغاندىن بىرى كۆپ ئىشلاردا ئۇ ئۆزىنى ئانىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلايدىغان بۇلۇپ قېلىۋاتاتتى.ئانىسىنىڭ قىرىق نەزىرىسىگىمۇ بارالمىدى.ئۇ مەزگىللەردە بالىغا ،شەۋكەتكە قاراش ئىشلىرى ئۇنى تالجىقتۇرۇپ قويدى.ھەرۋاق نامىزىدا ئانىسىنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ ئاغرىق مەزگىللەردە ئانىسىغا قارىيالمىغىنىنى ،بېشىدا تۇرالمىغنى ،نەزىرلەرگە قاتنىشالمىغىنىنى ئويلىسا ئىچى ئۆرىلەتتى.
لەيلىگۈل بالىنى ياتقۇزۇپ قويۇپ،شەۋكەتنىڭ يېنىغا كىلىپ كۈندىلىك ئادىتى بۇيىچە ئۇنىڭ پۇت قوللىرىنى ئۇۋىلاشقا باشلىدى.دوختۇر داۋاملىق ئۇۋىلاپ بىرىش پالەچلەنگەن نېرىپلارنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىلىق دىگەن بولغاچقا ئۇ ئەتىگەن -كەچتە ئۇۋىلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.ئۆز كۆڭلىدە مۇشۇنداق قىلسا شەۋكەت كۈندىن كۈنگە ئېسىگە كىلىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.
شەۋكەت ئاغرىپ قالغاندىن بىرى مىجەزى چۇسلىشىپ ،ھېچكىمگە بۇرۇنقىدەك خۇشخۇيلۇق بىلەن گەپمۇ قىلمايدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى.پەقەت بالىنى قولىغا ئېلىپ بەرسە ئۆزىگە قاراپ نىمىلەرنىدۇ گۇڭىراپ ،ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتسە چىرايىدا غىل-پال  كۈلكە جىلۋىلىنىپ قالاتتى.لىكىن يەنە تۇرۇپلا قاپىقى تۈرۈلۈپ قالاتتى.ئەلۋەتتە ،ئۇمۇ ئىلگىرىكىدەك خۇشال -خۇرام تۇرمۇشىنى ،ساق -سالامەت چاغلىرىنى سېغىناتتى.شۇڭا ئىچى پۇشىشى ئېنىقلا ئىدى.شۇنداق ۋاقىتلىرىدا لەيلىگۈلنىڭ يېقىندىن كۆرۈنەرلىك ئورۇقلاپ قالغان تۇرقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ قالاتتى.ھەم ئۆزىنى ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتى.ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان،لەيلىگۈلنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىشىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرى خۇددى كىنو لېنىتىسىدەك كۆز ئالدىدىن ئۆتەتتى.
-سىزنى مۇكاپات سەھنىسىدە كۆرۈشنى خالايمەن شەۋكەت.
-قولۇمنى چىڭ تۇتۇشنى ئۇنۇتماڭ.قوللىرىمىز مەڭگۈ ئايرلىپ كەتمىسۇن!
نىمىدىگەن گۈزەل مىنۇتلار...شۇ ۋاقىتلاردا بەختتىن كۈلگەن ئىدىم.ئەمدى زارلىنىپ لەيلىگۈلدىن ئاغرىنىشقا مىنىڭ قانداقمۇ ھەققىم بولسۇن؟ شەۋكەت شۇلارنى ئويلاپ لەيلىگۈلدىن كۆڭلىدە كەچۈرۈم سورىدى.


ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 08:47:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(8)


چېچەك پەسلى ،قىزىل.سېرىق،ھالرەڭ چېچەكلەر بىلەن بېزەلگەن  باغچا ئىچىدە ئۇچىسىغا رەڭدار ئەتلەستىن ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ بېشىغا ئاق رومال ئارتقان لەيلىگۈل چېچەكلەر ئارىسدا خۇددى كېپىنەككە ئوخشاپ قالغان،ئۇ يەنىلا شۇنچە جەلىپكار...شەۋكەت ئۇنى نازۇك چېچەكلەردىن ئايرىيالمايلا قېلىۋاتاتتى.
-شەۋكەت،ماڭا ئۆزىڭىز ئەڭ ياقتۇرغان چېچەكتىن بىرنى ئۈزۈپ بىرىڭە؟-لەيلىگۈل شەۋكەتكە نازلىق باقتى.
-ماقۇل ،گۈلۈم-شەۋكەت گۈلى ئۈچۈن گۈل تاللىماق بولدى.رەڭدار چېچەكلەر ھەقىقەتەن كۆزنى قاماشتۇراتتى.قايسىسىنى تاللاي؟ ئېقىنىمۇ ؟ قىزىلىنى؟ ياق ياق...يەنىلا قاندەك جۇلالىنىپ تۇرغان ئەتىرگۈلگە يەتمەيدۇ.شەۋكەت ئەتىرگۈلدىن بىرنى ئۈزۈشكە ئەمدىلا تەمشىلىۋىدى تۇيۇقسىز قۇيۇن  چىقىپ چېچەكلەر ھەر يان تولغىنىپ تۇزۇشقا باشلىدى.باغرى قان بۇلبۇللار ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىشتى.
-شەۋكەت ...شەۋكەت..
لەيلىگۈلنىڭ ئايانچلىق ئاۋازنى ئاڭلاپ ئەتىراپىغا قاراپ ،ئۇنى تاپالماي ھەريان يۈرگىرەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشقا باشلىدى.كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ئۇ ھېچنىمىنى كۆرەلمەي قېلىۋاتاتتى.
-لەيلىگۈل ..لەيلىگۈل.....
شەۋكەتنىڭ ئۆزىنى چاقىرغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتكەن لەيلىگۈل چىراقنى ياندۇرۇپ دەرھال شەۋكەتنىڭ يېنىغاكەلدى.باياتىن ئۇنى قارا باسقان بۇلۇپ ئۇ چىلىق-چىلىق قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن ئىدى.
شەۋكەت كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئەتىراپىغا قاراپ تۇرۇپ كىتىپ ھېلى   كۆرگەن چۈشىنى ئويلاپ ،لەيلىگۈلگە شۇنداق تىكىلپ قارىدىكى لەيلىگۈل نىمە دىيىشىنى بىلمەيلا قالدى.
-سىزگە بىر ئىش  بولدىمۇ؟ بىرەر يىرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟
-ياق ،مەن ھېچنىمە بولمىدىم خوتۇن.
-تەرلەپ كىتىپسىز،سۈرتۈپ قوياي.-لەيلىگۈل شۇنداق دەپ ئۇنىڭ يېنىغا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ،ئاپئاق لۆڭگە بىلەن ئۇنىڭ تەرلىرىنى سۈرتۈشكە باشلىدى.
-خوتۇن،مەن بىلەن توي قىلغىنىڭلىغا پۇشايمان قىلدىڭلىمۇ؟
شەۋكەتنىڭ تۇيۇقسىزلا سورىغان بۇ سۇئالى لەيلىگۈلنى ھەيران قالدۇردى.
-نەدىكى گەپنى قىلىدىكەن يېرىم كېچە بولغاندا،نىمىشقا پۇشايمان قىلىدىكەنمەن؟قارىغاندا سىلى پۇشايمان قىپلىدە؟-بالىسى تۇغۇلغاندىن بىرى بۇلار بىر-بىرنى سىلى دەپ چاقىرىدىغان بۇلىۋالغان ئىدى.-مەن سىلى بىلەن ئاللا خالىسا ئىككى ئالەمدە بىللە بولىمەن دەپ توي قىلغان.قالايمىقان خىياللاردا بولمىسىلا-لەيلىگۈل كۈيۈمچانلىق بىلەن شەۋكەتنىڭ يۈزلىرىدىكى تەرلىرىنى سۈرتكەچ شۇنداق دىدى.
-ئويلاپ باقسام،بىز توي قىلىپ ھازىرغىچە سىلىگە ھېچ بىر راھەت كۆرسۈتەلمەپتىمەن.مەن بىلەن توي قىلىپ ئاتا-ئاناڭلىدىن ئايرىلىپ بۇ يەرگە كەپسىلە،ئاتا-ئانامنىڭ ،مېنىڭ خىزمىتمنى قىلىپ كۆپ چارچاپسىلە،جاپا تارتىپلا كەپسىلە...
-بولدى ،بۇلارنى دىيىشمەيلى-لەيلىگۈل قولى بىلەن شەۋكەتنىڭ ئاغزىنى توستى.-بىزئاللاھ رىسقىمىزنى قوشۇپ نىكاھلانغانمىز،تەقدىرىمىز شۇنداق پۈتۈلگەن،ياراتقان ئىگەم بىزگە نىمە كۈننى راۋا كۆرگەن بولسا بىز شۇ كۈننى كۆرىمىز.ئىگىمىز ھەرگىز بىز كۆتۈرەلمىگۈدەك دەرت-ئەلەمنى بەرمەيدۇ.دەردنى بەرگەن ئاللا ھامان ئۇنىڭ داۋاسىنىمۇ بىرىدۇ.ياخشى كۈنلەر ھامان ئالدىمىزدا ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىلە،ئاللاھنىڭ بەرگەن مۇشۇ كۈنلىرىگە شۈكىرى ئېيتايلى...
شۇ سۆھبەت بۇلۇپ نەچچە كۈندىن كىيىن لەيلىگۈل شەۋكەتنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئۇنىڭ سالامەتلىكىدە ئەسلىگە كىلىش بولغان بولسىمۇ سۈرىتىنىڭ ئۇنچە تېز بولمايۋاتقانلىقى،بۇنداق بولغاندا كېسەللىك ئاسارىتى قېلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بۇلىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.دوختۇرخانىدىن يېنىپ كەلگەندىن كىيىن لەيلىگۈل شەۋكەتنى چوڭاراق يەرگە ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ كىلىش ئويى بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.بايھاجىمنىڭ رازىلىق بىرىپ قىلغان دۇئاسىنى ئېلىپ ،بالىسىنى بالا باققۇچى ئايال ۋە ھاجى خېنىمغا تاشلاپ قويۇپ،يۈرىكىگە مىڭ خىل ئارزۇنى پۈكۈپ لەيلىگۈل شەۋكەتنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كەلدى.
  قايتا-قايتا تەكشۈرتۈشلەر،ئۇزۇندىن -ئۇزۇن ساقلاپ ئۆچىرەت كۈتۈشلەر ئارقىسىدا لەيلىگۈل ئاخىرى شەۋكەتنى بالىنىستقا ئورۇنلاشتۇردى.مەسئۇل دوختۇر دەسلەپكى داۋالاش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىققاندىن كىيىنكى داۋالاشلار تەرتىپلىك كىتىۋاتاتتى.شەۋكەتنىڭ ئەھۋالىدا كۈنسىرى ياخشىلىنىش كۆرۈلۈپ لەيلىگۈل تولىمۇ خۇش بولدى.شەۋكەتمۇ چىرايىنى ئېچىپ يۈرىيدىغان بولدى.دەم ئېلىش كۈنلىرىدە لەيلىگۈلنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇۋاتقان سىڭلىسىمۇ چىقىپ ئاچىسىغا ھەمراھ بولدى.
لەيلىگۈل چۈشۈۋاتقان ئاسما ئۇكۇلغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئىختىيارسىز خىيالغا چۆكتى.
ئۇكۇل سۇيۇقلۇقى بىر تامچە-بىر تامچىدىن ئېقىپ شەۋكەتنىڭ تومۇرىدا قانلىرىغا قوشۇلماقتا....تولۇق ئوتتۇرىدا غەمسىز ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرى ،ئالىي مەكتەپ ئوقتۇرۇش قەغىزىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتكەن كۈنلەر،ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى قولغا ئالغاندىن كىيىنكى خۇشاللىقلىرى،ئاكىسىنىڭ ئۆزىنى "ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇ جىن،تەتىلدە ئالدىڭغا بېرىپ ئۆزۈم ئەكىلىۋالىمەن.بولمىسا سەن چوڭ شەھەردە ئۆيۈڭگە بارىدىغان يولنى تاپالماي ئېزىپ قالىسەن"دەپ تېرىكتۈرگەنلىرى،ماشىنا بېكىتىگە ئۇزىتىپ چىققان ئانىسىنىڭ كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ ئۇزاتقانلىرى ،شەۋكەت بىلەن دەسلەپ تۇنۇشقان كۈنلىرى،ئۆزىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىدا كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ تىل ئۆگىنىپ ،ئىنگىلىز تىلى ئىمتىھانىدىنمۇ ئۆتۈپ ئەڭ ئاخىرىدا ۋاز كەچكەنلىرى،ئاكىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىدىن كىيىن ئائىلىسىدە يۈزبەرگەن ئىشلار خۇددى كىنو كارتىنىسىدەك بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ ئاخىردا ھەممىسى قوشۇلۇپ چىگىشلىشىپ كەتتى.
ئۇ ئۆزىنى بىراقلا چوڭ بۇلۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىۋاتاتتى.دەرھەقىققەت ...باشتىن ئۆتكەنلىرى قانچە كۆپ بولغانچە ئۇ پىشىپ يىتىلىۋاتاتتى.ئۆزى بۇرۇن ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىدا ئەللەيلىنىپ يۈرگەن بولسا كىيىن ئاكىسىنىڭ ئۆلۈمى بىلەنلا ئانىسىنىڭمۇ ئېزىلىپ تۈگىشىپ كىتىشىدىن ۋە   بىر ئائىلە قۇرۇپ ئانا بولغاندىن كىيىن بولسا ئانا مىھرىنىڭ تولىمۇ مىننەتسىز،بىئىختىيار بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.كىينكى كۈنلەردە شەۋكەت ۋەقەگە يۇلۇققاندىن كىيىن قېيىنئانىسى سەۋەبنى ئۇنىڭدىن كۆرۈپ قانچە ئاچچىقلىسۇن ياكى دوق قىلسۇن ئۇ ھەممىنى شۇ "ئانا مېھرى"دىن دەپ ئويلاپ چىداپ كەلدى.ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇرۇن "ئائىلە"دىن ئىبارەت بۇ قورغاننىڭ پاسىبانلىرى بولغان ئاتا-ئانا تولىمۇ مۇقەددەس بولغان بولسا،كىينكى كۈنلەردە بۇ ئوبراز بارغانسېرى رۆشەنلىشىپ بارسا باردىكى خۇنۈكلەشمىدى.ئانىسى كۆز يۇمغاندىن كىيىنكى كۈنلەردە  دادىسىنىڭ ئېزىلىپ تۇرۇپ يىغلاپ ئۇنى ئۇزاتقىنى ھازىرمۇ لەيلىگۈلنىڭ كۆز ئالدىدا ئىدى. ئۆزىمۇ بىر "كىچىك قورغان"نىڭ ئىگىسى بولغاندىن كىيىن جان دىلى بىلەن بۇ قورغاننىڭ ھۇلىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تىرىشقان بولسا كىيىنكى كۈنلەردە يۇلۇققان مۇشەقەتلىرىنى اللەھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن سىناقلىرى دەپ بىلىپ چىشىنى چىشىغا چىشلەپ ھەممىنى ئىچىگە يۈتۈپ،بارچە ئاسانلىقنى اللەھتىن تىلەپ كەلدى.ئۇنىڭ خىيال يىپلىرى بالىسىغا تۇتاشقاندا بولسا ۋۇجۇدىغا گۈپپىدە ئوت ئالغاندەك بولدى.دىمىسىمۇ بالىسىنى كۆرمىگىلى ئايدىن ئاشتى.چۈچۈك تىللىرى بىلەن"ئانا"دەپ چاقىرىشلىرىنى،بۇدىرۇق قوللىرى بىلەن يۈزلىرىنى سىيلاشلىرىنى ،ۋىلىقلاپ كۈلۈپ باغىرىغا ئۆزىنى ئېتىشلىرىنى تولىمۇ سېغىندى.شەۋكەتنىڭ ئۇيقۇدىن ئويغىنشى بىلەن ئۇمۇ خىياللىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئۇنى ئاستا يۆلىدى.ئۇكۇل تۈگەپ ئەمدى كۈندىلىك ئادىتى بۇيىچە شەۋكەتنى يۆلەپ دوختۇرخانا ھويلىسىدا يىتىلەپ ئايلاندۇرۇشقا ئېلىپ ماڭدى.
تېخنكىلىق داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ شەۋكەتنىڭ زەخمىلەنگەن نىرۋا تۇقۇلمىلىرى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىپ،ھەرىكەت قىلىشى بۇرۇنقىدىن كۆپ قولايلاشتى.دوختۇر ئۇنى پىيادە يول مېڭىپ بەرسە پايدىلىق دىگەن بولغاچقا لەيلىگۈل كۈندە ئۇكۇل تۈگىگەندە ئۇنى پىيادە ئايلاندۇرغىلى ئېلىپ چىقىۋاتاتتى.كېسەللەر كىيىمى كىيىۋالغان چاچ -ساقاللىرى ئۆسۈپ قالغان شەۋكەتنى زىلۋاغىنا كەلگەن لەيلىگۈل بىر تەرىپىدىن يىقىلىپ كەتسە تۇتىۋېلىشقا تەييارلانغان ھالەتتە يۆلەپ مېڭىۋاتاتتى.ئۈرۈمچى ئاسمىنىنىڭ چۈشتىن كىيىنكى قۇياشى  ئېگىز بىنالار ئارىسىدا ئۆزنۇرىنى تازا چاچالمايۋاتقاندەك قىلسىمۇ لىكىن بۇ ئىككىسى يەنىلا ئىللىقلىق ھېس قىلاتتى.


خاتىمە


ئايرىدۇرۇم يولۇچىلار كۈتۈش زالىدا ۋاقىتنىڭ كۈتۈشىنى ساقلاپ ئولتۇرغان لەيلىگۈل بىلەن شەۋكەت ئاۋازلىق ئەسكەرتىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئايرۇپىلانغا چىقىشقا تەييارلاندى.ئۇلار بۇ يەردىكى ئالدىنقى باسقۇچلۇق داۋالىنىشنى تۈگىتىپ دورىلارنى ئېلىپ ،ئۆيگە قايتماقچى بۇلىۋاتاتتى.
دوختۇر شەۋكەت بالىنىستتىن چىقىش ئالدىدا بىر مۇنچە ئىشلارنى تاپىلىدى.
-ھازىرقى ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى دىيىشكە بۇلىدۇ.ئەسلىگە كىلىشىمۇ خېلى ياخشى .بۇندىن كىيىن بىر مەزگىل چوقۇم دورىنى ۋاقتىدا يەپ،پات-پات تەكشۈرۈتۈپ تۇرسۇن.كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بەرسۇن.مۇھىمى ئۆزىنى خۇشال تۇتۇپ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئويلىماسلىقى كېرەك.بۇنىڭ زەخمىلەنگەن نېرىپلارنىڭ ئەسلىگە كىلىشىدە پايدىسى بار......
ئورنىغا ئورۇنلىشىپ بۇلۇپ ،شەۋكەتكە قارىغان لەيلىگۈلنىڭ كۆزلىرى تۇيۇقسىز شەۋكەتنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدى.
شۇ دەقىقە كۆزلەر كۆزلەرگە مېھرىنى تۆكمەكتە،كۆزلەر كۆزلەرگە  سىڭىشمەكتە.شەۋكەت خۇددى لەيلىگۈلنى بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغاندەك ،ئۇنى كۆز قاراقلىرىغا سىڭدۈرۋالماقچى بولغاندەك سۈيۈملۈك ئايالىغا  پۈتۈن مېھرى بىلەن تىكىلىپ قارىدى.شۇ تاپ خۇددى يەر شارى ئايلىنىشتىن توختىغان ئىدى.ئۇلار ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە يالقۇنلۇق تىلەكلىرىنى باغرىغا تېڭىپ تۈمۈرقۇش بىلەن بىلەن بىللە ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.

تۈگىدى


ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 08:48:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
marwayit2 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 01:40 PM
چچ بوشلۇقۇمغا ساقلىۋالدىم ،ئۆگۈنۈش تۈگىسە ئالدىرىماي  ...

داۋامىنى يوللاپ قويدۇم.تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش