مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 804|ئىنكاس: 13

لوپ « قەدىردان ئاتىلار » خەيرى ساخاۋەت جەمئىيىتى تەشەببۇسنامىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گۈلىستان مۇنبىر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51612
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3982
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 792 سائەت
تىزىم: 2011-8-14
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 12:44:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لوپ « قەدىردان ئاتىلار » خەيرى ساخاۋەت جەمئىيىتى تەشەببۇسنامىسى




ناھىيەمىزدىكى كەڭ ئاتىلارنىڭ قىزغىن تەشەببۇسى بىلەن  ئاتىلارنىڭ ئادىمىيلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھنى جارى قىلدۇرۇپ ئىقتىسادى جەھەتتىن ئوقۇشتا قىيىنچىلىق تارتىپ قالغانلارغا ساخاۋەتلىك قولىنى سۇنۇپ ئۇلارنى تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىناق، ئىتتىپاق جەمئىيەت قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان « قەدىردان ئاتىلار » خەيرى ساخاۋەت جەمىيتى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ رەسمىي قۇرۇلدى. كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ساغلام  ئۆسۈپ-يىتىلىشى، ياخشى تەربىيەلىنىپ ياراملىق ئادەم بولىشىنى ئۈمۈت قىلىدىغان، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلار ۋە يىتىم يېسىرلارغا سېخى قولىنى سۇنۇشنى خالايدىغان ئاتىلارغا بۇ تەشەببۇسنامە چىقىرىلدى.  
1.«قەدىردان ئاتىلار» خەيرى ساخاۋەت جەمئىيتىنىڭ نىشانى: ئوقۇشتا ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تارتىپ قالغان يەسلى، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ۋە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇش ئالدىدا تۇرغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇۋاتقان يىتىم يېسىرلار ۋە مېيىپ بالىلارغا ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش.
2. «قەدىردان ئاتىلار» خەيرى ساخاۋەت جەمئىيتىگە قاتنىشىش ئوبىكىتلىرى: « قەدىردان ئاتىلار »خەيرى ساخاۋەت جەمىيىتگە پارتىيە ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچى خىزمەتچىلەر، كارخانىچىلار، سودىگەرلەر، تىجارەتچىلەر ۋە پۈتكۈل جەمىيەتتىكى مەرىپەتپەرۋەر زاتلار ئۆز ئىقتىيارلىقى بىلەن قاتناشسا بولىدۇ.
3.« قەدىردان ئاتىلار » جەمىيتىگە قاتنىشىش شەرتلىرى: دۆلەتنىڭ سىياسەت، قانۇن، پەرمانلىرىغا ۋە ئىجتىمائى ئەخلاققا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان، پارتىيەنى ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈدىغان،شەخسيەتىسز ۋە خالىس تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان، ئەزالىق مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان ۋە خەيرى ساخاۋەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە رازى بولىدىغان ئەرلەر بولۇش.
4. « قەدىردان ئاتىلار »خەيرى ساخاۋەت جەمىيتىگە تىزىملاش ئۇسۇلى: «جەمئيەت»نىڭ بۇ تەشەببۇسنامىسى تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ ئەزا بولۇشنى ئىقتىيار قىلغانلار تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. ئەزا بولغۇچىلا ئايرىم رەسىملىك ئەنكىت جەدىۋەل تولدۇرۇپ تىزىملىنىدۇ ھەمدە ئېلىكتىرونلۇق ئارخىىپ تۇرغۇزىلىدۇ. تىزىملاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەيئەتلەرنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ رەسمىي ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەگەر ئەزالار«جەمئيەت» نىڭ كىيىنىكى ئىش- پائالىيەتلىردىن رازى بولمىسا ياكى داۋاملىق ئەزا بولۇشنى خالىمىسا  ئۆزلىكىدىن چېكىنىپ كېتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
5. تەشكىلى ئاپارات قۇرۇش: « قەدىردان ئاتىلار » خەيرى ساخاۋەت جەمئيىتىدە مەخسۇس تەشكىلىي ئاپارات تەسىس قىلىنغان بولۇپ.  ھەيئەت ۋە دائىمى ھەيئەتلەر سايلاپ چىقىلدى. دائىمى ھەيئەت  9 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس، نازارەتچى، كاتىپ،تەشكىلات ۋە تەشۋىقات ھەيئىتى، ھىساۋات باشقۇغۇچى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپتى.
6. خەيرى ساخاۋەت پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلى: خەيرى ساخاۋەت ئۈچۈن ھەربىر ئەزا ئېيىغا 10يۇەن، يىلىغا جەمئى 120يۇەن بەدەل پۇلى تاپشۇرىدۇ، پۇلنى ئايغا بۆلۈپ تاپشۇرۇشقىمۇ،بىراقلا تاپشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. ئىقتىيار قىلغانلار ئارتۇقراق تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ. پۇل تاپشۇرغاندا بەدەل پۇلى كېنىشكىسىگە خاتىرلىنىدۇ ۋە ئۈچ بىرلەشمە تالۇن يېزىپ بېرىلىدۇ. يىغىلغان پۇلنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇلۇپ مەخسۇس ھىساۋات ئارقىلىق باشقۇرلىدۇ ھەمدە «جەمئىيەت» نىڭ ھەيئەتلىرى ئارقىلىق نازارەت قىلىنىدۇ. پەسىلدە، يېرىم يىلدا، يىل ئاخىرىدا ھىساۋاتنى ئاشكارىلاش ۋە چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئاممىنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىنىپ، پىكىر تەكلىپلىرى ئاڭلىنىپ باشقۇرۇش ۋە پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئاشۇرلىدۇ.
7. ياردەم پۇلىنى تارقىتىش تەرتىۋى:ياردەم ئوبىكىتلىرى بۇ تەشەببۇسنامىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان  شەرتلەرگە ئويغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلار  بولۇپ، ياردەم پۇلىنى تارقىتىشتا  ئۆزى ئىلتىماس قىلىش، « قەدىردان ئاتىلار » جەمئيىتى ئەزالىرى كۆرسىتىش، ئورگان ۋە ئورۇن، مەكتەپلەر تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دەسلەپقى تېگىنى تېپىش،ئاندىن مەخسۇس تەكشۈرۈپ دەلىللەش، «جەمئيەت» ھەيئەتلىرىنىڭ قارارىدىن ئۆتكۈزۈش، پىكىر ئېلىش، ئاشكارىلاش قاتارلىق باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىدا تارقىتىلىدۇ. ئەھۋالدىن جەمىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى خەۋەرلەندۈرلىدۇ. ئاشكارىلاش ۋاقتى 7كۈن بولىدۇ. ياردەم پۇلىنى تارقاتقاندا  شۇ دائىردىكى « قەدىردان ئاتىلار » جەمىيتى ھەيئەتلىرى ۋە «جەمىيەت» ئەزالىرى ۋەكىللىرى قاتنىشىپ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن  ئادەتتىكى ياكى مۇراسىم  شەكلىدە ئېلىپ برىلىدۇ.  
8. ياردەمدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭ شەرتلىرى: ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولغان، پارتىيىنى، سوتسىيالىتىك ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈپ تىرىشىپ ئۈگەنگەن ، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزام، بەلگۈلىمىلىرىگە ۋە ئىجتىمائى ئەخلاققا ئاڭلىق رىئايە قىلغان، قانۇنسىز تەشكىلات ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ قالمىغان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقى، كەڭ ساخاۋەتچىلەرنىڭ مىھرى شەپقىتىگە جاۋاپ قايتۇرالايدىغان روھقا ئىگە بولىشى، ئۆزمەكتىپى ۋە سىنىپىدا ياخشى ئوقۇغۇچى،ئائىلىسىدە ياخشى بالا،جەمئيەتتە ياخشى پۇقرا بولۇشى لازىم. ئەگەر يوقارقى جەھەتتىن مەسىلە كۆرۈلسە، ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن قىلىنمايدۇ ياكى توختىتىۋېتىلىدۇ.
9. ياردەم بېرىش تۈرلىرى ۋە ئۆلچىمى: 1) ئىقتىسادى جەھەتتە قىيىچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا يەسلى، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق، ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئالىي مەكتەپ تۇرى بويىچە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مۇۋاپىق   ياردەم قىلىنىدۇ. 2) ناھىيىمىزدىن شۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىتىھانىغا قاتنىشىپ ئىجتىمائى ياكى تەبىئى پەندىن ۋىلايەت بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا نومۇرغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار، ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەمىلىكەت دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارغا 5000 يۇەنگىچە مۇكاپاتلىق ياردەم بېرىلىدۇ. ناھىيە بۇيىچە ئەڭ ئالدىنىقى قاتاردىكى نومۇرغا ئېرىشىپ ئاپتۇنۇم رايۇندىكى نوىتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارغا 3000 يۇەنگىچە مۇكاپاتلىق ياردەم بېرىلىدۇ. 3) ناھىيىمىزدىن شۇ يىللىق ئىچكىرى تولۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ۋىلايەت بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا نومۇرغا ئېرىشىپ ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارغا 4000 يۇەنگىچە مۇكاپاتلىق ياردەم بېرىلىدۇ. ناھىيە بۇيىچە ئەڭ ئالدىنىقى قاتاردىكى نومۇرغا ئېرىشىپ ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارغا 2000 يۇەنگىچە مۇكاپاتلىق ياردەم بېرىلىدۇ. 4) ناھىيىمىزدىن شۇ يىللىق رايۇن ئىچىدىكى تولۇقسىز ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ۋىلايەت بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا نومۇرغا ئېرىشىپ رايۇن ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارغا 3000 يۇەنگىچە مۇكاپاتلىق ياردەم بېرىلىدۇ. ناھىيە بۇيىچە ئەڭ ئالدىنىقى قاتاردىكى نومۇرغا ئېرىشىپ رايۇن ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارغا 1000 يۇەنگىچە مۇكاپاتلىق ياردەم بېرىلىدۇ.5) يىتىم-يېسىرلەردىن تىرىشىپ ئوقۇۋاتقانلارغا ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن 500 يۇەنگىچە مۇكاپاتلىق ياردەم قىلىنىدۇ. 6) ئېغىر تەبىئى ئاپەت يۈزبەرگەن جايددىكى ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق ياردەم قىلىنىدۇ. 7) ئوقۇۋاتقانلاردىن ئېغىر كېسەل بولۇپ داۋالىنىشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق كۆرۈلگەنلەرگە مۇۋاپىق ياردەم قىلىنىدۇ. 8) پەرزەنتى ئالىي مەكتەپ، ئىچكىرى تولۇق، رايۇن ئىچىدىكى تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان نامرات دېھقان چارۋىچىلاردا ئېغىر كېسەل كۆرۈلۈپ، ھەمكارلىشىپ داۋالاش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى ئارقىلىق داۋالىنىشتىمۇ يەنىلا قىيىچىلىق كۆرۈلسە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق ياردەم بېرىلىدۇ. 9) پەرزەنتلىرى ئوقۇۋاتقان ئىگە چاقىسىز، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار ۋە ئەمگەك ئىقتىدارى يوق مېيىپلارغا مۇۋاپىق ياردەم قىلىنىدۇ.10) ياردەم بېرىش دائىرسى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ پىكىر ئېلىش ۋە  مۇزاكىرلىشىش ئارقىلىق ئايرىم تەڭشىلىدۇ.
10. لوپ «قەدىردان ئاتىلار »خەيرى ساخاۋەت جەمىيتىنىڭ ئورنى لوپ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدە.
جەمىيەتنىڭ ئىجازەت نومۇرى: 1350070 ،      تەشكىلى ئاپپارات ۋاكالەت نومۇرى:-8 06554924،
بانكا ھىساپ نومۇرى: 1665 5020 1433 458
تىزىملىتىش ۋاقتى: ئۆزىڭىز خالىغان ۋاقىتتا تىزىملاتسىىڭىز بولىدۇ.
دوستلار، ساۋاقداشلار، خىزمەتداشلار، كەسپداشلار، مەكتەپداشلار مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ ئىشلىرىمىزنى قولاپ قۇۋەتلىشىنى، باشقىلارغا تەشەببۇسىمىزنى يەتكۈزۈپ، تەشۋىق قىلىپ، تەشكىللەپ بۇ خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرنىڭ ئوڭۇشلۇق، ساغلام ، ئەھمىيەتلىك راۋاجلىنىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز، ياخشى پىكىر تەكلىپلەرنى بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ئالاقىلاشقۇچى:   ئېلىي نۇرى: 13094098033
ئالاقىلاشقۇچىلار: مەمەتجان مەترېھىم:13999652816، رۇزىممەت ياقۇپ:13779199215
                دۆلەت تۇرسۇن:  13999052921    ، ئادىل ھاشىم: 13899462130   

قوشۇمچە: 1 . « قەدىردان ئاتىلار » جەمىيتىگە ئەزا بولغۇچىلارنى تىزىملاش جەدۋىلى.
          2. « قەدىردان ئاتىلار » جەمئىيتىگە ئەزا بولغانلارنى تىزىملاش جەدۋىلى.


لوپ «قەدىردان ئاتىلار»خەيرى ساخاۋەت جەمئىيتى

2015-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى


  مەنبە:  مائارىپچىلار تورى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97760
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1864
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2013-9-11
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 02:07:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لوپ ناھىيەسىدە مۇشىۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارماقچى بولغان ساخاۋە تچىلەرگە رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98174
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 888 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 03:14:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   يەنە   بىر   ياخشى   ئىش   ھۇجۇتقا   كەپتۇ   ،    ئاللاھ   ئىزدەنگۇچىلەرنىڭ   ئەجرىنى   زىيادە   قىلغاي   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25709
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5153
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 04:31:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۈجاڭمۇ باشلامچى ئىكەندە

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 05:37:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 08:35:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ ...

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23729
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3746 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 10:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىڭلار بەرىكەتلىك بولسۇن قېرىنداشلار .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101800
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 429
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 10:54:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35042
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6348
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4491 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 04:24:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى ئىشكەن بۇ يۇرتىمىزدا بولغاندىكىن قاتنىشىش كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14618
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8119
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 2177 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 04:57:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھىيىمىزدە ساخاۋەتلىك ئىشلار مەڭگۈ داۋاملاشسۇن!
ناھىيىمىزدە مىھرىبان ئانىلار جەمىيىتىمۇ بارمىدۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش