Ruin يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 11:00 PM
مەن سىلەرگە بىر مىسالنى دەپ بىرەي .، بۇرۇن پەيغەمبەر ئە ...
ئىسىل پىكىر ! مەن قىلارمەن ئوتتۇز ،ئاللاھ قىلار توققۇز دىگەن ھېكىمەت مۇشۇ .
مەن تونۇيدىغان بىر كىشى بار ئىدى . ئۇ كىشنىڭ شۇنداق چوڭ بىر تۇپ ياڭىقى بار ئىدى . نەچچە يىللاردىن بىرى ئۇ ياڭاقتىن يىتىم-يىسىرلارغا بىرىپ ۋە تۇرمۇشى غورىگۈل ئاچىسىغا ناشتىلىقتا يەسىلەر ئاچا دەپ ھەر بىرسىگە بىرە مىڭ تالدىن بىرىپ . تولۇق زاكىتىنى ئايرىپ ھەر يىلى ئون مىڭ يۈۋەندىن ئون بەش مىڭ يۈۋەنگىچە كىرىم قىلاتتى . بىراق ماۋۇ تۇرمۇشتا پۇل تىپىش چىڭغا چىققانسىرى . ئۇ كىشى ئويلاپ باقسا ھەر يىلى ئىككى ئاچىسغا ۋە يىتىم يىسىرلارغا بىرىۋاتقان ياڭاقنى ھىساپلاپ كۆرسە 20 نەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇن دارامەتتىن قۇرۇق قالغان ھىس قىلىپ ئۆزىچە ھىلىقى ئىككى ئاچىسىغا بىرىدىغان ياڭاقنى قىسىپ قىلىپ پەقەت ئۆيىگە يوقلاپ كەلگەندە بىرەر پەتنۇس ئىلىپ چىقىپ ئالدىغا قويدىغان يىتىم-يىسىرلارغىمۇ قوشلاپ-قوشلاپ بىرىدىغان ئىشتىن بەش ئوننى تۇتقۇزۇپ قويىشتىن ئىبارەت ئىقتىساتنى چىڭ تۇتۇش ئاساسىدا كىرىمنى كۆپەيتىش قىلۋاتقان . ئەتىيازدىن پات-پات ئۆزىچە توۋا قىلدىم ىۇدايىم ! توۋا قىلدىم خۇدايىم ! زادى سەن ھەمممىگە قادىر ! دىگەن سوزنى تەكرارلاپ قويۇپ كەينىدىن ئۆزىچە كۈلىدىغان بولۇپ قالدى ئۇ كىشى . ھەيران بولۇپ سەۋەبى سورسام . كۈلۈپ كىتىپ ئىككى ئاچامغا بىرىدىغان كەلمىشكىنى ۋە يىتىم-يىسىرلارغا بىرىدىغان ھەجىمدىكى ياڭاقنى قىسىپ قالسام . تۆۋە كىيىنكى يىلى بىرمۇ-بىرمۇ ساناپ باقسام ئالدىنقى يىلدىكى ياڭاق سانىدىن 3000 ياڭاق كەم چىقتى . ھە بۇ ئوغتنى ئاز سالغاننىڭ سەۋەبى بولسا كىرەك دەپ كىلەر يىلى ئوغۇت دىگەننى تازا ساپتىمەن . بىراق كۈزدە قىقىپ سانىسام 5000 ياڭاق كەم چىقتى. بۇ يىل ئوغۇت بەك كۈچلۈك كەلگەن چىغى دەپ ئوغۇت سالمسام كلەركى يىلنىسى يەنە شۇ 60000 غا يىقىن ياڭاق كەم ھوسۇل بولدى . ئويلىسام ئويلىسام ئىككى ئاجىز مەزلۇم ئاچامغا بىرۋاتقان ياڭاقنى توختۇپ قويشىم بىر ئاز گۇمانلىق . شۇنىڭ بىلەن خەپ كىلەر يىلى زادى قانچىسى چىقسا چىقسۇن بۇرۇن قىلۋاتقان ياخشىلىقنى ھەرگىزمۇ توختاتمايمەن دەپ ۋەدەم قىلغان ھەم ئوغۇتقا پۇل ئىشنىپ بولالماي ياڭاقنى ئوغۇتلىيالمىغان ئىدىم . تۆۋە قىلدىم بىراق بۇ يىل ئىككى قېرىندىغشىمغا ۋە يىتىم-يىسىرلارغا بىرىپ زاكىتىنى ئايرىپ قالدى ئىشىپ قالغىننى ساتسام 13000 يۈۋەنگە ياراپتۇ . زادى ئۇكام بىز ئىنساننىڭ كۆزىمىز بەك ئاچ كىلىدىكەن دەپ كۈلۈپ كەتتى .
ھىساپ-كىتاپ دىگەننى شىركەت زاۋۇتتا قىلسا يارىشىدىغان نەرسىكەن بىراق ئائىلىدە قىلسا قالماشمايدىغان بىر ئىش ئىكەن .
خىلى يىقىن بىر تونۇشۇم بار. قاچان قارىسا ئايالى تاماق ئىتىشكە تەرەددۇت قىلغاندا ئاشخانا ئۆيگە كىرۋىلىپ ياغنى جىق قويدۇڭ . ئۇننى كۆپ بوپ قالدىمۇ نىمە ؟ ياڭيۇنىڭ تىرىپنى بەك قىلىن ئىلۋەتتىڭمۇ نىمە ؟ .....دەپ كۆزىگە كىرىشۋالدىغان . بىچارە تونۇشۇم مائاشى يۇقۇرمىش دەپ كورلىغا كىتىپ بەش يىلدەك ھەر ئايلىقىغا 7000 يۈۋەندىن ماشىنا ھەيدىدى . ھەر قىتىم قىتم كەلسە ۋاي ئايلىق ئىشلىگەن پۇلنىڭ بەركىتى بولمايدىكەن ئاداش دەپ قاخشاپ يۈرگەن بۇنەچچە يىل ئاۋال كورلا يۇرتىمىزغا ئۇزاقكەن يىقىنراق يەردە ئىشلەي دىدىم دەپ قەشقەرگە كەتكەن ماشنىا ھەيدەيمەن دەپ . بۇ قىتىم كەپتۇ مەندىن نەچچە ياش كىچىك ئاداش ئىدى قارىسام چاچلىرى ئاقىرىپ قۇدەپ قاپتۇ . ئەھۋال سورسام ۋاي ئاداش سورماڭلار . شۇ تاپقان پۇلنىڭ ھەممىسى ئۆي ئىجارىسى تۆلەشكە . ئۆينىڭ سەي-ئوتىياش. مىھمان .كىيم-كىچەك ...دىگەندەك چىقىملاردىن ئاشمىدى . بار دىسەم بىرسى ئىلۋالمايدۇ . يوق دىسەم ئىشەنمەيدۇ شۇ 30 نەچچە مىڭ يۈۋەندەك بىر نىمە قىپتىمەن . بىراق چارچاپ خۇددى 200 يىل جاپا تارتقاندەك بوپ قالدىم . نە ئۆي راھىتى نە يۇرىت راھىتى يوق . قويۇڭلار قايتىپ كىلىپ ئىككى ئىتىز ئۆي سىلىپ بۇرۇنقى يەرلىرىمنى خەقنىڭ قولدىن قايتۇرۇپ ئىلىپ شۇنى تىرىياي دەپ تەرەددۇت قىلۋاتمىەن دەيدۇ .
مەن دەيمەن ئائىلە بولغان ئىكەن چىقىم دىگەن بولۇپ تۇردۇ . ھاراق ئىچمەي. قىمار ئوينىماي. زىيادە بەتخەجلىك قىلماي پۇل خەجلەيدىغان يەردە تۆمۈر تىرناقلىق قىلىپ يۈرمەي . گاچ-گاچ خەجلەپ . كىچىسى بىرەر سائەت بۇرۇنراق ئورنىمىزدىن تۇرۇپ تاھارەتنى ئىلىپ ئاللاھغا ئۇشۇقلۇق قىلىپ ئى ئاسمان-زىمىننىڭ رەببى ! مىنى ئەھلى ئائىلەم ئالدىدا يۈزى تۆۋە . يۈزى سۆرۈن قىلمىغايسەن . ئەھلى ئائىلەمنىڭ رىسقى ئۈچۈن مىنى پاكىز ۋە مىنى خۇرسەن قىلدىغان ياخشى رىسىقلارغا مۇلاقەت قىلىشىڭنى تىلەيمەن....كەمىنە ئاجىزبەدەڭنىڭ قۇللارچە بىچارىلىك بىلەن كۆتۈرگەن قولىنى دەرگاھىڭدىن نائۈمۈت قايتۇرمىغايسەن دەپ تازا تىلەپ كۆكەرمىلىك قىلىپ تۇرۋالساق بارغۇ . ئاللاھ ئۇزۇنغا قالماي بىزلەر خۇرسەن بولغۇدەك ئىشلارنى دىلىمىزغا سىلىپ خۇددى ھاسا ئەمەاغا يول باشلىغاندەك ئاللاھ رىزىق دىگەنگە باشلاپ قويدىكەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-20 12:06 AM