https://uyghur-archive.com/misranim/thread-134147-4-1.html
ئادرىس 38-قەۋەتتىكى تېمىدىكى ئىنكاسىڭىزغا جاۋاب:
سىزگە دەيدىغىنىم، ئەلسۈيەر ئۇكام:
بىلمىگەن ئىشلار ئۈچۈن ئۆزۈڭىزنى جۇۋىتىپ يۈرمەڭ! سىز بۈگۈن بىلگەننى مەن ئۆتمۈشتە بىلىپ بولغان دېسەم ياخشى بولمايدۇ. چۈنكى جۈرئەت بىلەن بولغان پاراڭ، ۋە ئاقسۇدىكى پىشقەدەملەر بىلەن سۆھبەتنىڭ شاھىدى ئەمەسسىز. ئۇنى بىلىشكە ئەسلا قادىر ئەمەسسىز. ئېغىزىنى ‹‹باشقۇرالمايدىغان››مەندەكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ‹‹نادان›› كېلىدۇ. خۇددى سىز مېنىڭ ئىنكاسىمنى نەقىل ئېلىپ يازغاندەك. چۈنكى سىزدەك كاتتا ‹‹مۇخبىر››غا ئىشىنىدىغانلار بىزدەك ئاددى پۇخراغا ئىشىنىدىغانلاردىن كۆپ ئەمەسمۇ؟
شۇڭا ماڭا نەقىل ئالىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ! ئەلۋىدا ئىنىم، سىز ئۆلۈپ كەتسىڭىزمۇ ‹‹قانۇنچىلىق گېزىتى›› يەنىلا چىقىۋېرىدۇ. شۇڭا ئىنكاسىمنىڭ مەنىسىنى(توۋا دەيمەن، تۆنۈگۈن مېنى تەنقىدلىگەن ئادەم، بۈگۈن شۇ ئىنكاسىمنى ياقلاپ تېما يازغىنى قىزىق.)چۈشىنىپ ئىنكاس قايتۇرۇڭ!!!!! ھازىر ئۈرۈمچىدە ھۆرمەتلىك ئاتىمىز مۇھەممەت سالىھ قارى ھاجى(قۇرئان كەرىمنى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلغان)، غۇلجىدا ئەل سۆيگەن شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىز، ئاقسۇدا يازغۇچى، شائىر ئەخمەد ۋاھىدى، ئېزىز ساۋۇت ئاكىمىز، قەشقەردە ھاجى مىرزا زاھىد كېرىمى ئاكىمىز، خوتەندە نۇرمەھەممەت توختى ئاكىمىز ھاياتىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىنى ئۆتكۈزمەكتە. بەزىلىرى ئېغىر كېسەل. لېكىن شۇلار ئۈچۈن بىرەر ئېغىز سۆزلەيدىغانلار، بىرەر قېتىم يوقلايدىغانلار بەكمۇ ئازساندا.راستىنى دېسەم ئىككى يىلدىن بۇيان ئېچىلالمىدىم. ھېبى، ھېسامكام كەتتى، يەنە بىر نەچچە ئېسىل كىشىلىرىمىز ئالەمدىن ئۆتتى.
شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلار؛
ئۆز يۇرتۇڭلاردىكى ئالىم-ئولىما، يازغۇچى، شائىرلارنى يوقلاپ تۇرۇڭلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-24 03:35 PM