مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Girl

بىر تاكسى شوپۇرىنىڭ بايانلىرى(ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1521
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 12:45:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: بىر تاكسى شوپۇرىنىڭ بايانلىرى(ھېكايە)

Abdul يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 12:15 AM
قىزىل كۆۋرۈكى قەشقەر شەھىرىدىكى ئەڭ موھىم جايلارنىڭ  ...

ھەئە ئەلۋەتتە بار، قىزىل كۆۋرۈك دېسە پۈتۈن ئاقسۇلۇقلار بىلىدۇ، ئەگەر بىزنىڭ ئاقسۇغا كەلسىڭىز شۇ قىزىل كۆۋرۈكنى بىر ساياھەت قىلدۇرۇپ، ئاندىن ئاقسۇ كاۋىسىدا ئېتىلگەن مانتا، سامسىلار، ئاقسۇ ئالمىسى، يەنە كەلپىندە بوردالغان تۆگە گۆشى بىلەن كەلپىن چامغۇرىدا ئېتىلگەن تەملىك شورپا بىلەن مېھمان قىلاتتىم.

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103791
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 351
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 01:00:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تىزراق يۇلىمامسىز ؟ ياردەم كىرەكمۇ يە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14038
يازما سانى: 1177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11646
تۆھپە نۇمۇرى: 604
توردا: 2362 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 10:37:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇركىيە كىنولىرىنى كۆپ كۆرگەن  ئاقسۇلۇق    تاكسىچىكەن  بۇ

[ھازىر بىچارە ئوقۇتقۇچىلار بىلىمنى بالىلارنىڭ مېڭىسىگە ئەمەس بەلكى خاتىرە دەپتەر ۋە ئاخىپ خالتىللىرىنىڭ ئېچىگە يېزىۋاتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15090
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 11:38:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت خادىمى ئىكەنلىكىدىن بەك پەخرلىنىدىغىنىنى ھېس قىلدىم، ئۇنىڭغا قايتىدىن بىر سەپ سالدىم، كۆزۈمگە ئەمدى ئۇنىڭ كاستيۇملىرى پاتماي قالغاندەك، ئۇنىڭ ناپاك بەدىنىنى سىغدۇرالماۋاتقاندەك تۇيۇلدى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈستىدە ئېسىل كىيىملەر بار، لېكىن ئىچىدە تۈزۈك ئادەملەر يوق، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈستىدە تۈزۈك كىيىم يوق، لېكىن ئىچىدە ئېسىل ئادەملەر بار، بۇ بودەك ئاكىمىز ئالدىدىكىسىگە تەۋە بولسا كېرەك.ئاغزىم قىتىشىپ،ئۇنى تېخىمۇ بىر قەدەم چۈشىنىپ باققۇم كېلىپ ئۇنىڭدىن يەنە سورىدىم:
-ئاكا، بايام تېلېفون پاراڭلىرىڭىز قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى، ئايالىڭىز بەك باشقۇردىغان ئوخشىمامدۇ؟ئۇ بېشىنى ئېگىپ ئەينەكتىن ماڭا قاراپ قويدى:
-بەك گەپچىكەنسەن ھە ئۇكام، ئايالىم بەك كۈنلەمچى، ھەتتا مېنى ئۆزىنىڭ سىڭلىلىرىدىنمۇ كۈنلەيدۇ، ئۇ كۈنلىگەنسېرى مېنىڭ ئۇنىڭ كۈنچىلىكىنى كەلتۈرگۈم كېلىدۇ.مېنى قانچە كۈنلىگەنسېرى ئۇنىڭغا بىلدۈرمەي ئۇيەر بۇيەردە ئويناپ يۈرۈۋېرىمەن، تېلېفونۇمنى قانچە تەكشۈرگەنسېرى ئىككى ئۈندىدار ئوينايدىغان بولدۇم.يېڭى توي قىلغان ۋاقىتلىرىمىزدا بىر-بىرىمىزگە شۇنداق ئامراق ئىدۇق، بارغانسېرى بۇنىڭ خۇيلىرى چىقىشقا باشلىدى، ھەددىدىن زىيادە كۈنلەمچىلىكى مېنى بىزار قىلدى، يېقىندا بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، يېڭى خىزمەتكە چىققان قىزكەن، گەپلىرى شۇنداق ئوڭلۇق، مۇلايىم، ئۇمۇ مېنىڭ ئايالىم بارلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن بىر قېتىممۇ مېنى ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويمىدى، بىرەر نەرسىلەرنى ئېلىپ سوۋغا قىلاي دېسەممۇ ئۇنىمايدۇ، ماڭا ھېچنىمىڭىز كېرەك ئەمەس، مۇھەببىتىڭىز كېرەك دەيدۇ، ئۇنىڭ شۇ شېرىن گەپلىرى بىلەن ئۇنىڭغا بارغانسېرى باغلىنىپ قېلىۋاتىمەن، لېكىن ئائىلەمنى بۇزغۇم يوق، ھەرھالدا ئوماق ئىككى قىزىم بار، ئۇلارنى يىتىم قىلغۇم يوق، باش قاتىدىغان ئىشلاركەن بۇ، ھەي ئۇكام، ساڭا ئەجەپ جىق سۆزلەپ كەتتىم، بەك گەپ ئېلىشقا ئۇستىكەنسەن جۇمۇ، ئالدىمىزدا چۈشۈرۈپ قويساڭ بولىدۇ.
-ھە ماقۇل ئاكا،ئۇنى دېگەن يېرىدە چۈشۈرۈپ قويدۇم.
-خۇش ئۇكام، خەير
-خۇش ئاكا، سالامەت بولۇڭ.
تاكسىرىمنى ھەيدەپ ماڭدىم، كاللامنى گىدارماچ خىياللار چىرمىۋالدى، ئەسلى ئۇنى قىزبالا ئوينايدىغان بۇزۇقمىكەن دەپتىمەنكەن، لېكىن كىيىنكى گەپلىرى مېنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى.ئۇ ئەسلى ئائىلىسىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن بىرسى ئىكەن، ئۇ بۇ قىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۇ قىزنىڭ نەرسە كېرەك ئەمەس دېگىنىگە قارىغاندا ئۇمۇ بۇنى ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلىدۇ، گەرچە بۇ ئاكىمىزنىڭ ئايالىدىن يوشۇرۇنچە بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ، ئالاقىلىشىپ يۈرگىنى خاتا بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنىلا ئائىلىسىنى قوغداپ قېلىشنى ئويلايدىكەن.بۇ ئاكىمىزنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىغا زادى نېمە سەۋەپچى بولغاندۇ، ئايالىنىڭ كۈنلەمچىلىكىمۇ ۋە ياكى تۇيۇقسىز پەيدا بولغان شۇ مۇلايىم قىزمۇ، مەن مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان بولغان بولسام قانداق قىلار بولغۇيتۇم، ئايالىمدىن قالغان كۆڭلۈمنى باشقىلار ئارقىلىق ئالار بولغۇيمىدىم، ياق، مەن ئۇنداق قىلمايتىم، ئايالىم بىلەن مۇڭدىشىپ، پىكىرلىشىپ، كۈنلەمچىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان نۇرغۇن ھېكايىلەرنى سۆزلەپ ئۇنى قايىل قىلاتتىم، ئۇنىڭغا پەقەت ئۇنى سۆيدىغانلىقىمغا ئىشەندۈرەتتىم، ئۆزۈمنىڭ چىقارغان بۇ خۇلاسەمدىن بەك مەمنۇن بولۇپ كەتتىم دە، ئايالىمنىڭ ئۇنىڭ ئايالىدەك كۈنلەمچى ئەمەس ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ تاكسىرىمنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ كەتتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 11:44:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
feruq يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 12:45 AM
ھەئە ئەلۋەتتە بار، قىزىل كۆۋرۈك دېسە پۈتۈن ئاقسۇلۇقل ...

مۇنداق ئىسىل مېھماندارچىلىقتىن مەن كەم قالماي ھە .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15090
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 12:18:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ھەيدەپ كېتىۋاتىمەن، باھار ھەقىقەتەنمۇ يېقىملىق پەسىل، دېرىزەمنى ئېچىۋېتىپ، باھار ئېلىپ كەلگەن شۇ خۇشبۇي پۇراقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندىم، دېرىزە سىرتىگە نەزەر سالدىم، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يۈرەتتى، ھەر كاللىدا ھەر خىيال، بەزىدە مۇشۇ ئەتراپىمدىكى ئادەملەرگە قاراپ ھەقلىم ھەيران قالىدۇ، ئۇلار قانداق ئادەملەردۇ، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا نېمە خىياللار باردۇ، مەن بىلەن ياندىشىپ ئۆتۈپ كەتكەن، ئاپتوبۇس بېكىتىدە ماشىنا ساقلاۋاتقان كىشىلەرچۇ، ئۇلارنىڭ نېمە ھېكايىسى، قانداق غەملىرى باردۇ بەزىدە ھەقىقەتەن قىزىقىپ قالىمەن، ئالاھىدە ئىقتىدارىم بولسا ھەممىسىنىڭ كاللىسىغا كىرىپ سوئاللىرىمنى جاۋابىغا ئېرىشسەم دەپ ئويلاپ كېتىمەن.خيال دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كېتىۋاتسام، ياش بىر بالا قولىنى كۆتۈردى.ئۇ قارىماققا24-27ياشلار ئەتراپىدىكى بالا بولۇپ، زامانغا يارىشا خېلى مودا كىيىنىۋالغانىدى.
-ئاكا، مېنى ئالتۇن كۆۋرۈك تاللا بازىرىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويە.
- ھە، چاتاق يوق
ئۇنى ئېلىپ ماڭدىم،ئۇ ئۈندىدارىنىڭ ئاۋازىنى ئېچىۋېتىپ پاراڭلىشىۋاتاتتى.
-جېنىم، نېمە قىلىۋاتىسەن؟تېلېفوندىن يا قىزنىڭ يا ئوغۇلنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
-مەن تاكسىدا ئالتۇن كۆۋرۈك تاللا بازىرىغا ماڭدىم، ئۇ ئاۋازىنى ماڭا گەپ قىلغاندىنمۇ بەك بوم چىقىرىپ سۆزلەشكە باشلىدى.
-ماڭىمۇ بىر نەرسە ئالغاچ كەلگىن، بىلىسەنغۇ نېمە كېرەكلىكىنى ھىھى، تېلېفوندىن سەت كۈلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، بۇ كۈلكە بىلەن قارشى تەرەپنىڭمۇ ئوغۇل ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم، بەدىنىمنى بىرخىل تىترەت بېسىپ كەتتى، ئۇ ماڭا قاراپ ھودۇقۇپ كەتتى ۋە تېلېفونىنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈپ خەت يېزىشقا باشلىدى.ياپىرىم، مەن ئۇيغۇرلار ئىچىدىنمۇ ئوخشاش جىنىسلىق مۇھەببەتلىشىدىغانلار بار دېسە ئىشەنمەپتىمەنكەن، بۈگۈن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈممۇ نېمە، مەن يەنە ئىشەنمەسلىك كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا قايتا نەزەر سالدىم، قارىماققا ئۇ خېلى نورمال ئادەمدەك كۆرىنەتتى.ئۇنىڭ بىلەن ئېتىشىپ باققۇم كەلدى.
-ئۇكام، چاقچاقچىكەنسىلەر ھە، ئاغىنەڭ بىلەن مۇشۇنداق چاقچاقلىشىپ ئوينامسىلەر.ئۇ ماڭا قاراپ ھۆرپەيدى.
-مۇھەببىتىم ئۇ ئاكا، ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، دېمەك ئۇ ئۆزىنىڭ غەيرىلىكىدىن نومۇس قىلمايدىكەن، تېخى باشقىلارغا ئاشكارىلاشنى شەرەپ بىلىدىكەن.
-چاقچاق قىلما ئۇكام، ئىككى ئوغۇل قانداق مۇھەببەت بولىدۇ.
-سەن بىلمەيسەن ئاكا، بىزدەك باللا بەك جىق، بىزنىڭ مەخسۇس توپىمىز بار، ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ تۇرىمىز، پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، مەنمۇ بۇنىڭ بىلەن ئۈندىداردا تونۇشۇپ قالغان.
-ئۆيدىكىلىرىڭنىڭ كارى يوقمۇ ئۇكام.
-ئۇلار بىلمەيدۇ
-كېيىن قاندان قىلىسەن، شۇنىڭ بىلەن توي قىلامسەن؟
-ئويلىشىپ باقمىدىم ئاكا، بەلكىم توي قىلماسمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتۈپ كېتەرمەن، بەلكىم بىرەر قىز بىلەن توي قىلىپ، بۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرەمەن، يا ئامال قىلىپ چەت ئەلگە چىقىپ كېتەرمەن، چەت ئەلدە بۇنداقلار بەك جىق.ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى نېرۋامنى بىراقلا ئۆرلەتتى، ماشىنىمدا ئېلىپ يۈرۈشنىمۇ نومۇس بىلدىم دە ماشىنىنى توختاتتىم، ئۇ ئەجەبلىنىپ ماڭا قارىدى.
-تېخى كەلمىدۇققۇ؟
-چۈشە ماشىنىدىن، سېنى ئېلىپ يۈرۈشتىن نومۇس قىلدىم.
-ئۆزۈڭ سورىدىڭغۇ، مەن راستىنى دېدىم خالاس.
-ھەي سېنىڭ نەرىڭ ئۇيغۇر، كېسىلىڭ بولسا داۋالات، ئاتا-ئاناڭنى ئالداپ بۇنداق يۈرگىچە.ئۇنىڭمۇ ئاچچىقى كەلگەندەك قىلاتتى.
-نېمە كارىڭ، مېنىڭ تۇرمۇشۇم بىلەن، مەن سېنى ئەرز قىلىمەن.ئۇ زەردە بىلەن ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى يېپىۋەتتى.
-نېمە قىلساڭ قىل.ئاچچىقىمغا پايلىماي تاماكىدىن بىرنى ئېلىپ شورىدىم.توۋۋا، نېمە بولۇپ كېتىپ بارىدۇ بۇ جاھان، ئادەملەرنىڭ تەرەققىياتى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرىدىنمۇ ئېشىپ كېتىپ بارامدۇ قانداق، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئويلىغانچە ئاچچىقىم كېلىۋاتاتتى. ئىچىمدە ئوغلۇمغا كۆپ ئىنساپلارنى تىلىدىم، ئەگەر مېنىڭ ئوغلۇم شۇنداق بىرنېمە بولۇپ قالسا قانداق قىلاتتىم ھە، پۇتىنى چېقىۋىتەر بولغۇيمىتىم ياكى بوغۇزلاپلا قويامتىم، بېشىم پىررىدە قايدى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ سەزمىگىنىگە قارىغاندا بالىسىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئوخشايدۇ.بالىنىڭ نورمال پىسخىكىسىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمامدۇ نېمە، بالام چوڭ بولغاندا پات-پات پىسخىكا دوختۇرلىرىغا كۆرسىتىپ ئەھۋالىنى ئىگىلىپ تۇرمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ، تاماكامنىڭ قالدۇقىنى دېرىزە سىرتىغا زەردە بىلەن ئاتتىم دە يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم، بۈگۈن خېلى ئىشلارغا يولۇقىدىغان ئوخشايمەن، ئىچىم ئاچچىق بولىۋاتاتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Girl تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 12:20 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103833
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 437
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2014-2-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 01:16:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغۇچىلار ئەسەر يازىدىغان دىتال تاپالماي قالغاندا، بىرەر مەزگىل  تاكسىچىلىك قىلسمۇ بولىدىكەن جۇمۇ، خېلى جىق خام ماتىرىيال توپلىۋالغۇدەك  

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 01:51:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئىبرەتلىك ئىشلار تاكسىدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ دىسە ، تاكسىچى بىر ئاغىينەم بار ئىدى ، ئۇنىڭ ئاغزىدىنمۇ پات-پات قىززىق گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز ........

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91158
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 371
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2013-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 02:52:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى ۋەقەمۇ بۇ ؟؟؟؟ھەي توۋا بۇ جاھان نىم بوپ كىتىۋاتىدۇ ؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113049
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 101
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 03:23:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يائاللا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش