yawabora يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 12:40 PM
توغرا ئەسقەرنىڭ شۇنداق ئىشلارغا ئۇچرىشىشى ھەمدە شۇ ئ ...
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! بۇرادەر قانداق ئەھۋالىڭلار ياخشى تۇردىڭلىمۇ؟ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن 15 كۈنلۈك قەشقەردە ئۈگىنىشتە بۇلۇپ قىلىپ سەل ئالدىراشچىلىقتا يازغان ئىنكاسىڭلىغمۇ جاۋاپ قايتۇرالماي قالدىم بەك سەت بولدى ‹مەندىن سېلىگە ئۆزرە› !!!......
سېلى يازغان ‹قورقۇنچلۇق قارا سايە› دېگەن ئەسىرىڭلىنى ئۇقۇپ چىقتىم ، پوۋىستنى ئۇقۇپ -زە ئەسەر ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن بۇ بىرنەچچە كۈنلۈك ئۆگىنش بىلەن بۇلۇپ ھېكايە-پوۋىست ئۇقۇپ باقمىغىلى بەك ئۇزۇن بولغاندەكلا بىلىنىپ كەتتى ئەسەر ئىچىدە خۇددى مەن باردەكلا زادى مەندە شۇ خىل ھېسياتتا!..... ئۇقۇرمەنلەرگە خېلى راۋۇس ۋەھىمە ھېس قىلدۇرالايدىكەن، ئەسەر ۋەقەلىك مۇقەددىمە ، راۋاجى ،كولمىناتسىيە خاتىمە قىسىملىرى ناھايىتى ئەستايىدىللىىق بىلەن ئىنتايىن ياخشى قۇراشتۇرلىپتۇ. ئەمدى ئەسەردىكى ئازراق بىر كەمچىللىك شۇكى بىر ئوغۇل بالىنىڭ قىز دوستىنى ساقلايمەن دەپ قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا سۇغۇقتا توڭلاپ ئۆلۈپ قالدى دېگىنى بۇ ئەمىلىيەتكە تازا ئۇيغۇن كەلمەپتۇ . ئەمدى مۇھەببەتنى دەپ ھاياتىنى قۇربان بىرەلەيدىغانلار ھازىر پەقەت ساناقلىقلا ناھايىتى بەك ئاز ساننى ئىگەللەيدۇ. بۇنداق ساداقەتمەنلەر بۇرۇن راست بار ئىدى ھازىر بولسا يوقنىڭ ئورنىدا ! ھازىرقى كىشلىرىمىزنىڭ ئىدىيسدە بۇنداق ساداقەتمەنلىك ئىدىيە ئاجىزلاپ كەتتى ھازىر قورساق توق ،كىيىم پۈتۈن زاماندا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى بوشلۇقلار كۈچەپ كاپالەتكە ئىگە قىلىنماقتا . كۆپىنچى كىشلەر ھازىر ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ھوقوق ،پۇل دېگەنلەر ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئېتىۋالدى. ھازىر ھەممىسىنىڭ كاللىسد ئورناپ كەتكەن پەقەت بىرلا شۇئار بار ئۇ بولسىمۇ ‹بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ !!!› دىنلا ئىبارەت......ھازىر سىزنىڭ ئەسىرىڭىزدىكدەك ئۇنداق مۇھەببەتنى دەپ قۇربانلىق بىرەلەيدىغانلارنى ھەرگىزمۇ تاپقىلى بولمايدۇ! سىزدىن ئايرىلسام ياشىيالمايمەن دەۋاتقانلار ئەتىسى قۇپۇپ خۇشال ھالدا باشقا بىرسى بىلەن يۈرۋاتمامدۇ؟ شۇڭا ئەسەرنى ياخشى يىزىش ئۈچۈن تۇرمۇشنى ئوبدان كۆزىتىش كىرەك بۇلۇپمۇ يازغۇچىنىڭ كۆزى باشقىلارنىڭگە قارىغاندا بەكرەك ئۆتكۈر بۇلۇش كىرەك تۇرمۇش ئەدەبىياتنىڭ جېنى دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئەسەر ۋەقەلىكنى بۈگۈنكى جەمىيتىزگە ماس كەلگەن ھالدا چىنلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ يىزىش كىرەك. مېنى ئۆز كۆرۈپ يازغان ئەسىرىڭلىگە چىللاپ كەلگىنىڭلىگە رەھمەت ! گەپ سۆزلىرىمدە ئارتۇق كەتكەن يەر بولسا مەندىن ئۆزرە!...............
ئاخىرىدا تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىپ بىز ئۇقۇرمەنلەر بىلەن يۈزكۆرشۈپ تۇرشۇلىنى ئۈمىد قىلمەن! دەپ توردىكى قېرىندشڭلىدىن : ئىليار دىن.