مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: yodobashi

UACG ئەڭ يېڭى كارتون فىلىمى ‹ھايات مىلودىيىسى›نىڭ تەشۋىقات فىلىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95074
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 552
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 06:41:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ناخشا ئۇسسۇل نى ئاساسى تېما قىلمىساڭلارمۇ بولاتتى . ۋاي دىگۈدەك چىقماپتۇ . كۆرۈپلا تېتىمىدى . مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىمەن دەپمۇ ئاۋارە بولماڭلار .
بىر تىرىشچان ئوقۇغۇچىنىڭ ناھايىتى ناچار شارائىتتا جاپالىق ئوقۇشى ياكى ئۇنىڭ مەلۇم بىر نەرسىنى كەشىپ قىلىشى ئاندىن شۇ جەرياندا باشقىلارنىڭ مەسخىرە ۋە زاڭلىق قىلىشلىرى دىن ھەرگىز بوشاشماي ئەڭ ئاخىرى نەتىجە قازانغانلىرى تەسۋىرلەنگەن ئىلمى تېخنىكىلىق فىلىم بولسا .  
سىلەر كارتون ئۈچۈن كىشى يۈرىكىنى تىترەتكۈدەك تېما تاللىيالماپسىلەر . بەلكىم بۇ مۇشۇ فىلىمنى ئىشلىگۈچى ئۇكىمىزنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكەلمىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك .

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 11:21:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 12:53:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر يېڭى ئىلگىرلەش بوپتۇ،لىكىن ھەممىنى بىرلا ئادەمنىڭ قىلىپ كېتەلىشى مومكىن ئەمەس،قىلدى دېگەندىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك چىقماي،شۇڭا دوستانە تەكلىپ ئۆزىگە بىرە رەسساملىق سەنئىتىنى پۇختا بىلىدىغانلار بىلەن ھەمكارلاشسا تېخىمۇ ياخشى چىقىدۇ دەپ ئويلۇدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73822
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3391
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 06:20:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىرپانجان بىلەن بەزى ئىنكاس ۋە فىلىم مەزمۇنى توغرىسىدا چ چ دا سۆھبەت ئېلىپ باردىم. ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ تەتقىقات ۋە خىزمەتلىرى ئۈستىدە ئالدراشلىقىنى ئېيتىپ، مىسرانىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇنبەر ۋە تاراتقلاردىكى ھەرخىل ئىنكاسلارغا نىسبەتەن ناھايىتى قىسقا ۋە چۈشىنىشلىك جاۋاب بەردى. مەن ئويلايمەن، مەن ئۆزەم شەخسەن بۇ فىلىمنىڭ تەشۋىقاتىنى كۆرۈپ، ھاياجانلاندىم ۋە ھەيران قالدىم، چۈنكى ياپونچە ئۇسلۇب دۇنيادا ئۇمۇملاشقان ۋە كۆپ دۆلەتلەر شەخسەن دۆلىتىمزمۇ دوراپ دوراپ بولالـمايۋاتقان ئۇسلۇبنى ئۇيغۇر كارتونچىلىقىدا نامايەن قىلالىغانلىقىدىن پەخرلەنسەك بولىدۇ. بىر تىيىنمۇ ئىقتىسادى ياردەم يوق، ئۆشى تەربىيىلىگەن ئەمدىلا 20 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن مۇشۇ سەۋىيىدە ئىشلەلىشى بىز قوللاشقا ۋە مەدىد بېرىشكە مۇھتاجدۇر.

تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ ئىنكاسى
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ



مېنى قوللاپ قۇۋەتلىگەن بارلىق قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت. پىكىر تەلەپ ۋە كۆز قاراشلار ھەرخىل بولىدۇ. جېنىمىزنى تىكىپ جاپا تارتقىنىمىزنى ھەممە ئادەمگە چۈشەندۈرۈپ كېتەلىشىمىز ناتايىن. شۇنداقتىمۇ  فىلىم تولۇق ئېلان قىلىنماي بېرىلگەن  بەزى ئىنكاسلارغا ئاددىي قىلىپ تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بېرىشنى لايىق تاپتىم. 1. فىلىمدا ناخشا ئۇسسۇل باش تېما قىلىنمىغان بولۇپ، ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسى بار قىزنىڭ ھاياتىدىكى كەسپ، تۇرمۇش، مۇھەببەت، سېغىنىش  قاتارلىق مەزمۇنلار  ئاساسلىق  مەزمۇنىدۇر. ئۇسسۇل ۋە مۇزىكا بۇ پەقەت قىزنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى كۆرۈنۈشكە تەۋە. 2. بۇ فىلىمدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئۇسسۇلى تولۇق ۋە مۇكەممەل ھالدا كارتون فىلىمدا ئەكس ئەتتۈرۈلدى.  ئۇسسۇل ھەركىتىنىڭ مۇكەممەل ۋە رىئال ئىپادىلىنىشى ئۈچۈن 400~500پارچىغىچە ھەرىكەت رەسىمى سىزىلىپ، كارتون فىلىمدا يېڭىچە ئۇسلۇب يارىتىلدى. بۇ  بىزنىڭ تېخنىكا ۋە يېڭىلىك جەھەتتە يەتمەكچى بولغان نىشانىمىزدۇر.3. كارتون فىلىم بىر سەنئەت، مۇشۇنداق بىر ئېكران سەنئىتى ئىچىدە يېڭى سەنئەت مۇھىتى يارىتىش يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يولىدۇر. ياد ئەللەرگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن، ۋەكىللىك مەدەنىيەت ئىلـمىنتلىرىنى تاللاش زۆرۈردۇر. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخىنى بىلـمەيدىغان مىللەتلەتلەرگە كۆز بىلەن كۆرۈپ  چۈشەنچە ھاسىل قىلالايدىغان، ۋە ھوزۇر ئالالايدىغان مەدىنىيەت ئىلـمىنتىنى تاللاپ ئىپادىلەش مۇھىمدۇر. شۇڭا  «بىز ناخشا ئۇسسۇللا ئوينامدۇق، باشقا تېما يوقمۇ » ئەمەس، مۇشۇ مەدەنىيەت ئىلـمىنتىمىزنىڭ يېڭىچە ئۇسلۇبتا تارىلىشىمۇ بىر يېڭىچە بۆسۈش ۋە تەرەققىياتتۇر. 4.پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ ۋە باشقا تېمىدىكى فىلىملارنى ئىشلەش ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىش ۋە ئاممىۋىيلىقنى كۆزلەش لازىم. شۇڭا ئۆزىمىزدە بار، كىشىلەرگە ئۇدۇل تەسىر قىلالايدىغان ۋە زوق ئالالايدىغان  ئىپادىلەشتىن باشلاپ، بارا بارا  باشقا تېما ۋە ئىپادىلەشلەرگە  تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113667
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2015-1-27
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 11:19:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسلاممۇ ئەلەيكۇم مىسرنىم مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلارغا ئاللاھىنىڭ رەھىمتى ۋە بەركىتى بولسۇن!!! مەن ئۆزۇم ئېرپان مۇئەللىمىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھەم ئۇيغۇركارتون گۇرىپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇش سۈپۇتۇم بىلەن مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ بەرگەن ياخشى ئىنكاسلارنى كۆرۇپ شۇنداق خۇش بولدۇم ،ھەم پەخىرلەندىم!!!!ئۇستازىمدىن خۇرسەن بولدۇم ئاللاھ  ئۇستازىمىنڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن!!!  يەنە بەزى تورداشلارنىڭ باھاسىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم ، ئۇلار بىر ئېغىز گىپى بىلەنلا ئۇستازىمنىڭ ۋە بىزنىڭ گۇرىپىدىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ قان تەرىنى يوققا چىقرىپتۇ!!   نۆلگە تەڭ قىپتۇ!! بۇ  ئاسان!! باھا بېرىشكە كەلگەندە سەل ئالدىراپ كەتمىسەڭلا بۇ تېخى تەشۋىق قىسىمى ئاللاھ خالىسا پات_ئارىدا  تۇلۇق قسمى ئېلان قېلىندۇ!!. كەسپى جەھەتكە كەلسەك بۇ كارتون فىلىم بىزنىڭ ئىككىنجى ئەسىرىمىز  بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.  شۇڭلاشقا سىلەرنىڭ كەسپى جەھەتتىن تەكلىپ پىكىر بەرگەن بولساڭلار،تېخنىكا مەسىلىسى كەلسەك كارتوننىڭ ئۆزى بىر تېخنىكا بولىدۇ .
  ئاخىردا دەيدىغىنىم ھەمماڭلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشنى ئۈمىد قىلىمەن!!!      
يول بەرگىن يول ئىزدىگەنلەرگە
سەپىرىگە ئاق يول تىلەپ
قول بەرگىن پاك مېھرىىڭ بىلەن
يۈكسەكلەرگە كەتسىۇن ئۆرلەپ!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100225
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 643
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 10:04:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشۈرۈپ كۆرگىلى بولماسمۇ؟ بالىلارغا قويۇپ بەرسەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80052
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3029
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 11:18:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تەشۋىقات فىلىمىنى كۆردۈم  بەك پەيزىكە شۇنداقلا سىلەرگە شۇنداق ھەۋىسىم كەلدى !يارايسىلە قىرىنداشلار تولۇق فىلىمىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن ھەم سىلەرنىڭ تىخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى ئىشلەپ چىقشڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .ھارمىغايسىلە!!!!

زەپەرقىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15578
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8554
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 04:29:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى مەنمۇ بىر كارتۇن ھەۋەسكارى   بۇ كارتۇننى كۆرۈپ شۇنداق خۇش بولدۇم ‹ رەھمەت قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن  ياخشى يوللاپسىز   مومكىن بولسا تولۇق قىسمىنى كۆرولىسەم ياخشى بولاتتى

جاندىن كەچمىگۈچە ،جانانغا يەتكىلى بولماس....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش