ئەسىسالامۇ ئەلەيكۇم:
http://bbs.izdinix.com/thread-59847-1-1.html
2012-يىلى دېكابىردا بىر گۇرۇپپا ئالىملار مەزكۇر رەسىمدە يەر شارىدىن 13 مىليارد نۇر يىلى يىراقلىقتىكى يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان گالاكسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى. يەنى، بۇ قېتىم كامېراغا چۈشكىنى بىر قانچە گالاكسى (يۇلتۇزلار توپلىمى) لەرنىڭ بۇنىڭدىن 13 مىليارد يىلدىن بۇرۇنقى كۆرۈنۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ گالاكسىلەر بىزدىن 13 مىليارد نۇر يىلى يىراقلىقتا بولغاچقا، ئۇلاردىن چىققان نۇر يورۇقلۇق تېزلىكى بىلەن تارقىلىپ، بىزگە يېتىپ كېلىش ئۈچۈن 13 مىليارد يىل ۋاقىت كېتىدۇ. مەزكۇر رەسىمدە بۇ گالاكسىلەرنىڭ ئورنى رەڭلىك تۆت قىرلىق كاتەكچىنىڭ ئىچىدە كۆرسىتىلگەن. بىر گالاكسى بىزدىن قانچە يىراق بولغانسېرى، ئۇنىڭ رەڭگى بىزگە شۇنچە قىزىل بولۇپ كۆرۈنىدۇ. چوڭ پارتىلاش بولۇپ، كائىنات پەيدا بولغىلى ھازىر 13.7 مىليارد يىل بولغان بولغاچقا، يۇقىرىدىكى سۆز مۇنداق بىر ئىشتىن دېرەك بېرىدۇ: NASA چوڭ پارتىلاش يۈز بېرىپ، 700 مىليون يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر قىسىم ئەھۋاللارنى رەسىمگە ئېلىپ بولدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، NASA ئالەم تېلېسكوپىدىن پايدىلىنىپ، كائىناتتىكى بىزدىن 13 مىليارد نۇر يىلى يىراقلىقتىكى بىر قىسىم رايونلارنى كۆرۈپ بولدى.
بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ، بىز يەرشارىنىڭمۇ بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىنى رەسىمگە تارتالايدىكەنمىز، يەنە تارىخنى رەسىمگە تارتالايدىكەنمىز دەپ ئويلىدىم ،
مەسىلەن 1400يىل بۇرۇنقى يەرشارىنى رەسىمگە تارىتماقچى بولساق ،نۇردىنمۇ تېز ئۇچۇپ 1400يىل بۇرۇنقى يەرشارىدىن چىقىپ كەتكەن ئاشۇ نۇرنى قوغلاپ ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىپ ،ئارقىمىزغا بۇرۇلۇپ رەسىمگە تارىتساق ،دەل يەرشارىنىڭ 1400يىل بۇرۇنقى رەسىمىنى تارىتقىلى بولغۇدەك ،.....مۇشۇنداق چۈشىنىشكە بولامدۇ ؟؟؟؟؟؟بىر ئىنىقلىما بەرسىڭىز....