مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: uyaltun

ئالتۇن سودىسىغا قىزىقامسىز ؟ « ئالتۇن سودا تەھلىلى» 29-01 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7006
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1220 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 05:00:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1260 تىرەش نۇقتىسىدىن چۈشۈپ كەتسە 1230 نى كۆرىمىز دىيلىپتۇ تىمىدا . بازار بۈگۈن 1260 دوللاردىن چۈشۈپ 1256 دوللارغا كىلىپ قاڭقىۋالدى . بۇ تىما بويىچە بولغاندا 1260نى بۇزغاندىكىن يەنە چۈشىدۇ دەپ قاراشقا بولامدۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7006
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1220 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 05:07:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ㄒαη┞┦á يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 10:17 PM
كۈنىگە ئوخشاش بىر تېمىنى قايتا قايتا يوللاۋېرىسىزغۇ ،  ...

ھەر كۈنى ئوخشاش تىمىنى يۇللايدىغان ئىش يۇق . بۇ تىما يۇللانغاندىن كىيىنمۇ ئالتۇن باھاسى ئون نوقتا چۈشۈپ يەنە ئىشىپ بولدى . دىمەك ھەر كۈنى  ھەر سائەت بازار يۆنلىشى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ . ( شەنبە يەكشەنبىدىن باشقا ) . ھەر كۈنلۈك ھەر سائەتلىك بازار ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ تۇرىدىغان شۇنداقلا شۇ كۈنلۈك مۇلاھىزە  تەھلىللەردىن پايدىلنىپ
ئىقتىسادى قىممەت يارتىدىغانلار بار . يۇقارقى بىر قاتار ئىقتىسادى تىمىلار بىزگە بۈگۈنكى دۇنيا ئىقتىسادى پۇل پىرۇۋۇت ، دوللار قىممىتى ، ئالتۇن - كۈمۈش باھاسى شۇنداقلا ئامرىكا فىدىراتسىيە بانكىلىرىنىڭ چىقارغان قارارلىرىنىڭ بازارغا بولغان تەسىرى قاتارلىقلارنى بىلۋىلشىمىزدا بەلگىلىك بىلىم بىلەن تەمىنلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7006
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1220 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 05:54:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
momiya يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 01:34 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم uyaltun،  مەن ئۇزۇندىن بىرى سىز يوللاپ  ...

مەن بۇ سودىنى ئىككى يىل قىلغان . ھازىرمۇ دۇسىتلىرىم قىلىۋاتىدۇ . مەن مۇشۇ ئالىيە قىزنىڭ شىركىتىدىن ھىساپ ئىچىپ سودا قىلغان . بۇ شىركەتنىڭ سودا دىتالى بەكلا چۈشنىشلىك . باشقا شىركەتلەردە ھىساپقا سالغان پۇلىمىزنى دوللارغا ئايلاندۇرۇپ ئاندىن ئوينايدىكەنمىز . بۇنداق بولغاندا سودا دىتالى ئىنگىلىسچە شۇنداقلا سودا شەكلى ۋە خاتىرىسى دوللار ئاساسىدا بولغاندىكىن چۈشنىش بەكلا تەسكەن .
ئۇيغۇر ئالتۇننىڭ سودا دىتالىدا خەلق پۇلىنى ئاساس قىلىپ ئوينايتۇق . مەن دەسلەپ ئويناي دەپ بىر مەزگىل تەقلىدى ئويناپ يۈردۈم . كىيىن بىر تۇنشۇم ئىككى مىڭ يۈەن  بىلەن سودا قىلىشقا كىرىپ تىلپۇندا سودا قىلىپ ئىككى مىڭ يۈەن پۇلىنى بىر ھەپتىدە ئالتىمىڭدىن ئاشۇرۋىتىپتىكەن . پۇل كۆپەيگەنسىرى بۇرۇنقىدەك ئاز ئىلىشتىن كۆپ ئىلىشقا باشلاپتۇ . ھەتتا ئالتەمىڭ يۈەنگە بىر كىلودىن كۆپرەك ئالتۇن ئىلىۋىلىپ بازار گىرامىدا ئۈچ يۈەندىن كۆپرەك  چۈشۈپ بولغىچە ھىساپتىكى پۇلى مىڭ يۈەندىن تۆۋەنلەپ 635 يۈەن قالغاندا سىتىپ بازاردىن چىقىپ كىتىپتىكەن . مەن شۇ بالىنىڭ 635 يۈەن بار ھىساپ نۇمۇرىنى 650 يۈەن پۇل بىرىپ ئىلۋىلىپ ئۆزەم تۇنجى قىتىم شۇ پۇل بىلەن ئويناپ باقماقچى بولدۇم . ئادەتتە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا يىرىم قولدىن باشلىندۇ . يىرىم قول ئالتۇن 120 گىرامغۇ دەيمەن . يىرىم قول مال ئالساق 400 يۈەندىن كۆپرەك تۇتاتتى . بىر ھەپتە ساقلاپ بازار چۈشكەن يىرىدىن يىرىم قول ئالتۇن ئالدىم . مالغا 450 يۈەنگە يىقىن تۇتۇپ ئىشىپ قالغىنى 200 يۈەن ئەتراپىدا قاپتۇ . بازار ئون نوقتا تۆۋەنلىسىلا بۇ پۇلمۇ تۈگەيتى . بىراق مەندە ئاشىدۇ دىگەن تۇيغۇ بارتى . شۇنىڭ بىلەن تىلپۇنغا قاراپ ئولتۇردۇم . يىرىم سائەتتە بازار 11 نوقتا ئىشىپ 300 يۈەنگە يىقىن پايدا قۇشۇلۇپ ئومۇمى پۇل مىڭ يۈەنگە يىقىن بولۇپ قاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن تىلپۇننى ئۆچۈرۋىتىپ كەچتە قاراي  بۇنداق قاراپ ئولتۇرىۋەرسەم ھىلى چۈشۈپ ھىلى ئىشىپ ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنى يەپ كىتەتتى .
كەچتە ئۆيگە چىىقىپ ھىساپنى ئىچىپ قارىسام پۇل 1230 يۈەندە تۇرۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن سىتىش دىگەننى بىسىپلا سىتىۋەتتىم . تۇنجى قىتىملىق توردا قىلغان سودام تەڭدە تەڭ پايدا بىلەن نەتىجىلەنگەن ئىدى  . بەلكىم ئەڭ ئاز مەبلەغ بىلەن سودا قىلغانلار مەن بولۇشۇم مۆمكىن . شۇنداق قىلىپ تىلپۇن قولدا بولغاندىكىن بازارغا قارىغۇسى كىلىدىكەن . بازارنى ئاچسا مال ئالغۇسى كىلىدىكەن ئادەمنىڭ . كىچە سائەت 12 دە بازارغا قارىغۇم كىلىپ قارىسام ئالتۇن باھاسى يەنە 15 نوقتا چۈشۈپ مەن مال ئالغان يەرگە كەپتۇ  شۇنىڭ بىلەن يەنە يىرىم قول مال ئالدىم . ئەتە كۈرەي دەپ ئۇخلاپ قالدىم . ئەتىسى سەھەردە بازارنى ئىچىپ قارىسام 33 نوقتا ئىشىپ كىتىپتۇ . ناۋادا 33 نوقتا چۈشۈپ كەتكەن بولسا پۇلنىڭ ھەممىسى تۈگەپ كىتەتتىكەن . قارىسام ئومۇمى پۇل 2750 يۈەن بوپتۇ . سىتىۋىتەي دەپ بولۇپ يەنە ئىشىپ قالار دەپ كارىم بولماپتۇ . ئەتىگەنلىك ناشتىنى قىپ بولۇپ قارىسام 2380 يۈەنگە چۈشۈپ قاپتۇ . شۇئانلا سىتىۋەتتىم .
بەزىدە تىلپۇندا مال ئىلىپ يىرىم سائەتكە قالماي ئىككى ئۈچمىڭ يۈەن پايدا كۆرسەتكەن ۋاقىتلارمۇ بولدى . بەزىدە بىرەر مىڭ پايدا قىلسىمۇ يەنە ساقلاپ باقاي دەپ شۇقىلغان پايدىمۇ يۇقاپ زىياندا ساتقان ۋاقىتلارمۇ بولدى . شۇ 635 يۈەن بىلەن باشلىغان بۇ سودىنى بىر ئاي قىلىپ 13 مىڭ يۈەندىنمۇ ئاشۇرۋەتتىم . 850يۈەنگە بىر تىلپۇن ئىلىۋالدىم، . پۇل كۆپەيگەنسىرى بۇۇرنقىدەك يىرىم قول مال ئالمايدىغان 500--600 پايدىنى ياراتمايدىغان پىسخىكا شەكىللىنىپ بىر ئىككى كىلودىن مال ئالىدىغان بولدۇم . بۇنداق كۆپ ئالغاندا پايدىمۇ كۆپ زىيانمۇ كۆپ بولاتتى . مەلۇم بىر كۈنى كۈمۈشتىن 150 كىلو ئىلىپ تىلپۇننى ئىتىۋەتتىم  ئەتىلا كۇرەي دەپ . شۇ چاغدا كۈمۈشنىڭ ئۇنسىيەسى 32 دوللار ئىدى . ئەتىسى 29 دوللارغا چۈشۈپ قىلىپ 14مىڭغا يىقىن پۇل 5200 يۈەن قاپتۇ . ئىككى قول ئالتۇنمۇ بارتى . بۇ باھادا يەنە ئالدىم . بىر كۈن باھاغا قارىمىدىم . ھەقىچان پۇل تۈگەپ ھىساپ پارتلاپ كەتتى دەپ ئويلۇدۇم . ئەتىسى بىر ئۆلۈم سەۋەپلىك يەنە ھىساپقا قارىمىدىم . ئۈچىنچى كۈنى قارىسسام 34 دوللارغا چىقىپ كىتىپتۇ . كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . بەشمىڭ يۈەن بىراقلا 16مىڭغا چىقىپ كىتىپتۇ . شۇ ۋاقىتتا ئىغىر كۈندە قالغان بىر قىرىندىشىمىزنىڭ بىر مۇراجەتنامىنسى كۆرۈپ شۇ مۇراجەتنامىدىكى كارتىىغا بەشمىڭنى ئۇرۇپ بەردىم . شۇنىڭ بىلەن ئون مىڭ ئەتراپىدىكى پۇل بىلەن سودا قىلىپتىمەن . بىر يىلنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن كۈمۈشنىڭ ئۇدا داۋاملىق چوڭ چۈشۈشىدە ھىساپتا پۇل قالماي پارتلاپ كەتتى ، بۇ مانا مۇشۇنداق سودا . مەن دىمەكچى سودا بولىدۇ . ئەمەلى بازاردا ئالتۇن ئاشسا ئاشىدۇ ، چۈشسە چۈشىدۇ . پايدا ئىلىش تامامەن مۆمكىن .
بىراق ئادەمنىڭ پىسخىكىسى يەنى مەلۇم پۇل تىپىپ پۇل كۆپەيگەندە باشتىكىدەك ئىھتىياتچانلىق يۇقاپ ئاز پايدىغا قانائەت قىلماسلىق پىسخىكىسى شەككىلىنىپ  زىيان تارتىش كىلىپ چىقىدىكەن . بۇ سودىدا مىنىڭچە ئەڭ مۇھىمى پىسخىكا .
كىچىككنە زىيانغا ۋايسىمايدىغان . چوڭراق پايدا ئالسا ئۆزىنى تۇتالمايدىغان ھالەتلەردىن ئۆزىنى ساقلاپ تۇراقلىق كەيپىياتنى ساقلاپ قالالىسا شۇ ئادەم بۇ سودىدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110642
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 08:33:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
momiya يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 01:34 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم uyaltun،  مەن ئۇزۇندىن بىرى سىز يوللاپ  ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئالتۇن سودىسى بولسا شىركىتىمىزدە جوڭسى ئالتۇن - كۈمۈش سودا مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوتتۇرغا قويغان توردا ئالتۇن سودىسى ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان سودا دېتالى بار بولۇپ ، بۇ سودا دېتالىمىزدا ئالتۇن ، كۈمۈش ، مىس ، پىلاتىنا ، پىلادىي قاتارلىق 5 خىل قىممەتلىك مېتال سودىسى ئېلىپ بارغىلى بولدۇ ؛
سودا دېتالىمىز ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بولۇپ ، تور بولغان شارائىتتا 24 سائەت  تېلېفۇن ھەم كومپىيوتىردا نورمال سودا قىلىغىلى بولدۇ ، سودا ۋاقتى دۈشەنبە كۈندىن شەنبە كۈنگىچە ؛
سودا يۆنلىشى قوش يۆنلىشتە بولۇپ ، ھەم ئۆسۈش يۆنلىشىگە ھەم چۈشۈش يۆنلىشىگە سودا ئېلىپ بارغىلى بولدۇ ، مەشغۇلات ناھايىتى ئاددى بولۇپ ، شىركتىمىز يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە قارتا تەربىيلەش ئىلىپ باردىدۇ ، بۇ يەردىكى پۇل بىخەتەرلىكىگە كەلسەك بانكا تەرەپ نازارەت قىلدۇ ، ئىنتايىن بىخەتەر بولۇپ ، بىزنىڭ سودا سۇپمىز دۆلىتىمىزنىڭ سودا سۇپىسى ؛
ئالتۇن سودا قىلىش ئۈچۈن تور كەسپى ئوچۇق بولغان بانكا كارتىسى ( قۇرۇلۇش بانكا كارتىسى ياكى يېزا ئىگلىك بانكا كارتىسى ) ، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ( كىملىك ) قاتارلىقلار ئارقىلىق ھېسابات ئېچىلدۇ ، ھېساباتنى شىركىتىمىز ئېچىپ بىردىدۇ ؛
سالدىغان مەبلەغ 10 مىڭ ( 10000 )  يۈەن بىلەن سودىغا كىرسىز ؛ لېكىن ئادەتتە 2500 يۈەن ئەتىراپىدا 1 قول ( 1 كىلو ) ئالتۇن سودىسى قىلالايسىز ، 1000 يۈەن بىلەن 30 قول ( 30 كىلو ) كۈمۈش سودىسى  قىلالايسىز  ؛
ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا تور بېكتىمىزگە كىرىپ سودا دېتالىمىزنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسىڭىز ياكى تەقىلدى سودا دېتالىدا سودا قىلىپ سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ ؛
ئەگەر ئېنىق بولمىغان ، چۈشەنمىگەن مەزمۇنلار بولسا مەن بلەن يەكى شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز مۇ بولدۇ  ؛
ئالاقىلشىش نومۇرى : 13009663479

  QQ : 1505921680

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش