توقماق يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 05:44 PM
رەھمەت.مۇشۇ ئېملارىم زادىلا ئوڭشالمايلا كېلىۋاتىدۇ.ئ ...
رەھمەت ئېيتىشقا ئەرزىمەيدۇغۇ.
لېكىن مۇشۇ ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆزىدىلا يەنە «ئۆ» بىلەن «ئۇ» خېتىنى ئالماشتۇرۋاپسىز يەنە.
ئۇزەم ئەمەس---ئۆزەم
بولمىسا مەن ئۆزەمنىڭ ئىملا توغرىلاش ئۇسۇلىنى دەپ بېرەيمۇ ئەمسە:
مەن ئىنكاس يازغاندا، يېنىمدا بىر كىتاپ زادى بار بولدۇ، ئاندىن يازماقچى بولغان خېتىمگە ئىشەنچ قىلالمىغاندا، شۇ خەتنى، كىتاپ ئىچىدىن ئىزلەپ، ھە ئەسلى يېزىلىشى مۇنداقكەن دەپ، ئۆزگەرتىمەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ سۆز كاللامدا ئورناپ قالىدۇ.
2-جى قېتىم يازغاندا ئېسىمدىن چىقىپ كەتمەي توغرا يازىمەن.
بۇ سەل ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ لېكىن پايدىسى باركەن.
توردا ئىملا توغرىلاش ئەپلىرىنى ئىشلەتكەن بىلەن، ئۇ خەتلەر ئېسىڭىزدە ما ئۇسۇلدىكىدەك ئېنىق قالمايدىكەن.